PDA

View Full Version : Yalqun rozigha rediye يالقۇن روزىغا رەدىيە



Unregistered
18-05-15, 19:36
http://bbs.bagdax.cn/thread-29749-1-1.html

http://v.qq.com/page/j/0/r/j0154rsyk0r.html

يالقۇن روزىغا رەدىيە

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

(دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2-پەسىللىك ئۆز باش ئىلىم چېيىدا يالقۇن روزىنىڭ پەيلاسوپ، پەلسەپە چۈشەنچىسى ھەققىدە ئىلىم ئاشقىلىرى تەرىپىدىن سورالغان سوئالغا جاۋاپ بەردى)

2015| -يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى



ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرىستېتىنڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى (ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق تەڭرىتاغ ئالىمى پىلانى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن) زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2-پەسىللىك ئۆزباش ئىلىم چېيىدا <پىكىر كۆرىكى ۋە تەپەككۇر بايرىمى: غەرب پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئومۇمى بايان>،<بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟> دېگەن ئىككى تېمىدا ئېسىل لېكسىيە سۆزلىدى. زۇلپىقار باراتنىڭ لېكسىيەلىرى ئادەتتە ئۇچۇر، بىلىم مىقدارى مول بولۇش، قۇرۇلمىسى پۇختا بولۇش، تىلى راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پاراڭ تىپىدىكى &#171;لېكسىيە&#187;لەردىن پەرقلىنىدۇ.لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرەيلەن دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشتىن &#171;يالقۇن روزىنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 20-ئەسىردىكى بىردىنبىر پەيلاسوپ دېگەن ھۆكۈمىگە قانداق قارايسىز؟&#187; دەپ سوئال قويدى. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھازىر خەلقىمىز ئارىسىدا پەلسەپەنى سىستېمىلىق ، مۇنتىزىم ئوقۇغان، پەلسەپە چۈشەنچىسى چوڭقۇر زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ ھەم جەمئيىتمىزدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەسىرىنى كىڭەيتىش جەھەتتىن جىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.ئۇ يالقۇن روزىنىڭ پەلسەپە، پەيلاسوپ چۈشەنچىسىنى كۈچلۈك، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەنقىدلىدى.
ئۇنىڭ بۇ رەددىيەدىكى ئاساسلىق قاراشلىرى مۇنداق:
1.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىر ياخشى ئىلىم ئىگىسى، مۇتەپەككۇر، ئەمما پەيلاسوپ ئەمەس.يالقۇن روزى ئاكا پەيلاسوپ بىلەن مۇتەپەككۇر سۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان.
2.يالقۇن روزىنىڭ پەلسەپە، پەيلاسۇپ چۈشەنچىسى كونا، دوگما ھەم بىر تەرەپلىمە. ئۇ خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئېلان قىلىپ پەلسەپە تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا پەيلاسۇپ، پەلسەپە ھەققىدە خاتا، بۇرمىلانغان چۈشەنچىلەرنى بازارغا سالدى. بۇ ئەھۋال تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك.3 @4 b# ]. S) R
3.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېچقانداق پەلسەپە سىستېمىسى قالدۇرمىغان. قاتلاملىق نەزەرىيە دېگەنمۇ يېڭى گەپ ئەمەس، يېڭى پەلسەپە سىستېمىسىمۇ ئەمەس. تارىخ، مەدەنىيەت، تاشكېمېر سەنئىتى، مۇقام ھەققىدە تۇنجى كىتاب يازغانلىقى پەيلاسوپ بولۇپى كەتكەنلىكى ئەمەس.
4.ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدىكى ھەقىقى مەنىدىكى پەيلاسوپ فارابى.
5.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنيانى پەقەتلا ماركسىزىم، تارىخى ماتىرىيالىزىم رامكىسى بىلەن چۈشىنىشكە ئۇرۇنغان. 20-ئەسىر پەلسەپە تارىخىدا ئون نەچچە پەلسەپە ئېقىمى بار. ئا. مەمتىمىننىڭ باشقا پەلسەپە ئېقىملىرىدىن خەۋىرى يوق ھالدا بىرلا پىكىر رامكىسى بىلەن ھەممىلا مەسلىگە باھا بېرىش بىر خىل خاتالىق.


