PDA

View Full Version : Anamning Ahu-Zari



Unregistered
03-10-13, 10:35
http://youtu.be/oC2JHPGA5yY

Unregistered
08-10-13, 21:35
ئۇيغۇرچە نۇسخا . مەنبە : ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (ئۇيغۇرچە) .
.

مۇراجىئەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىر ئۇيغۇرۇم ، ئۇشبۇ كىرىشتۈرۈلگەن سىننىڭ ، سۆزلىگۈچى مەزلۇمەنىڭ ھەربىر يۈرەكنى ئەزگۈدەك سۆزلىرىنىڭ تولۇق (ئىنگلىزچە) سىنى خالىس تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان قېرىنداشلىرىم بولسا ، ياردەم قولىنى سۇنىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.. مەقسەد : كۆپ خىل تىللىق نۇسخىلاردا قايتا ئېلان قىلىش ،تەشۋىق قىلىش ، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاھۇ زارى ، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئاھۇ زارى .


00:00:57- 00:00:47 . مۇشۇ تىلىۋىزوردا كۆرۈۋاتىمىز ، پەلەستىندىكى ، سۈرىيەدىكى ماڭا ئوخشاش ئانىلارنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز

نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ يىغىلىرىمىزنى دۇنيا كۆرەلمەيدۇ ؟؟ 00:01:00- 00:00:57

00:01:10 - 00:01:03 بىز قانچىلىغان ئانىلارنىڭ يىغىلىرىنى ، ئۇيغۇرنىڭ يىغىسىنى كۆرىدىغان ھىچقانداق نەرسە يوق ئىكەن ..

دۇنيادا بولۇۋاتقان يىغىلارنى بىز كۆرۈۋاتىمىز ، بىزنىڭ يىغىمىزنى كۆرەلمەيدىكەن .. 00:01:15 - 00:01:10

مەن ئۆز-ئۆزەمگە : شۇنداق يەردە بولۇپ قالسامچۇ.... دىدىم . 00:01:19 - 00:01:16

ئۇلار دۇنياغا ئوچۇق ئاشكارە يىغىسىنى كۆرسىتەلەيدىكەن .. 00:01:24 - 00:01:20

قانداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتەلەيدىكەن .. 00:01:27 - 00:01:24

بىز نىمە ئۈچۈن كۆرسىتەلمەيمىز ؟ 00:01:32 - 00:01:27

مۇشۇنىڭغا ئېچىنىمەن ... مۇشۇنىڭغا يىغلايمەن .... 00:01:36 - 00:01:32

بىز بەك بىچارە ئىكەنمىز ...... بىز بەك بىچارە ئىكەنمىز ..... 00:01:41 - 00:01:36

00:01:48 - 00:01:42 ئۈرۈمچىدە مەندەك قانچىلىغان ئانا يىغلاۋاتىدۇ ؟ ۋە تىنىمىزدە قانچىلىك ئانا ماڭا ئوخشاش يىغلاۋاتىدۇ

ئۇنى كىم كۆرەۋاتىدۇ ؟ ھىچكىم كۆرەلمەيۋاتىدۇ . 00:01:51 - 00:01:48

بىز ئۆزىمىزلا كۆرۈۋاتىمىز . 00:01:53 - 00:01:51

زۇلۇمغا ئۇچرىغان ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئانىلارلا ، ئۆزىلا كۆرۈۋاتىدۇ . 00:01:59 - 00:01:53

ئۆزىمىزلا كۆرگەچكە ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە يىغلاپ كەلدۇق . 00:02:05 - 00:02:00

ئۇلارنىڭكى( يىغا ،دەردۇ ئەلەملىرى)نى كۈندىلىكنى كۈندىلىك كۆرەلەيدىكەن . 00:02:08 - 00:02:05

پۈتۈن دۇنيا كۆرەلەيدىكەن ، پۈتۈن دۇنيا ھېسداشلىق قىلالايدىكەن ، ھېسداشلىق قىلىدىكەن . 00:02:14 - 00:02:09

ماۋۇنى خاتا قىلدىڭ ، مانداق قىلما دەيدىغانلار چىقىۋاتىدۇ . 00:02:18 - 00:02:14

تىلۋىزور( ئېكران)لاردا چىقىۋاتىدۇ ، مەن كۆرۈۋاتىمەن ، بىزنىڭكىچۇ ؟ چىقمىدى . 00:02:24 - 00:02:18

00:02:29 - 00:02:24 بىردىن ، ئىككىدىن (تۈرمىگە) ئېلىپ كىرىپ ، مېنىڭ بالامغا ئوخشاش بالىلارنى يەپ كېتىۋاتىدۇ

