PDA

View Full Version : qilich astidiki etiqad



Unregistered
17-08-12, 09:35
قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد



لاڭ ياۋيۇەن



بوزقىر تەرجىمىسى



ئەسلى ئەسەر ئىلاۋىسى : مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى « ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش مەدەنىيات زور ئىنقىلابىنىڭ يوشۇرۇن بىشارىتىمۇ ؟» ئىكەن . مەن ئۇنىڭ تېمىسىنى «قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد » قا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.ئاپتور لاڭ ياۋيۇەن مۇستەقىل تەنقىتچى، بىلىم ئاساسى كۈچلۈك پىلانچى، سودا خارەكتىرلىك يەر-مۈلۈك ۋە سېتىش تىجارىتى مۇتەخەسىسى. جېجاڭنىڭ يوڭكاڭ دېگەن يېرىدىن ، ھازىر خاڭجۇدا تۇرىدۇ.ئۇ «جۇڭگو شەھەر قۇرۇلۇشى كۆرگەزمىسى ۋە ھېيىت-بايراملارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا پىلانلىغۇچى » بولۇپ باھالانغان.ئىلگىرى«جۇڭگو پۇخراۋى ئىگىلىك» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى بولغان.ھازىر «دۇنيادىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر » ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى قوشۇمچە باش پىلانلىغۇچىسى.ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى شىڭكوڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى،لىياۋنىڭدىكى يېڭى لىياۋنىڭ سودا-مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى ، خاڭجۇ ياۋيۇەن پىلان مەسلىھەت شىركىتىنىڭ لېدىرى ، كۆپلىگەن جېجاڭلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ مۇستەقىل لېدىرىيەت ئەزاسى ۋە پىلانلاش ساھەسىدىكى باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

----------------------------

شىنجاڭنىڭ غۇلجىدا قانات يايدۇرۇلغان « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ، ساغلام تۇرمۇشقا ھۆرمەت قىلىش »پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر سۇمرۇغ، سىنا قاتارلىق چوڭ-چوڭ تور بەتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ماقالە مەزمۇنىدا شۇ جايدىكى « پۈتكۈل كوچىلاردا ئاز سانلىق مىللەت خانىم-قىزلىرى ۋە يىگىت-ئوغۇللىرىنىڭ ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال-بۇرۇت قويۇش ، چۈمپەردە ئارتىشتەك غەيرى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتۇش » مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنى كىشىدە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىمەنىلىك، دېمەي بولمايدۇ.

مېنى بىئارام قىلغىنى « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش » دېگەن سېياسىي سۆز بولۇپ، ئۇنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. دىنىي ئېتىقاد چوقۇنۇشتىن،ئورتاق ئېتراپ قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاتدىن ھەم پۈتكۈل ۋۇجۇدى بېلەن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئەڭ ئاۋال ئېتىقاتچىلارنىڭ ئېڭىدىكى « چوڭقۇر ئىشەنىچ» نى كۆرسىتىدۇ.جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تەرىقەت دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ئىسلام دىنىمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس،ئەلبەتتە.«سۇسلاشتۇرۇش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە «ئاجىزلاشتۇرۇش»، «ئازايتىش» نى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى تۇمان ئىچىدە گۈل كۆرۈش،بارنى يوق قىلىش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.ھالبۇكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىلاھقا ئىشىنىش، بۇ يولدا تەۋرەنمەسلىك، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھالقىش خارەكتىرلىك ،توللۇق ۋە ئادداققى تەلپۈنىشى ۋە ئىنتىلىشى بولۇپ،ئېتىقاتچىلارنىڭ چىن ، ساپ، گۈزەل روھى دۇنياسىنىڭ قايتىش نۇقتىسىدۇر.شۇنداق ئىكەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆز مەيلىچە سۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن ؟

دىن ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكى ھازىرقى زاماندىكى ئىنساننىڭ تۈپكى ئەركىنلىكىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئىزچىل ھالدا دۇنيا «گىراژدانلىق ھوقۇقى ۋە سېياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ يادروسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.ھەر قانداق بىر گىراژداننىڭ مەلۇم بىر دىن ياكى پەلەسەپە،ئەخلاق سىستېمىسىغا ئېتىقات قىلىش ياكى ئېتىقات قىلماسلىق ئەركىنلىكى بولىدۇ.ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنىتلىرىگە مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقات قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگۈلەپ بەرسە بولىدۇ.گىراژدانلارنىڭ بۇ خىل تاللىشىغا قارىتا ، ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسنىڭ زورلۇق ۋاستىسى قوللىنىشى ياكى ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.ماركىس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتكەن : «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىنى خۇددى ئۆزىنىڭ تەن ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ساقچىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. » ئەمەلىيەتتە دىنغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھوقۇق ياكى بېسىم ئېتىقاتچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپلا قالماي يەنە بىلىپ-بىلمەيلا پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ قويىدۇ.

دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گىراژدانلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاساسىي ھوقۇقتۇر.شۇنداقلا جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دىنىي سېياسىتىدۇر.«ئاساسىي قانۇن»نىڭ 36-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ : «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانلىرى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە »، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرى ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقات قىلىش ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقات قىلمايدىغان پۇخرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمالنى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن. دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ پۈتۈن دۇنياغا قايتا-قايتا : «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەقىقىدۇر ۋە ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باققىنى يوقتۇر» دەپ ئوچۇق جاكارلىغان.شۇنداق تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ غۇلجىسى «سۇسلاشتۇرۇش» قا نېمىشقا شۇنچە كۈچەيدىكىنە ؟

شىنجاڭ غۇلجىنىڭ « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش »نى زور ھەيۋەت-ھەشەم بېلەن بازارغا سېلىپلا قالماي يەنە «ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش» نى زورلۇق بېلەن يولغا قويۇپ ، ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىنىڭ ئەن-ئەنىسىدىكى ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇشنى «نورمالسىزلىق»دەپ قارىشى ھەتتا ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش»قا پەرمان چۈشۈرۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بۇ تەبىكى كىشىگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ «بارلىق ئەرلەر ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆستۈرىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىنىدۇ» دېگەن پەرمانىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.

