PDA

View Full Version : uyghur jamiytida Radicalisim eqimi mawjutmu?

Unregistered
29-08-13, 18:02
ھەددىدىن ئېشىش ،ئوتتۇرا ھاللىق ۋە پاسسىپلىق ھەققىدە قىسقىچە بايان

ئابدۇللاھ

ئەلمىساقتىن تارتىپ دىندار ئىنسانلارنىڭ مەلۇم دەۋىردە مەلۇم سەۋەبلە تۈپەيلى دىنى ئىشلاردا بەلگىلەنگەن دىينى ئولچەملەرگە لايىقىدا رىئايە قىلماسلىقى- بەزىلىرىنىڭن دىنى ئىشلارنى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىشى،بەزىلىرىنىڭ ئازايتىۋېتىشى نەتىجىسىدەئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان (مۆدىتىللىك-ئوتتۇراھاللىق) تىن ئىبارەت مۇسۇلمانچىلىق ئۇسۇلىنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسى، زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا مەيدانغا چىققان يىڭى بىر مەسىلە بولماستىن مۇسۇلمانلار بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەر دەۋىردە لايىقىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىدۇر.

ئېيتايلۇق :ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچ نەپەر ساھابىسى ئىبادەتتە ئۇنىڭدىن ياخشى ئۆرنەك ئېلىش نىيىتىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىبادىتى ھەققىدە سورايدۇ، رەسۇللاھنىڭ كۈندىلىك ئىبادىتىنىڭ نەقەدەر رىتىملىق ۋە ئۈزلۈكسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،ئۇلار"پەيغەمبەردەك بارلىق خاتا نۇقسانلاردىن پاك بىر زات بۇ دەرىجىدە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلغان يەردە بىز نىمىشقا پەقەتلا پەرز ،روزا رامىزان ،كۈنىگەبەشۋاقىت پەرز ناماز بىلەنلا چەكلىنىپ قالىمىز" دېگەن ياخشى بىر ئويدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس بىر خىل ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزىگە ئارتۇقچە يۈكلىۋالىدۇ.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سۆيۈملۈك پەيغەمبەر دەل ۋاقتىدا ئۇلارغا تەلىم بېرىپ ،بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنى نىڭ بار لىق ئىشلاردا ئوتتۇرا ھاللىقنى تەشەببۇس قىلىشىدەك ئىلغار روھىنى سەمىمى چۈشەندۈرسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى بىلەن باشقا نورمال كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ پەرقى بارلىقىنى شۇنداقتىمۇ دىينى ئىبادەت ئىشلاردا ئاللاھ بەلگىلىگەن بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئاتمايدىغانلىقىنى ۋە ئازايتىۋەتمەيدىغانلىقىنى،ئەگەر كىمدە كىم ئاشۇرۇۋەتسە ساۋاب تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىلمەستىن ئۆز ئۈزىگەزۇلۇم قىلىپ قويغۇچىلاردىن بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

گەرچە بۇ،ۋەقەلىك تەفسىلى ھالدا سەھىھۇلبۇخارى نىڭ ھالال شەيئىلەرنى قەستەن ھارام قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بابىدا قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ، ۋەقەلىكتىكى ئۈچ نەپەر ساھابە تەرپىدىن مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر مەسىلىنىڭ يەنە بىر بېشى دىنى ئىبادەت ئىشلاردا ياخشى نىيەت بىلەن بىلمەستىن ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قۇيۇشقا ئۇرنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، قالغىنىنى جانابى ئاللاھ ئۆزى بىلگۈچى.

ئەمما دىنى ئىبادەت ئىشلاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئازايتىۋېتىشقا ئۇرۇنغان ئەھۋاللار رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا يۈز بەرمىگەن دىيىشكە بولىدۇ.پەقەت ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن نىڭ دەۋرىدە بىر قىسىم سەھرالىق يىڭى مۇسۇلمانلار ئىسلامدىكى زاكات تۈزۈمىگە قارشى پىكىردە بولۇشقا تىرىشقان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بىۋاستا باشقۇرۇشىدىكى بېيتۇلمالغا نۇرمال تاپشۇرۇپ كىلىۋاتقان چارۋا ماللارنىڭ زاكاتىنى ئۇ،ۋاپات بولغاندىن كىينلا توختۇتۇپ ،زاكاتلىرىنى خەلىپە ئەبۇ بەكىر ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن غا تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ ،ئۇچۇق ئاشكارا ئىسيانكارلىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ،ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلىپە ئەبۇ بەكرىنىڭ قەتئى ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇ، مەسىلىمۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇۋافىق ھەل قىلىنغان.

ھازىر بىز ياشاۋاتقان بۇ ،دەۋىردە چۇ؟
بەزىلەر دەۋرىمىزدە دىنى ئىشلاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئېتىش مەسىلىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر دىيني ئىشلاردا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يېتەلمەسلىك،بەلكى ئازايتىۋېتىش مەسىلىسىنىڭ بەك ئېغىر باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى،ھارام يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق،كۈندە بەش ۋاقىت ناماز قىلىش،جازانە يېمەسلىك، قاتارلىق نورمال مۇسۇلمان دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك دىيني ئىشلار بەزى كىشىلەر تەرپىدىن بۇتۇنلەي ئىنكار قىلىنمىسىمۇ ،ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە بەش ۋاخ نامازنىڭ بىر ۋاققا قىسقارتىلغانلىقىنى،ھەتتا بىر ۋاق ناماز ئۇقۇماستىنمۇ ئۆزىنى خېلى مۆدىتىل مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىر سۈرمەكتە. بۇ، ھەقتە تالاش تارتىشلارنىڭ بولغانلىقى چوقۇم ھەر ئىككى خىل مەسىلىنىڭ دەۋرىمىزدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

قېنى ئەمسە،دىيني مەسىلىلەردە ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىش،ئۇتتۇراھاللىق،ۋە پاسسىپلىق ،دېگەن ئۇقۇملار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىئاگنۇز قۇيۇپ باقايلى!

پىكىر،ئىتىقاد،مۇئامىلە،مۇناسىۋەت،ۋە ئىبادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنساننىڭ بەلگىلەنگەن مەلۇم بىر ئۆلچەم دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشى،ئۇنىڭ بۇ، ساھەلەردە ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئپادىسى بۇلۇپ، ھەددىدىن ئاشقانلىق ياكى ھەددىدىن ئاشۇرۇش، ئىسلامدا ئېنىق چەكلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئىنساننىڭ پىكىر ،مۇئامىلە مۇناسىۋەتنى، بولۇپمۇ ئىتىقاد ۋە ئىبادەتنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزمەسلىكى ياكى ئازايتىۋېتىشى،ۋە ياكى پاسىپلىشىشى ،ئۇنىڭ دىينى جەھەتتە ئاجىزلىشىشنىڭ ئپادىسى بۇلۇپ، ئىيمانى ياكى دىينى ئاجىزلىشىشمۇ ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلمىگەن بىر خىل سەلبىي ئىللەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاتماسلىق ۋە يا كېمېىيتىۋەتمەسلىك بولسا مۆدىتىللىك-ئوتتۇرا ھاللىق نىڭ ئىپادىسىدۇر . ئىسلامنىڭ ئتىقاد، ۋە ئىبادەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ يۈكسەك تەلەپلىرىدەمۇ، مۆدىتىللىك ، ئوتتۇراھاللىق، ۋە تەۋھىدنى مەركەز قىلغان ساغلام تۇنۇش قارىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن،ۋاسىتىلىك ھالدا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە پاسسىپلىشىش مەسىلىلىرى تەنقىت قىلىنغان.
ئۇشبۇ نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئتىقادىڭىزدا ياكى ئىبادىتىڭىزدە ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز ھەددىدىن ئاشۇرغۇچى بولۇپ قالغان بولىسىز.ناۋادا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزەممىسىڭىز، ياكى قەستەن سەۋەبسىز ھالدا ئازايتىۋەتسىڭىز،دىنى جەھەتتىن ئاجىزلاشقان بولىسىز.بۇ ،ھەقتىكى ئىلاھى ئۆلچەم بىلەن تونۇشۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تېمىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، بىلىپ بىلمەستىن ئۆزىڭىزنى تەكچىگە ئېلىپ قۇيۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆلچەمگە رىئايە قىلىش قىلماسلىقىغا باھا بېرىشكە باشلىسىڭىز ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان،ۋە بەزىدە خاتالاشقان بۇلىسىز. ھەركىمنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا ئۆزگىگە نىسبەتەن بولغان مەسئۇلىيتىدىن ئۆزىگە قارىتا بولغان مەسئۇلىيىتى ئېغىر ۋە مۇھىم، ئۇنداق بولغان ئىكەن دىينى جەھەتلەردە باشقىلارغا باھا بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى دەڭ سېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ!

