PDA

View Full Version : namratlar koy tebietlik,baylar bore tebietlik



Unregistered
09-03-15, 06:25
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك 1.باب 6.پارگىراف







نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك



بىرىنچى باب ئالتىنچى پارگىراف
***6. نامراتلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ، بايلار يېڭىلىق
يارىتىدۇ

كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىش دىگىنىمىز -كونا ئادەتلەرگە
چوقۇنۇش، كونا ئادەتلەرنى دەۋر قىلىپ چۆرگىلەش، ئىسلاھ قىلماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ قارىمۇ – قارشى سۆزى بولسا «كونىنى بۇزۇپ، يېڭىنى تىكلەش»، يەنى كونا قائىدىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. قارىماققا ئاددى بولغان بۇ ئىككى
جۈملە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

بايلىقنى قوغلىشىش جەريانىدا، نامراتلار ھەمىشە بايلارنىڭ ئارقىدا قالىدۇ.
چۈنكى ئۇلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغاچقا، ھەمىشە ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى
توسۇپ قويىدۇ.ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولىدۇ، ئۇلار ماشىنا ئادەملەردەك بۇرۇنقى تەجىرىبىلەرگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى ئويلايدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىدۇ.

كۆپچىلىك تەجرىبە، قائىدىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا مۇقىمسىزلىق ۋە چەكلىمىلىككە ئىگە
ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىلگىرى شەكىللەنگەن كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغاندا،
تەپەككۇرنىڭ چېكىنىشىنى، ئىزىدا تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ھال دەل بايلىق يولىدىكى «يول توسار باتۇرلار>>، «يول توسقۇچى قورام تاشلار»دۇر.

ھاياتتا يوللار ناھايىتى كۆپ، ئەگەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاياغ ئىزىغا قاراپ
ماڭسا، ھاياتتاچوڭ ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. پەقەت كونا قائىدىلەرنى بۇزۇشقا
جۈرئەت قىلىپ، باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يوللاردىن ماڭغاندىلا ئاندىن بايلىق
قەسىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ۋاڭ خۇڭخۇەي ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق
يىغىۋالغۇچىلارغا ئوخشاش بالدۇر ئۆيدىن چىقىپ كەچ قايتاتتى. كۈندە كېرەكسىز قۇتا، خاشو بوتولكىلارنى تىرىپ تۇرمۇشىنى قامدايىتتى. گەرچە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تىرىدىغان ئىش قىلسىمۇ،بىراق ئۇ كاللىسىدا ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايىتتى. ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپتۇ: بىر قۇتىنى تەرسەك نەچچە پۇڭغا
ساتقىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئىرىتىپ مېتال ماتېرىيال سۈپىتىدە ساتسا كۆپ پۇلغا
ساتقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟


شۇلارنى ئويلاپ، ۋاڭ خۇڭخۇەي بىر پاسىلداق قۇتىنى كىسىپ ئۇنى ۋېلسىپىتنىڭ
قوڭغۇراق ياپمىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇتا قوڭغۇراق
ياپقۇچ چوڭلۇقىدىكى كۈمۈش رەڭلىك مىتالغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ 600 يۈەن خەجلەپ
ئۇنى شەھەردىكى رەڭلىك مېتال تەتقىقات ئورنىغا ئاپىرىپ خىمىيىلىك تەجرىبە
قىلدۇرۇپتۇ.تەجرىبە نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن، ۋاڭ خۇڭخۇەي خۇشاللىق بىلەن بايقاپتۇكى، بۇئەسلىدە قىممەت باھالىق ئاليۇمىن – ماگنىي ئارلاشمىسى ئىكەن!

