PDA

View Full Version : Erkin Sidiqqa Ochuq Xet



Unregistered
02-05-14, 00:08
دوكتۇر ئەركىن سىدىققا ئوچۇق خەت

http://bbs.izdinix.com/thread-58198-1-1.html

ئەسسالام ئەلەيكۇم دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم:
1.سىزنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك مۇنبەرلەردە نەشىر قىلغان ماقالىڭىزنىڭ بەزلىرىنى كۆرۈپ چىقىۋاتىمەن. ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلىرىڭىز ھەر قايسى ساھەدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا تەسىر قوزغىدى. بولۇپمۇ ئەقىل توغرىسىدىكى ماقالىلىرىڭىزنىڭ ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىقىدا شەك يوق.
جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئۆتكۈر قاراشلىرىڭىز ياشلىرىمىزغا ئۆرنەك بولۇپ، تېرىشىپ ئوقۇش ۋە يۇقىرى نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى قاتلام كۆتۈردى. ئۇيغۇر ئەقلىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن ھەرگىزمۇ كەم ئەمەسلىكىنى سىزنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى ئۇتۇقلىرىڭىز ياشلارغا ئىسپاتلاپ بەردى.
زىيالىي ۋە ياشلار ئارىسىدا ھۆرمىتىڭىز يۇقىرى، سىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى. ئىلمىي ئىجادىيەتلىرىڭىز بىزنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشىمىزگە تەشەببۇس قىلماقتا...
2. دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم زىيالىي ياشلىرىمىز غەرب دۇنياسىدىكى تەرەققىيات ۋە ماددى گۈللىنىشنى خرىستىيان دىنىنىڭ نەتىجىسى دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان. سىز بۇ قاراشنىڭ تۈپتىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، غەرب دۇنياسىدىكى ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ماددى گۈللىنىشنىڭ خرىستىيان دىنىي بىلەن مۇتلەق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردىڭىز.
سىز ئامېرىكىدا ئوقۇسىڭىزمۇ، خرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەي، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىق روھىڭىزنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا يۇقىرىقى بىر قىسىم ئېزىپ كەتكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتا يول تاللىغانلىقىغا نەخ ئىسپات بولۇشقا يارايدۇ.
3. ئۇيغۇر بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئۇيغۇرنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدىڭىز. مۇشۇ بىچارە خەلقنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن غەربنىڭ بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىرى ۋە قاراشلىرىنى تەقدىم قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭلىق بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتىقادى ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشتىن-مېنىڭ بىلىشىمچە- ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلدىڭىز.
4. دوكتۇر سىز ئىلمىي ئەمگىكىڭىزدىن ئېشىنىپ، مۇسۇلمان بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئىسلام ھەققىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئاز تولا چۈشەنچە بېرىشكە قەدەم ئالغىنىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ بىر ياخشى ئىلگىرلەش...
40 يىلنىڭ مابەينىدە ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم- پەن ياكى ئىسلام بىلەن زامانىۋىلىق كېلىشەلمەيدۇ، دېگەن ئېغۋالار زىيالىي قېرىنداشلىرىمىزنى كولدۇرلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. سىزنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرىڭىز بۇ قاراشنىڭ تۈپتىن خاتالىقنى زىيالىلارغا ئىسپاتلاپ بەردى. پەننى مۇتەخەسسىس بولۇپ مۇسۇلمان بولسا يەنىلا يارىشىدىغانلىقىنى بەلكى ماددا بىلەن روھ بىرلىشىپ، ئىنساندا مۇكەممەللىكنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدىڭىز.
بۇ قەدىمىڭىزگە ئاپىرىن!
5. گۈزەل ۋە تەرەققىپەرۋەر ئىسلام دىنىمىزغا ئاتېئىزىمچىلار تەرىپىدىن قەدەممۇ-قەدەم قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم، مەسخىرە ۋە دۆتلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى «پەننى زىيالىي» ۋە «دىنى زىيالىي»دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئېقىم بولۇپ بۆلۈنۈش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.
