PDA

View Full Version : Yengi hewer



Unregistered
26-08-13, 22:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،قومۇل ۋىلايىتى 13-دېۋىزىيە راكىتا دېھقانچىلىق مەيدانى مەكتەپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن باشلاپ مىللىي سىنىپتىكى بالىلارنى خەنزۇچە سىنىپقا قوشىدىغانلىق ھۆجىتىنى مەجبۇرى ئىجرا قىلدى! (بۇ ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىكەنمىش) ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ئىشنى تېزدىن ئەسلىگە ئەكىلىشىنى بىلدۈردى. مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك مەكتىپتىكى بارلىق مىللىي كادىر ۋە ئوقۇتقۇچىلار نورمال خىزمىتىنى توختۇتىپ، ئاتا ئانىلار بىلەن مىللىيلانى خەنزۇچى سىنىپقا بىرىشنىڭ ئاقىلانىلىكىنى تونىتىشقا ئورۇنلاشتۇرىلدى! ئادەمنىڭ كۆپ تىللىق بولۇشى تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەپسۇس تىل نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان پەقەت ۋە پەقەتلا ئالاقە قورالى خالاس. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىمىز خەنزۇلانىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن《سۇ بويىدا》《ئۈچ پادىشاھلىق ھەققەدە قىسسە》لەرنى ئاجايىپ ئېسىل تىللار ئارقىلىق تەرجىمى قىلغان، ئۇلاردىن قايسى بىرى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇماپتىكەن؟ قايسى بىر نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئالىم ئانا تىلىدا ئوقۇماپتىكەن؟ قېرىنداشلار، تارقىتىپ قويۇڭلار،بىزدە《كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس》دەيدىغان گەپ بار!ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلنى قوغداش بۇرچىمىـز بارلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى!
ئا،ئە،ب،پ،ت،ج،چ،خ،د،ر،ز..........