PDA

View Full Version : Bu yengiche gepken ....

Unregistered
21-01-15, 06:07
تۇركىلەر تەرەققىي قىلمىغان، ئارقىدا قالغان، ئاجىز بىر خەلق. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى پەقەت بوستانلىقلارنى ئاساس قىلغان، بۇ بوستانلىقلار بولسا ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇغۇرۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يەرلىرىگە قارىغاندا تەبىئىي ھاۋا كىلىماتقا ناھايىتى ئاز بېقىنىدۇ. گەرچە تارىم ئويمانلىقىدىكى يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى ئاساسەن نۆل بىلەن تەڭ بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تاغلار ئۇستىدىكى قار مۇزلار ھەر يىلى يازدا ئېرىپ، بۇ بوستانلىقلارغا ھاياتلىق بېغىشلايتتى. مۇنداق تەبىئىي بار بولغان مۇھىتقا تايىنىپ قالغان ئىنسان ھاياتى ئاسان ۋە ئاددىي ئەمما ئۇ مۇقەررەرلىكتىن يىراق ئىدى.

تۇركىلەرنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك مادارى يوق ئىدى. مۇندىن كېيىنكى سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ مەقسەتسىز، تەقۋادار، ھاياتقا ھېچ بىر ئارمىنى يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تۇرقى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى چەكسىز كەتكەن بۇ چۆل جەزىرىلەر ئۇزاق ئۇزاقلاردا تەبىئىي چېگرالىرى ئارقىلىق بوستانلىقلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش بۇ مۇھىت مۇشۇ تۇپراق ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ سىڭىپ كەتكەندەك ئۇلارنى نەزەر دائىرىسى تار، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشالمايدىغان قىلىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. مۇشۇنداق تەبىئىي بەرپا بولغان ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان مۇھىت بۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ پارچىلاپ باشقۇرۇش مۇستەملىكە سىياسەتنى بۇ يەرلەر قوللىنىشىنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان سىنكاڭ تۈركىلىرى ئۈچۈن بويسۇندۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ھەم ئومۇملىشىپ كەتكەن چەنتو، مەنىسى سەللە باش دېگەن نامدىنمۇ ئارتۇق بىرلىككە كەلگەن بىرەر ئىسىم بولمىسا كېرەك. (198- بەت)
ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پەقەت مۇسۇلمانلار دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مىللەت ئۆزلۈك چۈشەنچىلىرى ناھايىتى كەم بولسا كېرەك. گەرچە ئۇلار ھازىرقى سىنكاڭ ئۆلكىسى ئاھالىسىنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنى باشقۇرماق ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنىدۇ.....
تاتارىيەدىن خەۋەر پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) - ناملىق كىتاپتىن.
1935- يىلى. Peter Fleming

http://bbs.bagdax.cn/thread-27980-1-1.html

Unregistered
22-01-15, 03:00
kona gepqu bu

sizge yengi iken!!!
koprek oqung !

22-01-15, 04:30
Bu kona gep bolup belingen bolsa qeni yengi geplerni ozliridin anglimamduq 'shaptul mollam'?

"Men qoungumni yaratmaymen busurup olturup, qongum meni yaratmaydu osurup olturup" digen gepning del ozighu bu!!!

Unregistered
22-01-15, 18:37
ennniq yeziqliq turmamdu erkek 1935 yili dep"!!!!!

Eghizliri degenliridek mezilik iken !

chirayliq gep qilghandin keyin chirayliq jawap bermemduq deymen,
ya sili teturu tughulup qalmighandikin!!

تاتارىيەدىن خەۋەر پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) - ناملىق كىتاپتىن.
1935- يىلى