مۆدىتىل ،ئوتتۇراھال بولۇشنىڭ بىردىن بىر تەلىپى، ئىتىقاد ۋە ئىبادەتنىڭ ئىلاھى ئۆلچەملىرىنى توغرا تۇنۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئاڭلىق شەكىلدەرىئايە قىلىشتىن ئىبارەت. ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىننى ئەسلىدىكى ئالتۇن دەۋرىگە قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان (ئۇسۇلى )ئىسلاھاتچىلار گوروھىغا قارشى مەيدانغا چىقىشىڭىز،ياكى ئەمدى تېخى بەش ۋاق ناماز ئۇقۇشقا باشلىغان نورمال بىرمۇسۇلماننىڭ تاشقى كۈرنىشى كۆزىڭىزگە سىغمىسا ئۇنىڭ ساقىلىنى تاراپ، رادىكاللىق قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، ھە دەپ تىللاش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئاساسى ئىبادىتىڭىز گە قۇيۇلغان ئلاھى ئۆلچەمگە رىئايە قىلماسلىقىڭىز ،ئۈزلۈكسىز قىلىۋاتقان بۇشاڭلىقىڭىزغا، پاسىپلىقىڭىزغا يول چىقىرىشقا تىرىشقانلىقىڭىز ،ئۆزىڭىزگە مەسئۇل بولۇشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرغانلىقىڭىز،دىينى جەھەتتە خېلى كۆپ كەمچىلىكىڭىزنىڭ بارلىقى ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان بولسىمۇ، ئۇنى تەدرىجى ھەل قىلىشقا تىرىشماستىن كەمچىلىكىڭىزنى ئارتۇقچۇلۇق كەبى پەردازلاپ تەشۋىق قىلىشقا ئۇرنىشىڭىز، سىزنىڭ مۆدىتىل ئوتتۇرا ھال بولغانلىقىڭىزنى كۆرسەتمەيدۇ . يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆز ئالدىڭىزغا قىلنى قىرىق پارچىغا بۆلۈپ، مۇقەددەس ئىسلام دىينىمىزنىڭ ئىتىقاد ۋە ئىبادەت ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىگە خاھىشىڭىزنى چىقىش قىلىپ يەشمە بېرىشىڭىز، بەزىلەرنىڭ شەخسى ئىبادىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە تۇلۇق ئۇيغۇن قىلىپ ئۇرۇندىيالماسلىقىغا شەرئى بىر سەۋەبنىڭ مەۋجۇت بولغانىلىقىدىن خەۋىرىڭىز با تۇرۇپمۇ ئۇنى ئىمانى ئاجىزلىق ياكى (سەن كاپىر، مۇناپىق) دىگەندەك بىر خىل سەلبىي ناملار بىلەن ئېيىپلىشىڭىزمۇ سىزنىڭ مۆدىتىل ئوتتۇراھال بىر مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزنى كۆرسەتمەيدۇ .

