PDA

View Full Version : دىنى ئەسەبىلكىنىڭ 75 خىل ئىپادىسى



Unregistered
22-06-15, 21:07
towendikisi wetendiki hittaylarnig biz uqun qikarhan balgilimiliri bulup, ularni ukup baksaglar wetende yaxaxnig kanqilik tes bulup ketkenligini ukiwalalaysiler.


http://bbs.misranim.com/thread-140102-1-1.html

بارلىق تورداشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش !!!
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار

تۆۋەندە قانۇنى ساۋادى يىتەرلىك ئەمەس توردشلار ئۈچۈن دىنى ئەسەبىلكىنىڭ 75 خىل ئىپادىسنى يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم ، ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋېرىپ ئاخرىدا پۇشايمانغا قالماڭ ، شۇڭا تۆۋەندىكى دىنى ئەسەبىلكنىڭ 75 خىل ئىپادىسىنى تەپسلى كۈرۈڭ بولسا ئۆگنىۋىلىڭ ، بۇنى يوللشىمىنىڭ سەۋەبى تورغا چىقىشتا دېققەت قىلىشقا تىگشىلىك ئىشلارمۇ بار..
دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل كونكىرىتنى ئىپادىسى:
دىنىي ئەسەبىيلىك دىن ئەمەس، ئۇ بىزنىڭ چەكلەيدىغان ۋە زەربە بېرىدىغان ئوبيېكتىمىز. شىنجاڭدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك دائىم مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان تېررورلۇق بىلەن ئۆز ئارا بىرىكىپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىش.
كەڭ ئامما ئەگەر ئەتراپىداتۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ماس كېلىدىغان گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىسا ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق كۆپچىلىككە تايىنىدۇ.

1. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئىدىيە تەشەببۇسلىرى:
(1) شىنجاڭنى ئايرىپ چىقىپ كېتىش،«شەرقى turk ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇش، ئىسلام دىنىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا جار سېلىش.
(2) ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت قانۇن-نىزاملارنى چەكلەپ ۋە زەربە بېرىپ، «قۇرئانى-كەرىم» ئارقىلىق بارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ،ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى قارىغۇلارچە چەتكە قېقىش ۋەزەربە بېرىش.
(3)«يات دىن مۇرتلىرى»نى چەتكە قىقىپ،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يالغۇز قالدۇرۇش، باشقا مىللەتتىن بولغانلارنى چەتكە قىقىش ياكى باشقىلارنى دىننغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش.
(4)«غازات»نى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىق تىرورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىش،
2. دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ غەيرى پائالىيەتلىرى ۋە دەسلەپكى ئىپادىلىرى
دىنىي ئەسەبىيلىك پائالىيەتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى دائىم ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئۆرۇپ-ئادەتلىرىگە، ھازىرقى قانۇن، سىياسىي تۇزۇملەرگە قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىددىيىسىنى تەرغىپ قىلىش ۋە چوقۇنۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ.
(5)دىنىي زاتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھاقارەتلەش، مەسچىتكەكىرىپ نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى رەت قىلىش،
(6)نورمال دىنىي پائالىيەت جەريانىدا دىنىي زاتلار بىلەن دىنىي قائىدە-ئەھكاملار توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ، ئەسەبىيلىك ئىددىيىسىنى تەرغىپ قىلىش.
(7)شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى بۇددا دىنىي قاتارلىق باشقا دىنلارنى ئېتىراپ قىلماي، باشقا مىللەت، دىن ۋەمەدەنىيەتلەرنى چەتكە قىقىش.
(8)«يات دىن مۇرىتلىرى»،«دىنىي ئاسىي»دەپ،ئاساسىي قاتلام خىزمەتچى خادىملىرى ۋە پارتىيىلىك كادىرلارنى چەتكە قېقىش.ئاز سانلىق مىللەت پارتىيىلىك كادىرلار بىلەن«قول ئېلىشىپ كۆرۇشمەسلىك»، ئەھۋال سورىماسلىق، بېرىش كېلىش قىلىشماسلىق، قۇدا-باجا بولماسلىق،كېسىلىنى كۆرمەسلىك،مىيىتىنى ئۇزاتماسلىق.
(9)ياش،ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەردىن بومبا ساقال قويۇۋالغان، تامبال ئىشتان كىيىۋالغان،ئاياللاردىن يۇزىنى ئورۇۋالغان، «جىلباپ»كىيىمىكىيىۋالغانلارنىڭ ئۆز-ئارا زىچ ئالاقە قىلىشى،گۇرۇھ بولۇپ پائالىيەت قىلىشى.
(10) ھاراق ئىچىدىغان،تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھاراق-تاماكىنى تاشلاپ، ھاراق ئىچىدىغان،تاماكا چىكىدىغان ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرى ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماسلىق.
(11)زەربە بىرىپ بىر تەرەپ قىلىنغان خەتەرلىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئاستىرىتتىن مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش ۋە ياردەم بېرىش.
(12)ئېتىۋىتىلگەن ياكى ئۆلۇم جازاسى ئىجراقىلىنغانلارنىڭ ئايالى بىلەن باشقىلارنى بىنورمال ھالەتتە توي قىلىشقا كۈشكۇرتۇش.
(13)«مۇسۇلمانچە»نىڭ دائىرسىنى قەستەن كېڭەيتىپ،دىننى باھانە قىلىپ، ھاراق-تاماكىنى چەكلەشنى تەرغىپ قىلىش،«مۇسۇلمانچە ئەمەس»نى باھانە قىلىپ، نورمال مەھسۇلاتلار ئوبوروتىنى چەكلەش.
(14)دىنىي ساپلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ،زامانىۋىي مىللىيچە، ئەنئەنىۋىي كىيىم-كىچەك،مۇزىكا،ئۇسسۇل ۋە شىئىرلارنى چەكلەش.
(15)نورمال مەشرەپ،پۇتبول،ۋاسكىتبول،ۋالىبول ئويناش، كىتاپ ئۇقۇش، ناخشا مۇسابىقىسى قاتارلىق مەدەنىيەت –تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى چەكلەش.
(16)دىننى باھانە قىلىپ، ھۆكۇمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى، ھۆكۇمەت تارقاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، قۇتقۇزۇش ياردىمى ئىلىشنى رەت قىلىش.كۆيدۈرۈش، بۇزىۋىتىش، تاشلىۋىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆكۈمەت تارقاتقان كىملىك، توي خېتى قاتارلىق ئىسپاتلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.