بىر قانچە مەسىلىدىكى قاراشلىرىڭىز سىز ۋە سىزگە ئوخشاش زىيالىيلار بىلەن بىر قىسىم دىنىي زىيالىيلار ئارىسىدا تور دۇنياسىدىكى مۇنبەرلەردە بولسىمۇ نەخ مەيدان قەلەم سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ مەيداننى ھازىرلىغان ئىزدىنىش ۋە باشقا داڭلىق تور بىكەتلىرىگە تەشەككۇر. بۇ نۇقتىدىن مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. داۋاملىق ئىلمىي سۆھبەتنىڭ بولۇپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن. تەنقىد ئىلمىي ۋە ئىيجابى بولسا ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن تارتىپ-مەلئۇن ئاپاق غوجا دەۋرىگىچە- بىر ئىدىيە ۋە بىر ئېقىم بولۇپ ئورتاقلىقنى ساقلاپ كەلگەن. دىنىي زىيالىيلار دىندا ۋە پەندە ئالىم بولۇپ خەلقىمىزنى ئۇزۇندىن بىرى ھىمايە قىلىپ كەلگەن. تارىخ بۇنىڭغا پاكىت. بۇرۇن دىنىي ئالىم ۋە پەننى ئالىم دېگەن گەپ يوق ئىدى. بۇرۇن دىندا ئالىم بولۇش ئۈچۈن تۈرلۈك پەننى بىلىملەرنى بىلمىسە دىپلوم بەرمەيتى. بۇ تەرىپى سىزدەك ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغان بىر شەخسكە ئېنىق...
6. ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمىز، ئوي تەپەككۇرىمىزنىڭ ئىسلام ئىدىيىسىنى بويلاپ مېڭىشى مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئاددى تەقەززاسى. ئىسلامنىڭ تەپەككۇر ئىدىيىسى:«قۇرئان، سۈننەت ۋە ئەقىل»دىن ئىبارەت ئۈچ ئاساستىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەر قانداق بىر قاراشنى مۇشۇ ئىدىيە مەنبەسىگە سېلىپ، توغرا بولسا ئاندىن قوبۇل قىلىمىز. بولمىسا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىسلامدا «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار رايونى» دەيدىغان مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ«ئاساسىي قانۇن»نىڭ ئورنىدىكى رايونلار بولۇپ، بۇ رايوندىن ئاتلاپ كېتىشكە پەقەتلا يول قويۇلمايدۇ.
«ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلار» بەك كەڭرى بولۇپ، بۇ رايوندا كەڭرى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارساق بولىدۇ. بۇ توغرىدا يېقىندا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىمەن.
7. سىزنىڭ دەۋەتچى، تەبلىغچى ئامېرىكىلىق «ياسىر قازىنى» ئۆرنەك قىلىپ ئىسلام توغرىسىدا ئۇنىڭ ياخشى قاراشلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ ماقالە يازغىنىڭىزنى قوللايمەن.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، «ياسىر قازى» گەرچە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە تەبلىغ قىلىپ داڭ چىقارغان بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىدا ھۆججەت سانىلىدىغان «مۇجتەھىد» ياكى «مۇتەپەككۇر» ياكى « پەقىھ» ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس.
ياسىر قازى: ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا ئاخىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىشقا تولۇق پۇرسەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنىچ مۇسۇلمان بولۇپ « تىنىچ ئامېرىكا ۋەتەندىشى» بولۇشقا تەرغىپ قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ئامېرىكا مۇھىتىغا مۇناسىپ. چۈنكى ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئېرىشىدۇ. تولۇق ئەركىنلىك بار ئورۇندىكى قاراشلىرىنى تاللىماي ۋە ئىلغىماي يۇرتىمىزغا تەتبىقلايمىز دېسەك مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن ياسىر قازىنىڭ تەبلىغ قىلغىنى ياخشى بىر ئىش. لېكىن ئۇنىڭ قاراشلىرى ئىسلامنىڭ ئۆزى ئەمەس. چۈنكى ئۇ قاراشلىرىدا خاتالىشىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن قاراشلىرىنى تاسقاپ ئېلىش كېرەك.
ئىسلام ئىدىيىسىدە «پەيغەمبەر»دىن باشقا ھەر قانداق بىر شەخس گەرچە «مۇجتەھىد مۇتەپەككۇر» بولسىمۇ خاتالىشىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ياسىر قازىنىڭ قاراشلىرىنى ئىلغىماي ئېلىشىڭىز ياكى تەرجىمە قىلىشىڭىز توغرا بولمايتتى.
چۈنكى بۇ «دىن مەسىلىسى» مىللەتنىڭ ئېتىقادى ۋە كەلگۈسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىدىيىسىدە دىننى كىم تەشۋىق قىلسا، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئالىملىرىمىز:«دىننى كىمدىن قوبۇل قىلىۋاتىسىلەر، قاراپ ئېلىڭلار» (يەنى ئىدىيىسى ساغلاممۇ ياكى كېسەلمۇ) دېگەن.
مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، سىزنىڭ ياسىر قازى ياكى زۇبەير قەمەردەك تالىبچاقنىڭ دىسسېرتاتسىيە (ماگىستىرلىقمۇ ياكى دوكتۇرلىقمۇ بىلمىدىم)گە قاراپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھالقىلىق مەسىلىسىگە ئالاقىدار مەسىلىسىدە قەلەم تەۋرەتكىنىڭىز ئىلمىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەس.