بىر دىن مۇنداق ئۈچ قاتلامنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا دىن بولالىغان : بىرىنچى، دىننىڭ ئىدىيىۋى قاراشلىرى ۋە ھېسىيات سېزىمى (دىنىي ئەقىدە) ، ئىككىنچى، دىننىڭ يول باشچىسى ھەمدە چوقۇنۇش-بەيئەت قىلىش ئوبىيېكتى(دىننىڭ خۇداسى)، دىننىڭ دىنىي ۋەزىپە تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى(دىنىي تەشكىلات) .ھەر بىر دىننىڭ بىرى-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆز ئالدىغا ئېتىقات قىلىدىغان سېمۋولى بولىدۇ. مەسىلەن بۇددا راھىبلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپ، كاسايا كىيىدۇ، خىرىستىيان پوپ-مۇناخلىرى كۆكرىكىگە كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېسىۋالىدۇ،تەرىقەت دىنىنىڭ تويىنلىرى چۆرىسىگە جىيەك تۇتۇلغان قارامتۇل سىپتا يەكتەك ۋە ئۇزۇن ئاق پايپاق،قونچىلىق قارا ئۆتۈك، ئون تۆشۈكلۈك لاتا چورۇق كىيىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەرەبچە كىيىنىدۇ، ئەرلىرى ساقال قويىدۇ، ئاياللىرى چۈمبەل ئارتىدۇ . شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەن-ئەنىسىنى «نورمالسىز ھادىسە» دەپ قارىشى بىر خىل دىنىي كەمسىتىش قىلمىشىغا ياتىدۇ؛ ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش» قا پەرمان چۈشۈرىشى بولسا دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى ھېساپلىنىدۇ.بۇ خۇددى راھىبلارنى كاساياسىنى سېلىۋېتىشكە، پوپلارنى كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېلىۋېتىشكە ، تويىنلارنى قارا يەكتىكىنى سېلىۋېتىشكە قىستىغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ ، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاساسى قانۇنغا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇپ چۈمبەل ئارتىش ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى بېلەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش، سىڭىشىش ۋە يۇغۇرلۇش جەريانىدا ئۆزىنى ئۈزلىكسىز بېيىتىپ ۋە تولۇقلاپ بارغان. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ۋە بىرلىككە كېلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.ئەرەب ئاياللىرى ئەن-ئەنىۋى كىيىنىش جەھەتتە بېشىغا چۈمبەل ئارتىدۇ، ئۇزۇن جىباپ كىيىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ موھىم بىر ئىپادىسى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈپكى قىممەت قارىشىنى ئۆزىدە ھازىرلاپ ، بۇ خىل ئەن-ئەنىۋى كىيىم كېچەكلەرنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ، دەۋىر، پىسخىلوگىيە، ئىستېتىكا قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەڭ ئالىي يېتەكچى ئىدىيەگە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك سەنئىتى جەھەتتە چوقۇم مۇشۇ خىل قاراشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئومۇمەن ئەرەب كىيىم-كېچەكشۇناسلىرى بېلەن ئاساسلىق پىرىنسىپلاردا ئاسانلا زىدىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.بەزىلەر ئەرەبلەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك كىيىم-كېچەك سەنئىتى گۈزەل بولمايلا قالماستىن بەلكى ئىنتايىن ناچار، دەپ قارايدۇ. ئىسلامدا ئاياللارنىڭ نېپىز، ئېتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ، يېرىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ياكى يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇپ ئەمچىكىنى دومبايتىۋېلىشىى، بەل ۋە ساغرىسىىغا چىپپىدە كېلىدىغان جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيىشى تېخىمۇ چەكلىنىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى زامانىۋى مودا كىيىم-كېچەكلەرنى پىسخىكىدىكى بىنورماللىق ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قاراپ، ئاتالمىش كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئوتتۇراھال گۈزەللىك ، چىن ئىنسانىي گۈزەللىك ، ئىناقلىق جەھەتتىكى گۈزەللىك ئىسلام كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئاساسى ئىستېتىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىدىن ئەن-ئەنىۋى ئەرەب كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، « يېڭى مودىغا ئەگىشىش» نى تەلەپ قىلىشىنى ئۇچىغا چىققان قارا قورساقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق دېمەي بولمامدۇ قانداق ؟ كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان ئەشۇ مودا، نېپىز، يېرىم يالىڭاچ كىيىم-كېچەكلەرگە قاراپ بېقىڭچۇ. مۇبادا ئۇنى مۇسۇلمانلار كىيسە ئىسلامنىڭ كىيىم-كېچەك ئىستېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلەرمۇ ؟ ئۇ ئىسلام پەزھىزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ قالماسمۇ ؟ ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا دەۋىرنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغۈغا ئەگىشىپ، ئەن-ئەنىۋى رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن قوپال چۈمپەردىلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، رەڭگارەڭ ئېسىل يىپەك رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن چۈمپەردىلەرنى تاللايدىغان بولدى. بۇنىڭ بېلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەن-ئەنىۋى كىيىم –كېچەكلىرى موللاشتى ۋە كۆپخىللاشتى. مۇسۇلمانلار قانداق كىيىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ ؟ جۇڭگونىڭ خەنزۇ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر خىللىقىدىن تارتىپ ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى گۈزەللىكىگىچە بولغان جەرياندا قايسى بىر ئورگان ياكى قايسى بىر رەھبەر زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ بېقىپتىكەن ؟ ئەينى يىلى باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگىنى پەقەت شۇنداق كىيىنىشنى تەشەببۇس قىلغىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولغىنى ئىدى ، خالاس. ئۇ ھېچقاچان پۇخرالارنى بىر تۇتاش كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىشكە زورلىغان ئەمەس. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى سەمىمىي-سادىقلىق بېلەن ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ سېياسىي مەدەنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟

