PDA

View Full Version : ‏ئىچىكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ قان ت&



Unregistered
26-11-13, 12:28
2000-يىلى تۇنجى قارار ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بىزنىڭ يول باشچىمىز بۇلۇپ يول ئېچىپ ئىچكىرى تولۇق نى شەكىللەندۈردى . شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىلى شىنجاڭدىن تاللانغان بىر تۈركۈم ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مەمىلكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا بېرىپ بىلىم ئالدى . بۇ سىياسەت ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سانى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بارماقتا .
   ئىچكىرى تولۇق نى پۈتتۈرۈپ چىققان بىزلەر نىمىلەرگە ئىرىشتۇق ، نىمىلەردىن مەھرۇم بولدۇق؟
2009-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى . دادام شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپمۇ مىنى باغرىغا بېسىپ ئۇزىتالمىدى ... مانا بۇ مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە نىسپەتەن بىرىنچى يوقۇتۇش. مىنىڭ تەقدىرداشلىرىم ھەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە ...
  8-ئاينىڭ 27- كۈنى ، بىزنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 67- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئېلىپ ماڭدى . پويىز قوزغالغان چاغدا دادامغا تېلفۇن قىلىپ يولغا چىققانلىقىمىزنى ئېيتتىم ، دادام يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا ئاق يول تىلىدى . بۇ دادامنىڭ مىنىڭ ئالدىمدا ئىككىنچى كېتىم يىغلىشى ئىدى . بىرىنچى قېتىم رەھمەتلىك چوڭ ئانام تۈگەپ كەتكەندە يىغلىغان ئىدى . مانا بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر يوقۇتۇش .   
  مەكتەپكە يىتىپ باردۇق ، مەكتىپىمىز يېپىق تۈزۈمدىكى (شىنجاڭلىق بالىلارغا ) مەكتەپ ئىدى . بىر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ھەر قېتىم ئىككى سائەتلىك نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ۋاقتى بېرىلەتتى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشىمىز چەكلەندى . پائالىيەت دائىرىمىز مەكتەپ ئىچى . ھەر كۈنى سىنىپ ،ياتاق ، ئاشخانىنى مەركەز قىلغان ئۈچ بۇرجەك تۇرمۇش باشلاندى . سىرىتقى مۇھىت بىلەن ئايرىپ تاشلاندۇق ، يانفۇن ئىشلىتىشىمىزنى چەكلىدى. سىرىت بىلەن ئايرىلغان مۇھىتتا ياشاش خۇددى ئىپتىدائى يامغۇرلۇق ئورمىنىدا جاھاندىن بىخەۋەر ياشىغاندەكلا بىر ئىش . مۇشۇنداق مۇھىتتا تۆت يىل ياشىدۇق . مانا بۇ ماڭا ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمغا بولغان ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش.
‏ رۇزا ھېيىت دېگەنلەر پەقەت بىزنىڭ قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالدى ، مەكتەپ بىز تەلەپ قىلىپ يالۋۇرغان تەقدىردىمۇ بىزگە بۇ بايراملىرىمىز توغۇرلۇق بوشلۇق بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بۇ بايراملار بىزنىڭ قەلبىمىزدە خۈنۈكلىشىشكە باشلىدى. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمىمىز بولغان قۇربان ھېيتىمىز ئۈچۈنمۇ پەقەت بىر كۈن ۋاقىت بىرىلىپ كەلدى. يۇرتىمىزدىكى ھېيىت بايرام قىزغىنلىقى ، ئائىلىدىكى ھېيىت خۇشاللىقلىرىنى بىز تاپالمىدۇق. مانا بۇ مەن ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمغا نىسپەتەن يەنە بىر چوڭ يوقۇتۇش .
