PDA

View Full Version : dunyaning hemme yiride oqulsa,,,, he !!! (فېبرال قېرغىنچىلىقىنى خاتېرلەش پ&

Unregistered
30-01-13, 15:56
فېبرال قېرغىنچىلىقىنى خاتېرلەش پائالىيىتىگە تەييارلانغان نوتۇق

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەنداشلار! ئاكا-ئېنىلەر! ھەدە-سىڭىللار! ئوماق بالىلار!
بۈگۈن بىز بۇنىڭدىن 16 يىل ئېلگىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ۋېلايىتىدە ياڭرىغان ئەركىنلىك شۇئارلىرىنىڭ ئەكس ساداسىنى ياراڭتىپ، مۇھاجىرغا خاس ھىممەتلىرىمىز بىلەن، ۋىجدانى بۇرچلىرىمىزنى ئاقلاش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ تۇرۇپتىمىز. قوللىرىمىزدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز، شۇئارلىرىمىزدا ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، خىياللىرىمىزدا ئەينى چاغدا ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرىمىز، شېھىد كەتكەن قېز-ئوغلانلىرىمىزنىڭ يالقۇنلۇق سىمالىرى ئەكىس ئىتىپ تۇرۇپتۇ.
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان ئىنساپسىزلىقلىرىغا نارازى بولغان مىڭلىغان ۋەتەنداشلىرىمىز، لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ ئارقىسىدىن سەلدەك ئېقىپ، ئاسمىلياتسىيە توختۇتۇلسۇن! دىنى ئەركىنلىكىمىزگە-ئىتىقادىمىزغا دەخلى-تەئرۈز قىلىنمىسۇن! پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خاتىمە بېرىلسۇن! ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كىتىشلەر توختۇتۇلسۇن! ئۇ بىزگە اللە ئاتا قىلغان نېئمەتتۇر. بۇ نېئمەتلىرىمىزگە تاجاۋۇزچىلار چاڭ سالمىسۇن! خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە ئېقىپ كىرىشى توختۇتۇلسۇن! تاجاۋۇزچى خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن! بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىمىزنىڭ سەمەرىسى بولغان مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنمىسۇن! بىزگە ئەركىنلىك كېرەك! بىزگە ئىنساندەك ياشىيالايدىغان ئەركىنلىك كېرەك! دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاپ، قەھرىتان سوغۇققا، شېۋىرغانغا پېسەنت قىلماستىن، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئارمانىنى نامايەن قىلغان ئىدى.
ئەپسۇسكى؛ ئىنسانلىق تەبىئىتى يوق، خېجىل بولۇشنى ئەسلا بىلمەيدىغان نۇمۇسسىز، پەسكەش خىتايلار، چەكتىن ئاشقان قەبىھ ۋاسىتىلار بىلەن، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان نامايىشچى قېرىنداشلىرىمىزنى قانلىق باستۇردى. سوغۇقنىڭ جان ئالغۇچى ئاچچىقلىرى ئۈستىگە يەنە يۇقۇرى بېسىملىق سۇ چىچىش ماشىنىلىرى بىلەن زەھەرلىك سۇ چىچىپ، ۋەتەنداشلىرىمىزنى مۇز ھەيكەللەرگە ئايلاندۇرۋەتتى. غەزەپ-نەپرەتلەردە چەكچەيگەن كۆزلەر، تۈرۈلگەن مۇشلار، ئېگىلمەس روھنىڭ نامايەندىسى قان-ياشلىق باشلاردا ئىپادىلەنگەن ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن قورقۇپ كەتكەن خىتايلار، چېداپ تۇرالماي ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتتى. ئۇ كۈن ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق مەۋجۇدادلار بۇ مەلئۇن خىتاي تائىپلىرىگە لەنەتلىرىنى ياغدۇردى.
بىز بۇ قېرغىنچىلىقنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز، ئۇنۇتتۇرمايمىز! دەپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ھېكايە قىلىپ بېرىدىغان، تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىز، ئاچچىق قىسمەتلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۆچمەس مىراسقا ئايلاندۇردۇق. ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ كۈندىكى قېرغىنچىقنى، ئۇ كۈنى شېھىد بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى ھەربىر ئەسلىگەن چېغىمىزدا، خىتايلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، مۇھەببەت نەپرىتىمىز تېخىمۇ رۈشەنلىدۇ.