نەچچە خىل قاراشقا ئىگە تەتقىقات مەيدانىدا تەبلىغچىنىڭ ياكى ماگىستىرنىڭ ياكى گېزىتنىڭ ئېتىبارغا ئىگە ئەمەسلىكى سىزگە ئايان بولمىسا كېرەك.
دوكتۇر سىز «ۋاھابىلار» (سەلەپى ئېقىم ئەھلى سۈننىنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى)، ۋە «شىئەلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىمىز» دېگەن نۇقتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشكە ئېرىشەلمىگەن. بۇ ئىككى تېمىدا ھەر قانچە ئۇرۇنسىڭىزمۇ سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنى كۈچكە ئىگە قىلالمايدۇ ۋە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. سىزنىڭ شەرىپىڭىزگە داغ پەيدا قىلىدۇ. (ۋاھابىي سەلەپى ئېقىم توغرىسىدا ئېلىخەت ئادىرىسىڭىزغا ماقالە يوللىسام جاۋابى كەلمىدى، ياكى ئېلىخەت سىزگە يەتمىدىمۇ بىلمىدىم).
چۈنكى سىز بۇ مەسىلىدە ئىسلام دۇنياسىدا ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئىلمىي مەنبەگە تايانمىغان. سىز تايانغان مەنبە: شىئە ئېقىمى ياكى شەرقشۇناس ياكى سوپى ئىشان ئېقىمىدىن ئىبارەت بولغان. (سۈننەتتىن چەتنىگەن سوپىلار) بىلەن شىئەلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ھەممىگە ئايان. شەرقسۇناسلارنىڭ 90% نىڭ ئىسلامغا قەستەن زەھەرخەندىلىك قىلىدىغىنى سىزگە ئايان بولمىسا كېرەك.
ئەھلى سۈننىگە تەۋە ۋاھابى سەلەپى ئېقىمغا، شۇ ئېقىمنىڭ ئەشەددى خۇسۇمەتچىسى شىئەدىن ئىبارەت راپىزىدىن دەلىل ئېلىپسىز. ئىلمىي ساھەدە گېزىت مەنبە بولالمايدۇ.
قانداقمۇ ئەھلى سۈننىگە ئالاقىدار بىر ھالقىلىق مەسىلىدە ئازغۇن شىئەلەرنىڭ ياكى شەرقشۇناسلارنىڭ قاراشلىرى پاكىت بولۇشقا يارايدۇ؟
مېنىڭچە سىز بۇ ئىككى مەسىلىنى تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈپ يىغىشتۇرغىنىڭىز سىز ئۈچۈن پايدىلىق. غەلۋە قوزغىغان ئاساسلىق مۇشۇ ئىككى پارچە ماقالىڭىز ئىكەن.
8. قالغان ماقالىلىرىڭىزنى تېخى تەھلىل قىلىۋاتىمەن.
9. پەتىۋا مەيدانىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. پەتىۋا مەيدانى ناھايىتى نازۇك، نۇرغۇن بىلىملەرگە چېتىلىدۇ. ئۇنى ئىسلام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قىلسا جايىدا بولىدۇ.
10. دوكتۇر سىز«ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى»غا رېئايە قىلغان ئاساستا «ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئىسلامنىڭ گۈزەللىكى»، « ئىسلامنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىكى»....دېگەن تېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىسلام توغرىسدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىڭىزدىن بەھرىمەن قىلىش ئەلۋەتتە ئەجرى كاتتا ئىش.
11. ئىسلام دۇنياسىدا: يېڭى دەۋرگە تەۋە نۇرغۇن مۇتەپەككۇر ۋە ئالىملار مەۋجۇت. مۇشۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن تاللاپ ماقالە يېزىپ قالسىڭىز ئارزۇدىكىدەك ئىش بولغان بولاتتى.
مەسىلەن، ۋاشىنگىتۇندىكى« خەلقئارالىق ئىسلام ئىدىيىسى ئىنۇستېتى»، «ئامېرىكىدىكى شەرىئەت فۇقاھالار بىرلەشمىسى)، بوسنىيە سابىق رەئىسى «ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە غەرب مۇتەپەككۇرى» ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ كىتابلىرى، فرانسىيە پەيلاسوپى «روجىر جارۇدى(Roger Garaudy )نىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى كىتابلىرى، ئىسلام پەيلاسوپى مالىك نەبى(Malik bin nabi)نىڭ ئىسلام دۇنياسى سەۋىيىسى بويىچە يازغان جەمئىيەتشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئون نەچچە پارچە كىتابلىرى، مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ ئىسلام ۋە مەدەنىيەت توغرىسىدىكى كىتابلىرى، ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد ئەممارىنىڭ پەلسەپە كىتابلىرى...دېگەندەك ئىشەنچىلىك ساناقسىز كىتابلار ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ.
بىر قىسىم ئىنگىلىزچە كىتابلارنىڭ ئۇلىنىشىنى يوللاپ قوياي. كۆرۈپ بېقىڭىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
12. مەن بۇ قاراشلىرىمنى 28 - چېسلا يېزىپ قويغان، بىراق بارلىق ماقالىلىرىڭىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ئېلان قىلىشنى توغرا تاپمىغان ئىدىم. تۈنۈگۈن «مەۋلانە» ئۇكىمىزنىڭ سىزگە قارىتىپ يازغان رەددىيسى بۇ قاراشلىرىمنى تىزراق ئېلان قىلىشىمغا سەۋەب بولدى. شۇڭا بۈگۈن يوللىۋەتتىم. خاتا كەتكەن ياكى سىز خاتا چۈشىنىپ تەرەپلىرى بولسا كەچۈرگەيسىز!..