(17)دىننى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى سىرىتتىكى پائالىيەتلەر ۋە خىزمەتكە قاتناشتۇرماسلىق، ئاياللارنى «جىلباپ» كىيىمىنى كېيىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىقلار.
(18)پەرزەنىتلىرىنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈشىگە يول قويماسلىق، «قوش تىل »مائارىپىغا قارشى تۇرۇپ، دەرىسلىك كىتاپلىرىغا، داھىيلارنىڭ سۈرەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش.
(19)دىن ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزلىكىدىن ئوقۇشتىن توختىۋىلىش.
(20)ئاشپۇزۇل قاتارلىق يىمەك-ئىچمەك سورۇنلىرى رامىزان ئېيى مەزگىلىدە، نورمال تىجارەت قىلماسلىق،مۇلازىمەتچىلىرى«جىلباپ»كىيىملىرىنى كېيىۋىلىش.
(21) ئۆي-ماكانى، يەرلىرى، قوي-كالا قاتارلىقلىرىن ىسەۋەپسىزلا سېتىۋىتىپ،ئەسلىدىكى يۇرتىدىن ئايرىلىش ياكى نوپۇسىنى تۇيۇقسىز يۆتكەش.
(22)ئولتۇراق ئۆيىگە زور مىقداردا يېمەك-ئىچمەك يىغىۋىلىش ياكى سىرىتقا چىقىپ،بىر قېتىمدىلا زور مىقداردىكى يېمەك-ئىچمەك سېتىۋىلىپ ئولتۇراق ئۆيىگە قايتىش، پائالىيەتلىرى بىنورمال بولۇش.
(23)چەت يىراق ئولتۇرغانلاردىن ئۆي ئىچى،ھويلىسىغا قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغان سۈڭگۈچ، يوشۇرۇن يەر ئاستى يولى، مەخپى ئۆي تەسسىس قىلغانلار.
(24)كۆپ ئادەم توپلىشىپ پائالىيەت ئىلىپ بارغانلاردىن، سىرت بىلەن نورمال ئالاقىسى ئاز بولغان، پائالىيەتلىرى گۇمانلىق بولغانلىرى.
(25)مۇۋاپپىق سەۋەپ يوق ئەھۋال ئاستىدا ناھىيە،يېزا-بازار، كەنىت ئاتلاپ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش.
(26)تۇيۇقسىز نورمال ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلاردىن ھەركىتى سىرلىق بولۇپ، بىنورمال كىشلەر بىلەن ئۇچراشقانلار.
(27)قوشنىلار بىلەن ئالاقىسى بىنورمال،ئۆيىگەداۋاملىق ناتونۇش كىشلەر ۋە كىچىك بالىلار سىرلىق ھالدا كىرىپ چىقىدىغانلار.
(28)دىنىي كەيپىياتى قويۇق ئائىلىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئىز-دېرىكى بولمىغانلار.
(29)«يۇلتۇز ئاي»بەلگىسى چۇشۇرۇلگەن كۆينەك كىيگەن، «يۇلتۇز ئاي»بەلگىلىك ئۇزۇك، بۇلاپكا تاقىۋالغان، «يۇلتۇز ئاي»بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن پۇل قاپچۇقى، ئاچقۇچ بېغى، يان تېلېفون قاپچۇقى ئىشلەتكەنلەر، ماشىنا-موتسىكىلىت قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىگە «يۇلتۇز ئاي»بەلگىسى شەكىلدىكى بايراق قادىۋالغانلار،«شەرقى تۇركىستان» بەلگىسى قاتارلىق مەقسەتلىك بويۇملارنى ئېسىپ يۈرگۈچىلەر.
(30)مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نامىدا ئەسەبىي ئىددىيەنى تەرغىپ قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، تۈرىكچە، ئوردوچە، ئەرەپچە تىللارداقەرەلىك تەربىيلەش.
(31) مەسچىت سىرتىدىكى ئاممىۋىي سورۇنلارداتوپلىشىپ ناماز باشلىغانلار ھەم ناماز ئوقۇغانلار.
(32)ئولتۇراق جايىنى تەكشۈرگەندە ئۆيدىكىلەرنىڭ سالاھىيىتىگە، كەسپىگە ماس كەلمەيدىغان قانۇنسىز تەشۋىقات ماتىرياللىرىنى ئۇرۇپ چىقىرىدىغان،نۇسخىلايدىغان، ئويدىغان، مىخلايدىغان ئۇسكىنە بارلار.
(33)مۇۋاپپىق سەۋەپ يوق ئەھۋاللار ئاستىدا بوكسىيورچىلارپەلىيى، چىنىقىش قوراللىرى شۇنداقلا خەرىتە، كومپاس، دۇربۇن، ئارغامچا، لاپاس ئۆيقاتارلىق بويۇملارنى سىتىۋالغان ياكى ساقلىغانلار.
(34)تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان كۆپ مىقداردىكى پوجاڭزا، ھاك-گۇگگۇرۇت، فوسفور، ئىتلىن، كالىي پىرمانگىنات، شور قاتارلىق ئاسان پاتىلايدىغان، زەھەرلىك بويۇم ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك ماددىلار، قىلىچ، غىلاپ پىچىقى، ئۇزۇن نەيزە، كامالەك، ئوقيا قاتارلىق قانۇن تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدىغان بويۇملارنى ساقلىغانلار.
(35)مۇۋاپپىق سەۋەپ يوق ئەھۋالدا كۆپ قېتىم ياكى كۆپ مىقداردا دىھقانچىلىق دورىسى، پولات تۇربا، توسقۇچ قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتىرياللىرى شۇنداقلا سەرەڭگە، بىنزىن، ۋاقىت بەلگىلىگۈچ، كونتىروللىغۇچ قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىۋالغانلار.
