PDA

View Full Version : ‏زەھەر بازىسىدىكى ئۇيغۇتلار

Unregistered
05-11-13, 09:33
يېقىندا، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىدە يېرىم يىل تۇرۇپ قالدىم.بۇ جەرياندا بۇ ئۆلكىنىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىگە باردىم . سىلەرگە ئۇ يەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرىمنى سۆزلەپ بېرەي . بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار .
ھازىر يۈ ننەن ئۆلكىسىدە تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ ، كۈ نمىڭدا 500 ئەتراپىدا، رۇيلىدا (جۇڭگو - بېرما چېگرىسىدىكى بىر كىچىك شەھەر)3000 ئەتراپىدا،يەنە باشقا جايلاردا مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تارقاقلاشقانىكەن.
بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۈرۈمچى ، قەشقەر (مارالبېشى ناھىيىسىدىن كۆپرەك)،غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ ،ھەممىسى "تىجارەت" بىلەن شوغۇللىنىدىكەن . نىمە تىجارەت دەپ سورىشىڭىز مومكىن ، ئالدىرىماڭ ، گەپنى ئاۋال يۈ ننەن ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىدىن باشلاپ تونۇشتۇرىمەن. يۈ ننەن ئۆلكىسى جۇڭگو - بېرما چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، چېگرىدىن كىرىپ - چىقىش ئىنتايىن قولايلىق (يەرلىك خەلقلەر 5يۈ ەن بىلەن سىزنى چېگرىدىن چىقىرىپ قويالايدۇ). قارشى تەرەپتىكى بېرما بولسا دۇنيا زەھەرلىك چېكىملىك تېرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇيەردە خىروئىننىڭ ساپلىقى يوقۇرى ،باھاسى ئەرزان .بېرمىدا تېرىلغان ئەپيۇن پىششىقلاپ ئىشلىنىپ خىروئىنغا ئايلانغاندىن كىيىن ، يۈ ننەن ئۆلكىسى ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرىپ ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق كۈ نمىڭغا يىغىلىدۇ، بۇيەردە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىن ،شاڭخەي ، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە توشۇلىدۇ،ئەڭ ئارقىسىدا چەتئەلگە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ. دىمەك يۈ ننەن ئۆلكىسى جۇڭگودىكى خىروئىننىڭ توپ تارقىتىش مەركىزى . رۈ يلى(جۇڭگو - بېرما چېگرىسىدىكى بىر كىچىك شەھەر)دا بىر گىرام ساپ خىروئىننىڭ باھاسى 60 يۈ ەن بولۇپ، كۈ نمىڭغا توشۇپ كىلىنسە گىرامى 200 يۇ ەنگە چىقىدۇ ، داۋاملىق شاڭخەي ياكى گۇاڭجۇغا ئېلىپ بېرىلسا 400يۈ ەنگە چىقىدۇ (ئەلۋەتتە قولدىن قولغا ئۆتكىچە باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنسە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ).مانا مۇشۇنداق زور پايدىنىڭ كۈشكۈرتىشىدە نۇرغۇن كىشىلەر جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ ،جىنايەت يولىغا ماڭماقتا ، بىزنىڭ يۈ ننەندىكى 5000 ئۇيغۇرىمىزمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي ،تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ خىروئىن ئەتكەسچىلىكى قلىش بىلەن شوغۇللانماقتا. ھەتتا ئۆزى قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرىنى ،ھەتتا ئاتا - ئانا ، پەرزەنت ، خوتۇنلىرىنى تارتىپ كىرمەكتە.