بۇ خىلدىكى قېتىشما ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى بازارلىق بولۇپ،ھەر بىر توننىسىنى 14000دىن 18000يۈەنگىچە ئالاتتى. ۋاڭ خۇڭخۇەي ھېسابلاپ كۆرۈپ،ھەر بىر پاسىلداق قۇتىنىڭ 18.5گرام، بىر توننا بولسا 54 مىڭ دانە قۇتا بولىدىغانلىقىنى، پاسىلداق قۇتىنى ئىرىتىپ ئاليۇمىن – ماگنىيبىرىكمىسىگە ئايلاندۇرۇپ ساتسا بىۋاستە ساتقانغا
قارىغاندا بەش – ئالتە ھەسسە كۆپپايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ۋاڭ
خۇڭخۇەي بۇنىڭدا ناھايىتى زور يوشۇرۇن پايدا بارلىقىنى ھېس قىلىپ،
پاسىلداق قۇتىلارنى يىغىۋېلىپ ئىرىتىپ سېتىشنى قارار قىپتۇ.

پاسىلداق قۇتىلارنى تىزراق يىغىۋېلىش ئۈچۈن،ۋاڭ خۇڭخۇەي پاسىلداق قۇتىلارنىڭ يىغىۋېلىش باھاسىنى ئەسلىدىكى نەچچە پۇڭدىن بىرمو تۆت پۇڭغا ئۆستۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ پاسىلداق قۇتىلارنى يىغىۋېلىش باھاسى بىلەن يىغىۋېلىش ئورنىنى كىچىك كارتىغا بېسىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىدىغان ئوخشاش كەسىپتىكى
كىشىلەرگە تارقىتىپتۇ.

بىرھەپتىدىن كىيىن ئۇ سېتىۋېلىش مەيدانىغا كەلگەندە، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە
ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پاسىلداق قۇتىلار لىق
بېسىلغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتلاردا ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.بۇ قېتىم ۋاڭ خۇڭخۇەي130 مىڭ دانە پاسىلداق قۇتا يىغىۋالغان بولۇپ، ئىككى يېرىم
توننىدىن ئارتۇق ئىكەن.

ئۇنىڭدىن كىيىن، ۋاڭ خۇڭخۇەي دەرھاللا مېتاللارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش
زاۋۇتى قۇرۇپتۇ.بىر يىلنىڭ ئىچىدە بۇ زاۋۇت ئارقىلىق 240 توننىدىن ئارتۇق
ئاليۇمىن بىرىكمىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە 2 مىليون يەتتە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنىپتۇ.ۋاڭ خۇڭخۇەيمۇ بىر يىغىۋالغۇچىدىن بىر مىليونىرغا ئايلىنىپتۇ.

ۋاڭ خۇڭخۇەي نېمىشقا نۇرغۇنلىغان يىغىۋالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ
بايلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلالايدۇ؟ كۆپ قىسىم يىغىۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ خىزمىتى پەقەت كېرەكسىز مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش، ھەمدە ئۇنىڭدىكى باھا
پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىنى بېقىش بولۇپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپ
ياساش ئۇلار ئويلايدىغان ئىش ئەمەس.

ئەمما ۋاڭخۇڭخۇەي ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەمىشە كونا تەپەككۇرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.شۇڭا ئۇكېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە
ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا ئەۋەتىشنىمۇ بىلگەن، بۇلارنى «كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالغان» باشقا يىغىۋالغۇچىلار قىلالمايدۇ.

بۇ جايغا كەلگەندە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىمۇ ئالدىمىزدىكى سۇئالغا جاۋاب
تېپىلىپ بولدى. بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق: نامراتلار كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ، بايلار يېڭىلىق يارىتىدۇ.

قەدىمكى ۋە ھازىرقى جۇڭگو – چەتئەل بايلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،
ھەممىسى يېڭىلىق ياراتقان، يول ئاچقان كىشىلەر.ئۇلار كونا قائىدىلەرگە جەڭ
ئېلان قىلالايدىغان تەپەككۇر شەكلىگە ئىگە بولۇپ، دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان
كونىلىقنى يېڭەلەيدىغان جاسارىتى بار، ئۇلار شۇ ئارقىلىق باي بولىدىغان پۇرسەتنى ئىگەللىيەلەيدۇ.

فرانسىيەلىك ھۆسىن تۈزەش بويۇملىرى سودىگىرى ئېۋان. لول دەل بۇنىڭ تىپىك
ۋەكىلى.

