PDA

View Full Version : "Istiqlal xewerliri" heqqide - مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار يەنە مەزھەپلە



Unregistered
29-04-15, 05:12
ئۇيغۇرلار نىمە ئۇچۇن مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئىككىگە ئايرىلىشى كىرەك؟
مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار يەنە مەزھەپلەرگە ئايرىلماقتا. ئىراق، ئىران، لىبىيە، سۇرىيەلەردە ئىقىۋاتقان قانلار بىزگە قانداق ساۋاق بىرىشى كەرەك؟

Tarixtin qisqa Xatire:

Uyghurlarni Halaket yaki Saadetke bashlaydighan bir Yol-Dini-itiqattur. Uyghurlar xitayning mustemlikisige aylanghan -wetinining ismi "Shinjang"bolup ozgergen Pajiede del moshu Dini-itiqat Suyi-istimal qilinghan idi. xitaygha qarshi qural-yaraq berip yardem qilghan Roslar xitay wetinimizdin chiqip ketkendin kiyin "Kapir dushmen"dep qaraldi. yaqupbek istambulghgha elchiler iwetip Uyghuriye dolitini Halaketke yuz tutup, zeyipleshken Osman impiriyesige "Qaram" dep ilan qildi. qeshqerde Padisha Abdul ezizxan namida Pul basturdi. Roslar Osmanilarning ottura asiya siyasi sehniside Peyda bolushni xalimidi. xitaylargha qural-yaraq setip berip qayta tajawuz qilishigha sukut qilip turup berdi. Bir musteqil dolet-Bedolet hakimiyiti moshundaq meghlup boldi.

Roslar her ikki Jumhuriyet qurulushigha yene biwaste Esker, Qumandan, Qural-yaraq yardem qildi. Isa yusupler "Aq Kapirdin Qara Kapir yaxshi"dep "Chin Turkistan"ni teshwiq qildi. axirqi jumhuriyet Quralliq eskerliri bilen birlikte Manas derya boyida ghayip boldi....

_______

"Dini Bolush Wetenperwerlik emes, Milliy bolush Wetenperwerlik".
Dini-Itiqat meqset emes. u qul qilinghan Milletning Musteqilliqi uchun xizmet qilidighan kowruktur.
________

Siyasi Kingeshte ishleydighanlar chetellerge xizmitini almashturup chiqti. Gepimizge kelsek: mezkur Dinchi Torbetning Meqset we nishanliri zadi neme? buni choqum bilish lazim. ular "Mesidimiz Alla uchun"demekte. biraq Allaning Bendisidin hichnersige ihtiyaji yoq. Alla Uyghurlarni Erkin-Hor yasha, Wetiningni qayturup al, her-nerse sen uchun, Men uchun emes Ozeng uchun koresh qil demekte. demek dinchi mollamlar Allani we uyghurlarni Aldawatidu. yalghan gep qiliwatidu.
Ras gepni ilip tashlawatidu.


Oqurmen Siz zadila hemme yerni qaplap ketken erepche xetke , mollamning keynidiki shikapqa tizilghan nechche yuz kitapqa, Abdulla mollamning keyde miltiq tenglep turghan xitay eskerlige qarap aldanmang. bularning her-bir programisida chataqning yoghuni bar. bu heqte ilan qilinghan Bahalar ilip tashlandi. buning ozila ularning meqsidi Alla namini Qalqan qilip ozlirining Yalghanlirigha rasni arilashturup, Paskina Siyasetke Pakiz Islam dinini arilashturup , butun torbetni erepche xet we uyghurlar chushenmeydighan Gep bilen toldurushtur. Uyghurlarning qimmetlik waqtini zaya qilshtur. Allaning uyghurlargha bergen Anatilni unutturushtur. bular tenqittin, Reddiyedin olgidek qorqudu. Musteqilliq, Quralliq qarshiliq heriketlerdin olgidek qorqudu.

musteqilliq uchun koresh qiliwatqan qaysi bir millette bu Dinchi-Mollamlar kebi Uyghurlarni "Texir qilish"qa, "Sewri qilish"qa , xitaygha tutup berishke zorlaydighan "Dini Sawatlar" bar?. qisqisi weten ichi-sirtida Uyghurlarni yene bir qetim Omumiyuzluk "Dini inqilap" qa ittirish dolquni ewj almaqta. her-yerde Wahabiliqni tirildurush, "Dunya kapirlirigha qarshi jehat", " Sheriyet tuzumi ornutush" .... Tiyatirliri qoyulmaqta.

