PDA

View Full Version : Nahshichi Abdurrehim Ehmedining terjume hali iken.



IHTIYARI MUHBIR
08-02-13, 15:31
.


Abdurehim Exmediy (‏3‏ من الصور)



ئابدۇرېھىم ئەخمەدىينى ئەسلەيمەن
گۈلباھار ناسىروۋا


تونۇلغان سەنئەتكار، تالانتلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي 1927-يىلى 20-دېكابىر قەدىمىي قەشقەر شەھرىدە دۇنياغا كەلدى.

ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەندە، ئانىسى ئون بالىنى زار-زار قاقشىتىپ، مەڭگۈگە كۆز يۇمدى. نارەسىدە بەش ياشقا تولغاندا رەھىمسىز ئەجەل ئۇنى دادىسىدىنمۇ ئايرىدى. بالىلارنىڭ كېلەچەك تەقدىرى، ئۇنىڭ تەربىيىسى بالىلارنىڭ
تۇنجىسى بولغان قاسىمنىڭ ئىلكىدە قالدى.
قەشقەر خەلقى ئەزەلدىنلا سەنئەتكار خەلق. ئۇلار ھەممە دەردۇ-ئەلىمنى پەقەت ناخشا ئارقىلىقلا بايان قىلىپ، خەستە كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىشىدۇ، بۇ جەھەتتە ئەخمىدىيلەر ئائىلىسىنىڭ ئېيتىدىغان ناخشىلىرى ھەقىقەتەنمۇ ھەسرەتلىك ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئەخمىدىيلەرنىڭ تۇنجىسى قاسىم مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى ئەسكى تاملارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئۆزىنىڭ يېقىملىق ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن، قۇلاق تۇتۇپ مۇقام ئېيتقاندا، پۈتۈن مەھەللىدىكى ئادەملەر زوقلىنىپ ئاڭلايتتى، ھۇزۇرلىناتتى. ئەلۋەتتە، مۇنداق چاغلاردا كەنجى ئىنىسى ئابدۇرېھىم ئۇنىڭغا جۆر بولاتتى. يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە مال-ۋارانلارنى جاڭگالغا ئاپىرىپ، كەچكىچە پادا باققانلىرىدا، شۇنىڭدەك تومۇز كۈنلىرى سىيىر-تورپاقلارنى قوشۇپ، خاماندا بوغداي يەنچىگەندە، خامان تەپكەندە، ئاكىسى قاسىمدىن ئۆگەنگەن خامان ناخشىلىرىنى بىر نىدا بىلەن ئېيتقىنىدا، كىچىككىنە يۇمران قەلب ئۆزىنىڭ چارچىغىنىنى سەزمەي قالاتتى.
قەشقەر ئادىتى بويىچە خامان تەپكەندە لاي-لايناخشىسى ئېيتىلىدۇ. ئۇ ناخشىنى ئەزەلدىن ئاتا-بالىلار بىرلىكتە ئېيتىپ كەلگەن. ئاكىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ئاشۇ ناخشا ئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن مەھكەم ئورۇن ئالىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي كەسپى سەنئەت ئورۇنلىرىدا ئىجادىي پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بېرى ئىشلىگەن ۋە رەتلىگەن مۇزىكا، ناخشىلار ئەنە شۇ خامان ماۋزۇسى ئاساسىدىكى ناخشىلاردۇر. مەسىلەن، ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىيارۇنىڭ بىرىنچىسى ۋارىيانتى قىسقا بولسىمۇ، لاي- لاي دىن ئۈلگە ئېلىپ، ئىككى قىسىملىق قىلىپ، بىر دارامەت(؟) ئىككى ئەۋجى قوشتى. ئىككىنچى قىسمىمۇ، خۇددى شۇنداق تۈزۈلۈپ، نەتىجىدە ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئىجراسىدىكى ھەممىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان يارۇناخشىسى مەيدانغا كەلدى.