«ساقال »خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە يۈزگە چىققان تۈكتىنلا ئىبارەت، خالاس.تۈك ئۈنسە ئۇنى ئېلىۋېتىش كېرەك . مانا بۇ خەنزۇ مەدەنىيىتى. ئەمما، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مىللىي تەۋەلىكنىڭ بەلگۈسى ۋە خۇداغا ئىشىنىش ئېتىقادى بولغان دىنىي ھېسىياتنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇ يىگىتلەرنىڭ قورامىغا يەتكەنلىكى، كۈچ-قۇۋەتكە تولغانلىقى ۋە قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ بەلگۈسىدۇر. پەيغەمبەرگە تەقلىدلىسەك ئۇ بىر ئىلاھىلىقتۇر.چۈنكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھىبلىرىمۇ ساقال قويغان.شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى كۆپچىلىكنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن.شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ساقال قويۇشنى سۈۈننەت دەپ قارايدۇ. بۇ مەنىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلى ئۈنگەن ھامان ئېلىۋېتىدىغان تۈك ئەمەس بەلكى، ئۇ بىر ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بېرىپ تاقىشىدىغان ئېتىقات مەسىلىسىدۇر . ئەمما، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا «ساقال قويۇش -قويماسلىق ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش » دەپمۇ قارىلىدىغان بولدى. مەيلى نېمىلا دېمەيلى ، ساقالغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.قانداقتۇر ئۇ ئىنقىلاۋۋى پارتىيىنىڭ بىر پاي ئوقى بېلەنلا يوق قىلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا ساقالغا «ئال پىچاقنى، كەس چوچاقنى» دېگەن تەدبىر ئاقمايدۇ.

شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئۆزىگە تەۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى بىردەك چۈشۈرىۋېتىش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى كوچا ئىش باشقارمىلىرى «قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەربىيلەش كۇرس» لىرىنى ئېچىپ ، كۇرسانىتلاردىن ئۈچ ئاي سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈن ساقاللارنى چۈشۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.بۇنىڭ 10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا زورلىغانلىقتىن، قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گۆشى يىگەنلىكىدىن نېمە پەرقى بولسۇن ؟ ئەجىبا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى چۈشىرىۋەتكەنگىلا جەمىيەت تېخىمۇ ئىناقلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شەھەرلەر تېخىمۇ مەدەنىيلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىمىز دەۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ قالارمۇ ؟ مېنىڭچە، ئۇنداق قىلىش ئۆچمەنلىك ئۇرۇغىنى تېرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، خالاس.
مەشھۇر دىنىي رەھبەر جىياۋ پۇچۇ تەخسىر مۇنداق دېگەن : « ئىلگىىرى”سول“ چىل ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن دىنغا ھۆرمەت قىلىنمىغان، دىننىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاكتىۋال مەزمۇنلىرى كەمسىتىلگەن بولسا ھازىر دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. دىن ئاۋال بىر خىل ئېتىقات ،شۇنداقلا بىر خىل مەدەنىيەتتۇر.دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەكىتلىگەندە دىننىڭ ئىدىيىۋى ئېتىقات ئامىلىنى سۇسلاشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.مېنىڭچە، دىن سۇسلاشتۇرىلىدىكەن مەدەنىيلىكمۇ سۇسلىشىدۇ.ھازىر جۆۇڭگودا تۈرلۈك ناشايان ئىشلار ۋە رەزگىلىكلەر مەۋجۇت.مەسىلەن تۇرمۇشىمىزدىن مىسال ئالساق ئەخلاقنىڭ بەربات بولۇشى، ئېتىقاتنىڭ سۇسلۇشىشى، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا ئەمەس بەلكى ھوقۇق ۋە پۇلغا ئېتىقات قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پرزېنتى ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغۇچى جېففېرسون مۇنداق دېگەن : ”ئەخلاق جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى، دىن ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر“. ئېتىقات يوق جەمئىيەتتە ھەرقانداق ”مۆجىزىە“ لەر يۈز بېرىدۇ. بىر ئېتىقاتى يوق ئادەم مۇبادا ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىدىنمۇ مەھرۇم قالسا ھەرقانداق رەزىل ئىشنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ».

يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ، دىنىي ئېتىقات ئەقلىيلىككە ۋە ئالغا بېسىشقا ۋەكىللىك قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقى دۇنيادا دىن يوقىلىۋاتمايدۇ بەلكى يوقالماسلىقى كېرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى، بۇ دۇنيا راستىنلا ئېتىقاتقا مۇھتاج بولماقتا.ئىنسانىيەت جەمئىيىتى «دىن مەدەنىيىتى »ھالىتىدىكى جەمئىيەتتىن «پانىي دۇنيا مەدەنىيىتى » ھالىتىدىكى جەمئىيەتكە؛ جەمئىيەت باشقۇرۇشمۇ «ئىلاھ ئارقىلىق باشقۇرۇش» دىن «ئادەم ئارقىلىق باشقۇرۇش»قا ، ئاندىن « قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش » قا تەرەققىي قىلدى.دىننى پانى دۇنياغا ئېلىپ كېلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلماي قالمايدۇ.ئەمما ، دىننى پانىيلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ دىننى يوقىتىشتىن ، دىننى سۇسلاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلبەتتە . بەلكى دىن ئۆزىدىكى ئاكتىۋال بولغان ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ، ئۆزگىرىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى «زامانىۋىلىق ئېڭى» قاتارلىق روھى مەنبە بېلەن تەمىن ئېتىدۇ ياكى مۇشۇ جەرياننى «سىجىل تەرەققىيات» نىڭ ئاكتىپ مەنىۋى يوشۇرۇن كۈچى بېلەن قوللايدۇ.