دەسلەپتە گۈلنى ياخشى كۆرىدىغان ئېۋان ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا تىجارەت قىلاتتى.
1958 – يىلى، بىرقېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئېۋان بىر ياش ئايال دوختۇردىن چىش پاستىسىنىڭ ئالاھىدە رېتسىپىغا ئېرىشىدۇ، ئېۋان بۇ رېتسىپقا ناھايىتى قىزىقىپ
قالىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە مۇنداق ئويلايدۇ: ئەگەر گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىنى بۇ خىل چىش پاستىسىغا كىرگۈزەلىسەك، چوقۇم ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.

بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كىيىن، ئېۋان بۇ رېتسىپ ۋە ئۆزىنىڭ گۈلگە بولغان
چۈشەنچىسىگە تايىنىپ، بىر خىل پۇرىقى ئۆزگىچە بولغان ئۆسۈملۈك مېيىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتقىلى چىققاندا، نەچچە يۈز قۇتا مەھسۇلات بىر نەچچە كۈندىلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ.


ئېۋان يەنە گۈل بەرگى ۋە ئۆسۈملۈكتىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساشنى
ئويلايدۇ. ئۇ گۈل بەرگىدىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياسىغاندا باشقىلارغا
يېڭىچە زوق بەخش ئەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل بەرگىنىڭ
كېلىش مەنبەسى كۆپ، تۈرىمۇ مول بولغاچقا، بازار ناھايىتى ياخشى بولاتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئېۋان گىرىم بويۇملىرى سودىگەرلىرىنى ئۇنىڭ تۈرىگە مەبلەغ
سېلىشقا كۆندۈرۈشكە باشلايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر گۈل ۋە ئۆسۈملۈكتىن
پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان بولۇپ،ھېچكىم بۇ
تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمايىتتى، ھەتتا ئېۋاننىڭ دوستىمۇ ئۇنى بۇ خىل
ئومۇميۈزلۈك قائىدىگە خىلاپ بولغان پىلاننى يۈرگۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بىراق ئېۋان ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرىنىڭ چوقۇم غەلبە
قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە،بانكىدىن قەرز ئېلىپ، بۇ تۈرىگە مەبلەغ سالىدۇ.

1960 –يىلى، ئېۋاننىڭ بىرىنچى تۈركۈم گۈل بەرگىدىن ياسالغان گىرىم
بويۇملىرى تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كىچىك كۆلەمدە ئىشلەپ
چىقىرىلشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە بازاردا ناھايىتى زور تەسىر قوزغايدۇ.

سېتىشنى تىزلىتىپ، خېرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئېۋان
ئەنئەنىۋى سېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان
پوچتىدىن سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ئۇ تارقىلىش مىقدارى كۆپ بولغان «بۇ
جاي پارىژ» ناملىق ژورنالغا ئېلان بېرىدۇ،ھەمدە ئۈستىگە پوچتا ئېتىبار
كارتوچىكىسىنى باسىدۇ، نەتىجىدە %40 ئېتىبار كارتىلىرى قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ خىلدىكى ئۆزگىچە پوچتىدا سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق،ئېۋاننىڭ سودىسى
بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 700 مىڭ قۇتىدىن ئارتۇق گۈل بەرگى مايلىرى سېتىلىپ تۈگەيدۇ، ھەمدە پوچتا ئارقىلىق سېتىشئېۋاننىڭ
ئومۇمىي تىجارىتىنىڭ %50 نى ئىگەللەيدۇ.

1969 –يىلى، ئېۋان ئۆزىنىڭ بىرىنچى زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەمدە پارىژنىڭ
ئوسمان كوچىسىغا ئۆزىنىڭ تۇنجى سودا دۇكىنىنى قۇرۇپ، كۆپ مىقداردا مەھسۇلات
ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە سېتىشقا باشلايدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئېۋاننىڭ
پۈتۈن دۇنيادىكى تارماق دۇكانلىرى 1000 غا يىتىپ، مەھسۇلاتلىرى دۇنيادىكى
نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ سودىسى بارغانسىرى
ياخشىلانغان. ئۇنىڭ كارخانىسىمۇ فرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى
كارخانىسى «لاۋلېر» بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان كارخانىغا ئايلانغان.