3.ئادەتتىكى قانۇنغا خىلاپ دىنىي ئەسەبىي پائالىيەتلىرىگە چىتىشلىق بولغانلار
دىنىي ئەسەبىي پائالىيەتلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت،ئامانلىق، دىن باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى قانۇن نىزاملىرىغا چىتىشلىق بولۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش، نورمال ئىجدىمائىي تەرتىپكە بەلگىلىك خەۋىپ ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، ۋاقتىدا تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
(36)توي مۇراسىملىرىدا ھاراق ئىچىشكە، تاماكاچىكىشكە، ئۇسۇل ئويناشقا،ناخشا ئىيتىشقا يول قويماسلىق، مىيىت ئۇزاتقاندائەرلەرنىڭ بىلىگە ئاق رەڭلىك پوتا باغلاشقا يول قويماسلىق، ئاياللارنى ئاق رەڭلىك لىچەك ئارتىشقا يول قويماي، قارا رەڭلىك لىچەك ئارتقۇزۇش، مىيىتنى كۆمىدىغان ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان ئايەتنى «ئىسلام ئىتىقاتىنى چىڭىتىش»تۇردىكى تەبلىققا ئايلاندۇرۇش، يىغلاشقا، نەزىر بېرىشكە يول قويماسلىق.
(37)مۇسۇلمانچە ۋە مۇسۇلمانچە ئەمەسنى باھابەقىلىپ، «بەش ئالەم»،«مەشرۇق»،مۇسۇلمانچە ۋە غەيرى مۇسۇلمانچىنى پەرىقلەندۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي مۇھىت يارتىش.
(38)تېلېگىراف سەھنىسى ۋە بىرلەشمە تورئىجدىمائىي مۇناسىۋەت توپى(چ چ ، ئۈندىدار، ئاۋازلىق چايخانا) دىن پايدىلىنىپ،قانۇنسىز دىن ئۆگېتىپ، قانۇنسىز «تەبلىغ»پائالىيەتلىرىنى تەرغىپ قىلىش.
(39)يان تېلېفۇن قىسقا ئۇچۇرى ۋە ئۇندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە توپىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز دىن تەشۋىقات تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، قانۇنسىز تەشۋىقات ماتىرياللىرىنى كېڭەيتىش.
(40)ئولتۇراق ئۆيىدە ياكى يېنىدا قانۇنسىزسىياسىي خارەكتىردىكى دىنىي كىتاپلار، ئۇن-سىن بويۇملىرىنى ساقلىغان،ئىلىپ يۇرگەنلەر، كومپىيوتىر ياكى يۆتكىلىشچان ئىچكى ساقلىغۇچتا قانۇنسىز سىياسىي خارەكتىردىكى دىنىي تۈردىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتاپ، ئۇن-سىن ھۆججەتلىرىن ىساقلىغانلار.
(41)سۇنئىي ھەمرا قوبۇللىغۇچ، تور، رادىئوقاتارلىق ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق چىگرا سىرتىدىكى قانۇنسىز دىنىي مەزمۇنلارنى ئاڭلىغانلار، تىلىۋىزور پىروگىراممىلىرىنى كۆرگەنلەر، تارقاتقانلار.
(42)دىنىي ئىتىقادىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە «سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن خەت» قاتارلىق چىگرا سىرتىدىكى ئىنتېرنېت ئارقىلى ئېقىپ كىرگەن قانۇنسىز تەشۋىقات بويۇملىرىنى نۇسخىلىغان، تارقاتقان، تەشۋىق قىلغانلار.
(43)ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات-تەربىيەىسگە قارشى تۇرۇپ، تېلېۋۇزور، كاناي قاتارلىق ئۇسكىنىلەرنى چاققانلار، نورمالنى تېلېۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلاشنى ۋە كۆرۈشنى رەت قىلغانلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش،غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۇش، نوپۇس تۈزۈمى قاتارلىق تەرەققىياتتىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە زەربە بەرگەنلەر.
(44)دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى ناماز ئوقۇشقا،روزا تۇتۇشقا مەجبۇرلاش ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ مەجبۇرلاش.
(45)قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ناماز ئوقۇشقا، دىن ئۆگىنىشكە، روزا تۇتۇشقا مەجبۇرلىغانلار، كۈشكۈرتكەنلەرۋە يول قويغانلار.
(46)پەرزەنىتلىرى ياكى باشقىلارنى قانۇنسىز دىن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۇرىتكەنلەر ۋە مەجبۇرلىغانلار.
(47)دىن ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىپ، پەرزەنىتلىرىنى مەكتەپكە بارماسلىققا زورلىغانلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغانلار.
