PDA

View Full Version : yumuristik hewer



Unregistered
06-01-15, 21:48
emma mawula uyghur bolhan bolsa etilip ketettide.

http://www.nur.cn/news/2015/01/202542.shtml

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2014-يىلى 31-دېكابىر، شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى باشقىلارنى ئۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان شۈ x، خوۋ x، كاڭ x ۋە خو x قاتارلىق كىشىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانۇن بويىچە بەش كۈنلۈك، 10 كۈنلۈك ۋە 20 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.
28-دېكابىر سەھەر سائەت 0:00 ئەتراپىدا، ئۈستۈنكى چەرچى ساقچىخانىسىنىڭ دىجورنى ساقچىسى 110 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ، ئايرودروم يولى قۇياش نۇرى قىرغىقى ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى مەلۇم دۇكاندا بىر نەچچەيلەننىڭ ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقارغانلىقى توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ساقچىلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، باشقىلارنى ئۇرغان خوۋ x،شۈ x لەرنى قانۇن بويىچە ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ دوستلىرى كاڭ x، خو xلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا خوۋ x توختىماستىن ساقچىلارغا ھاقارەت قىلغان ھەمدە ساقچىلارنى سىلكىشلەپ قول تەككۈزۈپ، بىر نەپەر ساقچىنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۇپ، قولىنى يارىلاندۇرغان.
ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۈستۈنكى چەرچى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى باشقا ساقچى خادىملارنى يېتەكلەپ تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ، شۈ x، خوۋ x، كاڭ x ۋە خو x قاتارلىق كىشىلەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىپ مەستلىكىدىن يېشىلدۈرمەكچى بولغان. ساقچىخانىغا كەلگەندە، خوۋ x سوراقخانىنىڭ قۇلۇپىنى بۇزۇپ، تۆمۈر ئىشىكنى تېپىپ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھەمدە ساقچىلارغا توختىماستىن تىل تەگكۈزۈپ ھاقارەت قىلغان.
مەزكۇر ۋەقە كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنكى چەرچە ساقچىخانىسىغا مەزكۇر دېلونى يېڭى شەھەر ساقچىخانىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئاخىرىدا، ھاراق ئىچىپ ساقچىخانىدا غەۋغا كۆتۈرگەن شۈ x، خوۋ x قاتارلىق تۆت نەپەر كىشىگە تېگىشلىك جازا بېرىلگەن.