PDA

View Full Version : گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىست&#



Unregistered
01-02-13, 13:36
گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا نامايىش چاقىرىقى
گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەيشەنبە، گوللاندىيىنىڭ دەنخاخ شەھىرىدە 5-فېبرال ئېلى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ،بۇ نامايىشىمىز بۇندىن 16 يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ، غالجىر خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خەلقىمىزنىڭ ھەقنى قوغداپ، مىللىتىمىزنىڭ ھەقىيقى ۋىجدانى كۈچىنى نىجىس خىتاي ھاكىمىيىتىگە بىلدۈرۈپ قويغان خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل ئوغۇل قىزلىرى ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق ئىسسىق جانلىرىنى ۋە قانلىرىنى قۇربانلىق بەرگەن، بۇ كۈننى ئۇنۇتماسلىق سىز ۋە بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
گوللاندىيىدە خەلقىمىزنىڭ مىللى غورورىنى ساقلاش ۋەقوغداش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى، بارلىق قېرىنداشلارنى بۇ نامايىشىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ،شۇنداقلا قېرىنداشلارنىڭ كۈتكىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق ھالەتتە ئىشتىراك قىلىشىغا ئىشىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى
نامايىش ۋاقتى: 2013-يىلى2-ئاينىڭ5-كۈنى سەيشەنبە سائەت: 13:00
ئادىرىسى:
Tweede Kamer Plein2 Den Haag
ئەسكەرتىش: سائەت 13:00 دىن سائەت 14:30 گىچە بەلگىلەنگەن ئورۇندا نامايىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن سائەت 14:30 دا خىتاي كونسۇلخانىسىغا قاراپ يولغا چىقىمىز ۋە سائەت 16:30 دا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

Unregistered
01-02-13, 13:46
kuch birlikte !!! birlikte ewj alghuziwetayli insha allah

Unregistered
01-02-13, 15:42
untulmaydighan kunlerni hergiz unutmaymiz

Unregistered
03-02-13, 08:34
esil yigitler kolanglarga dat bamisun

Unregistered
03-02-13, 16:29
balla choqum chiqayli,statusni eliweliplam shexsiyetchiliq qimayli, burunqi yaghan yighlighan kunlerni untup qalmayli, IND da bochare bop sozleymiz emiliyitimiz yoq