گەرچە يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل دىينى ئۇقۇملارنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلامدىكى دىيني ئىسلاھات (ئۇسۇلى) ئۇقۇمى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ تونۇشىدىكى " سىياسى،ئىقتىسادى،ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆزگرتىپ ھەل قىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى "رادىكالىزم ئۇقۇمىنڭ ماھىيەتتە ىر بىرلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆپ ساندىكى ئىلىم ئىگىلىرى بىلسىمۇ، ئەسلى لاتىنچىدىن كېلىپ چىققان (رادىكال) دېگەن بۇ، ئاتالغۇنىڭ خەلقئارادا بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىنىشىدا ھەرخىل مانالارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدەك يۇچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ،غەرىپتىكى بىر بۈلۈك تەتۈر تەشۋىقاتچىلار بۇ، ئاتالغۇنى خەلقئارادىكى بىر پۇتۇن ئاكتىپ مۇسۇلمانلارنى تىللاش ئۈچۈن قوللانسا،ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى دىنى ئىتىقادى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى تىللاشتا قوللىنىدۇ. ئەسلىدە دىنى مەسىلىلەردە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئېقىمدىكىلەرگە، دىينى جەھەتتە (ھەددىدىن ئاشقۇچى) دېگەن نام بېرىلسە،ئەڭ توغرا بۇلاتتى. بەلكى بۇ،ئىسلام دۇنياسىدا باش كۈتەگەن دىيني ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىننى ئەسلىدىكى ئالتۇن دەۋرىگە قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئسلاھاتچىلارنىڭ (ئۇسۇلى) بىلەن غەرب دۇنياسىدا تۇغۇلغان رادىكالىزىمچىلار (ئۇسۇلى) نىڭ ماھىيەتتە بىر بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئايرىم ئىككى يول ئىكەنلىكىنى تېخىچە تۇنۇپ يىتىپ بۇلاممىغانلىقىمىزدىن كىلىپ چىققان بىر مەسىلە بولسا كىرەك.

خۇلاسە كالام:
ئىمان،ئىنسانلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى قۇرۇق شۇئارلانى،ۋە ياكى پەقەتلا تائەت ئىبادەت،ئەخلاق ۋە بىر يورۇش ئەمىلى خەيرلىك ئشلارنىلا كۆرسەتمەيدۇ .ئۇ،دەل ئىسلام ئالىملىرى ئېنىق شەرھىلىگەندەك،دىل بىلەن ئىقرار قىلىش،تىل بىلەن ئېلان قىلىش،ۋە ئەمىلى ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق جەريانلارنىڭ بىر بىرىگە ماس شەكىلدە تۇلۇقلىنىشىدىن ھاسىل بۆلىدۇ. دىندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇشمۇ ،دىنغا تۇلۇق كىرىشتىن باشلانسا ، دىندىكى بەلگىلىمىلەگە ئاڭلىق رىئا قىلىشقىچە بېرىپ چېتىلىدۇ دىيشكە بولۇدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:------------------------------------------

سۇرە نىسا 171- ئايەت

سەھىھۇلبۇخارى

البقرة:143

المستشرقون

والاسلام

معالجة

منهجية

خاطئة

إبراهيم محمد جواد

Unregistered
29-08-13, 20:43
Meningqe bundak kaymukarlik muzmunlardiki yazmilarni uquruwetix kerek!

30-08-13, 03:10
Yazminig mazmunida uyghur halqinig muqaddas diyniga yaki milli manpatimizga ziyanliq yarlar bolsa elmy obzordin birni yezip tanqit qilsigiz bulidu amma ditigizgha yaqmigannig hammini uchurop taxlax kirak digan bu usul demokritik usul amas. Ohximigan qarax wa idlogiyadiki kixilar oz ara hormat qilix wa elmy munazira qilix arqiliq pikir almaxturedigan orni amerkidik munazira sorinigu dayma bu yarni!

Unregistered
31-08-13, 05:19
Hitay basmichiliri diyni sahada yitixip chiqip mustamlikke qarxi (jahad) kurax qiliwatqanlarni dini radikal kuch dap atiplaydu dinni kompartiyaga hizmat qildurop bargan aksininqilabchi komunist dini atalnix zatlarbi watanparwer dap mahtaydu.minibgche bolganda uyghur jamiytida halqara olchemga chuxkudak radikalisim yaki terrorisim eqimi mawhut amas.

