PDA

View Full Version : ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار



Unregistered
31-07-13, 18:48
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار


ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگىلىيەگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.

ئەنگىلىيەدە تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- يىللىرىدىن باشلاپلا ئەنگىلىيەگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەگە تۇنجى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا، سۇبھى، كامال، ئابلەت مەتنىياز، نىجات قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2000 يىللىنىڭ ئالدى كەينىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن مانچېستېردىن كامىل ئەزىز، لوندوندىن نىزامىدىن ساماتوف، ئۆمەجان كەرىموف قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلالايمىز.
ئەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساننىڭ 20-30% كۆپرەكىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق. ئۇلار ئاساسلىقى ۋەتەندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۇركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، ئۆزى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتماقتا ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەنگىلىيەدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا كىرگۇزۇلمىدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى توۋەندىكى شەھەرلەردە ياشايدۇ:

لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ سان تەخمىنەن 200 دىن كۆپىرەك، ئاساسلىقى لوندوننىڭ شىمالىدىكى تۈركلەر مەركەزلىشىپ ياشىغان رايونلاردا ياشايدۇ.

مانچېستېردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مانچېستېر ۋە برادفورد ئەتىراپلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى 40 ئەتراپىدا.

بېرمىنخامدا تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

سچوتلاندنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

نەۋكاستلەدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاياشايدۇ.

ۋە بىزگە مەلۇم بولمىغان ئەنگىلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخىنىڭ قىسقا ۋە سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك تاكى ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر مۇستەھكەم جەمئىيەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىدى ياكى جەمئىيەت قۇرۇلسىمۇ، يۇقىرىقى ئەۋزەلسىز شارائىتلار تۇپەيلى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

ئەمما 2004- يىلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەنگىلىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئەنگىلىز مۇزىكانتلاردىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيىگە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە ئەكلىپ باش قوشتۇرۇشتا، مەنىۋىي ھاياتىنى بېيتىشتا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بۇ خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ياۋروپادا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازى يارىتىلىشقا مۇئەييەن ئاساسلارنى سالدى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە سىمۋولى قاتارىدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا خەلىقلىرىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كەڭ تونۇشلۇق بولۇپ قالغان بىر سەنئەت گۇرۇپپىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇششاق تىجارەت، قۇرۇلۇش ۋە گۆزەتچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرى مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ۋە باشقا كەسپىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق تۇرمۇش كاپالەت ياردىمىدە ياشايدۇ.

http://www.uyghurculture.org/uy/?page_id=1813

Unregistered
31-07-13, 19:24
http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=1434

http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/Engliyediki-Uyghurlar-tc2650358.html

Unregistered
01-08-13, 06:23
بۈيۈك برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار


برىتانىيىگە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ھاياتلىرىدىن رازى ئەمما ئوز ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئوز شىكايەتلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن كۆرە يىللاردىن بۇيان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە مۇساپىر بولۇپ كېلىش سانى كۆپەيمەكتە
جۇمىلىدىن ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ برىتانىيىگە توقسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ گەرچە سانى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ئاز بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئوز ئارا تەشكىللنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى برىتانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى خېلى كۆزگە كۆرۈنىدۇ

برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چامىنىڭ يىتىشىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي جەمئىيەتلىشىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولماي كەلگەن ئىدى

مانا بۇ ئىمكانىيەتنى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا برىتانىيىگە تەكلىپ بىلەن زىيارەتتە بولغان 2006 - 2007- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى..............

http://www.bbc.co.uk/uzbek/news/story/2007/12/071218_britan_uyghurs_ar.shtml

Yaxshi
01-08-13, 17:47
aptor


hey adamlarning ismni koshup yazipsan , ismi qiikanlardin sorap baktingmu ismingni ochuk ashkara yazsam bolamdu dep isimlar



ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار


ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگىلىيەگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.