«دىننى پانىيلاشتۇرۇش» مۇنداق ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە :
بىرىنچىدىن، « پانىيلاشتۇرۇش» «ئىلاھسىزلاشتۇرۇش» نى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى ئەن-ئەنىۋى ئىلاھ قارىشىدىكى «چىقىرىۋېتىش» نى يەنى ئىلاھنىڭ سىمۋولىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ شەرىتلىك بەلگۈلىرىنى يېشىشنى كۆرسىتىدۇ.كىشىلەر دىنغا تەلپۈنۈش جەريانىدا دائىم ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، سىرلىقلاشتۇرۇپ ۋە ئەپسانىلاشتۇرۇپ شەرھىلىگەن بولسا ھازىرقى كۈندە ئۇنى ئەقىلغە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، رېئاللاشتۇرۇپ ، ئەسلىگە قايتۇرۇپ شەرھىلەش لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.تەسسەۋۇردىكى ئىلاھ ئوبرازىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ قىممەت ئىلاھى ئاستا-ئاستا تىكلىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىنىش بولىدۇ.بۇنىڭ بېلەن دىنغا ئېتىقات قىلغۇچىلار كىشىلىك دۇنيانىڭ پاسىلى ۋە روھىيەت دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماددىي دۇنيا ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا «روھىيەت ماكانى» غا توختاۋسىز ئىنتىلىپ تۇرىدۇ.شۇڭا دىن«ئىلاھسىزلاشتۇرۇلغان» دىن كېيىنمۇ يەنە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، دىننىڭ قىممەت سىستېمىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.ئىككىنچىدىن،« پانىيلاشتۇرۇلغان» دىن يەنىلا دۇنياغا پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ،رېئاللىققا قايتىدۇ، ئىنسانغا يۈز ئاچىدۇ.بۇ ئارقىلىق كىشىلىك دۇنياغا «ئىللىق»لىق ئاتا قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە رېئال مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەش كېرەك.مەسىلەن بۇددا دىنى رېئال جەمىيەتتە «دۇنياغا مېھرى-شەپقەت ئاتا قىلىپ»، « زېمىنىنى پاكلاش»تۇرسا؛ خىرىستىيان دىنى «جەمئىيەت قاتنىشىش»يولى بېلەن «بەخىتلىك جەمئىيەت» قۇرۇشتا رول ئوينايدۇ؛ ئىسلام دىنى « ئىككىلا ئالەمدە ساۋاپ تېپىش كۆز قارىشى ئارقىلىق ، رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىش» ئېڭىنى تۇرغۇزسا، تەرىقەت دىنى « تەبىئي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش يولى بېلەن ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرۇش»قا ئۈندەيدۇ؛ كاتولىك دىنى دېمىگراتىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۆگەتسە ، تىبەتلەرنىڭ لاما دىنى ئىبادەتخانىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ. دېمەك، « پانىيلاشتۇرۇش» دىننى تېخىمۇ مۇپەسسەل، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ساۋاپلىق يوللار بېلەن تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ،يېڭى دەۋىردە ئۆزىنى تېخىمۇ يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ”سۇسلاپ“ قالمايدۇ.

باش شۇجى خۇجىنتاۋ مۇنداق دەيدۇ : « بىزنىڭ سېياسىي ساھەيىمىز ياكى ئىجتىمائىي ساھەيىمىزدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا چېتىلىدىغان بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك».بۇنىڭ ئىككىسى مىللەت ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك.يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگونىڭ دىنىي ئىشلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى «دىننى سوتسىيالىزم بېلەن ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش » ، «دىنىي زاتلار بېلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى پائال رولىنى جارىي قىلدۇرۇش» دىن ئىبارەت. دىننىڭ ئاجابىي يوسۇندىكى ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ۋە قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى قانداق جارىي قىلدۇرۇشتا ئاۋال «ئېتىقات جەھەتتىكى باراۋەرلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەرىقلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆزلىشىش ۋە ئېچىۋېتىشتەك جانلىق روھى ھالەتنى ساقلاش كېرەك.كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشتە ، جەمئىيەتنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدىكى جۇڭگو پەقەت «قىممەتنىڭ بىرلا تەرىپى»گە ئېسىلىۋالماي دۇنيانىڭ مول ۋە رەڭگا-رەڭ ئىجدىمائىي ، ئىدىيە، مەدەنىيەت باغچىسىدا ئىناق بىرگە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.دىن ماھىيىتىدىن ئالاھىدە بىرخىل مەۋجۇتلۇق شەكلىنى ھازىرلىغۈان بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇنىڭغا رەڭلىك كۆزئەينەك بېلەن قاراپ ، ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا پىچماسلىقى كېرەك. دىنغا قارىتا ئاددىي-قوپاللىق بېلەن ئىش تۇتۇلسا ياخشى ئىشنىڭمۇ يامىنىغا ئايلىنىپ كېتىشى ئېنىق.

دىنىي كەڭ قورساقلىق، دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقات ئەركىنلىكى ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى ئۈچۈن موھىم يول ئاچىدۇ؛ ۋەھالەنكى، ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى بىزنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتىدۇ.

مەنبەسى : http://blog.sina.com.cn/s/blog_6e28c66001017zcv.html
------------------------------------------

تەرجىماندىن: مۇشۇ كۈنلەردە خېلى كۆپ تورداشلار تور ياكى تېلېفونۇمغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزى موھىم دەپ قارىغان تېمىلارنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشۇمنى تەۋىسىيە قىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ ئەمما ، ۋاقىت ئېتىبارى بېلەن تەۋىسىيە قىلىنغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەي كەلگەنىدىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاز ھەم ساز يازىدىغان köksöy ئىسىملىك «باغداش» ئەزاسى مەزكۇر تېمىنى تەۋىسىيە قىلىپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتىكەن.مەن بۇ تېمىنىڭ خەنزۇچىسىنى بىر نەچچە رەت ئوقۇپ چىقىپ ، بۇ تېمىنى رېئاللىقىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىممىتى بار تېمىكەن دەپ قاراپ ،بىر كېچىلىك ئۇيقۇمدىن كېچىپ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈپ روزا ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللىدىم.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىش بېلەنلا قالماي يەنە ئۇنى ئەتراپىدىكىلەرگە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش يولى بېلەن ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداش جەھەتتە مەيلى مەملىكەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن بىز تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلار ۋە بۇ ئىشقا ئىزچىل باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.بۇ ھال پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن-سېياسەتلىرىگە زىت يول تۇتۇپ ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بېلەن يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاڭ پەيدا قىلىپ ، دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان، يەرلىكتىكى ھوقۇق بېشىغا چىقىۋالغان بىر ئوچۇم قارا قورساق ئوڭچى كۈچلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرمەندە بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە سېياسىتى تەرىپىدىن تولۇق ۋە توسقۇنسىز رەۋىشتە كاپالەتكە ئىگە بولىشى توللۇق ئەمەلگە ئاشقۇسى.

