PDA

View Full Version : merhum Muhemmet Imin Bughra ependining "Bayram" namliq shéiri



Unregistered
16-12-14, 00:14
بايرام
(مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا)
يۈرەكىم قان ئارا ئۈزمەكتىدۇر باغرىم ياراسىدىن،
ئۆكۈزلەردەك ئاقار ياشىم ۋەتەنسىزلىك بەلاسىدىن.
ھەتا كىمگە يۈرەكتىن قان،كۆزۈمدىن ياش ئېقىتسام مەن،
بۇ يەڭلىغدۇر كىچىك ئۆكسىز ئايرىلمىشتۇر ئاناسىدىن.
بۇ كەلگەن خەلق بايرامى ماڭا بايرام ئەمەس چۈنكىم،
يوق ماڭا يەر كۆڭۈل ئىچرە بۇ قايغۇلار ئاراسىدىن.
جاھاندا ھەرنە غەم بار توپلاندى بارچىسى باشىمغا،
قۇتۇلماققا بولغايمۇ بۇ جاھاننىڭ ماجىراسىدىن.
ۋەتەن يوق،مىللىتىم يوق،دوستۇم يوق،ھەرنەبارىم يوق،
جانىم بىرلە ئۈمىدىم قورقارمەن فەناسىدىن.
شەھەركىم تۇردۇم ئاندا ھېچبىر دەردىمگە دەرمان يوق،
بېشىمغا يۈز بەلا كەلمەكتىدۇر خەلقىنىڭ جاپاسىدىن.
قارا تاش ئىچرە قالغان لالىدەك ناجىل سارا قالدىم،
چېچەك يەڭلىغ سولاشتىم مەن تىكەنلەرنىڭ ئەزاسىدىن.
ئېرىقسىز بولدى يۇرتۇم تۇپرىغى دۈشمەن ئاياقىدىن،
ئېزىلدى مىللىتىم زالىمىنىڭ ئىتىلاسىدىن.
ئىسىتكىم يۇرت ئارا مۇستەبىتلەر ھۆكۈم سۈرمەكتە،
قۇتۇلماي قالدىم مىللەت،ئاھ،كۈنلەرنىڭ قاراسىدىن.
باشىمغا ھەر تۈرلۈك بەلا كەلسە ئىدى رازىدىم ئەمما،
قۇتۇلسا گەر ۋەتەن بىرلە ئۇلۇس ئۈشبۇ ياراسىدىن.
قۇتۇلسا ئەل-يۇرتۇم يوق ئىدى زەررە پەرۋايىم،
خالايىقنىڭ ماڭا قىلغان ۋاپا خاھى جاپاسىدىن.
كەل،ئەي بۇغرا،جاھاندىن تەلىيىڭدىن قاقشىما مۇنداق،
خاتادۇر بۇ ئىشىڭ يانغىل بۇ ئەقلىڭنىڭ خاتاسىدىن.
ئەمەسمۇ ئېتىڭ ،ئەي بۇغرا، ۋەتەننىڭ قەھرىمان ئوغلى،
قىلىچىڭ بىرلە قۇتقۇزدۇڭ ئۇنى دۈشمەن بالاسىدىن.
يۈرۈپ دۈشمەن ئۈزرە قىلدىڭ ئۇنى مەغلۇپ خارۇ-زار،
جاھاننى تىترىتىپان توپلىرىڭ قاتتىق ساداسىدىن.
چىقاردىڭ مىللىتىڭنى ئۇل ئاسارەت زىللىتىدىن سەن،
ئەزىز بولدى ۋەتەن كۆك بايرىقىڭ ئىختىلاسىدىن.
ئىدى ياشلار ھەممە سېنىڭ بايراقىڭ ئاستىدا،
قېرىلار يەردەم ئەيلەپ ساڭا ئەقلۇ دۇئاسىدىن.