يۇقىرىدىكى مىسالدىن بىز كۆرۈۋالالايمىزكى، ئېۋاننىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك
بولغانلىقىدا. ئەگەر گۈل بەرگىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ گىرىم
بويۇملىرى ياساشنى ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى بىرىنچى قەدىمى دېسەك؛ ئۇنىڭ
ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم قوللانمىغان پوچتا ئارقىلىق سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى
ئىگىلىك يارىتىشتىكى يەنە بىر بۈيۈك نەتىجە.

بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېۋانھاياجانلانغان ھالدا:
«بۈگۈنكى كۈنۈمنىڭ بولۇشىدا، مەن ھەرگىزمۇ كارنىگ ئەپەندىمنى ئۇنتۇپ
قالمايمەن، ئۇنىڭ دەرسى ماڭا ئىلگىرى ئۆزۈم بايقىيالمىغان بىر سىرنى يەتكۈزدى. مەن بۇ سىر بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرساممۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن
ئىكەنمەن، ھەمدە ئۇنىڭغا بىر ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلماپتىكەنمەن. ھازىر مەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گۈزەل مۆجىزە دەيمەن.»دىگەن.

شۇنداق،ئەگەر كونا قائىدىلەردىن غالىپ كېلىدىغان جاسارىتى بولمىسا، ئېۋان.
لول گۈل بەرگىدىن پايدىلىنىپ گىرىم بويۇملىرى ياساپ، كەسپتىكى پۇرسەتنى
ئىگەللىيەلمىگەن بولاتتى؛ ئەگەر يېڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇرى بولمىغان بولسا، ئېۋاننىڭ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان پوچتا ئارقىلىق سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى مۇمكىن
ئەمەس ئىدى.

ئوخشاشلا،رىقابەت كەسكىن بولغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئەگەر بايلىققا
ئېرىشىشنى ئويلايدىكەنمىز، چوقۇم ئىدىيىنى ئازاد قىلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش
تەپەككۇرىنى يىتىلدۈرۈشىمىز، كونا قائىدىلەردىن ھالقىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز
كېرەك.
سىز بۇنىڭغا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟

بايلىقنىڭ بايانى :
ھەر بىر باي بىر يېڭىلىق ياراتقۇچى، ئۇلارباشقىلار ئىلگىرى مېڭىپ باقمىغان يوللاردا يىقىلىشقا رازىكى، باشقىلار قىستىلىشىپقالغان يوللاردا مېڭىشنى خالىمايدۇ.رىقابەت كەسكىن بولغان ھازىرقى جەمئىيەتتە،پەقەت ئاشۇ كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئۆزگىچەيېڭىلىق يارىتىش روھى بار كىشىلەرلا يۈكسەك پەللىگە يىتىپ، بايلاردىن بولالايدۇ.







مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان <<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىز

Unregistered
09-03-15, 11:26
Namratlar qoy tebi'etlik,baylar böre tebi'etlik 1.Bab 6.Pargiraf

Namratlar qoy tebi'etlik,baylar böre tebi'etlik

Birinchi bab altinchi pargiraf

***6. Namratlar kona qa'idilerge ésiliwalidu, baylar yéngiliq yaritidu

Kona qa'idilerge ésiliwélish diginimiz -kona adetlerge choqunush, kona adetlerni dewr qilip chörgilesh, islah qilmasliq, yéngiliq yaritish rohi kemchil bolush qatarliqlarni körsitidu. Buning qarimu – qarshi sözi bolsa «konini buzup, yéngini tiklesh», yeni kona qa'idilerni emeldin qaldurup yéngiliq yaritish éngi yitildürüshtin ibaret. Qarimaqqa addi bolghan bu ikki jümle baylar bilen namratlarning perqini ipadilep bergen.

Bayliqni qoghlishish jeryanida, namratlar hemishe baylarning arqida qalidu.
Chünki ular kona qa'idilerge ésiliwalghachqa, hemishe özining yolini özi tosup qoyidu.Ularda yéngiliq yaritish rohi kemchil bolidu, ular mashina ademlerdek burunqi tejiribilerge tayinip mesililerni oylaydu we shu boyiche ish qilidu.

