PDA

View Full Version : تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەتكەسچىلىك بىلەن تۇتۇ&



Unregistered
15-02-15, 10:34
تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەتكەسچىلىك بىلەن تۇتۇلدى. زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسى ئەتكەسچىلىككە قارشى بۆلۈمىنىڭ ساقچىلىرى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ 700 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرا، چەكلەنگەن ھاراق ۋە تاماكا شۇنداقلا مەخپى كامېرالارنى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلارغا بىر ئۆيدە شەھۋانىي دۇرا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ساقچىلار زەيتىنبۇرنۇ سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەن. نەتىجىدە ئۆيدە 26 ياشلىق ئى. ت ئىسىملىك بىر كىشى ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دورىلارنى ساتقانلىقى ئاشكارا بولدى. ساقچىلار ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە قانۇنسىز كىرگەن 230 كىلوگىرام يەنى 690 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرىلار، بىر دانە جىڭ. 40 دانە مەخپى كامېرا، 3 دانە ئاچقۇچ شەكىلدە مەخپى كامېرا بىر دانە چوڭ پىچاقنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئى. ت ئىسىملىك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىگەللىنىشىچە؛ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى 27 يانۋار كۈنى سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيدىن بىر كىشى ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇ ئادرېسقا يېتىپ بارغان، ئادرېستىكى ئۆيدىن ئى. ت ئىسىملىك 26 ياشلىق ئەر بىلەن ز.ز(28 ياش) ۋە گ، ز(32ياش)ئىسىملىك ئىككى ئايالنى ئۇچراتقان. ز.ز ئىسىملىك ئايالنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەن بولۇپ ئى. ت ئىسىملىك كىشىنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ساقچىلار ئۆينى ئاختۇرىغان نەتىجىدە 690 مىڭ دانە ئورۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دورا، ھاراق، تاماكا ۋە 40 تىن ئارتۇق مەخپى سىنئالغۇغا ئېلىش كامېرالار تېپىلغان. ئى. ت ئىسىملىك شەخس كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر يەتكۈزۈش دەرىجىسدە دورا ئىشلەش ۋە سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Unregistered
15-02-15, 12:07
E.T. Dap awara bommay DUQ. Muawin raesi Syit tonturkning ogli Ebrayim Tom turk dimamsiz