گەپنى رۈ يلىدىن باشلايلى ، جۇڭگو - بېرما چېگرىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىككىنە گۈزەل شەھەردە قىش بولمايدۇ ، ھەممىلا يەردە ياپيېشىل ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى. شەھەر كىچىكلىكىگە قارىماي ئىنتايىن ئاۋات ،بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ شەھەردە قىمارنى ، پاھىشىۋازلىقنى ، زەھەر چېكىشنى چەكلىمەيدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ ئاشكارە قىمارخانا مۇشۇ شەھەردىكى تۆتيولتۇزلۇق جىنچىڭ مىھمانخانىسىغا جايلاشقان (ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن زامانىۋى ، خەلقئارالىق قىمارخانا).مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن كەلگەن سەتەڭلەر ۋە بېرمىلىق بالا پاھىشىلەر ھەممىلا يەردە بار .مانا مۇشۇ شەھەردە ھازىر 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار . خۇددى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا كىتىۋاتقاندەك ئەتراپىڭىزدىن ئۇيغۇرلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ. دوقمۇش - دوقمۇشلاردىكى ئۇيغۇر ئا شخانىلىرىدىن تارقىلىۋاتقان مەززىلىك تاماق ھىدى ، ھەشەمەتلىك رىستۇرانلاردىكى ئولتۇرۇش - تويلار ئۆزىڭىزنى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ.ئەمما مەن بۈگۈن سىزگە بۇ باياشاتچىلىقنى ئەمەس ، بەلكى مۇشۇ باياشاتچىلىقلارنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىللىك ، رەسۋاچىلىقلارنى تونۇشتۇرىمەن

بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار يۈز پىرسەنت خىروئىن ئېلىپ سېتىش ،توشۇش،ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ. بۇلار ئاساسەن يۇرت، ئائىلە، جەمەتنى بىرلىك قىلىپ تەشكىللەنگەن ئۇششاق گورۇھلاربولۇپ ، بەزىلىرى مال ئەكىلىشكە، بەزىسى يوشۇرۇشقا ، بەزىسى توشۇشقا، بەزىسى سېتىشقا مەسئۇل.يوشۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي: بۇ يەرگە شىنجاڭدىن كەلگەن ئەڭ داڭلىق ھۈ نەرۋەن، سەيپۇڭ، موزدوزلار توپلانغان بولۇپ ، بۇلار خىروئىننى كاستىيومنىڭ قېتىغا ، ئاياقنىڭ پاشنىسىغا، چاماداننىڭ قېتىغا ،سىز ئويلاپ تاپالمايدىغان، ھەتتا ماۋۇ يەرگە يوشۇرۇلغان دەپ كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ، سىز بىرەر سائەتكىچە ئىزلەپ تاپالمايدىغان قىلىپ يوشۇرالايدۇ. ھەر بىر قىلغان ھۆنىرى ئۈ چۈن 5000-10000 يۈ ەن ھەق ئالىدۇ . ئەگەر كىم بىرەر يېڭى (ھۈ نەر)يوشۇرۇش ئۇسۇلى ئىجاد قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنى ھەممىسى تالىشىپ ،بېشىدا كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەم بىكار تۇرماي يېڭى ھۈ نەر ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى باشلانغۇچنىمۇ تۈگەتكەن ئەمەس ، ئەمما ئويلاپ چىققان تەدبىرلىرىگە ھەر قانداق ئادەم قول قويماي تۇرالمايدۇ.

