PDA

View Full Version : ئەركەكلەر قېنى؟



Unregistered
29-08-15, 00:45
ئەركەكلەر قېنى؟
ئابدۇسالام ئابدۇرېھىم (سەلكىن)

كۈلىدۇ خوشلۇقتىن بارچە كائىنات،
كۆز ئاچسا دۇنياغا بىر ئوغۇل بوۋاق.
قانلىرى كۈۋەجەپ زېمىن ئانىنىڭ،
بىر تاتلىق ئۈمىدتە سىلكىنەر تۇپراق.

ئەجداتنى ئەۋلاتقا ئۇلايدۇ ئوغۇل،
ئوغۇل-ئۇ ھاياتلىق يىلتىزى دېمەك.
تۇرمۇشنىڭ نى قىسمەت مۈشكۈلى ئارا،
يېتىلەر تاۋلىنىپ ھەقىقىي ئەركەك.

قەھرىدىن تىترىسە يەر ئۇمۇرتقىسى،
مېھرىدة ئەركەكنىڭ كۈلەتتى جاھان.
چىن تۆمۈر، ئوغۇزنىڭ روھى خۇش بولۇپ،
باش ئېگىپ تۇراتتى يەتتە قات ئاسمان.

ئەجەپ ھال ئازايدى ئەركەكلەر بۈگۈن،
تولسىمۇ دوقمۇشلار ئەرلەرگە پەۋەس.
بىر چاغلار جاھاننى ھەيران قالدۇرغان،
شىر سۈپەت ئەركەكنى بۈگۈن تاپماق تەس.

بىرلىرى قاۋاقتا مەيگە چىلىشىپ،
بىرلىرى تاۋكادا موللاق ئېتىشىپ.
زەھەرلىك چېكىملىك ، ئەيدىز قۇربانى،
بولۇشتى بىرلىرى جاننى سېتىشىپ.

بىرلىرى پۇل، ئەمەل كويىدا مەستلەپ،
يۈرىدۇ بىراۋنى يوشۇرۇن قەستلەپ.
بىرلىرى ئاسىي بوپ روھقا ۋە تەنگە،
ياتىدۇ جۇۋاننىڭ قوينىدا ئەسنەپ.

چىرمىغاچ زەئىپ روھ، پەس ئارزۇ-ھەۋەس،
ئەرلەرنىڭ قەۋىمدە ئېغىر ھالسىراش.
ئەركەكلەر قېنى؟ دەپ ئاچچىق تولغىنىپ،
قىزلارنىڭ كۆكسىدە كۆيمەكتە قۇياش.
2015-يىل 23-مارىت (ئاقيار)