PDA

View Full Version : Kashgardiki weqening ..........



Unregistered
17-12-13, 21:12
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 17-دېكابىر خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ, ھۇجۇم قىلغۇچىلار ۋە ساقچىلاردىن جەمئىي 16 ئادەم ئۆلگەن. مۇكەممەل بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا, بۇ شىنجاڭدا 2013-يىلىدىن بۇيانقى 7-قېتىملىق زوراۋانلىق ۋەقەسى بولۇپ, ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقە بىلەن بولغان ۋاقىت ئارىلىقى بىر ئاي كېلىدۇ. شىنخۇا تورى 17-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە, ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر دېلونى بىر قېتىملىق تەشكىللىك, پىلانلىق زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى دەپ قارىغان. شىنجاڭدىكى ساقچىلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە, 2013-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ, ھەسەن ئىسمايىلنىڭ باشچىلىقىدا پەيدىنپەي 20 ئەزادىن تەركىب تاپقان تېررورلۇق شايكىسى شەكىللەنگەن. مەزكۇر شايكا كۆپ قېتىم يىغىلىپ, تېررورلۇققا ئائىت ۋىدېئولارنى كۆرۈپ, دىنىي رادىكال ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ, پارتىلىتىش ئەسلىھەلىرى, قورال ياساپ, كۆپ قېتىم زوراۋانلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان. تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى قىلىشنى پىلانلىغان. 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا ساقچىلار سايباغ يېزىسىدا جىنايەت گۇماندارى ھەسەن ئىسمايىلنى قولغا ئالغاندا, تۇيۇقسىز كۆپلىگەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە ساقچىلار 6 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان بولۇپ, بىر تۈركۈم پارتىلىتىش ئۈسكۈنىسى, ئۆزلىرى ياسىغان قورال, پىچاق قاتارلىقلارنى ئولجا ئالغان. يەرلىك ئىجتىمائىي تەرتىپ نورماللاشقان.
ئەسلى مەنبە:http://news.okyan.com/news/china/2013/1217/3976.html