dawamini bu yerdin korung

http://pidaiy.biz/readpost.php?id=1641

Unregistered
31-01-13, 10:03

Fébral qérghinchiliqini xatérlesh paaliyitige teyyarlan'ghan notuq

Essalamueleykum wetendashlar! Aka-éniler! Hede-singillar! Omaq balilar!
Bügün biz buningdin 16 yil élgiri wetinimiz sherqiy türkistanning ghulja wélayitide yangrighan erkinlik shuarlirining eks sadasini yarangtip, muhajirgha xas himmetlirimiz bilen, wijdani burchlirimizni aqlash üchün sep tüzüp turuptimiz. Qollirimizda ay yultuzluq kök bayriqimiz, shuarlirimizda erkinlikke telpün'gen xelqimizning arzu-armanliri, xiyallirimizda eyni chaghda naheq tökülgen qanlirimiz, shéhid ketken qéz-oghlanlirimizning yalqunluq simaliri ekis itip turuptu.
1997-yili 2-ayning 5-küni xitay hakimiyitining chektin ashqan insapsizliqlirigha narazi bolghan minglighan wetendashlirimiz, lailahe illellah muhemmedun resulullah dep yézilghan lozunkilarning arqisidin seldek éqip, asmilyatsiye toxtutulsun! Dini erkinlikimizge-itiqadimizgha dexli-terüz qilinmisun! Pilanliq tughut siyasitige xatime bérilsun! Wetinimizning bayliqlirini xitay ölkilirige toshup kitishler toxtutulsun! U bizge alle ata qilghan némettur. Bu németlirimizge tajawuzchilar chang salmisun! Xitay aqqunlirining wetinimizge éqip kirishi toxtutulsun! Tajawuzchi xitaylar wetinimizdin chiqip ketsun! Bizning milliy we diniy kimlikimizning semerisi bolghan milliy medeniyitimizge tajawuz qilinmisun! Bizge erkinlik kérek! Bizge insandek yashiyalaydighan erkinlik kérek! Dégen'ge oxshash shuarlarni towlap, qehritan soghuqqa, shéwirghan'gha pésent qilmastin, barliq sherqiy türkistanliqlarning armanini namayen qilghan idi.
Epsuski; insanliq tebiiti yoq, xéjil bolushni esla bilmeydighan numussiz, peskesh xitaylar, chektin ashqan qebih wasitilar bilen, qolida tömürning sunuqimu bolmighan namayishchi qérindashlirimizni qanliq basturdi. Soghuqning jan alghuchi achchiqliri üstige yene yuquri bésimliq su chichish mashiniliri bilen zeherlik su chichip, wetendashlirimizni muz heykellerge aylandurwetti. Ghezep-nepretlerde chekcheygen közler, türülgen mushlar, égilmes rohning namayendisi qan-yashliq bashlarda ipadilen'gen heywetlik körünüshlerdin qorqup ketken xitaylar, chédap turalmay ot qoyup köydürwetti. U kün asman-zémindiki barliq mewjudadlar bu mel'un xitay taiplirige lenetlirini yaghdurdi.
Biz bu qérghinchiliqni menggü unutmaymiz, unutturmaymiz! Dep, ewladmu-ewlad hékaye qilip béridighan, tejribe-sawaqlirimiz, achchiq qismetlirimiz bilen yughurulghan, öchmes mirasqa aylandurduq. Aridin 16 yil ötken bolsimu, u kündiki qérghinchiqni, u küni shéhid bolghan qérindashlirimizni herbir esligen chéghimizda, xitaylargha bolghan ghezep-nepritimiz téximu küchiyidu, muhebbet nepritimiz téximu rüshenlidu.

Unregistered
02-02-13, 15:57
Eger bu tima, gheywet yaki pitne bolghan bolsa, talash-tartishta qalghan songektek ghajilinatti. epsus, Nime diyilgenliki emes, kimning digenlikige bekrek itibar biridighan bu Millet chushenmeslikte, bighemlikte, terepbazliqta Kelkundiki samandek laghaylap yuruwatmaqta. tiximu qizziqi shundaq ikenlikini peqetla itirap qilip baqmidi.
mana bu inkasni korup, andin talap kitemiki... ... lar