كىشىنىڭ باشى ئۈزرە قالماپ ئەردى زۇلمى ئىستىبدات،
ھەممە ئازاد باس ئەيلەردى مىللىي مۇددىئاسىدىن.
ۋەتەن پەخر ئەيلەمىشتى بۇ سېنىڭ قىلغان ئىشىڭ بىرلە،
ئۇلۇس خۇش ئەردى مىللىي مارشنىڭ شېرىن ئاداسىدىن.
ئۇلۇس ئوغلانلىرى مەغرۇر مىللىي ئەسكەر ئولماقتىن،
ۋەتەن ئايغىرلىرى مارش ئېتەردى كارنايلار ناۋاسىدىن.
ئۇلۇس بىرلە ۋەتەن سەندىن ئۇلۇغ ئىشلار ئۈمىد ئەتتى،
سېنى بىلدى مۇدافى بۇ سائادەتنىڭ باقاسىدىن.
ۋەتەن تارىخى يازدىڭ ئاتىڭ ئۈزرە بۇ شەرەفلەرنى،
ئوغۇلغا مۇنچە بىر تەقدىر يەتمەسمۇ ئاتاسىدىن.
بۇ يەڭلىغ بىر شەرەپكە داخىل ئولماق دەغى مۇمكىندۇر،
كى دەۋران دائىما يانغۇسىدۇر چۈشكەن خاتاسىدىن.
جېنىڭ بار،ئۈمىدىڭ بار،يۇرتۇڭ بار،مىللەت بار،
يېتەر بىر غەيرىتىڭ كەچ بۇ كۆڭۈلنىڭ مۇددىئاسىدىن.
جاھاندا ھەر قارا كۈنگە چۈشەر ھەر ئىنقىلاب ئەھلى،
لېكىن ئاق قوياش ھەم تۇتقۇسى ئانىڭ ياقاسىدىن.
ئەگەر قاچقان ئوۋىنىڭ ئىزىنى تەرك ئەتمىسە ئوۋچى،
ئاتار ئۇنى تاغ ئۈستىدە ۋەيا تۇتقاي ئۇۋاسىدىن.
يوق ئەرمىش «غەيرىي مۇمكىن» غەيرەت ئەھلىنىڭ كىتابىدا،
چىقارمىشلار قىززىق ئوتنى سوغۇق سۇنىڭ ئاراسىدىن.
كەل،ئەي بۇغرا، يىگىت ئەرسەڭ جاھانغا ھەرب ئېلان ئەت،
ئۇنى بومباردىمان ئەت تۇيغۇسىز غەيرەت ھاۋاسىدىن.
ئىنادىڭ توپلىرى بىرلە ئۇنىڭ قورغانلىرىن يىققىن،
ئۇنىڭ خەندەكلىرىن تولدۇر شۇباتىڭ قاياسىدىن.
شىجائەت تانكى بىرلە ئۇنىڭ ئۈستىگە باسقۇن ئەت،
ھۇجۇم ئەيلەپ كېچە كۈندۈز چىقار ئۇنى ئۇۋاسىدىن.
ئۇنىڭ كۆكسىنى مەجرۇھ ئەت تەھەۋۋۇر سۈڭگىسى بىرلە،
قاچۇرماستىن ئەسىر ئەيلەپ تۇتۇپ مەھكەم ياقاسىدىن.
ساڭا رەھىم ئەتمىدى ھەرگىز،ئاڭا رەھىم ئەتمىگىل ھەرگىز،
ھەزەر قىل مەكرىدىن قورقما ئۇنىڭ دۇئاسىدىن.
ئۇنى قۇل ئەيلىبان سال خىزمەتىڭگە تائەبەت بۇغرا،
بۇدۇر يالغۇر قۇتۇلماق چارىسى ئۇنىڭ بەلاسىدىن.
1941-يىلى،ئافغانىستان،كابۇل

http://www.rfa.org/uyghur/programmilar/shexsler/bughra-20050125.html/u0125-erkin.mp3/inline.m3u