Unregistered
17-08-12, 10:56
Lang yawyuen



Bozqir terjimisi



Esli eser ilawisi : mezkur maqalining esli témisi « saqal chüshürüsh , chümperde échish medeniyat zor inqilabining yoshurun bisharitimu ?» iken . Men uning témisini «qélich astidiki étiqad » qa özgertip qoydum.Aptor lang yawyuen musteqil tenqitchi, bilim asasi küchlük pilanchi, soda xarektirlik yer-mülük we sétish tijariti mutexesisi. Jéjangning yongkang dégen yéridin , hazir xangjuda turidu.U «junggo sheher qurulushi körgezmisi we héyit-bayramlarni tebriklesh murasimi sahesidiki eng katta pilanlighuchi » bolup bahalan’ghan.Ilgiri«junggo puxrawi igilik» zhurnilining da’imiy mu’awén neshiriyat bashliqi bolghan.Hazir «dunyadiki junggoluq sodigerler » zhurnilining mu’awén neshiriyat bashliqi qoshumche bash pilanlighuchisi.U yene béyjingdiki shingkong xelq’ara medeniyet tarqitish wastiliri shirkitining lédiri,liyawningdiki yéngi liyawning soda-medeniyet tarqitish wastiliri shirkitining lédiri , xangju yawyuen pilan meslihet shirkitining lédiri , köpligen jéjangliq sodigerler meblegh sélish shirketlirining musteqil lédiriyet ezasi we pilanlash sahesidiki bash meslihetchisi bolup ishlep kelmekte.

----------------------------

Shinjangning ghuljida qanat yaydurulghan « dini angni suslashturup, ilim-pen’ge , saghlam turmushqa hörmet qilish »pa’aliyiti heqqidiki xewer sumrugh, sina qatarliq chong-chong tor betlirining bash betliridiki közge chéliqidighan jayliridin orun aldi. Maqale mezmunida shu jaydiki « pütkül kochilarda az sanliq millet xanim-qizliri we yigit-oghullirining erebche kiyinish we saqal-burut qoyush , chümperde artishtek gheyri hadisilerning hemmisini yoqutush » mezmun qilin’ghan bolup, buni kishide selbiy tesirlerni peyda qilidighan bimenilik, démey bolmaydu.

Méni bi’aram qilghini « dini angni suslashturush » dégen séyasiy söz bolup, uni tunji anglishim idi. Diniy étiqad choqunushtin,ortaq étrap qilishtin peyda bolidighan mustehkem étiqatdin hem pütkül wujudi bélen uninggha bey’et qilishtin peyda bolidu. Bolupmu u eng awal étiqatchilarning éngidiki « chongqur ishenich» ni körsitidu.Junggodiki uzaq tarixqa ige teriqet dini, budda dini, xiristiyan dini, katolik dini we islam dinimu buningdin xaliy emes,elbette.«suslashturush» dégini emeliyette «ajizlashturush», «azaytish» ni bildüridu. Uni tuman ichide gül körüsh,barni yoq qilish dep chüshinishkimu bolidu.Halbuki diniy étiqadning alahidiliki ilahqa ishinish, bu yolda tewrenmeslik, uninggha sadiq bolushta ipadilinidu. U insaniyetning halqish xarektirlik ,tolluq we addaqqi telpünishi we intilishi bolup,étiqatchilarning chin , sap, güzel rohi dunyasining qaytish nuqtisidur.Shundaq iken uni qandaqmu öz meyliche suslashturghili bolsun ?

Din we étiqat erkinliki hazirqi zamandiki insanning tüpki erkinlikining biridur. U izchil halda dunya «girazhdanliq hoquqi we séyasiy hoquq ehdinamisi» ning yadrosi, dep qarilip kelmekte.Her qandaq bir girazhdanning melum bir din yaki pelesepe,exlaq sistémisigha étiqat qilish yaki étiqat qilmasliq erkinliki bolidu.Hetta ata-anilarmu qoramigha yetmigen perzenitlirige melum bir din’gha étiqat qilish-qilmasliqni belgülep berse bolidu.Girazhdanlarning bu xil tallishigha qarita , herqandaq organ yaki shexsning zorluq wastisi qollinishi yaki arilishishigha bolmaydu.Markis «gota programmisigha tenqit» namliq kitabida mundaq körsetken : «her bir ademning özining diniy éhtiyajini rawa qilishini xuddi özining ten éhtiyajini rawa qilishigha oxshitishqa bolidu. U saqchilarning cheklimisige uchrimaydu. » emeliyette din’gha qaritilghan herqandaq hoquq yaki bésim étiqatchilarning iradisini téximu chingitipla qalmay yene bilip-bilmeyla puxralarning diniy étiqat erkinlik hoquqigha tajawuz qilip qoyidu.

Diniy étiqat erkinliki junggoning asasiy qanunida girazhdanlargha bérilgen bir xil asasiy hoquqtur.Shundaqla junggo kuministik partiyisining bir türlük asasliq diniy séyasitidur.«asasiy qanun»ning 36-maddisida éniq qilip : «jungxua xelq jumhuriyitining girazhdanliri diniy étiqat erkinlikige ige », «herqandaq dölet organliri , ijtima’iy teshkilat we shexislerning puxralarni din’gha étiqat qilish yaki qilmasliqqa zorlishigha bolmaydu, din’gha étiqat qilidighan yaki din’gha étiqat qilmaydighan puxralarni kemsitishige bolmaydu», «dölet normalni diniy pa’aliyetlerni qoghdaydu» dep belgülen’gen. Döletlik diniy ishlar idarisimu pütün dunyagha qayta-qayta : «junggoning diniy étiqat erkinliki heqiqidur we ezeldin özgirip baqqini yoqtur» dep ochuq jakarlighan.Shundaq turup shinjangning ghuljisi «suslashturush» qa némishqa shunche kücheydikine ?

Shinjang ghuljining « dini angni suslashturush »ni zor heywet-heshem bélen bazargha sélipla qalmay yene «saqal chüshürüsh , chümperde échish» ni zorluq bélen yolgha qoyup , islam étiqatchilirining en-enisidiki erebche kiyinish we saqal qoyushni «normalsizliq»dep qarishi hetta uni «pütünley yoqutush»qa perman chüshürüshi kishini heqiqeten bi’aram qilidu. Bu tebiki kishige sésiq nami pur ketken taliban hakimiyitining «barliq erler ikki ay ichide saqal-burutlirining hemmisini östürishi kérek, xilapliq qilghuchilar jazalinidu» dégen permanini esletmey qalmaydu.

