PDA

View Full Version : خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېر



Unregistered
21-09-13, 04:59
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە تەدبىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە مۇقەددەس بولغان دىنىي ئېتىقاد ھېسسىياتىغا ھاقارەت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسچىت ھويلىسى ۋە مەسچىت مۇنارلىرىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، ھەتتا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى يېزا مەسچىتلىرىنىڭ مېھرابلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى ئېسىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى ماددىلارغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىنى ئاشكارا ھالدا ھاقارەت قىلىش قىلمىشى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادادىكى ئۆمەرجان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېكىتى، ئەلجەزىرە ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى توخۇلا يېزىسى قۇمباش مەسچىتىنىڭ مېھرابىغا ئېسىلغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنىڭ رەسىمىنى كۆرگىنىدە دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى ۋە خىتاي بايرىقىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەسچىتكە ئېسىلىشىغا سۈكۈت قىلغان مەسچىت ئىمامى قاتارلىق ئاتالمىشۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەقىقىي ئىمانى بار ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان بۇنداق قىلمىشقا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/din-hoquq-09202013220346.html