ئەمدى خىروئىن توشۇش ۋە توشۇغۇچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، بۇمۇ ماقالىنىڭ ئەڭ يىرگىنىش قوزغايدىغان يېرى: خىروئىن سېتىۋېلىنغان ئىكەن ئەلۋەتتە قىممەت يەرگە توشۇپ سېتىلىدۇ ، لىكىن خىروئىن توشۇش قانۇنغا خىلاپ ، قانۇن بويىچە 50 گىرامدىن ئارتۇق خىروئىن توشۇسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. يۈ ننەندە زەھەر تەكشۈرۈش تۇتۇش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل ، يول - يوللاردا توساق قۇرۇپ تەكشۈرىدۇ، زەھەر ئېلىپ مېڭىش ئىنتايىن مۈشكۈل . ئەمما ئەقىللىق ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغىمۇ قولايلىق چارىسى بار . ئۇلار قانۇننى پىششىق تەتقىق قىلىپ ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن يوچۇق تاپقان : جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئالاھىدە كىشىلەر يەنى ھامىلىدارلار، بىر ياشقا تولمىغان بالىسىنى ئىمىتىۋاتقان ئاياللار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا سىرتقا كىپىللىككە بېرىشكە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ، يەنە 14 ياشقا توشمىغانلارنى جازالىمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پاھ!!! نىمە دىگەن ياخشى . شۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئاياق ئاياللار رۇيلىگە يېغىپ كەتتى . كوچا - كوچىدا قورسىقىنى دومبايتىپ يۈرگەن ئېغىر ئاياقلار ، كۆپ سانلىقى مارالبېشى ۋە ئىلىدىن كەلتۈرۈلگەنىكەن . ئۆتكەن يىلى 3- ئايدىن تارتىپ نۇرغۇن شىنجاڭلىق ئېغىر ئاياقلار زەھەرنى يەپ مېڭىپ (خىروئىننى مونەك قىلىپ ئوراپ يۈ تىدۇ،بىر ئېغىر ئاياق 100نى يىيىش ئۆلچەم ئىكەن ، كەم يىسە زىيان چىقىدىكەن، ئادەتتە قاقنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ ،چاينىماي يۈتىدۇ، ئەگەر مونەك قورسىقىدا يېرىلىپ كەتسە ئۆلىدۇ)ياكى توشۇپ تۇتۇلدى. ئارقىسىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۇيغۇر بولۇپ كەتتى،بىچارە دىھقان خوتۇنلار ھەم كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىسا ھەم ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. سېسىق زەي كامىرلاردا ناچار ، مۇسۇلمانچە دىگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يەپ شۇ يەردە بوشاندى . قويۇپ بەرسە ئەتىسىلا يەنە توشۇپ مېڭىپ يەنە تۇتۇلدى . مەن بۇنداق تۇتۇلغان ئاياللارنى ئىزدەپ كەلگەن بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. دەسلىپىدە ئۇلار ئۆزىنى بۇ ئاياللارنىڭ يۇرتدېشى دەپ تونۇشتۇردى ، كىيىن بىلسەم ئەرلىرى ئىكەن . مەن بىر مىسال كەلتۈرۈپ بېرەي: ئۆتكەن يىلى 8 - ئايدا مىنى ئىككى ئەر كىشى ئىزدەپ كىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى . بۇ ئىككى ئادەم قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدىكى دىھقانلار بولۇپ ، بىر جۇپ ئاچا - سىڭىلنى ئالغانىكەن . خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن بۇ بىر جۇپ ئاچا - سىڭىل بىر مەزگىلدە دىگۈ دەك ھامىلىدار بولۇپتۇ . كىيىن بۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنىدىن خەۋەر تاپقان خىروئىن ئەتكەسچىلىرى (بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ) ئادەم ئەۋەتىپ بۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ ، يوقۇرى ھەق بېرىدىغانلىقىنى ، ھەمىلىدار ئاياللارغا خىروئىننى يىگۈ زۈ پ توشۇتۇش ئارقىلىق يېرىم يىلدىلا باي بولۇپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ ، ئەرلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈ ننەنگە بېرىپ خىروئىن توشۇشقا قايىل قىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىككى جۇپ ئەر ئايال بۇ بارسا كەلمەس يولغا قەدەم بېسىپتۇ . خىروئىنچىلار ئاياللار پويىزدا ماڭسا قىينىلىپ قالىدۇ (پويىز 6 كۈ ندە بارىدۇ)دەپ گەپ ياساپ ، ئۇلارنى ئەرلىرىدىن ئايرىپ ئايرۇپىلاندا ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئەرلىرىنى بولسا پويىزغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئەرلىرى 6 كۈ ندە پويىزغا ئولتۇرۇپ ،ئاندىن ئاپتۇبۇسقا ئالمىشىپ رۈ يلىگە بارسا ئاياللىرى يوق تۇرغىدەك . قاتتىق سۈ رۈ شتۈ رگەندىن كىيىن بىلىپتۇكى ، ھەر ئىككىلا ھامىلىدار ئايال ئەرلىرى كىلىشتىن ئىككى كۈ ن بۇرۇن خىروئىن يەپ مېڭىپ ، توساقتا تۇتۇلۇپ قاپتۇ . ئەڭ يامان بولغىنى ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ قورساقتىكى بالىسى خىروئىننى چىقىرىش جەريانىدا (چوڭ تەرەت بىلەن چىقىرىدۇ، خىروئىن دىگەن پوق ئارىلاشقان مەينەت نەرسە.