كامالى ئېھتىرام بىلەن قېرىندىشىڭىز:
ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
(دوكتۇر ئاسپرانتى)
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.
2014- 4- 30 كۈنى.

Unregistered
02-05-14, 00:59
bu xetning oqulishi:


دوكتۇر ئەركىن سىدىققا ئوچۇق خەت

http://bbs.izdinix.com/thread-58198-1-1.html



Essalam eleykum doktur erkin sidiq ependim:
1.Sizning bir qanche yildin buyan türlük munberlerde neshir qilghan maqalingizning bezlirini körüp chiqiwatimen. Ilmiy we ijtima'iy maqaliliringiz her qaysi sahediki ziyaliylar arisida tesir qozghidi. Bolupmu eqil toghrisidiki maqaliliringizning yaxshi tesir qaldurghanliqida shek yoq.
Jemiyetshunasliq sahesidiki ötkür qarashliringiz yashlirimizgha örnek bolup, tériship oqush we yuqiri netije yaritishqa intilish tuyghusini qatlam kötürdi. Uyghur eqlining bashqilarning eqlidin hergizmu kem emeslikini sizning ilmiy sahediki utuqliringiz yashlargha ispatlap berdi.
Ziyaliy we yashlar arisida hörmitingiz yuqiri, siz biz uyghurlarning pexri. Ilmiy ijadiyetliringiz bizning sizni hörmetlishimizge teshebbus qilmaqta...
2. Diyarimizdiki bir qisim ziyaliy yashlirimiz gherb dunyasidiki tereqqiyat we maddi güllinishni xristiyan dinining netijisi dep xata chüshiniwalghan. Siz bu qarashning tüptin xata ikenlikini ispatlap, gherb dunyasidiki ilmiy tereqqiyat we maddi güllinishning xristiyan diniy bilen mutleq alaqisi yoqliqini ispatlap berdingiz.
Siz amérikida oqusingizmu, xristiyan dinining tesirige uchrap ketmey, uyghur musulmanliq rohingizni saqlap turghiningizning özila yuqiriqi bir qisim ézip ketken uyghur qérindashlirimizning xata yol tallighanliqigha nex ispat bolushqa yaraydu.
3. Uyghur bolush süptingiz bilen uyghurning ghem-qayghulirini untup qalmidingiz. Mushu bichare xelqning oyghinishi üchün gherbning bir qisim ilghar pikirliri we qarashlirini teqdim qiliwatisiz. Shuningliq bilen birlikte uyghur millitining étiqadi we prinsiplirigha zit nersilerni teqdim qilishtin-méning bilishimche- hazirgha qeder saqlinip keldingiz.
4. Doktur siz ilmiy emgikingizdin éshinip, musulman bolush süptingiz bilen islam heqqide uyghur musulmanlargha az tola chüshenche bérishke qedem alghiningizni chin qelbimdin tebrikleymen. Bu bir yaxshi ilgirlesh...
40 Yilning mabeynide islam dini bilen ilim- pen yaki islam bilen zamaniwiliq kélishelmeydu, dégen éghwalar ziyaliy qérindashlirimizni koldurlitip kéliwatqan idi. Sizning bir qisim maqaliliringiz bu qarashning tüptin xataliqni ziyalilargha ispatlap berdi. Penni mutexessis bolup musulman bolsa yenila yarishidighanliqini belki madda bilen roh birliship, insanda mukemmellikning shekillinidighanliqini namayan qildingiz.
Bu qedimingizge apirin!
5. Güzel we tereqqiperwer islam dinimizgha até'izimchilar teripidin qedemmu-qedem qiliniwatqan hujum, mesxire we dötleshtürüsh netijiside uyghur musulmanliri «penni ziyaliy» we «dini ziyaliy»dep ikkige bölünüp ketken idi. Emeliyette ikki éqim bolup bölünüsh uyghur musulmanlirigha tesewwur qilghusiz ziyanlarni élip keldi.