Unregistered
16-02-15, 05:45
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىر خەۋەر كەڭ تارقىلىپ يۈرمەكتە.خەۋەرنىڭ تىمىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىتى مۇۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈركنىڭ ئوغلى İبراھىم تۈمتۈرك 700 مىڭ دانە قاچاق ساختا جىنسى ئىستەك قوزغۇتۇش دورىسى بىلەن تۇتلدى. 50 دىن ئارتۇق گىزىت،تىلۋىزور،رادىيو،ئىن تەرنەت تورلىرى بىر ھەپتىدىن بىرى بۇ خەۋەرنى كەڭ تارقاتماقتا.خەۋەردە،سىيىت تۈمتۈركنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن تىچەرەت قىلىپ كىلىۋاتقانلىقى،ئوغلىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنىدىكى ئۆيىدە ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنى يىغىپ ئەخلاقسىز مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى،قىزلارغا خىتايدىن تۈركىيەگە قاچاق ئەكەلگەن ساختا جىنسى ئارزۇنۇ كۈچەيتىدىغان دورىلارنى بىرىپ مەس قىلغانلىقىنى،دورا يىگەن بىر قىزنىڭ بۇرنى قاناپ كىتىپ قان توختىماي،باشقا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىدىن ياردەم ئىستىگەنلىكىنى،ساقچىلار ئۆيگە كىرىپ،گۇمانلىنىپ ئۆينى تەكشۈرۈپ تۈركىيەگە قاچاق ئەكەلگەن 700مىڭ ساختا جىنسى ۋە ئۇرۇقلاش دورىسى،بوتولكىلىك خىتاي ھاراقلىرى،43 مەخپى ۋىدىيو كامىراسى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە سىيىت تۈمتۈركنىڭ ئولغلى İبراھىم تۈمتۈرك نەخ مەيداندا قولغا ئىلىنغانلىقى يىزىلماقتا.ھەتتا ئىستانبۇلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋىيدىيو كامىرالىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇجاھىتلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى مەخپى ۋىيدىيوغا چىكىلىپ خىتايغا بىرىلگەن بولىشى مۇمكىن.دىگەن سۆزلىرىگىمۇ يەر بىرىلگەن
تۈركچە خەۋەر ۋە تەھلىللەردە،ئاپغانىستاندا تۇغۇلغان،ئۆزبەك بولغان بۇ ئائىلىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر كۆرسىتىپ،ئۇيغۇر داۋاسى ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقى،ئۇيغۇر داۋاسىغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرى،ئۇيغۇرلار نىڭ داۋاسىنى تۈركىيەدە پۇل ۋە شۆھرەت تىپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ،ئەمىلىيەتتە خىتاي بىلەن قاچقا تىچارەت قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئىختىسادىغا،مۇسۇلمانلارنى ڭ ئەخلاقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان
خەۋەرلەردە رابىيەخانىم توغرۇلۇقمۇ كۆپلىگەن سەلبى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك دوسلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قاراشتىن خىجىل بولىۋاتىمىز. دەپ بۇ خەۋەر تۈپەيلى خىجالەتچىلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچىدىكى ھەممە ئىشتىن خەۋىرى بار بەزى ئەرباپلار رابىيەخانىم ئامىرىكىدا يالغۇز،سىيىت تۈمتۈرك تۈركىيەدە يالغۇز.بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىدىغان ئۇيغۇر قالمىدى. دەيدۇ. رابىيەخانىمنىڭ يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا خىتايچە رادىيو ئارقىلىق دىئالۇگ چاقىرقى قىلغانلىقى،ئۇيغۇرلارنى قاتتىق رەنجىتكەن ئىدى.2014.يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەن،ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر تۇرمىغا سۇلانغان بىر يىل بولدى.يىڭى يىلدا،دۇنياغا مۇراجەت ئىلان قىلىپ،خىتاينى دۇنياغا شىكايەت قىلىش ئورنىغا،خىتايغا مۇراجات قىلىپ،دىئالوگ قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان ئاخىرقى ئۈمىدىنىڭمۇ يوقۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىدى.ئەمدى سىيىت تۈمتۈرك ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلىدى.ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ قىنى تۈكۈلىۋاتقان،İستانبۇل زەيتىنبۇرنىدا يىڭى كەلگەن نۇرغۇن يۇقسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ چارىسىز قالغان بۇ كۈنلەردە،سىيىتبەگنىڭ ئوغلىنىڭ قىزلارنى ئۆيىگە يىغىۋىلىپ ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلىپ رىزىللىك بىلەن تۈرك ساقچىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى،تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان قىرىنداشلارنى ھەم گاڭگىرىتىپ قويدى ھەم غەزەپلەندۈردى
جەمىيەتتە غۇلغۇلا كۆپ.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال توپلىنىپ،يىڭى رەھبەرلىك سىستىمىنى تۇرغۇزۇپ،يىڭ،پاكىزە بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىلەن ئورتىغا چىقمىسا،بۇلغانغان بۇ تەشكىلاتنى تۈركلەرمۇ،مۇسۇلمان ئەرەپلەرمۇ،بىزنى قوللاپ كەلگەن غەرىپ دۆلەتلىرىمۇ ئىتىۋارغا ئالمايدۇ.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،ئۇيغۇرلار شۆھبە بىلەن قارايدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالدى.
شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال توپلىنىپ، يىڭى بىر سايلام قىلىشى كىرەك

Unregistered
16-02-15, 06:33
DUQ ni amdi kutkazhili bolmaydu, eg yahxisi ilham mahmutdak DUQ ha hata kuxulup kalhan lar qikip kitip, alajoka lar bilan podakqilarlar nila kaldurup koyux kerak.
anigdin kiyin ismini "dunya bopdkqilar qurultiyi" digandak birar isimha ozgarsila andin ismi jismiha layik bir taxkilatka aylinidu.
DUQ nig ismidiki uyghur digan soz uyghurlarha kilinhan hakarat. ular dunyadiki uyghurlarha emes uyghurlarnig iqidiki az bir kisim janbakarlarha wakillik kilidu.

Unregistered
16-02-15, 08:37
DUQ ni amdi kutkazhili bolmaydu, eg yahxisi ilham mahmutdak DUQ ha hata kuxulup kalhan lar qikip kitip, alajoka lar bilan podakqilarlar nila kaldurup koyux kerak.
anigdin kiyin ismini "dunya bopdkqilar qurultiyi" digandak birar isimha ozgarsila andin ismi jismiha layik bir taxkilatka aylinidu.
DUQ nig ismidiki uyghur digan soz uyghurlarha kilinhan hakarat. ular dunyadiki uyghurlarha emes uyghurlarnig iqidiki az bir kisim janbakarlarha wakillik kilidu.

Naxayati qizqarlq gap qipsiz. bir qetim tekrar tuzutup andin yollimamsiz? .