خىروئىن ئالىدىغانلار رۈ يلىنىڭ خىروئىنى دىسە ئاۋال قولىغا ئېلىپ پۇراپ باقىدۇ، گەندە پۇرىسا راست رۈ يلىنىڭ خىروئىنى ئىكەن دەيدۇ) بويىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ (بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئاياللار ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىدۇ). بۇنىڭ بىلەن كېپىللىكە ئەپچىقىش ئۈ مىدى بولغان خوجايىننىڭ ھىچنىمە بىلەن كارى بولماپتۇ. ئەرلىرىنى بولسا ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ ،ھەمدە نەگە بېرىپ ئەرز قىلساڭ قىل دەپ پوپوزا قىپتۇ(ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ماجراسىنى ساقچىلار ئانچە سوراپ كەتمەيدۇ). بۇ ئىككى ئەر ئامالسىز قالغاندىن كىيىن ئاندىن مىنى ئىزلەپ كىلىپ دىلو مەلۇم قىلغانىكەن . بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ مەن بۇ ئىككى لاتا ئەردىن قاتتىق نەپرەتلەندىم ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيۈ ملۈ ك ھالال جۈ پتىنى ، تۇغۇلماقچى بولۇۋاتقان پەرزەنتىنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ دوغا تىككەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدىم ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ نادانلىقىغا ئىچىم سېرىلدى . قانۇنى ئىسپاتلارنى تولۇقلىغاندىن كىيىن ھېلىقى خوجايىننى دەرھاللا تۇتۇپ ، چىرايلىقچە تۈ رمىگە جايلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئۆز يۇرتداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان بۇ مەلئۇن ئۆزىگە كىلىدىغان ئۆلۈ منى كۈ تۈ پ ياتماقتا. ھېلىقى ئىككى ئاچا - سىڭىل پەردە ئارقىسىدىكى خوجايىننى پاش قىلىشتا تۆھپىسى بار دەپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈ م قىلىندى (ئادەتتە مۇددەتسىز كىسىلەتتى ) . ئاچىسى ھامىلىدار بولغاچقا سىرتتا ئىجرا قىلىشقا قويۇپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ سىڭلىسى (ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانىكەن)ياقا يۇرتنىڭ تۈ رمىسىدە ھەسرەت بىلەن يىغلاپ قالدى .مانا مۇشۇنداق تۈرمىلەردە يېتىپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى خوجايىنلار ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر يۇرتداشلىرى ئالداپ ئىلىپ كېلىپ تۈ رمىگە تاشلاپ بەرگەن . يەنە بىر قېتىم 12ياشلىق خوتەنلىك بىر بالا قولىمىزغا چۈ شۈ پ قالدى . خوجايىنى 50 مونەك خىروئىننى ئۇرۇپ قورقىتىپ يىگۈ زگەنىكەن ، بىچارە بالىنىڭ گېلى يارا بولۇپ كىتىپتۇ، ئەھۋالىنى سۈ رۈ شتۈ رسەم بۇ بالىنى ئۆگەي ئانىسى 2000 يۈ ەنگە خوجايىنلارغا (خوجايىنىمۇ بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق) سېتىۋەتكەن ئىكەن. بىر كۈ نى بىر ناتونۇش ئادەم بۇ بالىنى ئەكىتىمەن دەپ ئىزدەپ كەلدى ، ئەمما بالىنىڭ ئەقلى بار ئىكەن ، كەينىمگە ئۆتىۋېلىپ ئۇ ئادەم بىلەن ماڭغىلى ھەرگىز ئۇنىمىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىنى يېنىمدا ئېلىپ قالدىم ، ئىدارىنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈ كىدىن ئەخلەتلەرنى تېرىپ ، ئۇششاق ئىشلارغا يارەملىشىپ يۈ رۈ پ ، ھەممىسىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈ ردى . ئاخىرى بۇ بالىنىڭ ئۆز ئاكىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ بالىنى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خوتەندىكى ئاكىسىنىڭ قولىغا يەتكۈ زۈ پ بەردۇق . بالىنى ئۇزاتقان چاغدا ماڭا ئېسىلىۋېلىپ يىغلاپ ئاران ماشىنىغا چىقتى . كىچىككىنە تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن شۇنچىلا ئازار يىگەن بالا بەلكىم جەمئىيەتنىڭ يەنىلا ئىللىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان بولسا كېرەك . بۇ بالىنىڭ يوغان غۇبارسىز كۆزلىرى بىر ئۆمۈ ر ئىسىمدىن چىقماسلىقى مومكىن. مانا مۇشۇنداق مىللەتنىڭ كەلگۈ سى دەپ ئۈ مىد كۈ تىدىغان پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىپلاس كىشىلىرى تەرىپىدىن جىنايەتكە مەجبۇرلانماقتا.
