PDA

View Full Version : خەنزۇلار راستىنلا تۈبۈتلەرنىڭ نېنىنى تا&



Unregistered
16-08-12, 15:30
يۇلتۇزلۇق ئارال يەرشارى تورى خەۋىرى : دالاي گوروھىدىكىلەر تارقاتقان ئاتالمىش خەنزۇلار تىبەتنى يۇتۇپ كەتتى ، خەنزۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت قىلىمىز دەپ بېرىپ ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالدى قاتارلىق ئۆسەك نەزەرىيەلەرگە قارىتا يېقىندا كۆپلىگەن تىبەتشۇناس مۇتەخەسىسلەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ھەرقايسى رايون، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ يۆتكىلىپ تۇرىشى جۇڭگودەك بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تارىخىي ئەن-ئەنىسى ۋە ئومۇمىيلاشقان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ، نۆۋەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 20نەچچە ئاقما نوپۇسنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۇەن ، يۈننەن قاتارلىق تۈبۈتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن كەلگەن ئاقما نوپۇسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ، پەقەت نوپۇسلار ئېقىپ تۇرغاندىلا ئاندىن مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ، نوپۇسلارنىڭ ئېقىىشىنى توسقاندا جەمئىيەتنىڭ چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خەلقئارا لېنيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇندىن 62يىل بۇرۇن يەنى تىبەت تېنىچلىق بېلەن ئازات بولۇشتىن ئىلگىرى تىبەت جەمئىيىتى فېۋدال يانچىلىق تۈزۈمىدە بولۇپ، تىبەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %95دىن كۆپرەگى يانچى ئىكەندۇق. يانچىلار يەر، چارۋىغا ئوخشاش ئەمەلدارلار ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ يۇقۇرى قاتلام راھىبلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىمتىياز ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئەركىن ئېلىپ-سېتىلاتتىكەن. تىبەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىنتايىن قالاق ئىكەن . مەركىزىي ھۆكۈمەت تىبەتتە قۇلدار-يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇپ، تىبەتتە ئىچكىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش سېياسىتىنى يۈرگۈزۈپتۇ. بۇنىڭ بېلەن تىبەتنىڭ جەمئىيەت،ئىقتىسادىدا ھالقىما تەرەققىياتلار قولغا كەپتۇ. زور مىقداردىكى ياردەم مەبلەغلىرى تىبەتكە كىرىپ، تىبەتنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈزلىكسىز تېزلىشىپ، ساياھەتچىلىك، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بېلەن تەمىن ئېتىپ، خەنزۇ، تۇڭگان، مانجۇ،سالا، بەيزۇ، ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق 20دىن ئارتۇق مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئاقما نوپۇسنى تىبەتكە جەلىپ قىپتۇ. سىچۇەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى لى جىن خانىم تىبەتنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىۋى مۇھىتى، كېلىماتى ۋە فېلىلوگىيە (ئادىمىيەت) جەھەتتىكى مۇھىتىغا چۇشلۇق ھەر قايسى جايلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تىبەتكە كېلىپ خىزمەت قىلىشى پەسىل خارەكتىرىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا بۇ باشقىلاردا ئوڭايلا خۇددى باشقا جايدىن ، باشقا مىللەتلەر زور تۈركۈمدە تىبەتكە كىرىۋاتقاندەك خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ،دەپ قارايدىكەن.

لى جىن خانىم مۇنداق دەيدۇ : پۈتكۈل تىبەتنىڭ ساياھەتچىلىكى كېلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھەر يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان مەزگىل تىبەت ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن پەسلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بۇ يەرگە كېلىدىغۈانلار كۆپ بولغان ئىكەن شۇنىڭغا تۇشلۇق مۇلازىمەتچىگىمۇ ئېھتىياج چۈشىدۇ.11-ئاي كىرىپ ساياھەتكە كېلىدىغانلار شالاڭشىغاندا ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. تىبەتكە كېلىپ كۆرۈپ كېتىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياز پەسىلدە كېلىدۇ، يەنە كېلىپ خەنزۇلار كۆپرەك كېلىدۇ.ئەمما نوپۇسنى بىرلا تەكشۈرسە تىبەتكە يەرلەشكەن خەنزۇلارنىڭ نىسبەتەن ئازلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپلا قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى پەسىل خارەكتىرلىك ، دېگىنىم شۇنىڭدىن.