90-yillarning beshidiki "Dini inqilap"ning qumandanliri erkin isa, Ilghar isalar mesum uyghurlarni bir-birige urushturup olturup, parchilatquzghan we amerika rakitasida partilitip olturutken , xitaygha , guntanamogha otkuzup bergendin kiyin Iran we Ottura Asiyadin bir top gheyri islam dinigha ige mezhepchilerni " yol tepip" Yawropa doletlirige yolgha salghan idi. ularning yillardin biri qisqa tamabal, uzun koynek kiyip, Bomba saqal bilen nimilerni qiliwatqanliqi uyghurlargha ayan.

Sabiq DUQning "Milli merkez" reisi Ablikim baqi 1993-yili "Uyghurlarning meqsiti sheriyet tuzumi ornutush"dep ilan qilip bir aydin kiyin Istambul dernekke bir xitayni bashlap kelip alte "Uyghur lider"bilen birge Musteqilliqni tilgha almasliq sherti astida "Xensu-uyghur dimokratchiliri Dosluq kilishimi"tuzup qol qoyup berishken idi. mana bu Dinchilarning axirqi mesiti! xitay bulargha masliship top-top uyghurlarni 5 mimg kilomitirliq poyiz bilen Malayziya, Taylandlarning chigrasidin otkuzup qoymaqta. ularning axirqi bikiti Suriye ikenliki melum. uch neper uyghurning Pishmanbolup, turkiyede oqush uchun suriyedin Turkiyege qachqanda tutulup Kallisi kesilgenlik xewiri ilan qilindi. bularni kushkurtiwatqan del moshu Dinchi torbetler emesma?
________

Ozini-ozi toghra xewer biridu dep ilan qilghan "istiqlal xewerliri"de uyghurlarning koz aldidiki Qarshiliq heriketler, qapqangha chushrulup eqiwatqan bihode qanlar, chiqiwatqan Janlar heqqide -Bahalar, Munazhriler , chare tedbirler heqqide mezkur dinchi torbette hich-nerse yoq! Zadila men ba-sen yoq! "bu heptilik xewer"ge qarang:


* yuqurqilar heqqide yer berilmigen bu torbet " Yemeklikte hasharet qeni payqalghan"liq xewirini alhide bilip qangha boyalghan batrmaqning resimini chiqarghan. epsuski bu torbette "dini inqilap"qa ittirilip oliwatqan uyghurlarning Qan-izliri mana men dep korunup turmaqta.

* Teximu qiziqarliqi "Zawa" Mollamning "Islamda tunji qilinidighan ish" heqqide eyqan wezliridur. "Zawa Mollam"ning digenliri toghrimu?. meningche u butunley tuturuqsiz gepler. mollamning Islam dinidin xewiri yoq yaki u xitay teripidin oydurulghan yalghan islamni ugengen.

تارىختىن قىسقا خاتىرە:

ئۇيغۇرلارنى ھالاكەت ياكى سائادەتكە باشلايدىغان بىر يول-دىنى-ئىتىقاتتۇر. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان -ۋەتىنىنىڭ ئىسمى "شىنجاڭ"بولۇپ ئوزگەرگەن پاجىئەدە دەل موشۇ دىنى-ئىتىقات سۇيى-ئىستىمال قىلىنغان ئىدى. خىتايغا قارشى قۇرال-ياراق بەرىپ ياردەم قىلغان روسلار خىتاي ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن "كاپىر دۇشمەن"دەپ قارالدى. ياقۇپبەك ئىستامبۇلغغا ئەلچىلەر ئىۋەتىپ ئۇيغۇرىيە دولىتىنى ھالاكەتكە يۇز تۇتۇپ، زەيىپلەشكەن ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە "قارام" دەپ ئىلان قىلدى. قەشقەردە پادىشا ئابدۇل ئەزىزخان نامىدا پۇل باستۇردى. روسلار ئوسمانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى سەھنىسىدە پەيدا بولۇشنى خالىمىدى. خىتايلارغا قۇرال-ياراق سەتىپ بەرىپ قايتا تاجاۋۇز قىلىشىغا سۇكۇت قىلىپ تۇرۇپ بەردى. بىر مۇستەقىل دولەت-بەدولەت ھاكىمىيىتى موشۇنداق مەغلۇپ بولدى.