Bir qanche mesilidiki qarashliringiz siz we sizge oxshash ziyaliylar bilen bir qisim diniy ziyaliylar arisida tor dunyasidiki munberlerde bolsimu nex meydan qelem söhbiti élip bérishqa purset yaritip berdi. Bu meydanni hazirlighan izdinish we bashqa dangliq tor biketlirige teshekkur. Bu nuqtidin men bek xursen boldum. Dawamliq ilmiy söhbetning bolup turushigha tilekdashmen. Tenqid ilmiy we iyjabi bolsa hemmimiz üchün paydiliq.
Uyghurlar islam dinigha étiqad qilghandin tartip-melun apaq ghoja dewrigiche- bir idiye we bir éqim bolup ortaqliqni saqlap kelgen. Diniy ziyaliylar dinda we pende alim bolup xelqimizni uzundin biri himaye qilip kelgen. Tarix buninggha pakit. Burun diniy alim we penni alim dégen gep yoq idi. Burun dinda alim bolush üchün türlük penni bilimlerni bilmise diplom bermeyti. Bu teripi sizdek uyghur tarixini tetqiq qilghan bir shexske éniq...
6. Elwette biz musulman bolghan ikenmiz, oy tepekkurimizning islam idiyisini boylap méngishi musulmandarchiliqning addi teqezzasi. Islamning tepekkur idiyisi:«quran, sünnet we eqil»din ibaret üch asastin terkip tapidu. Her qandaq bir qarashni mushu idiye menbesige sélip, toghra bolsa andin qobul qilimiz. Bolmisa qobul qilghili bolmaydu.
Islamda «özgermes prinsiplar rayoni» deydighan musulmandarchiliqning«asasiy qanun»ning ornidiki rayonlar bolup, bu rayondin atlap kétishke peqetla yol qoyulmaydu.
«Özgirishni qobul qilidighan rayonlar» bek kengri bolup, bu rayonda kengri tetqiqat we izdinish élip barsaq bolidu. Bu toghrida yéqinda bir qanche parche maqale élan qilimen.
7. Sizning dewetchi, teblighchi amérikiliq «yasir qazini» örnek qilip islam toghrisida uning yaxshi qarashliringizdin paydilinip yaki terjime qilip maqale yazghiningizni qollaymen.
Shuni eskertish kérekki, «yasir qazi» gerche amérika jemiyitide tebligh qilip dang chiqarghan bolsimu, islam dunyasida höjjet sanilidighan «mujtehid» yaki «mutepekkur» yaki « peqih» alimlarning qataridin emes.
Yasir qazi: amérikida yashaydighan musulmanlargha axiridiki diniy erkinliktin paydilinishqa toluq purset bolghanliqi üchün, tinich musulman bolup « tinich amérika wetendishi» bolushqa terghip qilishqa yüzlengen. Uning bu qilghini amérika muhitigha munasip. Chünki amérikida yashaydighan musulmanlarning diniy we ijtima'iy hoquqliri toluq kapaletke érishidu. Toluq erkinlik bar orundiki qarashlirini tallimay we ilghimay yurtimizgha tetbiqlaymiz dések munasip kelmeydu.
Qandaqla bolmisun yasir qazining tebligh qilghini yaxshi bir ish. Lékin uning qarashliri islamning özi emes. Chünki u qarashlirida xatalishishi mumkin. Shuning üchün qarashlirini tasqap élish kérek.
Islam idiyiside «peyghember»din bashqa her qandaq bir shexs gerche «mujtehid mutepekkur» bolsimu xatalishish éhtimalliqi bar dep qarilidu.
Shuning üchün sizning yasir qazining qarashlirini ilghimay élishingiz yaki terjime qilishingiz toghra bolmaytti.
Chünki bu «din mesilisi» milletning étiqadi we kelgüsige zich munasiwetlik mesile. Islam mutepekkurlirining idiyiside dinni kim teshwiq qilsa, qobul qilishqa bolmaydu. Alimlirimiz:«dinni kimdin qobul qiliwatisiler, qarap élinglar» (yeni idiyisi saghlammu yaki késelmu) dégen.
Mushu ölchem boyiche qarighanda, sizning yasir qazi yaki zubeyr qemerdek talibchaqning dissértatsiye (magistirliqmu yaki dokturliqmu bilmidim)ge qarap musulmanlarning halqiliq mesilisige alaqidar mesiliside qelem tewretkiningiz ilmiy ölchemge uyghun emes.