(48)تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، مەسچىت قاتارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىن باشقا ئاممىۋىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا توپلىشىپ، دىنىي پائالىيەت ئىلىپ بىرىپ، ئاممىۋىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن توسسىمۇ ئۇنىماي، دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئىجراقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.
(49) دىنىي خوراپاتلىق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى ۋەئىكىسپالاتسىيە تۇزۇملىرىنى ئەسلىگە ئەكىلىپ ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئەسلىگەئەكىلىپ، «دىن ئاساسچىلىرى»غا ۋارىسلىق قىلىپ، شۇئار توۋلاپ، ئاخۇن ئەۋەتىپ مەجبۇرىي دىنىي زاكات يىغىقانلار.
(50)تارقاق ھەج قىلىشقا قۇتىراتقان، تەشكىللىگەن قاتناشقانلار.
(51)ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تەكلىپ بىلەن ئىشلەتكەن دىنىي ۋەزىپە سالاھىيىتى يوق كىشلەردىن دىنىي پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەنلەر.
(52)تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن باشقا جايلاردىن دىنىي ۋەزىپىدىكىلەرنى ئۆز جايىغا تەكلىپ قىلىپ دىنىي پائالىيەت ئىلىپ بارغانلار.
(53) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن چىگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلار، چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ دىنىي تۇسى ئالغان ئىئانەلەرنى قوبۇل قىلغانلار.
(54) تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن چىگرا ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلارغا، چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر تەشكىللىگەن تۈرلۈك تەربىيەلەش ۋە يىغىنلارغا قاتناشقانلار، ئۆز-ئارائالاقىلىشىپ دىنىي پائالىيەت ئىلىپ بارغانلار.
(55)تىزىمغا ئالدۇرماي ياكى تەستىقلاتماي، ئۆزبىشىمچىلىق بىلەن دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى يىڭىدىن سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان،كېڭەيتىپ سالغان ياكى باشقا ئىمارەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى قىلىپ ئىشلەتكەنلەر.
(56) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چوڭ تىپتىكى دىنىي ھەيكەللەرنى ياساش.
(57)تارقاتقۇچى سۈپىتىدە ئۆز مەيلىچە مۇرت تەرەققىي قىلدۇرغانلار، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇقەددەس ۋەزىپىدىكىلەرنى تەبرىكلىگەنلەر، ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن چىگرا سىرتىدىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ تەبرىكنامىسىنى قوبۇل قىلغانلار.
(58)ئوخشاشمىغان دىن، ئوخشاشمىغان مەزھەپلەر ئاراياكى ئوخشاش مەزھەپتىكىلەر ئىچىدە قەستەن ماجرا تۇرغۇزۇپ، زىدىيەت ۋەقالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغانلار.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۇزۇملىرىگەخىلاپلىق قىلىپ، خەۋىپ پەيدا قىلغانلار، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، زەربە بېرىشكە تىگىشلىكلەر.
(59)توي خېتى ئالمىغانلارنى نىكاھ ئوقۇپ قويۇش قاتارلىق دىنىي مۇراسىملەر ئارقىلىق تويلاپ قويغانلار، قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجىرشىش رەسمىيىتى بىجىرمىگەنلەرنى تالاق شەكلى بىلەن نىكاھتىن ئاجراشتۇرغانلار،دىننى باھانە قىلىپ قوش نىكاھلىق بولغانلار،پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە دەخلى قىلغانلار.
(60)مودا كېيىنگەن ئاممىغا ئاشكارە ئەگىشىۋالغان،ھاقارەتلىگەن ،قورقاق سالغانلار.
(61)دىنىي ئەھكاملارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ،ھاراق ئىچكەنلەرنى سەۋەپسىز دۇمباللىغانلار، ھاراق-تاماكا ساتىدىغان دۇكانلارنىبۇزغانلار، كۆڭۇل ئىچىش پائالىيەتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.
(62)«ئۇچ پىشقەدەملەر»نىڭ قەبرىسىگە بۇرغۇنچىلىق قىلغانلار.
(63)ئاممىۋىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تۈرلۇك تەشۋىقات سەھنىلىرىنى بۇزىۋەتكەن، مەسچىت ئىچىدىكى دۆلەت بايرىقىنى ئوغىرلىغان ۋە بۇزىۋەتكەنلەر،«غازات»بايرىقى، بەلگىسى قاتارلىقلارنى چاپلىغانلار.
(64)دوپپا، ئاياللار يۇزىنى يۆگەش قاتارلىق مىللەت دىن ئىشلىرىغا چىتىلىدىغان سەزگۈر مەسىللەردىن پايدىلىنىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ،قانۇنسىز يىغىلىش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قۇتىراتقانلار .