1948-يىلى ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئۈرۈمچى سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، كەسپى ناخشىچى سۈپىتىدە ئىشلەپ، خېلىلا تونۇلۇشقا باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئۆز پائالىيىتىنى غۇلجىدىكى سەنئەت ئۆمىكىدە داۋاملاشتۇردى. مەزكۇر ئۆمەكتە ئىشلەش داۋامىدا ئۇنىڭ ھاياتىدا چوڭ بىر خۇشاللىق يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ، ئۆزى بىلەن پىكىرى بىر يەردىن چىقىدىغان، كىچىكىدىن يىتىملىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، ئەمدىلا بالاغەت يېشىغا يەتكەن تۇرانقىز ئىسىملىك ناخشىچى قىز بىلەن تونۇشۇپ، بىر-بىرىگە مېھىر باغلىدى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، غېنى باتۇرغا ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك رەھبەرلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئىككى ياشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھۆكۈمەت دەرىجىسىدىكى توي- مەرىكىسى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن غۇلجا خەلقىنى تەۋرىتىۋەتكەن ئىدى. توي كۈنى يۈزلىگەن ئادەملەر ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارلىرىنىڭ خۇشاللىقىغا چىن دىلىدىن جۆر بولۇشۇپ، ئىككى ياشنىڭ باسقان قەدەملىرىنى خۇش پۇراق گۈللەرگە ئورىۋەتكەن ئىدى.
1948 ـــــ 1950-يىللىرى ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي تارباغاتاي، چۆچەك ۋىلايەتلىك تىياتىرلاردا ئىشلەيدۇ، شۇنىڭدەك مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلەشكىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەر-ئايال ئەخمىدىيلەر پەقەت ناخشا بىلەنلا چەكلىنىپلا قالماي، ئارشىن-مال-ئالان، غۇنچەم، نۇزۇگۇم قاتارلىق دىراممىلاردا باش روللارنى ئېلىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ كەسپىي سەنئەتكار سۈپىتىدىكى ئابرۇيى، ھۆرمىتى مىڭلىغان تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈنسېرى ئېشىپ باردى. سەۋەبى ئۇ سەھنىگە ھېچقاچان يېڭى نومۇرسىز چىقمايتتى. ھەر قېتىملىق كونسىرىتتا خەلق ئۇنىڭ تالانتىنى، تەڭداشسىز ماھارىتىنى، يەنى ئەخمىدىيلەرگىلا خاس بولغان ئورۇنداش قابىلىيىتىنىڭ يېڭى تەرەپلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىناتتى.
بولۇپمۇ ئاشۇ 50-يىللاردا ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي يالقۇنلۇق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناخشىلىرىنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا شۆھرەت قازاندى. كىشىلەر ئەخمەدىي ئىجراسىدىكى تەنلىرىم ياپراق، زۆھرەجانىم قاتارلىق ناخشىلارنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلىۋىلىش ئىستىكىدە، يىراق ۋە جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ئۇ قاتنىشىدىغان كونسېرتلارغا كېلىشەتتى. زالدىكى ئادەملەر ئاشۇ ناخشىلارنى ئاڭلىغانلىرىدا، ئېغىر نەپەس ئېلىشىپ، مىسكىن كۆڭۈللىرى سۇ ئىچىپ، ھاردۇقى چىققاندەك بولاتتى-دە، سۆيۈملۈك سەنئەتكارغا ئاپىرىن ئېيتىشىپ، گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سەھنىدىن قويۇپ بەرگۈسى كەلمەي، ئۇنىڭ بىلەن تەسلىكتە خوشلىشاتتى.
1951-يىلى ئەر-ئايال ئەخمىدىيلەر تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاللانغان سەنئەتكارلار قاتارىدا قۇچىقىدا ئەمدىلا يەتتە ئايلىق بولغان تۇنجى ئوغلى مۇراتنى كۆتۈرۈپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمى تەنتەنىسىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭنىڭ ئەڭ چوڭ كونسېرت زالىدا ناخشا ئېيتىدۇ. بۇ جەرياندا ئاشۇ تەنتەنىگە ئىشتىراك قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستانلىق بىر بۆلۈك سەنئەتكارلار بىلەن تونۇشۇش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي ئۆز نومۇرلىرىنى ئۆزبېك، قازاق، رۇس، چاۋشيەن خەلقلىرىنىڭ ناخشىلىرى بىلەن يەنىمۇ بېيىتتى. ئۇ بۇ ناخشىلارنى 1956-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە، 1957-يىلى بولسا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار ۋە سىتۇدىنىتلارنىڭ 6-نۆۋەتلىك فېستىۋالىدا ئورۇندىدى.