Köpchilik tejribe, qa'idilerning eslidinla muqimsizliq we cheklimilikke ige ikenlikini bilidu. Ilgiri shekillen'gen kona qa'idilerge ésiliwalghanda, tepekkurning chékinishini, izida turup qélishini keltürüp chiqiridu, bu hal del bayliq yolidiki «yol tosar baturlar>>, «yol tosquchi qoram tashlar»dur.

Hayatta yollar nahayiti köp, eger hemishe bashqilarning ayagh izigha qarap mangsa, hayattachong ilgirilesh bolmaydu. Peqet kona qa'idilerni buzushqajür'et qilip, bashqilar méngip baqmighan yollardin mangghandila andin bayliq qesirining kirish bélitini alghili bolidu.

Wang xungxuey eyni waqitta pütün memlikettiki ikki milyondin artuq yighiwalghuchilargha oxshash baldur öydin chiqip kech qaytatti. Künde kéreksiz quta, xasho botolkilarni tirip turmushini qamdayitti. Gerche kéreksiz nersilerni tiridighan ish qilsimu,biraq u kallisida hazirqi ehwalini özgertishni oylayitti. U bir küni tuyuqsiz shundaq oylaptu: bir qutini tersek nechche punggha satqili bolidu, eger uni iritip métal matériyal süpitide satsa köp pulgha satqili bolidu emesmu?


Shularni oylap, wang xungxuey bir pasildaq qutini kisip uni wélsipitning qongghuraq yapmisining ichige kirgüzüptu, buning bilen u quta qongghuraqyapquch chongluqidiki kümüsh renglik mitalgha ayliniptu. U 600 yüen xejlep
Uni sheherdiki renglik métal tetqiqat ornigha apirip ximiyilik tejribe qilduruptu.Tejribe netijisi chiqqandin kiyin, wang xungxuey xushalliq bilen bayqaptuki, bu'eslide qimmet bahaliq alyumin – magniy arlashmisi iken!

Bu xildiki qétishma eyni waqitta nahayiti bazarliq bolup,her bir tonnisini 14000din 18000yüen'giche alatti. Wang xungxuey hésablap körüp,her bir pasildaq qutining 18.5Gram, bir tonna bolsa 54 ming dane quta bolidighanliqini, pasildaq qutini iritip alyumin – magniybirikmisige aylandurup satsa biwaste satqan'gha qarighanda besh – alte hesse köppayda alghili bolidighanliqini bayqaptu. WangXungxuey buningda nahayiti zor yoshurun payda barliqini hés qilip,pasildaq qutilarni yighiwélip iritip sétishni qarar qiptu.

Pasildaq qutilarni tizraq yighiwélish üchün,wang xungxuey pasildaq qutilarning yighiwélish bahasini eslidiki nechche pungdin birmo töt punggha östürüptu. Shuning bilen bir waqitta, u pasildaq qutilarni yighiwélish bahasi bilen yighiwélish ornini kichik kartigha bésip, kéreksiz nersilerni yighidighan oxshash kesiptiki kishilerge tarqitiptu.

Birheptidin kiyin u sétiwélish meydanigha kelgende, köz aldidiki menzire uni nahayiti heyran qalduruptu. Nurghun kishiler pasildaq qutilar liq bésilghan üch chaqliq motosikilitlarda uning kélishini saqlap turghan iken.Bu qétim wang xungxuey130 ming dane pasildaq quta yighiwalghan bolup, ikki yérimtonnidin artuq iken.

Uningdin kiyin, wang xungxuey derhalla métallarni qayta pishshiqlap ishlesh zawuti quruptu.Bir yilning ichide bu zawut arqiliq 240 tonnidin artuq Alyumin birikmisi ishlepchiqirilip, üch yil ichide 2 milyon yette yüz ming yüen kirim qiliniptu.Wang xungxueymu bir yighiwalghuchidin bir milyonirgha ayliniptu.

Wang xungxuey némishqa nurghunlighan yighiwalghuchilarning arisidin chiqip baylarning qatarigha qoshulalaydu? Köp qisim yighiwalghuchilarning neziride özining xizmiti peqet kéreksiz mehsulatlarni yighiwélish, hemde uningdiki baha perqidin paydilinip a'ilisini béqish bolup, kéreksiz nersilerni özgertip yasash ular oylaydighan ish emes.