ئەنگىلىيەدە تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- يىللىرىدىن باشلاپلا ئەنگىلىيەگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەگە تۇنجى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا، سۇبھى، كامال، ئابلەت مەتنىياز، نىجات قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2000 يىللىنىڭ ئالدى كەينىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن مانچېستېردىن كامىل ئەزىز، لوندوندىن نىزامىدىن ساماتوف، ئۆمەجان كەرىموف قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلالايمىز.
ئەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساننىڭ 20-30% كۆپرەكىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق. ئۇلار ئاساسلىقى ۋەتەندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۇركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، ئۆزى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتماقتا ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەنگىلىيەدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا كىرگۇزۇلمىدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى توۋەندىكى شەھەرلەردە ياشايدۇ:

لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ سان تەخمىنەن 200 دىن كۆپىرەك، ئاساسلىقى لوندوننىڭ شىمالىدىكى تۈركلەر مەركەزلىشىپ ياشىغان رايونلاردا ياشايدۇ.

مانچېستېردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مانچېستېر ۋە برادفورد ئەتىراپلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى 40 ئەتراپىدا.

بېرمىنخامدا تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

سچوتلاندنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

نەۋكاستلەدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاياشايدۇ.

ۋە بىزگە مەلۇم بولمىغان ئەنگىلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخىنىڭ قىسقا ۋە سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك تاكى ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر مۇستەھكەم جەمئىيەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىدى ياكى جەمئىيەت قۇرۇلسىمۇ، يۇقىرىقى ئەۋزەلسىز شارائىتلار تۇپەيلى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

ئەمما 2004- يىلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەنگىلىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئەنگىلىز مۇزىكانتلاردىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيىگە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە ئەكلىپ باش قوشتۇرۇشتا، مەنىۋىي ھاياتىنى بېيتىشتا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بۇ خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ياۋروپادا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازى يارىتىلىشقا مۇئەييەن ئاساسلارنى سالدى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە سىمۋولى قاتارىدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا خەلىقلىرىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كەڭ تونۇشلۇق بولۇپ قالغان بىر سەنئەت گۇرۇپپىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇششاق تىجارەت، قۇرۇلۇش ۋە گۆزەتچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرى مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ۋە باشقا كەسپىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق تۇرمۇش كاپالەت ياردىمىدە ياشايدۇ.

http://www.uyghurculture.org/uy/?page_id=1813

Unregistered
01-08-13, 18:40
Sen hette ismingning yezilishidnimmu qoruqsang Engliyede yashap nime ish qilsen ?

Unregistered
01-08-13, 20:06
mesile isimning yazilishida amas , masila yazghuchining masuliyatsizlikda


Sen hette ismingning yezilishidnimmu qoruqsang Engliyede yashap nime ish qilsen ?

Unregistered
02-08-13, 01:57
dot solamchi,ismini yazsimu ratsni yeziptighu,sen hejep kuchep ketipsenghu?ya senmu bashqa jan baqti siyasiy panaliq tiluguchilerdek ishiging kowruktin otuwelipla siyasigha arlashmaydighan jan baqti lata pispasmu nime?dunyada eng nepretlinidighinim sendek shehidlirimizning qenida terlinip andin ulargha haqaret qilidighan iplaslardur

Unregistered
02-08-13, 04:00
normal bir yazmikenghu

uninggha qanap tillap ketkudek nme ish bar.


sizning qet'i sapayingiz yoqken!
sizde nepret neme ish qilsun, ozingiz nepretlenishke tegishlik ademkensiz.
Allah Sizge Hidayet ata qilishtin burun eghiz, burun koz, qulaq, we addi adimiylik eqlini bersun.



dot solamchi,ismini yazsimu ratsni yeziptighu,sen hejep kuchep ketipsenghu?ya senmu bashqa jan baqti siyasiy panaliq tiluguchilerdek ishiging kowruktin otuwelipla siyasigha arlashmaydighan jan baqti lata pispasmu nime?dunyada eng nepretlinidighinim sendek shehidlirimizning qenida terlinip andin ulargha haqaret qilidighan iplaslardur

Unregistered
02-08-13, 14:58
Kopunchinglar yaghan isim qollanghan shundaqtimu ras ismi bilen atilip keliwatqanliringlarning ismini atilip qalmaydu digili bolmaydu.Xapa bolush mana mushu yerdin kelip chiqqan.

Unregistered
12-08-13, 06:38
yaxshi yezilghan temiken. allah razi bolsun!