1961-يىلى كەچ كۈز ئايلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياقا يۇرتلارنى پاناھ تارتىپ، كۆچۈش دولقۇنى راسا ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋاقىت. ئارىدا: ئەخمىدىي ئائىلىسى بىلەن كېڭەش ئېلىگە كۆچۈپ كەتكۈدەك، دېگەندەك پاراڭلار ھەممىگە پۇر كەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلەرگە، ئىشەنمىگەنلەرمۇ بولدى. چۈنكى ئۇ يىللىرى ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا- ئۇسسۇل ئانسامبىلىدا ئۇستاز ۋە يېتەكچى رەھبەر سۈپىتىدە، بېرىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتاتتى. لېكىن ناخشىچىنى قازاقىستان چېگرىسىغىچە ئۇزۇتۇپ كەلگەن خەلق، ئاشۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى ئاخىرى تەن ئالدى. ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدە نەم، قەلبلىرىدە ئالەمچە مۇڭ- تەشۋىش. ئۇلار ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك كىشىسىگە قىيماي، ئۇنىڭ دىدارىغا تويماي تەلمۈرۈپ باقتى. ئاق چاچلىق ئانىلار ئۇنىڭ پېشانىسىدىن سۆيۈپ، قوللىرىدىكى تەۋەرۇك توغاچنى سۆيۈملۈك سەنئەتكارىغا يىگۈزىشەتتى. خوشلىشىش ئالدىدا يىغىلغان پۈتۈن ئاۋام ئەخمەدىينىڭ بىر ناخشا ئورۇنلاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدى. شۇندا ناخشىچى ھەممە ئۇزاتقۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ھۆرمەت ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىخلاس بىلەن ناخشىسىنى باشلىۋەتتى. شۇ كۈنى ئۇ ئېيتقان ناخشا پۈتكۈل شىنجاڭ ئاسمىنىنى لەرزىگە سالدى:
دەريانىڭ ئۇ قاتىدا كۆرۈنگەن تېرەك بىزنىڭ،
سىزنىڭ كۆيمىگەن بىلەن، كۆيىدۇ يۈرەك بىزنىڭ.
گۈلئايشەم،
تالاشقان شەلىرىڭ قالدى.......
ناخشا تاماملىنىشى بىلەن تەڭ، ئاپئاق ساقاللىق بىر مويسىپىت كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان تارام-تارام ياشلىرىنى يېڭىگە سۈرتكىنىچە تەمتىلەپ، ئادەملەر توپىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى-دە، ناخشىچىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، بىر نېمىلەرنى دېيىشكە تەمشەلدى-يۇ، لېكىن ئاچچىق قەلب نىداسىنى باسالماي، ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى....
شۇنداق قىلىپ، ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ۋەتىنىنى، پاشا ئىشان، پاتەم قۇربان، مەريەم ناسىر كەبى ئونلىغان شاگىرتلىرىنى، شۇنىڭدەك ناخشىلىرىغا تەشنا مىڭلىغان، مىليونلىغان يۈرەكلەرنى تەرك ئەتتى.
1961-يىلى يېڭى مەۋسۇمدە بىزنىڭ كوللېكتىپقا يېڭى ئارتىسلار كەلدى. بولۇپمۇ ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۇرانقىز زەينەخۇنىۋا، تالانتلىق ئۇسۇلچىلاردىن ئامىنە يۇسۈپوۋا، ھاۋاخان ئەزىزوۋا، سازەندە ۋە ئۇسسۇلچى مەھەممەتجان ئەزىزوۋ، خەلق ناخشا-ساز ئىجادىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان قادىر رازىي مەھەممەتوۋ قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ قوشۇلغىنىغا بەك خۇشال بولدۇق،-دەپ ئەسلەيدۇ شۇ چاغلاردىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش رېژىسسورى سېرگىي رۇبېنوۋىچ باشايان. -نەتىجىدە، بىزنىڭ كونسېرىتلىرىمىزدا بىرىنچى قېتىم نازۇكۇم ۋە غېرىب ناخشىلىرى ياڭرىدى.
شۇنداق، شۇ يىلى ئالمۇتىدىكى كەسپىي ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي يېتەكچىلىكىدە غېرىب-سەنەم دراممىسى قايتا سەھنىلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي ئارشىن مال-ئالانمۇزىكىلىق كومېدىيەسىدە ، ئانارخانلاردا باش قەھرىمان ئوبرازلىرىنى ياراتتى. ئۇ يەنە كېيىنچىرەك سەھنىلەشتۈرۈلگەن قارا گۈل، ئالجىر مېنىڭ ۋەتىنىم، دوختۇر كېرەكمۇ؟، تاۋۇتتىن تەشۋىش، مايسەرىنىڭ ئىشىقاتارلىق دىراممىلاردىمۇ باش رول ئالدى.
ئۇيغۇر تىياتىرى شۇ يىللىرى مەزكۇر سەھنە ئەسەرلىرى سەۋەبلىك، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئاشۇنداق ئىجادىي سەپەرلەردە تاماشىبىنلار ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي قاتنىشىدىغان كونسېرىتلارنى زور تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ ئورۇنلىغان يارۇ، گۈلئايشەم، مەن كېتەر بولدۇم، نەيلەيىن ناخشىلارنى زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايدۇ.