Yalqun rozigha rediye

Zulpiqar barat &#246;zbash

(doktur zulpiqar barat &#246;zbash 2-pesillik &#246;z bash ilim ch&#233;yida yalqun rozining peylasop, pelsepe ch&#252;shenchisi heqqide ilim ashqiliri teripidin soralghan sofalgha jawap berdi)

2015| -yili 5-ayning 16-k&#252;ni



Am&#233;rika haway uniw&#233;rist&#233;tinng jemfiyetshunasliq penliri dokturi, shinjang uniw&#233;rsti&#233;tining tengritagh alimi (aptonom rayonning 2014-yilliq tengritagh alimi pilani t&#252;rige kirg&#252;z&#252;lgen) zulpiqar barat &#246;zbash mufellim 2015-yili 5-ayning 15-k&#252;ni &#246;tk&#252;z&#252;lgen 2-pesillik &#246;zbash ilim ch&#233;yida <پىكىر كۆرىكى ۋە تەپەككۇر بايرىمى: غەرب پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئومۇمى بايان>,<بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟> d&#233;gen ikki t&#233;mida &#233;sil l&#233;ksiye s&#246;zlidi. Zulpiqar baratning l&#233;ksiyeliri adette uchur, bilim miqdari mol bolush, qurulmisi puxta bolush, tili rawan bolushtek alahidilikliri bilen parang tipidiki &#171;l&#233;ksiye&#187;lerdin perqlinidu.l&#233;ksiye axirlashqandin k&#233;yin bireylen doktur zulpiqar barat &#246;zbashtin &#171;yalqun rozining abdush&#252;k&#252;r muhemmetfimin 20-esirdiki birdinbir peylasop d&#233;gen h&#246;k&#252;mige qandaq qaraysiz?&#187; dep sofal qoydi. Zulpiqar barat &#246;zbash hazir xelqimiz arisida pelsepeni sist&#233;miliq , muntizim oqughan, pelsepe ch&#252;shenchisi chongqur ziyaliylirimizning biri. U hem jemfyitmizde abdush&#252;k&#252;r muhemmetfiminning tesirini kingeytish jehettin jiq tirishchanliq k&#246;rsetken.u yalqun rozining pelsepe, peylasop ch&#252;shenchisini k&#252;chl&#252;k, emeliy pakitlar bilen tenqidlidi.
Uning bu reddiyediki asasliq qarashliri mundaq:
1.abdush&#252;k&#252;r muhemmetfimin bir yaxshi ilim igisi, mutepekkur, emma peylasop emes.yalqun rozi aka peylasop bilen mutepekkur s&#246;zi otturisidiki perqni aydinglashturalmighan.
2.yalqun rozining pelsepe, peylasup ch&#252;shenchisi kona, dogma hem bir tereplime. U xata ch&#252;shenchilirini &#233;lan qilip pelsepe tonushi y&#233;terlik bolmighan q&#233;rindashlirimiz arisida peylasup, pelsepe heqqide xata, burmilanfghan ch&#252;shenchilerni bazargha saldi. Bu ehwal tenqidlinishke t&#233;gishlik.3 @4 b# ]. S) R
3.abdush&#252;k&#252;r muhemmetfimin h&#233;chqandaq pelsepe sist&#233;misi qaldurmighan. Qatlamliq nezeriye d&#233;genmu y&#233;ngi gep emes, y&#233;ngi pelsepe sist&#233;misimu emes. Tarix, medeniyet, tashk&#233;m&#233;r senfiti, muqam heqqide tunji kitab yazghanliqi peylasop bolupi ketkenliki emes.
4.uyghur idiye tarixidiki heqiqi menidiki peylasop farabi.
5.abdush&#252;k&#252;r muhemmetfimin dunyani peqetla marksizim, tarixi matiriyalizim ramkisi bilen ch&#252;shinishke urunfghan. 20-esir pelsepe tarixida on nechche pelsepe &#233;qimi bar. A. Memtiminning bashqa pelsepe &#233;qimliridin xewiri yoq halda birla pikir ramkisi bilen hemmila meslige baha b&#233;rish bir xil xataliq.

Unregistered
19-05-15, 03:58
http://bbs.misranim.com/thread-138821-1-1.html

زۇلپىقار باراتقا جاۋابەن رەددىيە

Unregistered
19-05-15, 04:03
http://bbs.misranim.com/thread-138812-1-1.html