لى جىننىڭ ئېيتىشىچە، نوپۇسنىڭ ئېقىشى يالغۇز جۇڭگوغىلا خاس بولغان ئالاھىدىلىك ئەمەسكەن.ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى قانچە تېز بولغان، ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن رايونلارغا سىرىتتىن كېلىدىغان ئاقما نوپۇسلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا ئەگىشىپ يەرلىك نوپۇسنىڭ ئازلاپ بېرىشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە ھېساپلىنىدىكەن.ئۇ مۇنداق دەيدۇ : بۇ قانداقتۇر جۇڭگودىلا مەۋجۇت ھادىسە ئەمەس، بەلكى يەر شارى خارەكتىرلىك ھادىسە.مەسىلەن نىيو-يورۇككا بارسىڭىز تېگىدىن نىيو-يورۇكلۇقلار بەكلا ئاز. سوراپ باقسىڭىزلا ئۇلارنىڭ ساپلا ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيسىز.سىز شۇنىڭغا قاراپلا پۈتكۈل يەر شارىنىڭ باشقا جايىدىن كەلگەنلەرنىڭ سېپى ئۆزىدىن نىيو-يورۇكلۇقلارنى ھاپ ئېتىپ يۇتۇپ كەتكۈدەك ،دېيەلىشىىڭىز ناتايىن. يەنە كېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى دا ھەر بىر گىراژداننىڭ دۆلەت ئىچىدە نەدە ئولتۇراقلىشىشى ۋە قايسى جايدا خىزمەت قىلىشنى تاللاش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگۈلەنگەن.

لى جىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق ئۇلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن تەدبىرلەرنى تۈزگەن ۋە ئوتتۇرغا قويغان. مەسىلەن تىبەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش تۈرىگە چوقۇم %30 يەرلىك ئاھالە قاتناشقاندىلا ئاندىن كارخانىنىڭ باھا قويۇش سالاھىيىتى بولىدىكەن.لى جىن خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر تىبەتكە كىرىپ خىزمەت قىلسا ، شۇ يەرلىكلەرگە نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

لى جىن مۇنداق دەيدۇ : بۇ جەرياندا بەلكىم سىرىتتىن كەلگەنلەر قىسمەن مەبلەغ ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.ئاددىيسى بىر كىچىك ئاشخانا ئاشتى دەيلى، چوقۇم ئۈچ ئادەم ئىشلىتىدۇ.كۆپ قىسمى يەرلىكلەرنى ياللايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەنلىك ھېساپلىنىدۇ . بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا پەقەت تىبەت نوپۇسىدىلا بولسىلا ياكى تىبەتتە تۇغۇلغان بولسىلا شۇ جايدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلقىدەك ئېتىبار ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.

دالاي گوروھىدىكىلەر تارقاتقان ئاتالمىش خەنزۇلار تىبەتنى يۇتۇپ كەتتى ، خەنزۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت قىلىمىز دەپ بېرىپ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالدى قاتارلىق يالغان ئۆسەك نەزەرىيەلەرگە قارىتا جۇڭگو تىبەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇ يوڭبىن ئىنكاس قايتۇرۇپ ، يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋېلىش دېگەن سۆزنىڭ ئىنتايىن تار مەنىدە ئېيتىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