ماڭا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتقان ئانىلارنى ھىچكىم كۆرمىدى . 00:02:37 - 00:02:30

بىر ئاللاھ كۆردى ! بىر مۇشۇ يەپ كەتكەن يىرتقۇچ) خىتتاي(لار كۆردى . 00:02:42 - 00:02:37

شۇنىڭ ئۈچۈن ، پەلەستىندىكى ، سۈرىيەدىكى ئانىلار مەندىن بەخىتلىككەن دىدىم . 00:02:50 - 00:02:42

چۈنكى ئۇلار دەيدىغىنىنى دىيەلەيدىكەن ، 00:02:53 - 00:02:50

يىغلىيالايدىكەن .... 00:02:55 - 00:02:53

ئۆلگەن بولسىمۇ ، بالىسىنىڭ ئۆلىگىنى ئاپىرىپ ، يەرلىككە كۆمەلەيدىكەن . 00:02:59 - 00:02:55

مەنچۇ ؟ 00:03:01 - 00:02:59

مەن بالامنىڭ يا ئۆلىگىنى بىلمىسەم ، يا تىرىگىنى بىلمىسەم ...... 00:03:05 - 00:03:01

ماڭا ئوخشاش قانچىلىغان ئانىلار ھازىر مۇشۇنداق يىغىدا .... 00:03:09 - 00:03:05

قارشىلىق قىلالايدىكەن ، تىللىيالايدىكەن ، تاش ئاتالايدىكەن .. 00:03:14 - 00:03:09

يۈرىكىگە ئېتىۋەتسىمۇ ، يىقىلىپ ياتالايدىكەن ... 00:03:17 - 00:03:14

ئانىلىرى : ماۋۇ مېنىڭ بالام ئىكەن ، ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغان دىيەلەيدىكەن . 00:03:25 - 00:03:17

بىزچۇ؟؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىنى قانداق ئۆلتۈرۋەتكىنىنى بىلمەيمىز .... 00:03:30 - 00:03:25

00:03:36 - 00:03:30 يۈرەكلىرىنى ئېلىپ ئۆلتۈرىۋەتتىمۇ ياكى بۆرەكلىرىنى ئېلىۋالدىمۇ ؟ قانداق ئۆلتۈرىۋەتكىنىنى بىلمەيمىز

00:03:42 - 00:03:36 شۇنىڭ ئۈچۈن(پەلەستىن ، سۈرىيە)دىكى ئانىلارنى تىلىۋىزوردا كۆرۈپ ، مەندىن بەخىتلىككەن دېدىم

مەندىن بەختلىككەن . 00:03:44 - 00:03:42

مەن شۇ يەر )پەلەستىن ، سۈرىيە( لەردە بولۇپ قالسامچۇ .... ئىسسىت . 00:03:47 - 00:03:44

پەخىرلەنسۇن ئاشۇ (پەلەستىن ، سۈرىيە) دىكى ئاتا- ئانىلار. 00:03:50 - 00:03:47

يىغلىمىسۇن سۈرىيە ۋە پەلەستىندىكى ئاتا ئانىلار . 00:03:53 - 00:03:50

بالىسىنىڭ ئۆلىگىنى كۆرۈۋاتىدۇ ، 00:03:55 - 00:03:53

ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىپ كۆمۈۋاتىدۇ ، 00:03:58 - 00:03:55

قارشىلىق قىلغان يەرلىرىنى كۆرۈۋاتىدۇ . 00:04:01 - 00:03:58

بىزنىڭ بالىلىرىمىزچۇ ؟ ھىچ ئىش قىلمىغان بالىلارنى ، 00:04:05 - 00:04:01

قاپقانغا چۈشكەن يىرتقۇچ ھايۋاننى تۇتقاندەك تۇتۇپ ، 00:04:09 - 00:04:05

ئادەمنى تۇتقاندەك ئەمەس بەلكى يىرتقۇچ ھايۋاننى تۇتقاندەك تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ يوق قىلىۋەتتى . 00:04:13 - 00:04:09

ئاللاھىم....... بىزنى مۇشۇنداق ۋەھشى يىرتقۇچ بىلەن ياشايدىغان قىلىپ قويۇپلا ئاللاھىم. 00:04:24 - 00:04:13

نىمە گۇناھلىرىمىز بار بولغىيتى ئاللاھىم ؟ سىز بىلگۈچى! . 00:04:29 - 00:04:24

ھىچقانداق ئانىغا بۇنداق دەردنى بەرمىسۇن ئاللاھىم..... 00:04:40 - 00:04:29

Unregistered
19-10-13, 17:38
ejiba , qollap yardem beridighan hichkim yoqma ?


terjime qilinidighan asasliq tillar
<Engilizche>
<Erebche>
<Turkche>