PDA

View Full Version : تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ



Unregistered
03-08-13, 11:08
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ

ئابدۇللا ئېلى بەگزاد

تارىخ بىزنىڭ روھىمىزنى يۇيىدىغان، قەلبىمىزنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم قورال. ئۇ نۇقۇل يىللار دۈۋىسى ئەمەس، مەلۇم بىر دەۋرنىڭ مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش تارىخىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەندىزىسى، ئېتىقاد، روھىيەت ئارخىپى. بىر ئادەمنىڭ مۇكەممەل ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇنىڭ تارىخ بىلىش- بىلمەسلىكىدۇر. تارىختىن خەۋىرى يوقلار ياكى قىزىقمىغۇچىلار قانچە كۆپەيگەنسېرى، شۇ قۇۋمنىڭ كەلگۈسى شۇنچە غۇۋا بولىدۇ.

كۈنلەر ئايلارنىڭ بىر ۋارىقى، ئايلار يىللارنىڭ بىر پاراگرافى، يىللار ئەسىرلەرنىڭ بىر بابى. ئۇنىڭدا بىزنىڭ كەچمىش- كەچۈرمىشلىرىمىز، ئۇتۇق- مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىز، بەخت- سائادەت، خۇشاللىقلىرىمىز، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىز، ئوڭۇشسىزلىق- مەغلۇبىيەتلىرىمىز، پۇشايمان- نادامەتلىرىمىز، قايغۇ- ھەسرەتلىرىمىز... خاتىرىلەنگەن.

ئۆتمۈشنى بىلمىگۈچە بۆگۈنكى كۈننىڭ مەنىسىنى ۋە كېلىچەكنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

تارىخ ــ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت. (ماركىس)

ئەگەر غەيرى، زوراۋان كۈچلەر تەرىپىدىن تۈپتىن بۇرمىلانغان تارىخنى ئۆز تارىخى دەپ قاراشقان مۇپتىلا بولغۇچىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئېيتىش مۈمكىنكى، بۇ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخ يارىتىش ئىستىقبالىدىن مەھرۇم بولغان ۋە بىھۇشلۇق ئۇيقۇسىدا ياتقان مىللەتنىڭ پاجىئەسىدۇر. بۇنداق مىسلىسىز پاجىئەگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى نۇرمال تۇرمۇش رىجىسى دەپ بىلىشكە كۆنگەن مىللەت ھەمىشە ئۆز تارىخلىرى بىلەن مەرىپەت مەشئەلچىلىرى پاجىئەلىك دەپنە قىلىنغان لەھەت تۇپرىقى ئۈستىدە ئەمەل- مەنسەب، يۇرتۋازلىق ۋە تۇرمۇش ھەشەمىتى ھاۋاسىدا قامغاقتەك دۇمىلاپ، يىللارنى ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قادىر ئەمەستۇر.①

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ گېنىرالى تورىم شۇنداق دەپتىكەن: ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغاندا، پۇقرالار ئۈستى- بېشى جۇل- جۇل، ئاچ- يالىڭاچلىقتا قالغان سەرگەردانلارغا ئايلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەردە قورساق تويغۇزۇشتىن باشقا ئىستەك بولمايدۇ.②

تارىخ- ئىنسانىيەت پائالىيىتى ۋە بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكايىتى. ئۇنىڭ ھادىسىلىرى چىرىگەن تەندەك ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆلمەس روھتەك مەڭگۈ كىيىنكى تارىخنىڭ ئۇلىنى تۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ روھىنى چېنىقتۇرىدۇ.

تارىخ ئىككى جەرياندىن ئىبارەت. ئۆتمۈشكە نىسبەتەن ئۇ بىر خەزىنە بولۇپ، ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەتكە تولغان. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك جاۋاھىراتلىرى نۇرغۇن. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇ بىر بىناكارلىق بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تارىخىنى يارىتىشىنى، مىللەتنى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى قاتارىدا تاكاممۇللاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان.

تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش؛ ئىززەت- ھۆرمەتتىن بەھرىمان بولىۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش؛ ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد. (فىرىدرىخ نېتزى)③

نېتزى شۇنداق دەيدۇ: تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە كۆلۈپ تۇرۇپ يازىدۇ.


http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/-tc4024734.html