Nechche xil qarashqa ige tetqiqat meydanida teblighchining yaki magistirning yaki gézitning étibargha ige emesliki sizge ayan bolmisa kérek.
Doktur siz «wahabilar» (selepi éqim ehli sünnining asasiy bir qismi), we «shi'eler bilen qandaq mu'amile qilimiz» dégen nuqtida muweppeqiyetlik izdinishke érishelmigen. Bu ikki témida her qanche urunsingizmu sizning qarashliringizni küchke ige qilalmaydu we put dessep turalmaydu. Sizning sheripingizge dagh peyda qilidu. (Wahabiy selepi éqim toghrisida élixet adirisingizgha maqale yollisam jawabi kelmidi, yaki élixet sizge yetmidimu bilmidim).
Chünki siz bu mesilide islam dunyasida étirap qilinidighan ilmiy menbege tayanmighan. Siz tayanghan menbe: shi'e éqimi yaki sherqshunas yaki sopi ishan éqimidin ibaret bolghan. (Sünnettin chetnigen sopilar) bilen shi'elerning qérindashliqi hemmige ayan. Sherqsunaslarning 90% ning islamgha qesten zeherxendilik qilidighini sizge ayan bolmisa kérek.
Ehli sünnige tewe wahabi selepi éqimgha, shu éqimning esheddi xusumetchisi shi'edin ibaret rapizidin delil élipsiz. Ilmiy sahede gézit menbe bolalmaydu.
Qandaqmu ehli sünnige alaqidar bir halqiliq mesilide azghun shi'elerning yaki sherqshunaslarning qarashliri pakit bolushqa yaraydu?
Méningche siz bu ikki mesilini tor betliridin öchürüp yighishturghiningiz siz üchün paydiliq. Ghelwe qozghighan asasliq mushu ikki parche maqalingiz iken.
8. Qalghan maqaliliringizni téxi tehlil qiliwatimen.
9. Petiwa meydanigha kirip qélishtin saqlining. Petiwa meydani nahayiti nazuk, nurghun bilimlerge chétilidu. Uni islam tetqiqati bilen shughullinidighanlar qilsa jayida bolidu.
10. Doktur siz«islamning özgermes prinsipliri»gha ré'aye qilghan asasta «islam medeniyiti», «islamning güzelliki», « islamning tereqqiyperwerliki»....dégen témilarda téximu köp ilmiy maqalilarni yézishingizgha tilekdashmen. Uyghur ziyaliylirini islam toghrisdiki ilmiy maqaliliringizdin behrimen qilish elwette ejri katta ish.
11. Islam dunyasida: yéngi dewrge tewe nurghun mutepekkur we alimlar mewjut. Mushularning qarashliridin tallap maqale yézip qalsingiz arzudikidek ish bolghan bolatti.
Mesilen, washingitundiki« xelqaraliq islam idiyisi inustéti», «amérikidiki sheri'et fuqahalar birleshmisi), bosniye sabiq re'isi «islam mutepekkuri we gherb mutepekkuri» eli izzet bigowichning kitabliri, fransiye peylasopi «rojir jarudi(Roger Garaudy )ning musulman bolghandin kéyinki kitabliri, islam peylasopi malik nebi(Malik bin nabi)ning islam dunyasi sewiyisi boyiche yazghan jemiyetshunasliq toghrisidiki on nechche parche kitabliri, musulman alimlar birleshmisining re'isi doktur yüsüp qerdawining islam we medeniyet toghrisidiki kitabliri, islam mutepekkuri muhemmed emmarining pelsepe kitabliri...dégendek ishenchilik sanaqsiz kitablar aldingizda turuptu.
Bir qisim ingilizche kitablarning ulinishini yollap qoyay. Körüp béqingishingizni ümid qilimen.
12. Men bu qarashlirimni 28 - chésla yézip qoyghan, biraq barliq maqaliliringizni körmey turup élan qilishni toghra tapmighan idim. Tünügün «mewlane» ukimizning sizge qaritip yazghan reddiysi bu qarashlirimni tizraq élan qilishimgha seweb boldi. Shunga bügün yolliwettim. Xata ketken yaki siz xata chüshinip terepliri bolsa kechürgeysiz!..