رۈ يلىدە ئە *** ئىسىملىك مارالبېشىلىق داڭلىق بىر خىروئىن ئەتكەسچىسى بار ئىدى . يېشىنىڭ چوڭلۇقى ،تېنىنىڭ ئاجىزلىقىغا باقماي مارالبېشىدا بىر ، رۈ يلىدا ئىككى بولۇپ جەمئىي ئۈ چ خوتۇنى بار ئىدى. رۈ يلىدىكى ئىككى خوتۇنى ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ ، ئە *** ھەر كۈ نى مۇشۇ ئىككى خوتۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ياتاتتى . ئە *** رۈ يلىدە بىر چوڭ ھەشەمەتلىك مىھمانخانا ئاچقان بولۇپ ، ئۈ رۈ مچىدىكى داڭلىق رىستۇرانلاردىن قېلىشمىغۇدەك رىستۇرانىمۇ بار ئىدى . نۇرغۇن خىروئىن سودىگەرلىرى مۇشۇ مىھمانخانىدا يېتىپ ئۆز سودىسىنى قىلاتتى . بىر ۋاقىتلاردا مىھمانخانىغا ئېغىر ئاياقلار توشۇپ كىتىپ كارىدورلاردىمۇ يېتىشىپ كەتكەنىدى . پۈ تۈ ن بەش قەۋەتلىك مىھمانخانا ئەمەلىيەتتە خىروئىنچىلىقنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغانىدى . ئە *** بولسا مۇشۇ جىنايەت تورىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ ، خوتۇن - بالىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق پۇل تاپاتتى . ئۇزاق مەزگىل ئىسپات توپلاش ئارقىلىق ئە *** نىڭ مىھمانخانىسىنى پىچەتلەپ ، مىھمانخانىدىكى بارلىق ئادەملەرنى تۇتتۇق . ئە *** ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئەلۋەتتە تۈرمىگە تاشلاندى ، لىكىن 10 ياش ۋە 8 ياشقا كىرگەن ئىككى قىزى تالادا دىگۈ دەكلا قالدى. شۇنچە يىلدا تىكلىگەن ئىمپىرىيىسى بىر كىچىدىلا يوق بولۇپ ، ھەممىسى ئۆز بېشىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا قالدى. شۇ كۈ نى قولغا چۈ شكەنلەرنىڭ قاتارىدا 60 ياشتىن ئاشقان پەرىشتە سۈ پەت ئىككى ئايالمۇ بار ئىكەن . دەسلىپىدە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدىم ، ئارىسىدىن بىرەيلەن ئوبۇرنىغا كىرىپ چىققاندىن كەينىدىن كىرگەنلەر يوغان بىر كاللەك خىروئىننى تېپىۋاپتۇ . ئەسلىدە بۇ موماي خىروئىننى جىنسىي يولىغا تىقىۋالغانىكەن . مالنىغۇ ئىگىسىز مال قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ مومايلارنى قويۇۋەتتۇق ، ئەمما بۇ ئىككى موماي كۆزۈ مگە ئىتتىنمۇ بەتتەر كۆرۈ نۈ پ كەتتى . بىر موماينىڭ ئوغلى تېخى يېقىندىلا زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇددەتسىز كىسىلگەنىدى . ئەمدى ئېشىپ - تېشىپ ئانىسىمۇ مۇشۇنداق قىلسا . ھەي!