Bir din mundaq üch qatlamni özide hazirlighanliqi üchünla din bolalighan : birinchi, dinning idiyiwi qarashliri we hésiyat sézimi (diniy eqide) , ikkinchi, dinning yol bashchisi hemde choqunush-bey’et qilish obiyékti(dinning xudasi), dinning diniy wezipe tüzümi we ijtima’iy teshkilati(diniy teshkilat) .Her bir dinning biri-birige oxshimaydighan öz aldigha étiqat qilidighan sémwoli bolidu. Mesilen budda rahibliri chéchini chüshürüp, kasaya kiyidu, xiristiyan pop-munaxliri kökrikige kirisit belgüsini ésiwalidu,teriqet dinining toyinliri chörisige jiyek tutulghan qaramtul sipta yektek we uzun aq paypaq,qonchiliq qara ötük, on töshüklük lata choruq kiyidu. Musulmanlar erebche kiyinidu, erliri saqal qoyidu, ayalliri chümbel artidu . Shinjang ghuljining islam en-enisini «normalsiz hadise» dep qarishi bir xil diniy kemsitish qilmishigha yatidu; Uni «pütünley yoqutush» qa perman chüshürishi bolsa diniy étiqat erkinlikige qilin’ghan tajawuzchiliq herkiti hésaplinidu.Bu xuddi rahiblarni kasayasini séliwétishke, poplarni kirisit belgüsini éliwétishke , toyinlarni qara yektikini séliwétishke qistighandekla bir ish bolup , chékidin ashqan exlaqsizliq we asasi qanun’gha qilin’ghan haqarettin bashqa nerse emestur.

Erebche kiyinish we saqal qoyup chümbel artish islam medeniyitining bir qismidur. Islam medeniyiti bélen bashqa medeniyetler uzun mezgillik öz-ara tesir qilish, singishish we yughurlush jeryanida özini üzliksiz béyitip we toluqlap barghan. Islami kiyim-kéchek medeniyiti islam dinining bir qismi bolup , köp menbelik bolush we birlikke kélishtek alahidiliklerge ige.Ereb ayalliri en-eniwi kiyinish jehette béshigha chümbel artidu, uzun jibap kiyidu. Islami kiyim-kéchek medeniyitining birlikke kelgenlikining mohim bir ipadisi islam eqidisidin ibaret bu tüpki qimmet qarishini özide hazirlap , bu xil en-eniwi kiyim kécheklerning medeniyet , tarix, dewir, pisxilogiye, istétika qatarliq her qaysi tereplerdin eng aliy yétekchi idiyege ige bolghanliqida ipadilinidu.Shunga uning kiyim-kéchek sen’iti jehette choqum mushu xil qarashni aldinqi sherit qilidighanliqi éniq. Omumen ereb kiyim-kéchekshunasliri bélen asasliq pirinsiplarda asanla zidiyetliship qalidighan ehwallar yüz bérip turidu.Beziler ereblerning töwen derijilik kiyim-kéchek sen’iti güzel bolmayla qalmastin belki intayin nachar, dep qaraydu. Islamda ayallarning népiz, éti körünüp turidighan , yérim körünüp turidighan yaki yérim yalingach kiyimlerni kiyishi cheklen’gen. Bolupmu ayallarning meydisini ochuq qoyup emchikini dombaytiwélishii, bel we saghrisiigha chippide kélidighan jinsiy hewesni qozghaydighan kiyimlerni kiyishi téximu cheklinidu. Islami kiyim-kéchek medeniyiti zamaniwi moda kiyim-kécheklerni pisxikidiki binormalliq we exlaq jehettiki aynishni keltürüp chiqiridu dep qarap, atalmish kiyim-kéchek sen’itige intilishke we uningdin kélip chiqidighan israpchiliqqa qarshi turidu. Otturahal güzellik , chin insaniy güzellik , inaqliq jehettiki güzellik islam kiyim-kécheklirining asasi istétikisini shekillendürgen.

Wehalenki, bügünki künde shinjang ghuljining islam étiqatchiliridin en-eniwi ereb kiyim-kécheklirini séliwétip, « yéngi modigha egishish» ni telep qilishini uchigha chiqqan qara qorsaqliq we exlaqsizliq démey bolmamdu qandaq ? Kochilarda sétiliwatqan eshu moda, népiz, yérim yalingach kiyim-kécheklerge qarap béqingchu. Mubada uni musulmanlar kiyse islamning kiyim-kéchek istétikisigha uyghun kélermu ? U islam pez’hizlirige qilin’ghan haqaret bolup qalmasmu ? Islami kiyim-kéchek medeniyiti öz tereqqiyati jeryanida dewirning ilgirlishi we tereqqiyatighügha egiship, en-eniwi rexitlerdin ishlen’gen qopal chümperdiliridin waz kéchip , renggareng ésil yipek rexitlerdin ishlen’gen chümperdilerni tallaydighan boldi. Buning bélen ereblerning en-eniwi kiyim –kéchekliri mollashti we köpxillashti. Musulmanlar qandaq kiyinidu , bu pütünley musulmanlarning erkinliki, uni birlikke keltürüsh yerlik hökümetning qolidin kélemdu ? Junggoning xenzu kiyim-kécheklirining medeniyet zor inqilabi dewridiki bir xilliqidin tartip islahat –échiwétish dewridiki güzellikigiche bolghan jeryanda qaysi bir organ yaki qaysi bir rehber zorluq küch ishlitip béqiptiken ? Eyni yili bash shuji xu yawbangning bashlamchiliq bilen kastiyum-burulka kiygini peqet shundaq kiyinishni teshebbus qilghini we bu jehette ülge bolghini idi , xalas. U héchqachan puxralarni bir tutash kastiyum-burulka kiyishke zorlighan emes. Az sanliq milletlerning medeniyitini semimiy-sadiqliq bélen hörmet qilmay turup séyasiy medeniylik we hakimiyet yürgüzüsh sapasini östürüshtin qandaqmu söz achqili bolsun ?