Kamali éhtiram bilen qérindishingiz:
Abduraxman jamal kashigheri
(Doktur aspranti)
Qahire shehiri, misir.
2014- 4- 30 Küni.

Unregistered
02-05-14, 04:27
Millitimiz ichida dinda oqughanla wa esil qira'at qilalaydighanla heli kop, amma panda dunya aldida turalaydighanla tolimu az. Ashu az sandikilarmu dini talash tartishlar bilan waqit otkuzsa, olturush kopushlarning hammisida har adam aghzigha kalganni, kallisigha kalgan dawersa, bir birini "kapir, johit, dowzihi,hain, imansiz, hiristian, talip...." ayiplawersa...
Milat jannatka yaki dozaqqa millat supitida kirmaydu. Diniy itiqat bir hususiy ishanch wa aqida, bu huda bilan ashu adam otturisidikila ish. Amma milatning horligi omumgha, putun milaltka tawa ish. Bir adamning bu dunyadiki qimmiti uning insanlarning bahti uchun qoshqan tohpisiga qarilishi kirek.Hazir kuchluk dap hisaplanghan dolatlarning pannni asas qilip mustaqil wa kuchluk bolghanlighi hammizga ayan. Hitayning astida ingrishimizmu, dinimizda boshlughumizdin amas, pan-tehnikimizning yoqlighidin bolghanlighi eniq. Yapun putun kuchi bilan Yawrupaliqttin ugunip kuchluk dolatka aylanghan, Hitay nachcha on yil mabaynida Yapun wa gharp dolatlirdin ugunip amma ularni gipiga kirguzgili turdi... Araplar yana shu "Hiristiyaning, way biz ulugh, Yahudi mundaq, Amirika undaq...." bilan minggha bolunip birsi yigili nan yoq qurup-qaqshal, yana birsi pulni hajlaydighan yar yoq, nahaqchilkka tolghan, olawatqan, qiriwatqan.. biz ashu jidallardin ibrat almay uginiwatqan, tehi jidal kaspida "magistir", "doktur"....

Unregistered
04-05-14, 08:54
Anglisam Erkin Sidiq effendi, yeqinda torda , "Diniy timida yezishni dawamlashturaymu yaki tohtap qalaymu " bir referendum otkuzuptimish, xeli kichik piil ademken dep qaldim. shu referandurumning tor adrisini bilidighanlar yezip qoysanglar.

Unregistered
04-05-14, 11:14
Bu kichik piilliq emes, adem exmeq qilghanliq. Torda shunchiwala jiq inkaslar yezildi; referandurum degen shu ? yene nemini bilmekchiken? Temtirep qalghan bolsa bashqa jiddiy timilarda yazsun. Mesilen, Urumchi poyiz istansida ikki qerindishimiz neme uchun oz jenini tikishke mejbur boldi? mana bu yazghuse kelip ketkenler uchun , eng yaxshi tima, Xitaydin qorqmisila. Qeni Erkin Sidiqning qelimining kuchini , Ingilizche yazalashtek artuqchiliqini jari qilsun, etigendin kechkiche Yasir Qazining gepini qilmay, jiddiy mesililerge bash qatursun, Amerikida yashawatqanliqidek erkinlik muhitidin paydilansun, wetendiki ushshaq-balilar taliship-tartishqandin, Xcheteldiki Xitay mutexesisliri bilen talash-tartish qilsun, Mert uchun meydan bu!


Anglisam Erkin Sidiq effendi, yeqinda torda , "Diniy timida yezishni dawamlashturaymu yaki tohtap qalaymu " bir referendum otkuzuptimish, xeli kichik piil ademken dep qaldim. shu referandurumning tor adrisini bilidighanlar yezip qoysanglar.