Unregistered
31-08-13, 10:03
Huddiy baxka harkandak millatta radical bolghinidak bizdimu radicallar bar. Radicallikning barlighini itirap kilmaslikmu bir radicallik. Radicalar ozini quxap koyup axu quxak iqida bir taraplima wa yepik piker kilidu. Radicallik wa asabilik din akidillirni otimaydighanlarni wa dingha hatta baxka dingha ixanganlarni yokutux kirek, bir dinni rat kilghanlarni yokutux kirek, nahxa usul haram, biz hammidin ulugh, alam payda bolghinigha 6 ming yil boldi, bankidin kariz elix haram, shiya musulman amas,.....Kommunist radicalliri barlik din zahar, xijinping baxqillighini partiya yadroligida korax, hamma adamnining iddiyasi ohaxax bolux, piker ohxax bolux, ohximighanlarni olturux, kiynax solax....Radicallik bilimsizlik wa nadanlikttin kilip qikidu. Gharip dunyasi 2-dunya uruxidin kiyin ozini ozi tankit kilip yuksak madiniyatt yaratti - ilip panni rawajlandurux bilan birga ohximighan irik, ar ayal, ohximighan din wa dinsizlar nisbatan barawer turmuxni yaratti. Xungilaxka gharip doaltliri ottura xarik musulmanliri wa Afrika Asiada kambaghalqilik, aqaqilik,wa dapsandiqilikttin keqip jenini, mulkini dogha tikip yitiwelixni arzu kilidighan yarlarga aylandi. Mana bu mahsatka yetiwalghan radicallar, axu gahrip dolatlirida parawanlikka tayinip ozini ohxiwelip birirer computer eliwelixka, yahxi yap eqix, ballilirini hatta ozi arzu kilghan diniy maktaplarda okutuxka muyassar boldi... Amma bir goruh radicallar kosak toyghandin kiyin kimligini untup, oziqa koranglap gharip dunyasini wa madiniyitini sokux, tillax hatta hakaratlaxkiqa berip yatti.

Unregistered
31-08-13, 12:44
Insanlarnig mihri shapqitiga heyrihahliqiga taxakkur bildurmaslik bir hil tuzkorloq bulop,uygurlarni siyasi himayisiga algan gharip dolatlirini bir putun uyghurlar bulopmu garip allirinig ziminida yashiwatqan uyghurlar tillisaq bolmaydu. Amma bu diganlik uyghur kimlikinig muhim tarkibi qismi hisablinidigan islamgha tenip garipliknig deyniga kirip ghariplik ixkanning hammisini iching, gheriplik tilliganni ugutulgan shatuttek agiship tellisigiz bulidu deganlik amas. Uyghur ga quchaq achqan garip dolitinig siyasi ejtimaei tuzumini harqandaq bir yol bilan tillishqa bolmaydu. Shundaqla gharip doliti qilghan hayrihahliqiga hich bir minnat qilmigan yarda bazi hisyatchan uyghurlirimiz bir domulapla uzini gharip allirinig hamisi wa adokati qiliwelip "garip sanga nan bardi agzingni yum! Sajdini madjitta qilmay kir! Halal haramni ayriman desang arabistanga kat! Tangsa oynaxni bilmisang arimizga kerma!" degandak uzinig dindax millitiga "toyda ixtinimni biring"digandak bimana muamilida bolmasliqi kirak. Garip alliriga haqsiz oz qam qerindashlirini qarlashqa bas basta yuguriwatqan bazi qarliguchi uyghurlirimiz yaratqan egisi allah taala gha uqadar sadiq amas bazida tehi allah allahnig paygambirini tillap quyishi bar . Kashki millitimiz yaratqan egisini tunop unig parmanlirini kuchinig yitixiche baja kalturushni sukur eytixni ugansa! Shundaqla bashqa kun chushkanda mayli qandaq maqsatta yardam qilishidin qaty nazar yar yulakta bolgan hokumat wa haliqqamu oz layiqida ashurop huda orniga quyiwalmay chushurop tillap dushman qatariga tiziwalmay muwapiq tashakkur eytishni bir bilsa!!!!!!