Emma wangxungxuey oxshimaydu, u hemishe kona tepekkurning boyunturuqidin qutulushni oylaydu.Shunga ukéreksiz nersilerni özgertipla qalmastin, yene özgertip bolghandin kiyin ximiyilik tekshürüsh ornigha ewetishnimu bilgen, bularni «kona qa'idilerge ésiliwalghan» bashqa yighiwalghuchilar qilalmaydu.

Bu jaygha kelgende, sizning könglingizdimu aldimizdiki su'algha jawab tépilip boldi. Bu del namratlar bilen baylarning otturisidiki perq: namratlar kona qa'idilerge ésiliwalidu, baylar yéngiliq yaritidu.

Qedimki we hazirqi junggo – chet'el baylirigha nezer salidighan bolsaq, hemmisi yéngiliq yaratqan, yol achqan kishiler.Ular kona qa'idilerge jeng elan qilalaydighan tepekkur sheklige ige bolup, da'im uchrap turidighan koniliqni yéngeleydighan jasariti bar, ular shu arqiliq bay bolidighan pursetni igelliyeleydu.

Fransiyelik hösin tüzesh boyumliri sodigiri éwan. Lol del buning tipik wekili.

Deslepte gülni yaxshi köridighan éwan özining dukinida tijaret qilatti.
1958 – Yili, birqétimliq tasadipiy pursette éwan bir yash ayal doxturdin chish pastisining alahide rétsipigha érishidu, éwan bu rétsipqa nahayiti qiziqip qalidu. U könglide mundaq oylaydu: eger gülning xush puriqini bu xil chish pastisigha kirgüzelisek, choqum nahayiti qarshi élishqa érishidu.

Bu oy peyda bolghandin kiyin, éwan bu rétsip we özining gülge bolghan chüshenchisige tayinip, bir xil puriqi özgiche bolghan ösümlük méyini yasap chiqidu. U özining mehsulatlirini satqili chiqqanda, nechche yüz quta mehsulat bir nechche kündila sétilip tügeydu.


Éwan yene gül bergi we ösümlüktin paydilinip girim boyumliri yasashni oylaydu. U gül bergidin paydilinip girim boyumliri yasighanda bashqilargha yéngiche zoq bexsh etkili bolidu dep qaraydu. Uning üstige gül bergining kélish menbesi köp, türimu mol bolghachqa, bazar nahayiti yaxshi bolatti.

Shundaq qilip, éwan girim boyumliri sodigerlirini uning türige meblegh sélishqa köndürüshke bashlaydu, eyni waqitta kishiler gül we ösümlüktin paydilinip girim boyumliri yasashqa étibar bermeydighan bolup,héchkim bu türge meblegh sélishni xalimayitti, hetta éwanning dostimu uni bu xil omumyüzlük qa'idige xilap bolghan pilanni yürgüzmeslikke agahlanduridu. Biraq éwan hergiz bel qoyuwetmeydu, u özining türining choqum ghelbe qilidighanliqigha ishen'gechke,bankidin qerz élip, bu türige meblegh salidu.

1960 –Yili, éwanning birinchi türküm gül bergidin yasalghan girim boyumliri tetqiqati muweppeqiyetlik bolup, kichik kölemde ishlep chiqirilshqa bashlaydu, netijide bazarda nahayiti zor tesir qozghaydu.

Sétishni tizlitip, xéridarlargha yaxshi mulazimet qilish üchün, éwan en'eniwi sétish usulini özgertip, eyni waqitta héchkim qilip baqmighan pochtidin sétish usulini qollinidu. U tarqilish miqdari köp bolghan «bu
Jay parizh» namliq zhornalgha élan béridu,hemde üstige pochta étibar
Kartochikisini basidu, netijide %40 étibar kartiliri qaytip kélidu.

Bu xildiki özgiche pochtida sétish usuli arqiliq,éwanning sodisi barghansiri yaxshilinip kétidu. Qisqighine waqit ichide 700 ming qutidin artuq gül bergi mayliri sétilip tügeydu, hemde pochta arqiliq sétish'éwanning omumiy tijaritining %50 ni igelleydu.