«saqal »xenzularning neziride yüzge chiqqan tüktinla ibaret, xalas.Tük ünse uni éliwétish kérek . Mana bu xenzu medeniyiti. Emma, musulman ammisining neziride u milliy tewelikning belgüsi we xudagha ishinish étiqadi bolghan diniy hésiyatning simwolidur. U yigitlerning qoramigha yetkenliki, küch-quwetke tolghanliqi we qedir-qimmet tuyghusigha ige bolghanliqining belgüsidur. Peyghemberge teqlidlisek u bir ilahiliqtur.Chünki, muhemmed peyghember we uning sahiblirimu saqal qoyghan.Shunga musulmanlarning saqal qoyushi köpchilikning izzet-hörmitige ériship kelgen.Shu wejidin ular saqal qoyushni süünnet dep qaraydu. Bu menidin musulmanlarning saqili ün’gen haman éliwétidighan tük emes belki, u bir ademning diniy étiqadigha bérip taqishidighan étiqat mesilisidur . Emma, hazirqi zamandiki musulmanlarning qarishida «saqal qoyush -qoymasliq öz ixtiyaridiki ish » depmu qarilidighan boldi. Meyli némila démeyli , saqalgha ching sulalisining örüme chéchigha mu’amile qilghandek mu’amile qilishqa bolmaydu.Qandaqtur u inqilawwi partiyining bir pay oqi bélenla yoq qiliwetkili bolidighan nerse emes. Shunga saqalgha «al pichaqni, kes chochaqni» dégen tedbir aqmaydu.

Shinjang ghuljining özige tewe rayonlardiki musulmanlarning saqilini birdek chüshüriwétish telipige yétish üchün bezi kocha ish bashqarmiliri «qanun-tüzüm boyiche terbiylesh kurs» lirini échip , kursanitlardin üch ay sürük ichide pütün saqallarni chüshürüp bolushni telep qilghan.Buning 10 yil dawamlashqan medeniyet zor inqilawi dewridiki musulmanlarni choshqa béqishqa zorlighanliqtin, qizil qoghdighuchilarning meschitlerde choshqa göshi yigenlikidin néme perqi bolsun ? Ejiba musulmanlarning saqilini chüshiriwetken’gila jemiyet téximu inaqliship kétermu ? Sheherler téximu medeniyliship kétermu ? Shinjangni musteqil qilimiz dewatqan unsurlarning heywisi sunup qalarmu ? Méningche, undaq qilish öchmenlik urughini térishtin bashqa netije bermeydu, xalas.
Meshhur diniy rehber jiyaw puchu texsir mundaq dégen : « ilgiiri”sol“ chil idiyiwi éqimning tesiridin din’gha hörmet qilinmighan, dinning ilim-pen, medeniyet jehettiki aktiwal mezmunliri kemsitilgen bolsa hazir dinning medeniyet amilliri barghanséri gewdilenmekte. Din awal bir xil étiqat ,shundaqla bir xil medeniyettur.Dinning medeniyet amillirini tekitligende dinning idiyiwi étiqat amilini suslashturushqa qet’iy bolmaydu.Méningche, din suslashturilidiken medeniylikmu suslishidu.Hazir jöunggoda türlük nashayan ishlar we rezgilikler mewjut.Mesilen turmushimizdin misal alsaq exlaqning berbat bolushi, étiqatning suslushishi, emeldarlardiki chiriklik sewebidin nurghun kishiler din’gha emes belki hoquq we pulgha étiqat qilidighan bolup ketti. Amérikining 3-nöwetlik przénti , musteqilliq xitabnamisini yazghuchi jéfférson mundaq dégen : ”exlaq jem’iyetning ul téshi, din exlaqning qoghdighuchisidur“. Étiqat yoq jem’iyette herqandaq ”möjizie“ ler yüz béridu. Bir étiqati yoq adem mubada exlaqning eng töwen siziqidinmu mehrum qalsa herqandaq rezil ishni qilishtinmu yanmaydu».

Yersharilishiwatqan bügünki dewirde , diniy étiqat eqliylikke we algha bésishqa wekillik qilip kelmekte. Hazirqi dunyada din yoqiliwatmaydu belki yoqalmasliqi kérek boliwatidu.Chünki, bu dunya rastinla étiqatqa muhtaj bolmaqta.Insaniyet jem’iyiti «din medeniyiti »halitidiki jem’iyettin «paniy dunya medeniyiti » halitidiki jem’iyetke; Jem’iyet bashqurushmu «ilah arqiliq bashqurush» din «adem arqiliq bashqurush»qa , andin « qanun arqiliq bashqurush » qa tereqqiy qildi.Dinni pani dunyagha élip kélish heqiqetenmu kishining eqlini lal qilmay qalmaydu.Emma , dinni paniylashturush hergizmu dinni yoqitishtin , dinni suslashturushtin dérek bermeydu, elbette . Belki din özidiki aktiwal bolghan öz-özini tengshesh , özgirish arqiliq zamaniwilashturush tereqqiyatini «zamaniwiliq éngi» qatarliq rohi menbe bélen temin étidu yaki mushu jeryanni «sijil tereqqiyat» ning aktip meniwi yoshurun küchi bélen qollaydu.

«dinni paniylashturush» mundaq ikki qatlamliq menige ige :
Birinchidin, « paniylashturush» «ilahsizlashturush» ni körsitidu.Uning menisi en-eniwi ilah qarishidiki «chiqiriwétish» ni yeni ilahning simwolining chékinip chiqishi we uning sheritlik belgülirini yéshishni körsitidu.Kishiler din’gha telpünüsh jeryanida da’im uni ilahlashturup, sirliqlashturup we epsanilashturup sherhiligen bolsa hazirqi künde uni eqilghe muwapiqlashturup, ré’allashturup , eslige qayturup sherhilesh lazimliqini teqezza qilidu.Tessewurdiki ilah obrazining yoqilishigha egiship qimmet ilahi asta-asta tiklinip, kishilerning rohiyet qurulmisida yéngilinish bolidu.Buning bélen din’gha étiqat qilghuchilar kishilik dunyaning pasili we rohiyet dunyasini saplashturushqa téximu ehmiyet bérip, maddiy dunya we kishilik turmushta «rohiyet makani» gha toxtawsiz intilip turidu.Shunga din«ilahsizlashturulghan» din kéyinmu yene mahiyet jehettin öz mewjutluqini saqlap, dinning qimmet sistémisi yenila mewjut bolup turiwéridu.Ikkinchidin,« paniylashturulghan» din yenila dunyagha pa’al tesir körsitidu,ré’alliqqa qaytidu, insan’gha yüz achidu.Bu arqiliq kishilik dunyagha «illiq»liq ata qilidu.Shunga uning ré’al ehmiyiti we ré’al munasiwitini tekitlesh kérek.Mesilen budda dini ré’al jemiyette «dunyagha méhri-shepqet ata qilip», « zéminini paklash»tursa; Xiristiyan dini «jem’iyet qatnishish»yoli bélen «bexitlik jem’iyet» qurushta rol oynaydu; Islam dini « ikkila alemde sawap tépish köz qarishi arqiliq , ré’alliqqa ehmiyet bérish» éngini turghuzsa, teriqet dini « tebi’y qanuniyetke hörmet qilish yoli bélen exlaq jehettin özini takammallashturush»qa ündeydu; Katolik dini démigratik mektep bashqurushni ögetse , tibetlerning lama dini ibadetxanilarda wetenperwerlik , qanun-tüzüm teshwiqati élip baridu. Démek, « paniylashturush» dinni téximu mupessel, téximu keng, téximu sawapliq yollar bélen turmushqa singdürüp,yéngi dewirde özini téximu yéngi hayatiy küchke ige qiliduki, hergizmu ”suslap“ qalmaydu.

