PDA

View Full Version : Yusup Xas Hajip meqberisining qayta qurulishi heqqide eslime

awral
02-08-14, 07:26
تۈنجى نۇۋەتلىك " قۇتادغۇبىلىك" ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يۇسۇپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى قايتا سىلىش ھەققىدە ئەسلىمە
ھۆرمەتلىك دوستلار پەخىرلىك ئالىمىمىز تاشپولات روزى ۋەتەنگە قىلغان زىيارىتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا تارتقان بىرنەچچە پارچە رەسىمىنى fb تا كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئەسلىمىنى يىزىپ، دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا كۆردۇم. ئارىدىن 28يىل ئۆتۈپ يىزىلغان بۇ قىسقىغىنە ئەسلىمىدە خاتالىقلار بولسا دوستلارنىڭ تۈزۈتۈپ قويىشىنى سورايمەن.
1986 ‏- يىلى 8 ‏-ئاينىڭ باشلىرى ئۇستازىم مەرھۇم نىزامىددىن ھۈسەيىن ) ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغان بولسۇن ئامىن( گە ھەمراھ بولۇپ ئاتالمىش" شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ مۇخپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ جەنوبىغا خىزمەتكە بارغان ئىدۇق.ئۇستاز نىزامىدىن ئاكا ئىدارە رەھبەرلىگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان " ھەمراھ" لارغا قوشۇلماي مىنى تەلەپ قىلىپ ، سەپىرىگە ھەمراھ قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇستازنىڭ يۇرتى قاغىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن توپ‏- توغرى قاغىلىققا كىلىپ چۈشتۇق. قاغىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى ئاللاھ بۇيرىسا كىيىنگە قالدۇرىمەن. قاغىلىققا كىلىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن مەرھۇم ئابدۇكىرىم ئۈتكۈر ئەفەندىدىن ) ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغان بولسۇن ئامىن( قەشقەردە ئۆتكۈزىلىدىغان " مەملىكەتلىك تۈنجى قىتىملىق قۇتادغۇ بىلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى" غا قاتنىشىشىمىز ئۈچۈن تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئۇستاز يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەنلىكى ئۈچۈن، قاغىلىقتا يالغۇز قويۇپ، قەشقەرگە ئۆزەم سەپەرقىلدىم دە ھاياتىمدىكى مەنىلىك كۈنلەرنىڭ شاھىدى بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ئىسىمدە قىلىشىچە يىغىن 9 ‏- ئاينىڭ 1 ‏-كۈنىدىن 5 ‏-كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ، ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزدىن ئۈتكۈر ئەپەندى، تارىخچىمىز مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئالىملىرىمىز بۇلۇپ 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان ئىدۇق) ئەلۋەتتە بېىجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن بىر نەچچە خىتتاي ئالىملىرىمۇ بار ئىدى( شۇ ۋاقىتتىكى "ش ج" نىڭ رەىسى تۆمۇر داۋامەت يىغىنغا يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى.
يىغىننىڭ 3 ‏-كۈنى يۈسۇپ خاس ھاجىپنىڭ قايتا قۇرۇلىدىغان مەقبەرىسىنىڭ ھۇلىنى بىسىش مۇراسىمى بۇلۇپ ئۆتتى. قايتا قۇرۇش دىيىشىمدىكى سەۋەپ، ئەسلى بار بولغان مەقبەرىنى " مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دا ۋەيران قىلىپ، 14 ‏-باشلانغۇچ) خىتتاي مەكتىۋى( مەكتىۋى ئىچىۋالغان ئىكەن. شۇ 9 ‏-ئاينىڭ 3 ‏- كۇنىدىن تەخمىنەن 6 ئاي ئەۋۋال تومۇر داۋامەت قەشقەر ۋىلايىتى ۋە شەھەرلىك ھوكىمەت ئورگانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەكتەپنى چىقىۋىتىشنى، يەرنى تەييارلاشنى بىلدۇرگەن ئىكەن ۋە ئىككى مىليون يۇەن ئاجراتقان ئىكەن.‏) تۇمۇرنىڭ يىغىندىكى دوكىلاتىدىن ئىسىمدە قىلىشىچە( ئەينى ۋاقىتتىكى ۋىلايەتنىڭ پارتىكوم سىكرىتارى گۇگاڭ بۇيرۇققا پىسەنت قىلماي، مەكتەپنى چىقىپ يەرنى تەييارلىمىغان. 9 ‏-ئاينىڭ 2 ‏-كۈنى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان تۇمۇر داۋامەت قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىدى.ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە دەل شۇ كۇنى تاماقتىن كىيىن مىنى خاس قوبۇل خانىسىدا قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە سوھبەتلەشكەن ئىدۇق، مۇشۇ ۋەقە ھەققىدە سورىغىنىمدا جاۋاپ ئورنىدا كۆزلىرىدىن ياش لىغىرلاپ تۇرۇپ، ئەتە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.
9 ‏-ئاينىڭ 3 ‏-كۈنى ئەتىگەن 9 ئەتراپى بىز ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ " چەت ئەل مىھمانخانىسى" دىن قۇرۇلۇش بولىدىغان جايغا ئىلىپ بارىدىغان يولغا چىقىشىمىز بىلەن مانا كارامەت يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدا لىق ئادەم، كانەي- سۇننەي، ناغرا- دۇمباق ساداسى، قەشقەرلىقنىڭ ساماسى... بۈگۇنكى پائالىيەتنى"ئاپتونۇم رايون" نىڭ رەىسى بىۋاستە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ ھىچقانداق ئاخباراتلاردا ئۇختۇرماي، خەلىقتىن مەخپى تۇتقان ئىدى.
يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا قاتار تۇرغان ئىنسانلارنىڭ) سۇيۇملۇك كىشىلىرىمنىڭ( نەغمى- ناۋالىرى، ئۇسۇل- سامالىرى، ھاياجان ئىچىدە تىتىرەپ چىقىۋاتقان ئاۋازلىرى... ئىچىدە مەيدانغا يىتىپ كىلىپ، خىتتاي ۋەتىنىمىزنى بىسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇر كورمىگەن بىر ئاجايىپ مەنزىرىنىڭ شاھىدى بولۇپ قالدىم. 28 يىل بۇرۇنقى شۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتمەكتە: يەر ئاغدۇرىدىغان تىراكتورلار بىنالارنى يەربىلەن يەكسان قىلماقتا، ھەممە يەرنى توپا چاڭ باسقان، خىتتايلار) مەكتەپنىڭ خىزمەتچىلىرى بولسا كىرەك( يوتقان- كورپە، قاچا- قومۇش ھەتتا كىچىدە تەرەت قىلىدىغان گارشۇك قاتارلىق بىساتلىرىنى دۈمبىلىرىگە يۈكلەپ، قوللىرىدا كۆتۇرۇپ، غۇلاپ چۈشىۋاتقان بىنالار ئارىسىدا توپا- چاڭغا مىلەنگەن ھالدا يۈگۇرەشمەكتە. مۇشۇنداق مەنزىرىنى كۆرۇشكە ئاللاھ يەنە نىسىپ قىلارمۇ؟.
مەرھۇم ئۈتكۈر ئەفەندى ۋە ئالماس ئەفەندىلەرنىڭ ئورتىسىدا تۇرۇپ تۆمۇرنىڭ كۈرەك بىلەن يەرنى قىزىپ، ھۇل تاشنى كۆمگەنلىكىگە شاھىد بولماقتىمەن، خەلقىمنىڭ ياڭراق ئاۋازى قۇلۇغۇم تۈۋىدە ھىلىھەم جاراڭلايدۇ...بۇ ئاۋازلار بۈگۈن بوغولدى، بوغولغان ئاۋازلارغا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن مىڭلىغان مۇجاھىدلىرىمىز شەھىد بولماقتا، تۈرمىلەردە ئازاپلانماقتا...ئېي قۇدرىتى تەڭداشسىز ئاللاھ ھەق ئۈچۈن كۇرەش قىلىۋاتقان بەندىلىرىڭگە مەدەت بولغايسەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتكەيسەن ئامىن!
مىنارىسى ئەسلىدىكى پىلان بويىنچە سىلىشقا روخسەت قىلىنماي، پاكارتىلغان بولسىمۇ، خىتتاينىڭ مەكتىۋى چىقىلدى،ۇلۇغ ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى سىلىندى،ئەپسۇس بۇ مەقبەرىنى كورۇشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.

