PDA

View Full Version : كىچىك ئالما ئۇسۇلى



Unregistered
22-05-15, 07:16
چارىسز قالدىم



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر !قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىشىدىن قەتتىي نەزەر ھالىمنى بايان ئەيلەشكە مەجبۇرمەن.
يۇرتۇم پەيزاۋات ،ئانام كېسەلمەن،دادام ئاتمىشنىڭ قارسىنى ئالدى. ئائىلمىزنىڭ تۈۋركى بولغان ئاكامنىڭ مۇشتۇمدەك ئۈچ بالىسى بار چوڭى ئەمدى ئۈچ ياش.ئايالىنىڭ قولى ئاغىرىق.موشۇنداق پەيىتتە كەنىت كادىرلىرى (ھېكىم )، ئايالىڭ كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئوينىغلى كەلمىدى دېگەن سەۋەب بىلەن ئاكامنى يىراق جايغاتەربىيلەشكە يولغا سېلىۋەتتى.ئائىلمىز ئىنتايىن قىينچىلىقتا قالدى.ھېساپتائائىلمىز خارابلىققا يۈزلەندى.مەن بولسام يىراق شەھەر ئۈرۈمچىدە ئوقۇيمەن.ئۆيدىكەلەرنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش تۈگۈل ،شۇ تاپتا ئۇلارغا ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىمەن. بۇ بىرقاتار مەسىلەرنى ئويلاپ ئويلاپ ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر روھي بېسىمغا دۇچ كەلدىم.دەرسلەر مۇكاللامغا چۈشمەس بوپ قالدى.مەن ئەمدى قانداق قىلشىم كېرەك.؟!موشۇنداق ئەھۋالداپارتىيمىزنىڭ قانداق غەمخورلىقلىرىغا ئېرشەلەيمەن.قانۇنىي جەھەتتىن ،ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئىلمىي قانۇنلىق تەكلىپ پىكىرىڭلاغا مۇھتاجمەن.


http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=7219