1969 –Yili, éwan özining birinchi zawutini qurup chiqidu. Hemde parizhning
Osman kochisigha özining tunji soda dukinini qurup, köp miqdarda mehsulat
Ishlepchiqirishqa we sétishqa bashlaydu. Bügünki kün'ge kelgende, éwanning
Pütün dunyadiki tarmaq dukanliri 1000 gha yitip, mehsulatliri dunyadiki
Nurghun kishiler teripidin ishlitilidu. Netijide uning sodisi barghansiri
Yaxshilan'ghan. Uning karxanisimu fransiyediki eng chong girim buyumliri
Karxanisi «lawlér» bilen riqabetlisheleydighan karxanigha aylan'ghan.

Yuqiridiki misaldin biz körüwalalaymizki, éwanning shanliq netijilerni qolgha keltürelishidiki seweb, uning yéngiliq yaritish rohining nahayiti küchlük
Bolghanliqida. Eger gül bergisi we ösümlüklerdin paydilinip girim
Boyumliri yasashni uning yéngiliq yaritishtiki birinchi qedimi dések; Uning
Eyni waqitta héchkim qollanmighan pochta arqiliq sétish usulini qollinishi
Igilik yaritishtiki yene bir büyük netije.

Bir qétimliq axbarat élan qilish yighinida éwanhayajanlan'ghan halda:
«Bügünki künümning bolushida, men hergizmu karnig ependimni untup
Qalmaymen, uning dersi manga ilgiri özüm bayqiyalmighan bir sirni yetküzdi. Men bu sir bilen da'im uchriship tursammu ilgiri uninggha ehmiyet bermigen
Ikenmen, hemde uninggha bir ish qatarida mu'amile qilmaptikenmen. Hazir men yéngiliq yaritishni bir güzel möjize deymen.»Digen.

Shundaq,eger kona qa'idilerdin ghalip kélidighan jasariti bolmisa, éwan.
Lol gül bergidin paydilinip girim boyumliri yasap, kesptiki pursetni
Igelliyelmigen bolatti; Eger yéngiliq yaritidighan tepekkuri bolmighan bolsa, éwanning ilgiri bolup baqmighan pochta arqiliq sétish usulini qollinishi mumkin
Emes idi.

Oxshashla,riqabet keskin bolghan bügünki jem'iyette, eger bayliqqa
Érishishni oylaydikenmiz, choqum idiyini azad qilishimiz, yéngiliq yaritish
Tepekkurini yitildürüshimiz, kona qa'idilerdin halqishqa jür'et qilishimiz
Kérek.
Siz buninggha teyyarlinip boldingizmu?

Bayliqning bayani :
Her bir bay bir yéngiliq yaratquchi, ularbashqilar ilgiri méngip baqmighan yollarda yiqilishqa raziki, bashqilar qistilishipqalghan yollarda méngishni xalimaydu.Riqabet keskin bolghan hazirqi jem'iyette,peqet ashu kona qa'idilerge jeng élan qilishqa jür'et qilalaydighan, özgicheyéngiliq yaritish rohi bar kishilerla yüksek pellige yitip, baylardin bolalaydu.

Menbe:xarbin neshiryati 2011-yili neshir qilghan <<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> namliq kitab
Terjime qilghuchi:eqide qashgerliki-oyghur qashtéshi tori
Terjiman:abdulla ömer
Terjime tehriri:reyhan'gül niz

Unregistered
10-03-15, 02:28
"Namratlar qoy tebi'etlik,baylar böre tebi'etlik".

Noqul halda Pul qoghlash Ewj Alsa Insanliq Olidu.
Pulning kuchiuge Tayinip qilinidighan Qiliqsizliqlar
Yamanliqlar Ewj Alidu. Satqunluqlar bash Koturidu.
oghurluq, Qoymuchuluq, Xiyanet, Munapiqliq bash
Kotergen Chetellerdiki Uyghurlarning Siyasi Hayati
Nimilerni chushenduridu?

"Namertler Atliq, Mertler Piyade" qalghan bir Millettin
Liderning Otturigha chiqishi Tes bolidu...