PDA

View Full Version : Dostlargha So'al !!!



Unregistered
13-03-13, 16:19
Cheklik hayat qémmitini bilmestin
-kün ötti. Dep; sokuldapla yüremduq?
Özimiz bir ish qilmay qilghanlarning
arqisidin ghotuldapla yüremduq?

Burun tapqan abroy bilen ghadéyip,
kechmishlerni dastan qilip yüremduq?
Dewir kütken teleplerdin chiqalmay
kespimizni dastqan qilip yüremduq?

Jéhad bolsa, köresh bolsa... Dep; yürüp
turmushtiki jenggahlardin qachamduq?
At tapquche éshek minmey-laghaylap
xeqtin qaqshap-batnap, ongda yatamduq?

Bir din, bir til, bir wetenning teqdirdash
baliliri... Énaq-éjil ötmemduq?
.......

Dawamini bu yerdin korung...
http://pidaiy.biz/readpost.php?id=1766

Unregistered
14-03-13, 13:03
l love it. Awesome!!!!!!!!!!!

Unregistered
17-03-13, 13:12
http://pidaiy.biz/play.php?id=199

چەكلىك ھايات قېممىتىنى بىلمەستىن
-كۈن ئۆتتى. دەپ؛ سوكۇلداپلا يۈرەمدۇق؟
ئۆزىمىز بىر ئىش قىلماي قىلغانلارنىڭ
ئارقىسىدىن غوتۇلداپلا يۈرەمدۇق؟

بۇرۇن تاپقان ئابروي بىلەن غادېيىپ،
كەچمىشلەرنى داستان قىلىپ يۈرەمدۇق؟
دەۋىر كۈتكەن تەلەپلەردىن چىقالماس
كەسپىمىزنى، داستقان قىلىپ يۈرەمدۇق؟

جېھاد بولسا، كۆرەش بولسا... دەپ؛ يۈرۈپ
تۇرمۇشتىكى جەڭگاھلاردىن قاچامدۇق؟
ئات تاپقۇچە ئېشەك مىنمەي-لاغايلاپ
خەقتىن قاقشاپ-باتناپ، ئوڭدا ياتامدۇق؟

بىر دىن، بىر تىل، بىر ۋەتەننىڭ تەقدىرداش
بالىلىرى... ئېناق-ئېجىل ئۆتمەمدۇق؟
ۋەتەن-مىللەت، ئانا-يۇرتنىڭ ئاھ-زارى
ئىمان-ئىسلام دەۋاسىنى ئۇنۇتامدۇق؟

يامراۋاتسا زۇلۇم، ناھەق، ياۋۇزلۇق
كۆزنى يۇمۇپ، گاستەك تۇرۇۋىرەمدۇق؟
ئېڭراۋاتسا ئاچا-سېڭىل، خەلقىمىز
-بېشىم ئامان. دەپلا؛ يۈرۈۋىرەمدۇق؟

ۋەتەندىغۇ شارائېت يوق قىلمىدۇق.
چەتئەللەردە نېچۈن: -قىلاي! دېمىدۇق؟
مۇسۇلمانلىق، مۇجاھېدلىق غايىمىز
تاغدەك تۇرۇپ، نېچۈن غېمىن يېمىدۇق؟

ئازراق جاپا-رېيازەتلەردىن قېچىپ،
تاغدەك خاتا-بەدەللەرگە دۇچ كەلدۇق.
اللە، خەلق، ۋەتەن، ئىمان-ۋىجدانلار
بىزدىن نېمە كۈتكەن؟ ئەمما نېم بەردۇق؟

ئىمانىمىز، ۋىجدانىمىز بار بولسا
-قىنى ئەمسە، بىز بىر سەپكە كەلمەمدۇق؟!
يوغان گەپنى قىلىۋەرمەي، قەد كېرىپ
قولدىن كەلگەن بەدەللەرنى بەرمەمدۇق؟!

پىدائىي ئەھمەد قەشقەرىي شېئىرلىرىدىن پارچە
2008-يىلى 3-مارت