روسلار ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىغا يەنە بىۋاستە ئەسكەر، قۇماندان، قۇرال-ياراق ياردەم قىلدى. ئىسا يۇسۇپلەر "ئاق كاپىردىن قارا كاپىر ياخشى"دەپ "چىن تۇركىستان"نى تەشۋىق قىلدى. ئاخىرقى جۇمھۇرىيەت قۇراللىق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ماناس دەريا بويىدا غايىپ بولدى....

_______

"دىنى بولۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس، مىللىي بولۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك".
دىنى-ئىتىقات مەقسەت ئەمەس. ئۇ قۇل قىلىنغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان كوۋرۇكتۇر.
________

سىياسى كىڭەشتە ئىشلەيدىغانلار چەتەللەرگە خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ چىقتى. گەپىمىزگە كەلسەك: مەزكۇر دىنچى توربەتنىڭ مەقسەت ۋە نىشانلىرى زادى نەمە؟ بۇنى چوقۇم بىلىش لازىم. ئۇلار "مەسىدىمىز ئاللا ئۇچۇن"دەمەكتە. بىراق ئاللانىڭ بەندىسىدىن ھىچنەرسىگە ئىھتىياجى يوق. ئاللا ئۇيغۇرلارنى ئەركىن-ھور ياشا، ۋەتىنىڭنى قايتۇرۇپ ئال، ھەر-نەرسە سەن ئۇچۇن، مەن ئۇچۇن ئەمەس ئوزەڭ ئۇچۇن كورەش قىل دەمەكتە. دەمەك دىنچى موللاملار ئاللانى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئالداۋاتىدۇ. يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ.
راس گەپنى ئىلىپ تاشلاۋاتىدۇ.


ئوقۇرمەن سىز زادىلا ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئەرەپچە خەتكە ، موللامنىڭ كەينىدىكى شىكاپقا تىزىلغان نەچچە يۇز كىتاپقا، ئابدۇللا موللامنىڭ كەيدە مىلتىق تەڭلەپ تۇرغان خىتاي ئەسكەرلىگە قاراپ ئالدانماڭ. بۇلارنىڭ ھەر-بىر پروگرامىسىدا چاتاقنىڭ يوغۇنى بار. بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنغان باھالار ئىلىپ تاشلاندى. بۇنىڭ ئوزىلا ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئاللا نامىنى قالقان قىلىپ ئوزلىرىنىڭ يالغانلىرىغا راسنى ئارىلاشتۇرۇپ، پاسكىنا سىياسەتكە پاكىز ئىسلام دىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، بۇتۇن توربەتنى ئەرەپچە خەت ۋە ئۇيغۇرلار چۇشەنمەيدىغان گەپ بىلەن تولدۇرۇشتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايا قىلشتۇر. ئاللانىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاناتىلنى ئۇنۇتتۇرۇشتۇر. بۇلار تەنقىتتىن، رەددىيەدىن ئولگىدەك قورقۇدۇ. مۇستەقىللىق، قۇراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن ئولگىدەك قورقۇدۇ.

مۇستەقىللىق ئۇچۇن كورەش قىلىۋاتقان قايسى بىر مىللەتتە بۇ دىنچى-موللاملار كەبى ئۇيغۇرلارنى "تەخىر قىلىش"قا، "سەۋرى قىلىش"قا ، خىتايغا تۇتۇپ بەرىشكە زورلايدىغان "دىنى ساۋاتلار" بار؟. قىسقىسى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قەتىم ئومۇمىيۇزلۇك "دىنى ئىنقىلاپ" قا ئىتتىرىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا. ھەر-يەردە ۋاھابىلىقنى تىرىلدۇرۇش، "دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى جەھات"، " شەرىيەت تۇزۇمى ئورنۇتۇش" .... تىياتىرلىرى قويۇلماقتا.