Unregistered
06-05-14, 16:24
Millitimiz ichida dinda oqughanla wa esil qira'at qilalaydighanla heli kop, amma panda dunya aldida turalaydighanla tolimu az. Ashu az sandikilarmu dini talash tartishlar bilan waqit otkuzsa, olturush kopushlarning hammisida har adam aghzigha kalganni, kallisigha kalgan dawersa, bir birini "kapir, johit, dowzihi,hain, imansiz, hiristian, talip...." ayiplawersa...
Milat jannatka yaki dozaqqa millat supitida kirmaydu. Diniy itiqat bir hususiy ishanch wa aqida, bu huda bilan ashu adam otturisidikila ish. Amma milatning horligi omumgha, putun milaltka tawa ish. Bir adamning bu dunyadiki qimmiti uning insanlarning bahti uchun qoshqan tohpisiga qarilishi kirek.Hazir kuchluk dap hisaplanghan dolatlarning pannni asas qilip mustaqil wa kuchluk bolghanlighi hammizga ayan. Hitayning astida ingrishimizmu, dinimizda boshlughumizdin amas, pan-tehnikimizning yoqlighidin bolghanlighi eniq. Yapun putun kuchi bilan Yawrupaliqttin ugunip kuchluk dolatka aylanghan, Hitay nachcha on yil mabaynida Yapun wa gharp dolatlirdin ugunip amma ularni gipiga kirguzgili turdi... Araplar yana shu "Hiristiyaning, way biz ulugh, Yahudi mundaq, Amirika undaq...." bilan minggha bolunip birsi yigili nan yoq qurup-qaqshal, yana birsi pulni hajlaydighan yar yoq, nahaqchilkka tolghan, olawatqan, qiriwatqan.. biz ashu jidallardin ibrat almay uginiwatqan, tehi jidal kaspida "magistir", "doktur"....u DINDA YUAHSHI OQUYALAYDIGHAN YAKI ESIL QIRA'ET QILALISILAM KUPAYE BOLMAYDU,BU MISIRDIN KELGENLERNING IKKISINING BIRI (AMERIKIGHA KELGENI)GHICH POQ-SUDUK PURAYDU ,YAZDA YENIDA OLTURGHILI TAMAMEN BOLMAYDU YENE BIRI ISMI BILAL HUDDI UZUN SELTENETLIK BAY MEDINIYETKE IGE UYGHUR HELQINING KIYIMMI YOQTEK,AMERIKIGHA MISIRDIN KELIP EREPCHE BIR HIL GHEYRI KIYIMLERNI KIYIM UYGHUR KICHIK BALLARNING SUNNITINI QELIP JAN BEQIP YURUYDU.HAZIRQI ZAMAN UYGHUR ENENIWI KIYIMI, PAQIRAP TURIDIGHAN CHIRAYLIQ SAQAL-BURUTI BILEN KENG HELQ AMAM ICHIDE YAHSHI TESIR QALDURUP HICH BOLMIGHANDA HITAYNING PULINI ELIP (YAWASH,YAWASH )DEP YURGEN TURKDEK BOLISHI KEREK DINNI HADIM BOLIMEN DISE.BU UYGHUR HAJIM,MOLLAM,PIPI,QARIM DIGENLERNING QACHANLA QARISA BURUT-SAQALLIRIDIN TOPA ORLEP TURIDU HEM SHUNDAQ YURUYDU.

Unregistered
07-05-14, 15:18
Dostom, Erkin Siddikni Gonqandang qip-qizel bayraq asteda obdan tarbiligen bir kixi. uneng ailisi we urugtuqanliriden tatip gonsendanga sadiktur. u hargizmo hitayga yaman bomaydu. u xokratparas bir adam xunga ozene tohtemastin alim dap mahtaydu ham konirap kagan Nasa diki hikayaside sozlaydu. u azaldin Uygurla olamdo tirelemdu kari yoq. u ham akisi gonsendang hapa bolidigan we siyasatka taqexidigan birnasa yazmaydu. Siz uni mahtasengiz facebokkta dos bolisiz. uni tenkitlisingiz duxman boliz. Ixanmisengiz sinap korung.




Bu kichik piilliq emes, adem exmeq qilghanliq. Torda shunchiwala jiq inkaslar yezildi; referandurum degen shu ? yene nemini bilmekchiken? Temtirep qalghan bolsa bashqa jiddiy timilarda yazsun. Mesilen, Urumchi poyiz istansida ikki qerindishimiz neme uchun oz jenini tikishke mejbur boldi? mana bu yazghuse kelip ketkenler uchun , eng yaxshi tima, Xitaydin qorqmisila. Qeni Erkin Sidiqning qelimining kuchini , Ingilizche yazalashtek artuqchiliqini jari qilsun, etigendin kechkiche Yasir Qazining gepini qilmay, jiddiy mesililerge bash qatursun, Amerikida yashawatqanliqidek erkinlik muhitidin paydilansun, wetendiki ushshaq-balilar taliship-tartishqandin, Xcheteldiki Xitay mutexesisliri bilen talash-tartish qilsun, Mert uchun meydan bu!