(65)«دىنىي سوت»تەسسىس قىلىپ، دىنىي ئەھكاملارئارقىلىق ماجرالارغا مەجبۇرىي ھۆكۈم قىلىپ، باشقىلارغا ئىقتىسادىي جازا ۋە تەن جازاسى بىرىپ. دۆلەت ئەدىلىيە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.
(66)دىنىي ئەسەبىي ئىددىيە مەزمۇنىدىكى كىتاپ،پىلاستىنكا، كۆپ ۋاستىلىق كارتا شۇنداقلا «جىلباپ» كىيىملىرى قاتارلىقلارنىياسىغان، ساتقان، توشىغان، تارقاتقانلار.
(67)سېتىش ئالدىدا تۇرغان قول تېلېفۇن،كومپىيوتىر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا ياكى رىمونت قىلىشقا ئەكەلگەن مەھسۇلاتلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىددىيىسىنى تەرغىپ قىلىدىغان مەزمۇندىكى سۇرەت،ئۇن-سىن ھۆججەتلىرىنى قاچىلغانلار.
(68)«تام ئاتلاش»يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، قايتا-قايتاچېگرا سىرتىدىكى دىنىي ئەسەبىي تور بېكەتلىرىگە چىقىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىددىيە مەزمۇنىدىكى ئېلېكتىرونلۇق كىتاپ ياكى ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۇپ تارقاتقانلار.
(69) ئىنتېرنېت توردىكى مۇنبەر، ئىجتىمائىي ئالاقە تور گورۇپپىلىرى ياكى شەخسىي بوشلۇق، مىكروبىلوگ، تور بىكەتلىرىگە دىنىي ئەسەبىي ئىددىيە تەرغىپ قىلىنغان ماقالە، سۈرەت، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى چىقارغانلار.
(70) يان تېلېفون،ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى شۇنداقلا بارماق دىسكا،MP3.MP4كۆپ ۋاستىلىق كارتا،يۆتكىلىشچان دىسكا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىددىيەدىكى ماقالە،سۈرەت، ئۈن-سىن ماتىرياللىرىنى تارقاتقانلار.
(71)قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشكىللەپ قاتناشقانلار ، «ھىجرەت»،«غازات» قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئۈن-سىن بويۇملىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللىگەنلەر ياكى ئاشكارە سورۇنلاردا دىنىي ئەسەبىي ئىددىيەنى تەرغىپ قىلغانلار.
(72)ئىنتېرنېت توردىن پايدىلىنىپ، زەھەر ياساش،پارتىلتىش تېخنىكىسى تارقاتقانلار. «غازات»،«ھىجرەت»قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويغانلار، ئىنتېرنېت تورى ۋە يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ،زوراۋانلىق تېررورلۇق تور بەت ئادېرىسلىرىنى تارقاتقانلار
(73)يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ۋە ئۈندىدارقاتارلىق «غازات»،«ھىجرەت» قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەنلەر.
(74)يىغىلىش، چاي سۆھبىتى نامى بىلەن قانۇنسىزيىغىلىپ، تەبلىغ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، «غازات»،«ھىجرەت»،«ئىزابوت»نى تەرغىپقىلغان ياكى«خەلىپە»دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق دىنىي ئەسەبىي ئىددىيەنى تارقاتقانلار.
75.«ئىزابوت» قاتارلىق دىنىي ئەسەبىي گۇرۇھلارنى تەشكىللەپ، زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى بىلەن شۇغۇللانغانلار.

مەنبەسى : قانۇنچىلىق ئۈندىدار سالونى.

Unregistered
22-06-15, 22:32
" towendikisi wetendiki hittaylarnig biz uqun qikarhan balgilimiliri bulup, ularni ukup baksaglar wetende yaxaxnig kanqilik tes bulup ketkenligini ukiwalalaysiler.

http://bbs.misranim.com/thread-140102-1-1.html "
______

Wetende "asan yashash"ning yolini ugutup harmaywatqan xitay we Erkin isa kontirolliqidiki "DUQ", "UAA ", "Radio-RFA“
"istiqlal.com", " maarip" ... qatarliqlardiki Satqunlarning kozge korunmes Isimsiz, Xitay Nesillik Qumandani Qurban weli Pinsiyege chiqipmu yene, Erkin Isa bilen birlikte zeher Qusmaqta. ularning Mentiqisige asaslan'ghanda Wetende yashash: "Asanraq bolsa bolatti"din ibaret-Aldamchiliqtin ibaret –Xalas!

bu degenlirimni towendikiler arqiliq chshuneleysiz-elbette! emma siz ....?


http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?37200-Afghanistanda-Amerika-Rakita-wujumida-13-Uyghur-quot-Mujahit-quot-%D6lgen-Suriyede