Unregistered
31-08-13, 19:14
"Haram halal" diganlik pakat balgilik haywanlarning goxini yiyix wa bazi haywanlarningkini yimaslik, Huda nami bilan soyulghanlarni yiyix undak bolmighanlarni yimasliktin ibarat tar manida bolmisa kirek. Ozi sak turup, yalghan kisal boliwelip wa kastanga yalghan sawap korsutup parawanlikka tayinipla turmuxini otkuzganda putun yigan wa iqkini kaygan wa ixlatkanlirning hammisi "Haram" digan gap. Ayallargha tikilip karax, arlarga tikilip karax, musika anglax.... hammsis haramgha qikidu. Radical olqimi boyuqa haramdin putunlay sakliniman disingiz dunyada baridighan yar tapalmaysiz. Pakistan yaki Yemenga barsingiz u yerdiki kambighalqilik aqarqiliklarda yaxawatkanlargha Gharip dolatliri yardam kilidu uni yap kalisiz, Saudi Arabistangha barsingiz turghuzmaydu .... Sizmu Arapning uqun kongligini kiyip yurgandak bizdimu Gharipning yakisiz kiyimliri kiyidighanlar qikidu. Bu tabii ahwal. Millat ixi hammiz kongul bolluxka tigixlik omumning ixi buninggha arlixing, din Huda bilan axu xahsiy otturisidiki xahsiy ix buninggha arlaxmang. Millat ixlirini din bilan arlaxturiwalghan dolatlarga karap beking nima ix boliwatidu. Hissiyatka tayanmay amiliyatka tayining. Axu gharipning mukammal tuzi bolmay, jahan siz bizlarga kalghanda muxu kalla bilan Suriyadinmu battarlixip kitimiz. Har nowat parawanlighinignizni alghanda taxxukni hudagha eytiwering. Gharipliklar kattik ixlap Huda sizni bekip sawapni eliwarsun. Huda adil, Huda hiq bir insaning yardimiga, wa rahmitiga mohtaj amas.

Insanlarnig mihri shapqitiga heyrihahliqiga taxakkur bildurmaslik bir hil tuzkorloq bulop,uygurlarni siyasi himayisiga algan gharip dolatlirini bir putun uyghurlar bulopmu garip allirinig ziminida yashiwatqan uyghurlar tillisaq bolmaydu. Amma bu diganlik uyghur kimlikinig muhim tarkibi qismi hisablinidigan islamgha tenip garipliknig deyniga kirip ghariplik ixkanning hammisini iching, gheriplik tilliganni ugutulgan shatuttek agiship tellisigiz bulidu deganlik amas. Uyghur ga quchaq achqan garip dolitinig siyasi ejtimaei tuzumini harqandaq bir yol bilan tillishqa bolmaydu. Shundaqla gharip doliti qilghan hayrihahliqiga hich bir minnat qilmigan yarda bazi hisyatchan uyghurlirimiz bir domulapla uzini gharip allirinig hamisi wa adokati qiliwelip "garip sanga nan bardi agzingni yum! Sajdini madjitta qilmay kir! Halal haramni ayriman desang arabistanga kat! Tangsa oynaxni bilmisang arimizga kerma!" degandak uzinig dindax millitiga "toyda ixtinimni biring"digandak bimana muamilida bolmasliqi kirak. Garip alliriga haqsiz oz qam qerindashlirini qarlashqa bas basta yuguriwatqan bazi qarliguchi uyghurlirimiz yaratqan egisi allah taala gha uqadar sadiq amas bazida tehi allah allahnig paygambirini tillap quyishi bar . Kashki millitimiz yaratqan egisini tunop unig parmanlirini kuchinig yitixiche baja kalturushni sukur eytixni ugansa! Shundaqla bashqa kun chushkanda mayli qandaq maqsatta yardam qilishidin qaty nazar yar yulakta bolgan hokumat wa haliqqamu oz layiqida ashurop huda orniga quyiwalmay chushurop tillap dushman qatariga tiziwalmay muwapiq tashakkur eytishni bir bilsa!!!!!!

