PDA

View Full Version : رۇزا ھېيت نامىزى ئېلانى



Unregistered
07-08-13, 14:11
رۇزا ھېيت نامىزى ئېلانى
بۇ، يىلقى رۇزا ھېيىت نامىزىنىڭ بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە جۈملىدىن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق مەسچىتلەردە، بىردەك 08-ئاۋغۇست پەيشەمبە كۈنى ئەتتىگەن ئۇقۇلىشى مەلۇم بولماقتا.
بۇ، مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدىنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئۇرۇنغا جەم بۇلۇپ رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلدا خۇتبە ئاڭلاش ئارزۇسىنى ،بۇ يىلمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىللىرى رۇزا ھېيت نامىزى ئۇقۇلغان ئەينى ئۇرۇننى بۇ، نەۋەت يەنە تەييارلىدى.
نامازنىڭ ۋاقتى: 2013-يىلى08-ئاۋغۇست پەيشەمبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 08:00 دە.
قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كىلىشىنى سۇرايمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
نىجات تۇرغۇن