ئەگەر ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي شۇ تەرىقىدە ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرى ئۈچۈن قىلىپ بېردىغانلىرى تېخى كۆپ ئىدى. لېكىن 1971-يىلى ئۆزبېكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ كۈچى چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلانغان ئون ئىككى مۇقامنى تىكلەش، رەتلەش ۋە ئۇلارنى لېنتىغا ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتاقلىق مۇقامچىلار قاتارىدا ئابدۇرېھىم ئاكىمۇ تاشكەنتكە تەكلىپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خەلقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئۆزبېكىستان دىيارىغا ئاتلاندى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ خاسىيەتلىك ئىش ئىدى. چۈنكى بۇ قېتىم يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇقاملىرىمىزنىڭ ئىلى ۋارىيانتى ئېلىنغان لېنتىلار يورۇقلۇققا چىقىرىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزھال، ناۋا مۇقاملىرىنى ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي ئىجرا قىلدى. ئۇ يەنە بىر نەچچە يىل تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا رەھبەرلىك قىلدى.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىگە ئوخشاش ئىستېدات ساھىبى ئۈچۈن كومپوزىتورلار نادىر مۇزىكىلارنى، شائىرلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى شېئىرلىرىنى ياراتتى. يالقۇنلۇق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئابدۇرېھىم ئەخمىدىينىڭ ئىجادىي پائالىيىتىدە چوڭ سەھىپىنى ئىگىلەيدۇ. ناخشىچى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مەيلىمۇشئېرى ئاساسىدا ئاھاڭ ئىجاد قىلغان بولسا، كومپوزىتور شەھىدە شاھىمەردانوۋ لۇتىپۇللانىڭ بىر قاتار شېئىرلىرىغا مۇزىكا ئىشلىدى. نەتىجىدە ناخشىچىنىڭ ئىجراسىدا جەمئىي ئالتە ناخشىدىن تەركىب تاپقان مۇتەللىپ لىرىكىسى ناملىق لېنتا تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي بەستىكار سۈپىتىدە ۋەتەندىن ياخشى يار بولماس، بېغىمدىمەن، مېنىڭ يارىمغا ئوخشاش قىرىقتىن ئارتۇق ناخشىنىڭ مۇئەللىپى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئابدۇرېھىم ئەخمىدىينىڭ ئۇيغۇر كەسپىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئىلمى ئەمگەكلىرى مۇناسىپ باھالىنىپ، 1975-يىلى ئۇنىڭغا ئۆزبېكسىتاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس، 1989-يىلى بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ خەلق ئارتىسى دېگەندەك شەرەپلىك ناملار بېرىلدى.
ھۆرمەتكە سازاۋەر
ئابدۇرېھىم ئاكا دەم ئېلىشقا چىققاندىن باشلاپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئالمۇتا شەھرىدە ياشاپ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئون ئىككى مۇقامنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە ياشلارغا ئۇستازلىق قىلدى. سەنئەتكارنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتى پەقەتلا ئەخمەدىيلەر ئائىلىسى، ئۇيغۇر تىياتىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى سەنئەت سۆيەر قازاقىستان، قوشنا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ بايرىمى سۈپىتىدىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
ئاشۇ يىلى، يەنى ئارىدىن قىرىق يىل ئۆتۈپ شىنجاڭلىق تاماشىبىنلار ئىسمى ئەل ئاغزىدا رىۋايەتكە ئايلانغان سۆيۈملۈك سەنئەتكارنى قايتا كۆرۈش بەختىگە ئېرىشتى. پېشقەدەم سەنئەتكارمۇ بۇ سەپەرگە، خۇددى ئۆمۈر بويى ئارزۇ قىلغاندەك، بەكمۇ ھاياجان ئىلكىدە ئاتلاندى. ئەزىز دىيارنىڭ تەۋەرۇك ئوغلانى بىلەن كۆرۈشۈش دەقىقىلىرىنى ئاددىي تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! پۈتكۈل خەلق سۆيۈملۈك سەنئەتكارنى باغرىغا بېسىپ، ئۇ ماڭغان كوچىلارغا، ئۇ ناخشا ئېيتقان سەھنىلەرگە ئىللىق مېھىرى، ئەڭ بۈيۈك ھېس-تۇيغۇلىرى، سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن قۇتلۇق قەدىمىگە پايانداز سالدى. ئاشۇ كونسېرىتلاردا ناخشىچىنىڭ ئاۋازىمۇ بۆلەكچە ياڭرىدى.
