PDA

View Full Version : Hitaylar tor Betlerde Uygurlarni oquk axkara hakaret kilsimu ularni qekleydigan adem



Unregistered
16-02-14, 07:34
Hitaylar tor Betlerde Uygurlarni oquk axkara hakaret kilsimu ularni qekleydigan hokumet bolmigan, eger uygurlar muxundak hitayni tillisa u derhalla "milliy bulgunqi" kalpikini kiyidu.

ە ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈۋەندىكىدەك ھاقارەتتە بولغان:
1 تەۋرىسۇن، يەر تەۋرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتسۇن...
2- ھەممىسى ئۆلسە ياخشى، ئەڭ ئەسكىسى شىنجاڭلىقلار ...
3- تەۋرەشتە ھايات قالغانلار خەنزۇلار بولسۇن ئىلاھىم ...
4- شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋايىلار، مەن شۇنداق قارايمەن. ئاكاڭ قارىغاي بىر موچەنمۇ ئىئانە قىلمايمەن. ھەممىسى ئۆلەپ تۈگىسە پوجاڭ ئېتىپ تەبرىكلەيمەن.
5- يەر تەۋرەپ ئۆلسۇن بۇ ئۇيغۇر ئىتلىرى بىرسىمۇ تىرىك قالمىسۇن. ئۆز ۋاقتىدا ماۋزىدۇڭ ۋاڭجىننى ھەممە ئۇيغۇر ئىتلىرىنى قىرىۋېتىشتىن توسۇپ قويغان. ئەسلى توسۇپ خاتا قىلىپتىكەن ......
يۇقارقىلار ئىچكىرىدىكى خەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرى بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەيرانلىق ھىس قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچۇردا، ھەيران قالغىنىم بۇلارنىڭ توردا ئەركىن ئازادە ھاقارەت قىلىشلىرىدۇر. تور ساقچىلىرى بۇلارنى كۆرمەسكە سالدىمۇ ياكى بۇلارغا شۇنداق ھوقۇق بەردىمۇ بۇنى مەن ئۇقمۇدۇم دېيىلگەن.
بەزى ئۇچۇرلاردا، ئىچكىرىدە يەر تەۋرىگەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەنزۇلارغا نان ۋە پولۇلار بىلەن ياردەم قىلغان كاۋاپچى ئالىم خالىققا ئوخشاش مىللىتى ئۈچۈن بېشى، ياتلار ئۈچۈن ئىچى ئېچىشىدىغان، داننى ئۆيدە يەپ توخۇمنى سىرتتا تۇغىدىغان ساخاۋەتچىلەرنىڭ، كېرىيە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا نان ۋە پولۇ ياردەم قىلسا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىچكىرىدىكى خىتايلارنىڭ گېلىدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر نان ۋە پولولارنىڭ كېرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ گېلىدىن ئۆتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.