‏ مۇھىت تەسىر بىلەن مىللى كېيىم كىچەلىرىمىز تاشلىنىپ قالدى. قارۇغۇلارچە غەرىپ ۋە باشقا رايۇنلارنىڭ مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلىۋالغانلار ئاز ئەمەس. ئەگەر يۇرتىمىزدا، ئاتا- ئانىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا بولساق ئىدۇق، بەلكىم بۇ نەرسىلەرنى ساقلاپ قالغان بولاتتۇق. مانا بۇ مەن ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمغا نىسپەتەن يەنە بىر چوڭ يوقۇتۇش.
‏ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئانا تىلىدىكى ئەدەبىيات دەرىسىدىن بىرەر سائەت ئاڭلاپ باقمىدۇق، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان مىللى غورۇرىمىزنى يىتىلدۈرىدىغان، مىللى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى چۈشۈنىدىغان، ئانا تىلىمىزنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىدىغان، پىششقلايدىغان، ۋاپادارلىق تۇيغۇسى يىتىلدۈرىدىغان پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇق. مانا بۇ مەن ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمغا نىسپەتەن يەنە بىر چوڭ يوقۇتۇش.
‏ تۇنجى يىلى ھەر كۈنى ئائىلىگە تېلفۇن ئۇرۇپ ئەھۋال سورايتۇق، ئاتا - ئانىمىزنى شۇنچىلىك سېغىناتتۇق. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ھەر ئىككى كۈن ھەر ئۈچ كۈدە بىر ھەتتا ھەپتىدە بىر قېتىم، بەزىدە ئاتا - ئانىمىزنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ قالمىسا ئالاقىلاشمايدىغان بولدۇق. بۇنى باشقىلار سۈپەتلەپ مەكتەپكە كۆنۈپ قالدى دېيىشتى. ھەقىقەت بولسا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى مېھرى- مۇھەببەت سۇسلاشتى. مانا بۇ مەن ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمغا نىسپەتەن ئورنىنى تولۇقلاپ بولمايدىغان يوقۇتۇش.
‏  چەكلىك مۇھىت ئىچىدە ئۈگۈنۈش رىقابىتى سەۋەبلىك ئۆزى ئۈچۈن ياشاش خاراكتىرى يىتىلدى. نەتىجىدە يالغۇز ھەركەت قىلىشنى ياختۇرىدىغان ئادەم خالىمايدىغان بولدۇق. يۇرتقا قايتقان چاغلىرىمىزدا تونۇشلار ئۇچىراپ ئالدىمىزغا كېلىپ سالام قىلمىسا كالىدەك ئۆتۈپ كىتىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق. ئۇرۇق تۇققانلار ئارىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتمۇ سۇسلاشتى. مانا بۇ مەن ۋە مىنىڭ تەقدىرداشلىرىم ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدىغان يوقۇتۇش.
‏ ئەمدى بىزنىڭ ئىچكىرگە كېلىپ بىلىم ئېلىش جەريانىدا ئىرىشكەن نەرسىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. مەكتەپ بىزنىڭ ياتاق تامىقىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئالغان (ئەلۋەتتە بۇ خىراجەتنى شىنجاڭ مالىيەسىدىن ئاجىرتىدۇ) ئوقۇش ماتىرياللىرىمىزمۇ ھەقسىز، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن مەكتەپكىچە مەخسۇس ئادەم كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ۋە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ بىز ئېرىشكەن نەرسىنىڭ بىرى --ھەقسىز ئوقۇش.
‏ مەكتەپ بىزنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقىمىز، ئائىلىنى سېغىنىشىمىزنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ھەر يلى دۆلەت بايرىمى ۋە ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە ھەر خىل كۆڭۇل ئېچىش مەيدانلىرى ياكى ساياھەت رايۇنلىرىغا، تارىخى موزىيلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈشكە بولىدۇ. مانا بۇ بىز ئېرىشكەن نەرسىنىڭ يەنە بىرى.
