PDA

View Full Version : Uyghurla Bolsang Jazalinisen! Bu uq Kiqik Gunahsiz Uyghurlar yene Jazaliniptu,



Unregistered
07-03-13, 19:37
ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى غۇلجا دادامتۇدا يۈز بەرگەن خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توقۇنۇشىدا بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدە غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28-كۈنى سوت ئاچقان.

ھۆكۈمنامىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە سوت شەكىل جەھەتتىن قانۇنىي تەرتىپكە ئاساسەن ئۇيغۇندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھۆكۈم چىقارغاندا قانۇندىكى ماددىلار ئەمەس، بەلكى رايوندىكى سىياسىي چاقىرىقلار مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا ئادۋوكاتلار سوتتا بالىلارنىڭ ئادەم ئۆلۈشكە قەستەن سەۋەب بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئەيىبلىگۈچى بۇ قاراشنى رەت قىلالمىغان بولسىمۇ، ھۆكۈم چىقىرىلغاندا ئۈچ ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە يەنىلا ئېغىر جازا بېرىلىپ 5 ۋە 6 يىللىقتىن كېسىلگەن.

ھۆكۈمنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوت غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان. سوتتا 15 ياشلىق ئۆسمۈر ئارمان قۇربان، 14 ياشلىق ئۆسمۈر يارمەمەت تۇرسۇن ۋە قەيسەر توختى جاۋابكارلىققا تارتىلغان. سوتتا قانۇنىي ۋەكىل سۈپىتىدە ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ دادىلىرى، قۇربانجان سەمەت، تۇرسۇنمەمەت توختاجى ۋە توختى رەھمىتۇللالارنىڭ ئىپادىسى ئېلىنغان. سوتتا يەنە ئەيىبلەنگۈچىلەر ئائىلىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئادۋوكاتلاردىن ئەركىن روزى، ئالىم رەقىب ۋە ئىسكەندەر ئەخمەتلەر ئەيىبلەنگۈچىلەرنى ئاقلىغان.

ھۆكۈمنامىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دادامتۇدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار توقۇنۇشىغا خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەرەپتىن 70 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قاتناشقان. توقۇنۇش مەكتەپ ئىچىدە باشلىنىپ، مەكتەپ سىرتىدا داۋاملاشقان. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قوغلاپ-سۈرۈشۈپ، ئاق ئۆستەڭ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە، خىتاي ئوقۇغۇچى خې يىپىڭ مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆستەڭگە ئۆزىنى ئاتقان. ئارمان، قەيسەر، يارمەمەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئارقىسىدىن تاش ئېتىپ قوغلىغان. خىتاي ئوقۇغۇچى ئۆستەڭدىن چىقالماي سۇدا جان ئۈزگەن.

قانۇن دوختۇرى ئۆلگۈچىنىڭ بەدىنىدە زەخمە ئىزى يوقلۇقىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادۋوكاتلار بۇ پاكىتقا ئاساسەن، ئۆلۈمگە مەھكۇملار ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇ ئۈزۈشنى بىلمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئادۋوكاتلار يەنە، مەھكۇملار ئاتقان تاشنىڭ ئۆلگۈچىگە تەگمىگەنلىكىگە ئاساسەن، مەھكۇملارنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇلار يەنە، مەھكۇملارنىڭ ياش جەھەتتىن كىچىكلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىنى توغرا بىلىش ۋە پەرەز قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش قەستى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر سوت گۇۋاھچىسىنىڭ رادىئومىزغا بايان قىلىشىچە، ئادۋوكاتلارنىڭ بايانلىرى سوت مەيدانىدا ھەممىنى قايىل قىلغان. شۇ كۈنكى سوتتا مەھكۇملار پۈتۈنلەي ئاقلانغان. ھەتتا قارىلىغۇچىلارمۇ ئادۋوكاتلارنىڭ قاراشلىرىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ھۆكۈمنامە چىقىرىلغاندا، مەھكۇملار يەنىلا قەستەن ھالدا ئادەم ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئارمان قۇربانجان 6 يىللىق، يارمەمەت تۇرسۇن بىلەن قەيسەر توختى 5 يىللىقتىن كېسىلگەن.

ھۆكۈمنامىگە غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئەنۋەر ئابدۇسەلىم باش سوتچى؛ گۆھەر تۇرسۇن ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇنلار سوت ھەيئىتى نامىدا ئىمزا قويغان. سوتنىڭ ھۆكۈمى ئادۋوكاتلار بىلەن بىرلىكتە مەھكۇملار ئائىلىسىنى ھەيران قالدۇرغان.

دېلودىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، سوت ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن دېلوغا شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئارىلاشقان. سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەردىن جاسارەتلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جاۋابكارلارنىڭ قاتتىق جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا سوتچىلارنىڭ سوت مەيدانىدىكى قايىللىق پوزىتسىيىسى ھۆكۈمنامىدە ئەكس ئەتمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئائىلىلەر شەھەرلىك سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمنامىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوبلاستلىق سوتقا ئەرز سۇنغان. شۇڭا ھۆكۈم تېخى ئىجرا قىلىنمىغان. ئەمما 14 ۋە 15 ياشلىق بۇ ئۈچ ئۆسمۈر 9 ئايدىن بېرى غۇلجا شەھەرلىك سولاقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا