PDA

View Full Version : ھىندونېزىيىدە ئۈچ ئۇيغۇر تېررورلۇققا چې&



Unregistered
14-07-15, 19:40
http://cn.bagdax.cn/2015/0714/11257.html

چەتئەل تاراتقۇلىرى: ئۈچ جۇڭگولۇق ئۇيغۇر تېررورلۇققا چېتىشلىق بولغاچ، ھىندونېزىيىدە ئالتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

كۆزەتكۈچىلەر تورنىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى: ئۈچ جۇڭگولۇق ئۇيغۇر زوراۋان تېررورلۇق پائالىيىتىگە چېتىشلىق بولغاچ، ھىندونېزىيىدە ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا بىرلەشمە سەھەر گېزىتىتورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگودىن كەلگەن ئۈچ ئۇيغۇر ھىندونېزىيىدە تېررورىزم سۇيىقەستى بىلەن چېتىشلىق بولغاچ، تۈنۈگۈن جاكارتادىكى بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سوت مەھكىمىسى: بۇ ئۈچ ئادەم ھىندونېزىيىلىك قانۇنسىز قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇنمۇ بار دېگەن.

بۇ ئۈچ ئادەم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ھىندونېزىيىنىڭ سۇلاۋىسى ئارىلىدا قولغا ئېلىنغان، ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا سۇلاۋىسى ئۆلكىسىنىڭ پوسو ناھىيىسىدە جۇڭگونىڭ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى تېررورلۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق توققۇز گۇماندارنى بايقىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى قولغا ئېلىنغان، ئۈچى ئورمانلىققا قېچىپ كەتكەن، يەنە ئىككىسى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ مالايسىياغا قېچىپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ گۇماندارلارنىڭ ماشىنىسىدىن ئىسلام دۆلىتى نىڭ بەلگە چاپلاقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى بايقىغاچ، بۇلارنى ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان.

بۇ كىشىلەر ئەينى چاغدا ئەسەبىي تەشكىلات شەرقي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى نىڭ ئاتامىنى سانتوسو بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغان، سانتوسو بولسا ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى گە بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ھىندونېزىيەدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان باش جىنايەتچى.

تۈنۈگۈن شىمالي جاكارتادىكى يەرلىك سوتنىڭ سودىيەسى سوتتا: بۇ 20،23،29 ياشلىق ئۈچ ئۇيغۇر ئەر ھىندونېزىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نىيىتى رەزىل دېگەن.

سوت داۋامىدا بۇ تۆت گۇماندار دەسلەپتە ئۆزىنى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر دېگەن، بىراق كېيىن تۈركىيەدىن كەلدۇق دەپ ئۆزگەرتىۋالغان. ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولسا بۇ ئۇيغۇر تېررورچىلار ئاللىقاچان خەلقئارالىق تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دەپ كۆرسەتتى. ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا، ئۈچ جاۋاپكار يەنە ساختا تۈركىيە پاسپورتى ئىشلىتىپ ، كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان دېيىلگەن.

باش سوتچى : جاۋاپكارلارنىڭ ھىندونېزىيەگە كېلىشتىكى مەقسىتى بولسا شەرقى ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتىغا قوشۇلۇپ تېررورلۇق ھەركىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىش دېدى.


شۇڭلاشقا سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ 100 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى( تەخمىنەن 7545 ئامېرىكا دوللىرى )شىتراپ قويدى.

بۇ ئۈچ گۇماندار بىلەن تەڭ تۇتۇلغان يەنە بىر ئەر باشقا بىر دېلودا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا 7-ئاينىڭ 29-كۈنى سوت ئېچىلماقچى ئىكەن.

ھىندونېزىيە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەت كۆپ قېتىم ئىسلام ئاشقۇن تەشكىلاتى ئىسلام تىلاۋەتچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2002-يىلى يۈز بەرگەن بالى ئارىلى پارتىلىتىش ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان غەرب ساياھەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 202 ئادەم ئۆلگەن.

ھىندونېزىيە ئۆتكەنكى ئون نەچچە يىلدا زور كۈچ بىلەن تېررورلۇققا زەربە بەرگەچ، ئۇنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى كۆپلىگەن چوڭ ئاشقۇن تەشكىلاتلار ئاساسەن تۈگىشىپ كەتكەن،بىراق يىقىندا ئىسلام تىلاۋەتچىلىرى تەشكىلاتى نۇرغۇنلىغان كىچىك كۆلەمدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ھۇجۇم نىشانى ساقچى ئىدارىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى.

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈپ شەرقي جەنۇبي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كېلىپ، تۈركىيەگە چىقىشنى ئىستىگەن.

ئالدىنقى ھەپتە، تايلاند ئۆتكەن يىلى تۇتۇلغان 100 دىن ئارتۇق قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكۈچىنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. جۇڭگو ج خ مىنىستىرلىقى بىر قىسىم ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتكۈچىلەر تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەلەرگە بېرىپ جىھادقا قاتناشماقچى بولغان دەپ كۆرسەتكەن.