‏ ئىچكىرگە كېلىپ، ئىچكىر ئۆلكە شەھەرلەر بىلەن يۇرتىمىزنىڭ پەرقىنى بىلىپ يەتتۇق، نەزەر دائىرىمىز كىڭەيدى. ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى تۇرمۇش سەۋيىسى، شەھەر قۇرلۇشىغا سېلىنىۋاتقان سېلىنما، مائارىپ سېلىنمىسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋيىسى ھەقىقەتەن يۇرتىمىز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرجىدە، بولۇپمۇ مائارىپ تەرەققىياتى. مەن شۇنىڭغا ھەيران، يۇرتىمىزدا نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق مائارىپ تەربىيەلەش شارائىتى يوق؟ نىمىشقا بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدا پەرىق شۇنچە چوڭ... بۇلارنى بىز چۈشۈنۈپ يەتتۇق. يەنى بىز يەنىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرشىمىز كېرەك، مىللەتنىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرشىمىز كېرەك، ناخشا-ئۇسۇل بىزگە ئەسقاتمايدىكەن، بىز ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ دۇنياغا تۇنۇلالمايدىكەنمىز، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى پەقەت بىلىم بىلەنلە ئىپادىلەپ بىرەلەيدىكەنمىز، ھەم ئورنىمىزنى تىكلىيەلەيدىكەنمىز... مانا بۇ بىز ئېرىشكەن يەنە بىر چوڭ نەرسە.
‏ بىز ئىچكىرى تولۇق تا تۆت يىل ياشاش ئارقىلىق ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇستەقىل ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۈردۇق. ئىش قىلساق نىشان ئېنىق، نىمە ئارقىلىق نىمىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. مانا بۇ بىز ئېرىشكەن يەنە بىر نەرسە.
‏ مۇساپىرلىقنىڭ تەمىنى تېتىدۇق. مىللى كەمسىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. ھەر بىر ئىشىمىز، گەپ سۆزىمىز بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلغان ۋاقىتتىكى ھېسسىياتنى تېتىدۇق، ھەم كۈچۈمىزنىڭ بارىچە مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئۆز ھەركەتلىرمىزدە، سۆزلىرىمىزدە تەشۋىق قىلدۇق. يەنى مىللەت تۇيغۇسى، مىللەتنى سۆيۈش تۇيغۇسى ئويغاندى، مانا بۇ بىز ئېرىشكەن ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە.
‏ بىر قەدەر ئالى بولغان، سىستىمىلىق مائارىپ تەربىيەسىگە ئېرىشتۇق، دۆلەتنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ غەمخورلىقىغا ئىرىشتۇق. مانا بۇ بىز ئېرىشكەن يەنە بىر نەرسە.
‏ كۆپلىگەن مىللەت بىر سىنىپتا ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى، ئالاھىدىلىكلەرنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەندۇق. باشقا مىللەت ساۋاقداشلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۈگەنگۈچىلەرمۇ چىقتى. مانا بۇ بىز ئېرىشكەن يەنە بىر نەرسە.
‏ يوقۇتۇش بولغاندىلا ئاندىن ئېرىشىش بولىدۇ. بۇ ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت، ئەمما يوقۇتۇشقا تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى كۆپ يوقۇتۇپ قويدۇق. ئېرىشكەنلىرىمىزنى يىغىپ كەلسەك يوقاتقانلىرىمىزغا بويلىمايدۇ، ھەم ئېرىشكەنلىرمىزنى ئېلىپ بېرىپ يوقاتقانلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز... بالىلار ئاتا - ئانىلاردىن كىچىك ئايرىلمىسىكەن، بىز ئېرىشكەن بىلىمگە، ئۆز يۇرتىمىزدا تۇرۇپمۇ ئىرىشكىلى بۇلاتتى... ئاتا - ئانىلار بالىللىرىنى ئۆز يانلىرىدا تەربىيەلىسىكەن... بىزنىڭ يوقىتىۋاتقىنىمىز پەقەت بىزلا ئەمەس بىر مىللەت يوقىتىۋاتقان نەرسە...
2013-يىلى 9ئاي 10-كۈنى