Unregistered
05-08-14, 18:38
، انطلقت في القاهرة معركة يتوقع أن تصبح أحمى وطيسا من تلك القائمة في غزة، ذلك أن هذه ستكون انعكاسا لتلك وترجمة لها، ومن يفوز في هذه سيعلن الفوز في تلك بغض النظر عن حجم الخسائر التي وقعت هناك. فلكل حرب واقع سياسي جديد ينشأ على الأرض، وهو واقع يفرضه المنتصر غالبا أو من يملك أدوات فرضه والتحكم فيه.
ومن هنا فإن قوى المقاومة الممثلة ضمن وفد الفصائل الفلسطينية في القاهرة؛ تحرص -وهي التي قدمت أداء أقر العدو قبل الصديق بإبهاره وقوته وتميزه- أن تقطف ثمار أدائها وتحصد نتاج تضحياتها واقعا جديدا عنوانه الأبرز هو رفع الحصار عن قطاع غزة.
حاجز مصر
وقد تخطت قوى المقاومة أول حاجز في هذا الطريق عندما توافقت مع باقي الفصائل الفلسطينية -وعلى رأسها منظمة التحرير الفلسطينية (فتح)- على شروطها لوقف إطلاق النار والقبول بأي تهدئة. وها هي تدلف إلى الحاجز الآخر فتبدأ حوارها مع مصر لتتبنى هذه الشروط.
وتكمن صعوبة هذا الحاجز في أن مصر تمارس الحصار على غزة وتُحكمه عبر إغلاق المعبر الوحيد بينهما، وتَجهد في تقصي أي أنفاق تصل غزة بمصر فتدمرها.
ويرى مراقبون أن مصر يمكنها -لو تبنت شروط المقاومة- أن تفرض هذه الشروط على إسرائيل، وقد فعلت ذلك "مصر محمد مرسي" عقب عدوان 2012، فهل تفعله "مصر عبد الفتاح السيسي" الآن؟
وبينما تقدم مصر نفسها بوصفها وسيطا، فإنها متهمة بأنها تعقد "تحالفا" مع إسرائيل في عدوانها على غزة أصبح أوضح من أن تخطئه العين أو تضل عنه البصيرة. بل إن إسرائيل أشارت إلى هذا التحالف في مناسبات عدة عبر تصريحات مسؤوليها دون أن يقابله المسؤولون في مصر بأي نفي أو تكذيب. ومن هنا فإنه من المتوقع أن يرتهن الدور المصري لموقف إسرائيل.

اجتماع سابق ضم رئيس الوزراء الإسرائيلي (يمين) ووزير الدفاع ورئيس الأركان (الأوروبية)
حا