يەنە بىر قېتىم قۇچىقىدا ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسى بار 19 ياشلىق بىر غۇلجىلىق قىزچاقنىڭ دىلوسىنى ئىشلىدىم ، بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئۈ چ قېتىم تۇتۇلۇپتۇ . خوجايىنى كارى بولماي تاشلىۋىتىپتۇ . خوجايىنى ھە*** ئىسىملىكze غۇلجىلىق ئايال بولۇپ ، رۈ يلىدە ئاشخانا ئاچىدىكەن ، ئىسپاتىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كىيىن دەرھال بېرىپ ھە*** نى ئاشخانىسىدا قولغا ئالدۇق ، قىزىق يېرى بۇ ئاشخانىنىڭ تاماق ئىتىدىغان ئەمبەل ، ئوچاقلىرىمۇ يوق ئىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى تىكلەپ قويۇپ خىروئىنچىلىق قىلىدىكەن . ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە بىرەيلەننىڭ يىپ ئۇچى تەمىنلىشى بىلەن بىر ئىجارە ئۆيگە كىرىپ ، نەق خىروئىنغا ھۈ نەر قىلىۋاتقان يەردىن ئىككى ئايالنى تۇتتۇق . ئارىسىدىكى بىرى 20 ياشلاردىكى قىزچاق ئىكەن ، مىنى كۆرۈ پ قاتتىق ئەلەملىك كۈ لۈ پ كەتتى . نىمىگە كۈ لگەنلىكىنى سورىسام ، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ھېلىقى ھە*** نىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى ، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەنننىڭلا مىنىڭ قولۇمغا چۈ شكەنلىكىدىن ھەيران بولۇپ كۈ لگەنلىكىنى ئېييتتى . 300 گىرام نەق مال بىلەن قولغا چۈ شكەن بۇ قىزچاق ئەمدى كىيىنكى ئۆمرىنىڭ ئاچىسىغا ئوخشاش تۈ رمىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاچچىق كۈ لگەن بولسا كېرەك .
رۈ يلىدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تەقۋادار كىلىدۇ . بەلكىم ئالاھىدە جىددىي بولغان بېسىم سەۋەبىدىن خۇداغا بەكرەك سېغىنسا كېرەك . ھەر قېتىم مال (خىروئىن ) ماڭدۇرۇشتىن ، سودا قىلىشتىن ئىلگىرى كىچە - كىچىلەپ خۇداغا سېغىنىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ چىقىدۇ . ھەتتا ئۇلارنىڭ پالانچى ئايەتنى مانچە قېتىم ئوقۇسا ساقچى تۇتالمايدىكەن دەيدىغان سۆزلىرى بار . دىندىن خېلى خەۋىرى بار ، ئۇزۇن ساقال قويۇۋالغان پالانچى قارى ئاتلىق قارى ، موللىلار بالا - ۋاقا ، كىلىنلىرىنى ئىشقاسېلىپ خىروئىنچىلىق قىلىدۇ . مېلىدىن چاتاق چىقسا بىر - بىرىنىڭ ساقىلىنى يۇلۇشۇپ كوچىمۇ - كوچا جىدەل قىلىدۇ . ھەممىدىن ئېشىپ كەتكەن يېرى شۇكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇغاچ شۇ يەردىلا قولمۇ قولچە خىروئىن سودىسى قىلىدۇ . چۈنكى مەسچىتكە ساقچى كىرىپ تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
رۈ يلىدە بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بار . بۇ يەرگە دائىم ئۇيغۇرلار يەرلىككە قويۇلۇپ تۇرىدۇ . بىراق ھىچقايسىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ئەمەس . سوتتىن ئۆلۈ مگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىلغانلار، ئاق چېكىپ قېتىپ قالغانلار ، خىرونىننى يەپ توشۇيمەن دەپ قورسىقىدا ئېچىلىپ كىتىپ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەر بۇ يەرگە قويۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر پۇل تاپىمىز دەپ ئۆلۈ گى ياقا يۇرتتا قالدى ، نۇرغۇنلىرىنىڭ قەۋرىسىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئۆيىدىكىلەرمۇ بىلمەيدۇ ، بۇ يەردىكىلەر بولسا بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، سۈ رۈ شتۈ رۈ شنىمۇ خالىمايدۇ ، چۈ نكى بۇ يەردە ھايات بىلەن ئۆلۈ منىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق ، ھاياتلارمۇ ئۆلۈ ك ، روھى ئاللىقاچان ئۆلگەن .