90-يىللارنىڭ بەشىدىكى "دىنى ئىنقىلاپ"نىڭ قۇماندانلىرى ئەركىن ئىسا، ئىلغار ئىسالار مەسۇم ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە ئۇرۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پارچىلاتقۇزغان ۋە ئامەرىكا راكىتاسىدا پارتىلىتىپ ئولتۇرۇتكەن ، خىتايغا ، گۇنتاناموغا ئوتكۇزۇپ بەرگەندىن كىيىن ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بىر توپ غەيرى ئىسلام دىنىغا ئىگە مەزھەپچىلەرنى " يول تەپىپ" ياۋروپا دولەتلىرىگە يولغا سالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يىللاردىن بىرى قىسقا تامابال، ئۇزۇن كوينەك كىيىپ، بومبا ساقال بىلەن نىمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارغا ئايان.

سابىق دۇقنىڭ "مىللى مەركەز" رەئىسى ئابلىكىم باقى 1993-يىلى "ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىتى شەرىيەت تۇزۇمى ئورنۇتۇش"دەپ ئىلان قىلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئىستامبۇل دەرنەككە بىر خىتاينى باشلاپ كەلىپ ئالتە "ئۇيغۇر لىدەر"بىلەن بىرگە مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالماسلىق شەرتى ئاستىدا "خەنسۇ-ئۇيغۇر دىموكراتچىلىرى دوسلۇق كىلىشىمى"تۇزۇپ قول قويۇپ بەرىشكەن ئىدى. مانا بۇ دىنچىلارنىڭ ئاخىرقى مەسىتى! خىتاي بۇلارغا ماسلىشىپ توپ-توپ ئۇيغۇرلارنى 5 مىمگ كىلومىتىرلىق پويىز بىلەن مالايزىيا، تايلاندلارنىڭ چىگراسىدىن ئوتكۇزۇپ قويماقتا. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بىكىتى سۇرىيە ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پىشمانبولۇپ، تۇركىيەدە ئوقۇش ئۇچۇن سۇرىيەدىن تۇركىيەگە قاچقاندا تۇتۇلۇپ كاللىسى كەسىلگەنلىك خەۋىرى ئىلان قىلىندى. بۇلارنى كۇشكۇرتىۋاتقان دەل موشۇ دىنچى توربەتلەر ئەمەسما؟
________

ئوزىنى-ئوزى توغرا خەۋەر بىرىدۇ دەپ ئىلان قىلغان "ئىستىقلال خەۋەرلىرى"دە ئۇيغۇرلارنىڭ كوز ئالدىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەر، قاپقانغا چۇشرۇلۇپ ئەقىۋاتقان بىھودە قانلار، چىقىۋاتقان جانلار ھەققىدە -باھالار، مۇنازھرىلەر ، چارە تەدبىرلەر ھەققىدە مەزكۇر دىنچى توربەتتە ھىچ-نەرسە يوق! زادىلا مەن با-سەن يوق! "بۇ ھەپتىلىك خەۋەر"گە قاراڭ:


٭ يۇقۇرقىلار ھەققىدە يەر بەرىلمىگەن بۇ توربەت " يەمەكلىكتە ھاشارەت قەنى پايقالغان"لىق خەۋىرىنى ئالھىدە بىلىپ قانغا بويالغان باترماقنىڭ رەسىمىنى چىقارغان. ئەپسۇسكى بۇ توربەتتە "دىنى ئىنقىلاپ"قا ئىتتىرىلىپ ئولىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ئىزلىرى مانا مەن دەپ كورۇنۇپ تۇرماقتا.

٭ تەخىمۇ قىزىقارلىقى "زاۋا" موللامنىڭ "ئىسلامدا تۇنجى قىلىنىدىغان ئىش" ھەققىدە ئەيقان ۋەزلىرىدۇر. "زاۋا موللام"نىڭ دىگەنلىرى توغرىمۇ؟. مەنىڭچە ئۇ بۇتۇنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپلەر. موللامنىڭ ئىسلام دىنىدىن خەۋىرى يوق ياكى ئۇ خىتاي تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان يالغان ئىسلامنى ئۇگەڭەن
________

Munasiwetlik neqiller:

http://www.weten.biz/showthread.php?...heqqide-Hikaye

http://www.weten.biz/showthread.php?...83%D8%AA%DB%95

http://www.weten.biz/showthread.php?...AA%D8%AA%D9%89

http://www.weten.biz/showthread.php?...89%D9%8A%DB%95

http://www.weten.biz/showthread.php?...B3%DB%87%D9%86

http://www.weten.biz/showthread.php?...89%D8%B4%D9%89