Bash shuji xujintaw mundaq deydu : « bizning séyasiy saheyimiz yaki ijtima’iy saheyimizde partiye we dölet xizmitining omumiyliqigha chétilidighan besh chong munasiwetni choqum yaxshi bir terep qilishimiz kérek».Buning ikkisi millet we din’gha munasiwetlik.Yéngi dewirdiki junggoning diniy ishlirining wezipisi asasliqi «dinni sotsiyalizm bélen maslashturushqa pa’al yéteklesh » , «diniy zatlar bélen xelq ammisining iqtisadiy, ijtima’iy tereqqiyattiki pa’al rolini jariy qildurush» din ibaret. Dinning ajabiy yosundiki ijtima’iy iqtidari we qimmet jehettiki ehmiyitini qandaq jariy qildurushta awal «étiqat jehettiki barawerlik» ni ishqa ashurush, periqlerning birlikte mewjut bolup turishigha intilishte ching turush, alaqe we chüshinishni ilgiri sürüsh, sözlishish we échiwétishtek janliq rohi haletni saqlash kérek.Köp qutupluq dunya we köp menbelik medeniyetke yüzlinishte , jem’iyetni échiwétishning bir ezasi süpitidiki junggo peqet «qimmetning birla teripi»ge ésiliwalmay dunyaning mol we rengga-reng ijdima’iy , idiye, medeniyet baghchisida inaq birge turushni qolgha keltürüshke tirishishi kérek.Din mahiyitidin alahide birxil mewjutluq sheklini hazirlighüan bolup, hakimiyet yürgüzgüchiler uninggha renglik köz’eynek bélen qarap , özi bilgenche petiwa pichmasliqi kérek. Din’gha qarita addiy-qopalliq bélen ish tutulsa yaxshi ishningmu yaminigha aylinip kétishi éniq.

Diniy keng qorsaqliq, diniy erkinlik, étiqat erkinliki idiye erkinliki, wijdan erkinliki üchün mohim yol achidu; Wehalenki, idiye erkinliki, wijdan erkinliki bizning hazirqi dölitimizde eng kem boliwatidu.

Menbesi : http://blog.Sina.Com.Cn/s/blog_6e28c66001017zcv.Html
------------------------------------------

Terjimandin: mushu künlerde xéli köp tordashlar tor yaki téléfonumgha uchur yollap özi mohim dep qarighan témilarning adrésini qaldurup, uni terjime qilip munberge yollap qoyushumni tewisiye qiliwatidu.Ularning yaxshi könglini chüshinip tursammu emma , waqit étibari bélen tewisiye qilin’ghan témilarning hemmisini terjime qilip yollashqa waqit yétishtürelmey kelgenidim. Nechche kün ilgiri az hem saz yazidighan köksöy isimlik «baghdash» ezasi mezkur témini tewisiye qilip uchur qalduruptiken.Men bu témining xenzuchisini bir nechche ret oqup chiqip , bu témini ré’alliqimiz üchün heqiqeten qimmiti bar témiken dep qarap ,bir kéchilik uyqumdin kéchip uni terjime qilip püttürüp roza héyitliq sowgha süpitide munberge yollidim.Tordashlarning bu témini estayidil oqup mulahize qilish bélenla qalmay yene uni etrapidikilerge keng türde teshwiq qilish yoli bélen özimizning diniy étiqadimiz we milliy örip-adetlirimizni qanunluq qoghdashning awan’gartlirigha aylinishini ümid qilimen.
Körüp turuptimiz, diniy étiqadimiz we milliy örip-adetlirimizni qanunluq qoghdash jehette meyli memliket ichi yaki sirtida bolsun biz terepte turup sözleydighanlar we bu ishqa izchil bash qaturidighan mes’uliyetchan ziyaliylar barghanséri köpeymekte.Bu hal partiye we döletning bu heqtiki qanun-séyasetlirige zit yol tutup , merkiziy hökümet bélen yerliktiki uyghur ammisining otturisigha hang peyda qilip , düshmenlik uruqini chachidighan, yerliktiki hoquq béshigha chiqiwalghan bir ochum qara qorsaq ongchi küchlerning haman bir küni shermende bolup, keng uyghur ammisining qanunda belgülen’gen diniy étiqat erkinlikining dölet qanuni we partiye séyasiti teripidin toluq we tosqunsiz rewishte kapaletke ige bolishi tolluq emelge ashqusi.

Unregistered
17-08-12, 16:40
By maqale heqiqeten yaxshi yeziliptu. Wetendiki torbetlerde chaplighili bolarmu?

Unregistered
17-08-12, 17:04
" Qilich astidiki etikat " digen sozni kurup Islam dinini dewatkanmikin dep kaptimen. Chunki Islam dini qilich astida tarkalghanghu deymen?

Unregistered
17-08-12, 18:18
islam dini qilich bilen tarqalghan emes, siz islam tarixini obdan oqup andin baha biring. din digen bir etiqat we ishininshtin ibaret, bir etiqat qandaqmu qilich bilen qelpke ornaydu? etiqat qilghusi yoq ademge qilich tenglep turup dingha ishinishke zorlishingiz he maqul dep qoyup sizdin qutulghanda ozining bilginini qilmamdu? mentiqisiz geplerge ishenmeng dostum.



" Qilich astidiki etikat " digen sozni kurup Islam dinini dewatkanmikin dep kaptimen. Chunki Islam dini qilich astida tarkalghanghu deymen?