ھۆرمەتلىك دوستلىرىم ، مېنىڭ يوقۇرقىدەك تونۇشتۇرۇشۇم بىلەن يۈ ننەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قۇر چۈ شەنچىگە ئىگە بولغانسىز ، مەن پەقەت بىر قىسمىنىلا سۆلەپ بەردىم. مەقسىتىم كۆپچىلىككە ئىبرەت قىلىش ، ئۆز ئادەملىرىمىزنى تونۇتۇش ، نىمە ئۈچۈن ئىچكىرىدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈ رۈ ش . ئازغان بۇرادەرلىرىمىزنى بۇ بارسا كەلمەس يولدىن قايتۇرۇپ كىلىشكە تىرىشايلى ، ھىچ بولمىغاندا ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بۇ يولغا مېڭىپ قېلىشتىن توسايلى.
يۇقۇردا دىيىلگەندەك بۇ جايدا زەھەر كۆپ بۇلۇشنىڭ سەۋەبى، بۇ جاي دۇنياغا داڭلىق زەھەر بازىسى بولغان ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك بىلەن قوشنا بولغانلىقىدىندۇر .

ئالتۇن ئۈچ بۈرجەكنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشىدىكى سەۋەپكە كەلسەك:
ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك دۇنياغا داڭلىق زەھەر ئىشلەش بازىسى . ئۇ تايلاند - بىرما- لاۋئوس قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ چىگىرلىنىش جايىغا جايلاشقان بولۇپ يەر كۆلىمى 150 مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر بولۇپ يىشىللىققا پۇركەلگەن بىر تاغلىق رايون. نوپوسى 2-3 مىليون بولۇپ ئاساسلىق ۋازۇ مىللىتى ۋە ئازاتلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قىچىپ كەتكەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 92 - دىۋىزىيەسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى . ئاساسلىق دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ يىللىق كىرىمى 200 يۇەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بولۇپ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ۋە جاپالىق . ھازىر ئۇلار ئاساسلىق چاي تېرىش ۋە مىۋە ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ.

Unregistered
05-11-13, 10:23

92 - دىۋىزىيەسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تەيۋەن تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتا كىرىشتە ئالدىنقى بازا بولىدۇ دەپ قاراپ ئۇلارنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ قۇيغان كىيىن بۇلارنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە دۆلەت تەۋەلىگى يوق . ئۇلار تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياللانما ئەسكەر بولۇپ بىرمىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ نۇرغۇن قۇربان بىرىشلەر ئارقىلىق 200 مىڭ ئادەمنىڭ تايلاندتا تۇرۇش ھۆقۇقىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا دۆلەت تەۋەلىگى بىرىلمىگەن. شۇ سەۋەپتىن بۇ يەردىكى كىشلەر سىرىتقا چىقىپ ئوقۇش ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن بەھرىمان بولالمىغاچقا تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە باشقا جەۋەتلەردىن قالاق پىتى قىلىۋەرگەن . شۇڭا بۇ يەردىكى قىرىنداشلىرىمىز تەيۋەننىڭ تىزراق ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىنسانى ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىكەن.

Unregistered
05-11-13, 10:27
bu reswachiliqtim ibret alayli qerindashlar! allah ning jazasigha uqrap ketmeyli!