PDA

View Full Version : 1990-yildin biri Uyghur Neme Ish qildi?



Unregistered
19-06-15, 11:23
خىتاي بەزىدە مەسچىتلەرنى تاقىۋىلىپ ئاچمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەچىپ بەرمىدى دەپ كورەش قىلىپ جان بەرىدۇ. ۋاقىت ئوتىدۇ، مەسچىتتىن بىرەر يۇزنى بىراقلا ئەچىپ بەرىپ ناماز ئوقۇمىغانلارنى قولغا ئالىدۇ. ناماز ئوقۇغاننى قولغا ئالدى دەپ نارازى بولۇپ نامايىش قىلىمىز. چەتەللەردە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ئابدۇقادىر ياپچان، ئابلىكىمخان مەخسۇم، ھىدايىتىللا ۋە دۇق بىرلىكتە بەرلىندە "خىتايدىن دىنى-ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش يىغىنى" ئاچماقچى بولۇمىز. چاندۇرۇپ قويدۇق دەپ ئاچمايدىغان بولىمىز.

چاندۇرماي مالايزىيا، تايلاندلاردىن سۇرىيەگە "جىھاتچى" يوللايمىز.مۇسۇلمان بولغان خىتاي "ۋاڭبو-يۇسۇپ"لەر بىلەن بىر سەپتە "دۇنيا كاپىرلىرى"،
ئىراق، سۇرىيەلىك ئەرەپلەر، كۇرتلەر، تۇركلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ جان بىرىمىز. چۇنكى 20 يىل بۇرۇن ئەركىن ئىسا : " ئۇيغۇرلار ۋاقتى كەلگەندە
تۇركىيە ئۇچۇن ئوزىنى قۇربان بىرىشى كىرەك"دىگەن. ئۇلارنىڭ ھىچبىرى بىزگە بىرىپ جان بەرمەيدۇ.ئافغانىستاندا ناتو ئارمىيەسىگە قۇماندانلىق قىلىپ
تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلغان تۇرك ئەسكەرلىرىدىن ئالتىسى ۋەتىنىمىزگە كىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىمىز.

مۇسۇلمان بولغان خىتاي "ۋاڭبو-يۇسۇپ" بىز بىلەن بىرلىكتە "جىھات"قىلىمىز. دۇنياغا "تەرورىست" بولۇپ ئوزىمىزنى ئوزىمىز ئىلان قىلىمىز. گۇئانتانامونى
يەنە تولدۇرىدىغان بولدۇق. قانچە مىڭىمىزنى ئۇ ئەرەپلەر، پاكىستانلىقلار خىتايغا ئوتكۇزۇپ بەرەر؟!

بىڭتەن يەرلىكنىڭ سۇيىنى تۇتۇۋىلىپ بەرمىدى دەپ ب.د.ت غا ئەرز قىلىمىز. ۋاقىت ئوتىدۇ. سۇنى قويۇپ بىرىدۇ. كەلكۇن باستى دەپ نامايىش قىلىمىز...
ئوننەچچە خەلقارا سىياسى سورۇنلاردا خەلقارا مۇخبىرلار:" سىلەر زادى نىمە تەلەپ قىلىسىلەر؟"دەپ سورايدۇ. د.ئۇ.ق رەئىسى ئەركىن ئىسا: " مەن ئۇيغۇرلارغا
ۋاكالىتەن خىتاي بىلەن بىرلىشىپ كىتىش(خىتاي بىرلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن دەيدۇ. رابىيە قادىر : "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"دەيدۇ.