Unregistered
02-09-13, 04:39
Uyghur jamiytida haddidin ashqan komunistliq amma uyghur musulmanliri arisida radikal gorup yoq dishka bulidu bar dap paraz qilsaqmu bunig bash sawabchisi mustamlik hitay.

Unregistered
02-09-13, 18:01
Bir nima dimak tas,

Unregistered
04-09-13, 23:36
aid in a post above that he wouldn't hire himself and it's so true. How do you deal with this? Do you just accept the fact you will never be well enough to work and hope you can get by on disability, if you can even get approved? Does this reflect poorly on your ability to get a job when and if you're well enough to work? I would like that doctor to have to live with me for a few months and then maybe he would see that depression is not something anyone would choose to live with for a few hundred dollars a month. cheap soccer jerseys from china (http://www.vierbicher.com/about/soccerjerseys.html) April 21, 2010 at 2:14 am 147 Marty says: Yes, I am considering applying now. I have been off anti depressants for about 6 years now but feel I must get back on them. I was treated for depression over 10 years ago but was also found to have a chemical embalance. Everyone knew when I was young there was something different, from constant crying, sadness, and anger and uncontrollable rage but did not believe in medication. I worked for the government so I tried to stay off any medication and hide my problems so it would not look bad. I got addicted to pain killers and used them for over 4 years. Now, I can't function, I feel nervousness constantly, deep depression. cheap soccer jerseys from china (http://www.vierbicher.com/about/soccerjerseys.html) I can't even cry, never want to get up, don't like to see people. I also have PTSD now because my husband was shot and killed and my children were murdered in a fire all within 2 years. I feel like I am on the edge constantly and am afraid to go to sleep every night and afraid to come back home wholesale cheap nfl jerseys (http://www.mosinee.wi.us/online.html) everyday because I always think something will happen that I can not keep save my loved ones from. I am going to see a doctor again tomorrow and will find out the possibilities. As for when I was working, I worked constantly, never

Resoure:
http://creamtec.com/forums/index.php?action=profile;u=167124

Unregistered
04-09-13, 23:42
to actually play wholesale soccer jerseys (http://www.racecabinet.com/Pages/Garage.html) the wholesale nike nfl jerseys (http://www.mosinee.wi.us/online.html) sport not just play to games and say its very violent you have no idea we love each other out on the field we dont have a strong hatered towards any one so yeah you chill it will make it into the olympics BEAT DOWN 8230. 8230. CITY. August 27, 2009 at 10:58 pm 12 Robert says: yah it should its just like other sports its like soccer and football you need team work and it should be an olympic sport October 18, 2009 at 6:36 am 13 actualplayer says: Quote doesn t deserve a place in the Olympics is because it is a fringe sport with no set rules and a negative image. Had hope for it till i got to that. Then it all went to F*ck you buddy. Go play the sport, you obviously never have played it, and if you have, you picked up a POS walmart marker and played in a backyard outlaw game. November 3, 2009 at 12:44 pm 14 someone better cheap soccer jerseys from china (http://www.vierbicher.com/about/soccerjerseys.html) than you says: ummmmm im pretty sure paintball has set rules relying on your division and if ping pong is a sport in the olympics and target shooting and also trap and skeet. paintball deffinately deserves a spot November 3, 2009 at 12:48 pm 15 someone better than you says: umm id like to know how paintball guns look real they have a huge loader on the top, a tank in the back however airsoft DOES have a negative image and those guns DO look real November 12, 2009 at 11:02 am 16 AIRSOFT BLOWS says: PLESE airsoft sucks my left nut January 14, 2010 at 3:42 pm 17 junkee says: agreed, and. 50 cal paintball is on your right nut. February 5, 2010 at 2:58 pm 18 kynan stenson says: i have spyder sonix 2009 for sale for 90. 00 call me if what a good beggier gun great all types of paintball call 1780 582 3566 February 15, 2010 at 2:28 am 19 Jesse says: Hi you sa

Related interested:
http://www.strategicreflections.com/forum/memberlist.php?mode=viewprofile&u=44539&sid=8c772aafd294efe8da888e7fc21751ac