سۆيۈملۈك تاماشىبىنلىرى، ئانا تۇپرىقى بىلەن خوشلىشىۋاتقىنىنى، خۇددى ئۆزىمۇ سەزگەندەك، ھاياتىدىكى بۇ ئەڭ ئاداققى سەنئەت سەپىرىدە ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ گۈل-گىياھلىرىدىن، ئانا تۇپرىقىدىن ئالاھىدە ھاياجانلىنىپ ئورۇنلىغان ناخشىلىرى، خۇددى بۇنىڭدىن تالاي يىللار ئىلگىرىكى جاراڭلىق، نەپىسلىككە تولۇپ-تاشقان ئىجرالىرىغا ئوخشاش، زالدا ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى پەيدا قىلدى.
ناخشىچى 1999-يىلى 72-يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىينىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەتكىلا بېغىشلانغان ھايات سەھىپىلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، تالانتلىق، مېھنەتكەش ئىنساننىڭ نەقەدەر ئاددىي، كەمتەر، مېھرىبان، سەمىمىي ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن قايىل بولىمىز. ھەئە، ئاشۇنداق ئېسىل ئىنسان بۈگۈن ئارىمىزدا يوق. يىللار ئۆتكەنسېرى ئابدۇرېھىم ئەخمىدىيدەك ئاجايىپ سەنئەتكارنىڭ، غەمخورچى ئۇستازنىڭ يوقلۇقى تېخىمۇ بىلىنمەكتە.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي سەنئىتىمىز گۈلزارلىقىدىكى بىر مۆجىزە! چۈنكى ئۇنىڭدەك تالانتلار ئارىمىزدا بەكمۇ ئاز دېيىشىدۇ، ئەخمەدىي ناخشىلىرىنىڭ كۆپلىگەن مۇخلىسلىرى.
ئابدۇرېھىم ئەخمەدىي ئىجراسىدىكى يۈزلىگەن ناخشىلار قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو ئاڭلىتىش كومىتېتلىرىنىڭ ئالتۇن فوندىدا ساقلانماقتا. سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت داۋانى مۇزىكىشۇناس ئالىملار ئۈچۈن چوڭ تەتقىقات تىمىسىدۇر.
بۈيۈك ئۇستاز ئابدۇرېھىم ئەخمىدىي بىلەن خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكارلىرى ئايتۇرغان ھەسەنوۋا، سالامەت شەرىپجانوۋا، قازاقىستان خەلق ئارتىسى نۇربۈۋى مەمەتوۋا، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس مۇرات مەتمەتباقىيېۋ، نۇرئالىم ۋارىسوۋ، پەرھات داۋۇتوۋلار بەك پەخىرلىنىدۇ.
ئەخمەدىيلەرنىڭ سەنئەت ھاياتى ئۈچ ئەۋلادنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ تۇنجى ئوغلى مۇرات ئەخمىدىي قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مۇدىرى. قىزى ئارزۇگۈل مۇختەر ئەشرەفىي نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفىسورى. ئوغلى پولات، كەنجى قىزى گۈلباھار ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تالانتلىق ناخشىچىسى ۋە دىرامما ئارتىسىدۇر. نەۋرىلىرى دىلشات، دىلناز، يادىكارلار بۈگۈنكى قازاقىستان سەھنىلىرىنىڭ يارقىن يۇلتۇزلىرى. ئۆزىنىڭ شوخ قىلىقلىرى، زېرەكلىكى بىلەن سەكرەپ ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئۇسسۇل ئويناپ ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان كىچىككىنە ئابدۇرېھىم ئەخمىدىيگە (مۇرات ئەخمىدىينىڭ ئوغلى)ئۇلار ھەۋەس بىلەن باقىدۇ، بوۋىسىغا ئوخشاش ناخشىچى بولالمىسىمۇ بوۋىسىدەك ياخشى ئادەم بولسىكەن، دەپ ئارمان قىلىدۇ.
دېمەك، ناخشىچى ئۆلمىدى. ئابدۇرېھىم ئەخمىدىينىڭ يولىنى پەرزەنتلىرى، نەۋرىلىرى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ تىللاردا، دىللاردا داستان بولۇپ قالغۇسى.
(2005-يىلى قازاقىستاندا سىلاۋيان ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان20- ئەسىر ناماياندىلىرىناملىق توپلامدىن تەييارلاندى)
مىھرىئاي دۇنياسى مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كېلىندى.
http://oqya.com/online1.asp?bv=451

Unregistered
10-02-13, 06:02
http://www.youtube.com/watch?v=gYTXGLalSlQ