PDA

View Full Version : bilim ahlidin soval

Unregistered
01-08-14, 09:37
bilim ahlidin savat sorayman: kim aytip beralaydu Turki Xaliqlarning ortaq simovili dap qaraydighan kok boriga choqunush tarixi hadisa qachan barliqqa kalgan? unung Tarixi ahmiyiti nimilardin ibarat? bilidighanlar bolsa qisqicha chushandurup bargan bolsanglar rahmat.

Unregistered
01-08-14, 11:15
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

Unregistered
01-08-14, 12:17
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

hormatlik bilim ahli kachursiz Man Siz korsatkan "facebook.com" gha kiralmidim agar avar kormusingiz ashu siz korsatmakchi bolghan maqalini mushu yarga kochurup qoyghan bolsingiz kop hursan bolar idim rahmat sizga.

https://www.facebook.com/photo.php?f...type=1&theater

Unregistered
01-08-14, 12:44
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

Unregistered
02-08-14, 12:05
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

facebook.comgha kiraligan biradarlar konkiritni mazmonini mushu batka chaplap qoysanglar sadighangha kitay Man facebook.comgha jiralmayvatiman, yuqarqi soval Manga bakmoyum idi iltimas.

Unregistered
02-08-14, 12:55

facebook qa kirmeyla mushu ulinishni bassingiz maqalini köreleudiz

Unregistered
02-08-14, 16:33
https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

facebook qa kirmeyla mushu ulinishni bassingiz maqalini köreleudiz

siz korsatkan adiris bilan facebookni achsam natijida yani tosulup qaldim, balkim Siz korsatkan adiris bivasta maqala bat sani amas bolushi mumkin yaki bolmisa Man facebookgha qandaq kirishni bilalmigan bolsam kerak aytavur baklam qiynaldim. qerindash Siz ashu maqalining ozinilam mushu yarga kochurup chaplap qoyalmassizmu? agar eghir kormusingiz yardam qilghan bolsungiz rahmat.

当前无法显示内容当前无法显示内容
无法显示网页。原因可能是网页暂时不可用或链接已过期,或是因为你没有查看权限。
返回首页

移动 搜索好友 徽章 用户 公共主页 地点 游戏 位置 公司简介
创建广告 创建主页 开发人员 招聘信息 隐私权政策 Cookie 条款 帮助中心

Facebook © 2014 · 中文(简体)

Unregistered
02-08-14, 18:59
Hitay chigrisi ichide facebook cheklen gen, Qurban Weli akining bu tughrisida yezilghan mezmunlar resim sheklide iken, bu torbetke resim chaplashni bulmighache, bu yerge chiqiralmidim

Unregistered
02-08-14, 20:17
Hitay chigrisi ichide facebook cheklen gen, Qurban Weli akining bu tughrisida yezilghan mezmunlar resim sheklide iken, bu torbetke resim chaplashni bulmighache, bu yerge chiqiralmidim

eger siz mıshu tor betke kireligen bolsingiz, töwendiki ulanmini xetmu-tezip gugıldin izlep, facebook qa kirimen dep awate bolmang, musu tor bette tırupla töwendiki bir qır ulanmini bir barmiqingiz bielen besing, 3betlik maqale chiqidu, men oxshimighan konputerda echip sinap baqtim, echidi,

https://www.facebook.com/photo.php?fbid=508483635932856&set=pcb.508484079266145&type=1&theater

Unregistered
02-08-14, 21:25

تارىم ئويمانلىقىدا بۆرە توتېمى

)قىسقارتىلمىسى(

بۇ بۆرە ئوبرازى نەقىشلەنگەن ياغاچ قۇتا 1996‏- يىلى چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق قەدىمقى قەۋرىستانلىقىدىن تېپىلغان. بۇ ياغاچ قۇتىنىڭ كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 4.5 سانتىمېتىر. بۇ مەدەنىي يادىكارلىق ھازىر ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيىدا ساقلانماقتا. (1)

بۇ بۆرە ئوبرازلىق ياغاچ قۇتا تارىم ئويمانلىقىدا مىلادىدىن ئىلگىرى بەشىنچى ئەسىردە بۆرىنى توتېم قىلغان قوۋملار ياشغانلىقىنىڭ دېلىلى. شۇنداقلا، تارىم ئويمانلىقىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمقى نەقىش ۋە گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بىر ئەۋرىشكە.

قەدىمقى زامان نەققاشلىرى بۆرە ئوبرازىنى يارىتىشتا بۆرىنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى ناھايىتى قىزىقارلىق شەكلىل بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ياغاچ قۇتىغا نەقىشلىگەن بۆرىنىڭ بېشى ئىككى، بىرى بېشى دۈم يەنە بىر بېشى ئوڭدا. بۇ ياغاچ قۇتا تىكلەپ قويۇلسىمۇ، دۈم قىلىپ قويۇلسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە شۇ گوشخۇمار بۆرە كۆرىنىدۇ. بۇ بۆرە خۇددى ئولجىنى تازا تۈگىلىپ تۇرۇپ، ھوزۇرلىنىپ يەپ ئەمدىلا قوسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندەك كۆرىنىدۇ. نەققاشلار بۇ بۆرىنىڭ قارنىغا گوش دۇملەيدىغان خۇمرا ۋە گوش چانايدىغان قىڭراقلارنىمۇ نەقىشلەپ قويۇپتۇ.

بۇ بۆرە ئوبرازلىق ياغاچ قۇتا مېتال ئەسۋاپ بىلەن ھەرىدەپ، ئىكەپ، رەندىلەپ ياساپ چىقىلغانلىقى ئېنىق. بۇ بىزگە بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ بەش يۈز يىل بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ مېتال ئېرىتىش- تاۋلاش، ئۇنىڭدىن نازۇك ئەسۋاپ ياسايدىغان ھۆنەر -تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار قەدىمقى زاماندا سەددىچىننىڭ شىمال تەرىپىدىن تەڭرىتاغ ئەتراپىغىچە سوزۇلغان بىپايان زىمىندە ئەركىن كۆچۈپ يۈرۈپ ياشىغان ھەر قايسى قوۋملار ئىچىدە، خۇددى رۇس ئالىملىرى ئېيتقاندەك، بۇنىڭدىن 3000 مىڭ يىل بۇرۇنلا ھەر قايسى بوستانلىقلاردىكى ھىندى- ئىران تىللىق قوۋملارنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ بىر چوڭ قوۋم بولۇشقا باشلاپ، كۈچلۈك مىللىي ۋە سىياسىي ئومومىيلىققا ئىگە بولۇشىنى مىلادى 14‏- ئەسردە تۇلۇق تاماملىغان بىر چوڭ قوۋمدۇر. مۇشۇ ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخ جەرياندا ئەڭ بۇرۇن بۆرىنى توتېم قىلغان. (2)

ئۇيغۇرلار نىڭ بۆرىنى توتېم قىلغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان ئەدەبىي تەسۋىرلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە قەدىمقى ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا ئوبرازى «ئوغۇزخان»، ئانا ئوبرازى «ئۇماي»، توتېمى «كۆك بۆرە».

قەدىمقى زاماندا ھون، تۈرك، ئۇيغۇر قوۋملىرىغا چېگرىداش بولغان چىن، خەن سۇلالىرىنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دېگەن نام ئۇنىڭ بۆرە توتېملىق قوۋم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان 狄 دېگەن خەت بىلەن يېزىلغان. تۇرپاندا مىلادى 9‏- 10 ‏- ئەسرلەردە بىنا قىلىنغان مىڭ ئۆيلەردىمۇ بۆرە نۇسخىلىق بېزەكلەر بار.

« توتېم » دېگەن قەدىمقى زاماندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم توپلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئىپتىدائي ئورتاق ھەرىكەت شەكلىنى چۈشەندۈرىدىغان ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ دۇنيادا ئەڭ قەدىمىي مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان ھىندىئانلارنىڭ تىلىدا، خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى 'ئۇدۇم' دېگەن سۆزگە ئوخشاش خارەكتېر، باغلىنىش، مۇناسىۋەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنداق قەدىمقى توتېم ئالامەتلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى دىن- ئېتىقاتى دەپمۇ قارايدۇ.

توتېم تەتقىقاتچىلىرى بۆرە جەمئىيىتىنى ناھايىتى تەپسىلى كۆزەتكەن. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، بۆرە جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى بىر جۇپ بۆرە ياكى ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئۇرۇقداش )ئائىلىۋىي توپ) . بۇنداق بۆرە توپىنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى ئادەتتە بەشتىن ئون بىر گىچە. ئۇنىڭدا بىردىن ئىككىگىچە چوڭ بۆرە، ئۈچتىن ئالتىگىچە ياش بۆرە، بىردىن ئۈچكىچە كىچىك بۆرە بار.

بۆرە جەمئىيىتىدە ئەزالىرىنىڭ سانى 40 تىن ئاشقان چوڭ توپلارمۇ بار. ھەر بىر بۆرە توپىغا سرتتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئەزانىڭ يېشى بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشى كېرەك. بۆرە توپلىرى ئادەتتە ئوۋ كۆپ جايلاردا ياكى ھايۋانات دۇنياسىدا كۆچ-كۆچ بولغان ۋاقىتتا ياكى ھايۋاناتلارنىڭ تۇغۇت مەۋسۈمىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار ئۆز-ئارا جەڭ قىلىشتىن ساقلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەر بىر توپنىڭ تېرىتورىيە -زىمىن كۆز قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك. باشقىلارنىڭ ئۆز زىمىنىگە كىرىشىنى تىجاۋۇز دەپ ھېسابلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزگە مۇرەسسە يوق.

ئامېرىكىنىڭ ئالاسكا شىتاتىدىكى بىر چوڭ بۆرە توپىنىڭ زىمىنى 6272 كۋادېرات كىلومېتىر. بۇ توپنىڭ بۆرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىزىنى 240 مېتىر يېراقلىقتىن ھىد پۇراپ پەر ق ئېتەلەيدۇ. ھەر بىر بۆرە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 25 كىلومېتېر يول يۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۆرە ئۆلسە ئاساسەن ئوۋ ئوۋلىغاندا ياكى ۋەھشى يېرتقۇچلار بىلەن ئېلىشىشتا ياكى باشقا ھايۋانلار بىلەن يۈز بەرگەن زىمىن -دائىرە ئۇرۇشىدا ئولىدۇ. (3)

قەدىمقى زاماندا تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمقى خەلقلەرنىڭ ئىچىدە، ھون، تۈرك، ئۇيغۇرلاردىن باشقا ساك، توخرى قاتارلىق قەدىمقى قوۋملارنىڭ بۆرىنى توتېم قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. تارىم ئويمانلىقىدا پەقەت ئۇيغۇر قوۋملىرىلا بۆرىنى ئۆزلىرىنىڭ توتېمى قىلىپ قوللانغان. ئۇيغۇرلار قەدىمىقى زاماندا باشقا توپلار بىلەن بولغان ھەرخىل رېقابەتتە غالىپ ئورۇندا تۇرۈش ئۈچۈن، بۆرىلەرنىڭ توپ بولۇش ۋە توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىش شەكلىنى تاللىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇد-مىجەز ) ھەرىكەت شەكلى( قىلىپ يېتىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تەسۋىرلەردە، ئۇيغۇرلار يامان مۇھىتتا تېڭىرقاپ قالغاندا، بۆرە ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل بوستانلىقلارغا يول باشلاپ ئېلىپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار بۆرە ئوبرازىنى ئۆزىنىڭ مىللەت بەلگىسى، دۆلەت بەلگىسى، ئارمىيە بەلگىسى قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدىن يېتىلگەن قەھرىمانلارنى بۆرە ئوبرازى بىلەن ئۇلۇغلايدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى قىزىقارلىق، ھەتتا سىرلىق تۈس ئالغان راۋيەتلەر ۋە تام رەسىملىرى بار.