دۇ يوڭبىن مۇنداق دەيدۇ : يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋېلىش دېگەن سۆز ئىنتايىن تار مەنىدە ئېيتىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ. مۇبادا شۇنداق دېيىلىدىغان بولسا چەتئەللەرگە بارغان جۇڭگولۇقلار چەتلەللىكلەرنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالغان، جۇڭگوغا كەلگەن چەتئەللىكلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتيىۋالغان بولۇپ قالمامدۇ ؟ بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ بىردىن بىر چارىسى نېمە دېگەندە ، ئۇ بولسىمۇ نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش. ئەمما،ئۇ جەمئىيەتنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قېرىنداش مىللەت نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلغىنىغا ئوخشاش ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تۈبۈتلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھرىنى مىسالغا ئالساق ، سىتاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھرىدە دائىم ئولتۇرۇشلۇق تۈبۈت ئاھالىسى 300مىڭدىن ئاشىدىكەن. تۈبۈتلەرنىڭ يىللىق ئاقما نوپۇسى 2مىليوندىن ئاشىدىكەن. چېڭدۇنىڭ ۋۇخوۋ رايونىدا مەخسۇس تىبەت ماللىرى كوچىسى بولۇپ بۇ يەردە تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك تۈبۈت ئىكەن. جۇڭگو تىبەتشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇ يوڭبىننىڭ قارىشىچە، تۈبۈت-خەنزۇ نوپۇسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ئىختىيارى ئاساستا شەلىككەنگەن بولۇپ،بۇنىڭدا قانداقتۇر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرىشى يوقكەن. ئۇ نوپۇسلارنىڭ ئېقىشىنى توسۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ تۈبۈت ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىكە، دۆلەتنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بىرلىكتە قاتنىشىشىغا، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئوراتاق بەھىرلىنىشكە پادىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇ يوڭبىن مۇنداق دەيدۇ : ئەينى يىلى غەرىبلىكلەر چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئەن-ئەنىۋى مەدەنىيەتنى، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى. ئەمما ، بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بېلەن ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنى قوغداپ كەلدۇق. شۇنىڭ بېلەن بىر ۋاقىتتا تۈبۈت پۇقرالىرىنىڭمۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ مېۋىسىدىن بەھىر ئېلىش ھوقۇقى بار. غەرىبلىكلەر ئاللىقاچان پويىزدىن زرىكتى، پويىز شاھىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىىمۇ مۇزېيغا ئايلىنىپ بولدى. شۇنداق ئىكەن تۈبۈت پۇقرالىرىنىڭ پويىزدا ئولتۇرسا بولمايدىغان نەرى بار ؟ پەقەت نوپۇسنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى بولغاندىلا ئاندىن تۈبۈت پۇقرالىرىنى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تۈبۈت، ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۆلەت مەمۇرلىرىمۇ، ئارتىسلارمۇ، ئاشخانا-رېستۇران خوجايىنلىرىمۇ، ئۇششاق تىجارەتچىلەرمۇ باركەن...ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ رەڭگرەڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى، ئۇسۇللىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرگە ئېلىپ كىرىپ ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي يەنە چوڭ شەھەرلەردىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ موھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتماقتا.

مەنبەسى :

http://news.stnn.cc/china/201208/t20120809_1776387.html

---------------------------------

تەرجىماندىن ئەسكەرتىش:

تارىخىي رەشىدى نىڭ ئىككىنچى كىتاۋىدىكى 930-بەتتىن باشلاپ ئوقۇساق ساپلا "تىبەت" دىگەن سۆزنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. 939-بەتنىڭ 1- قۇرىدىن "تۈبۈت" دىگەن سۆزنى كۆرىمىز، بۇ تىبەتلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئەسكەرتىش بېرىلىپتۇ. يەنە بىز ئاتاۋاتقان "لخاسا" مەزكۇر كىتاپتا "ئۇرساڭ" دەپ ئېلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، "تىبەت" سۆزى چەتئەللىكلەردىن بىزگە ئەمەس، بىزلەردىن چەتئەللىكلەرگە يېتىپ بېرىپ، ئاندىن يەنە بىزگە قايتىپ كەلگەن سۆز بولۇشى مۇمكىن[ئىزدىنىشتىكى كۆكتاشنىڭ بوزقىرنىڭ "ئۈچ ئالىمنىڭ سۆھبىتى''ناملىق تېمىسىغا بەرگەن ئىزاھاتىدىن].
دەرۋەقە، خەنزۇچە تارىخىي ۋەسىقىلەردە ھازىرقى 西藏 سۈي،تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىن تاكى يۇەن سۇلالىرى دەۋرىگىچە tǔfān1 -土番 دەپ ئاتالغانكەن.مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 卫斯藏 دەپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئاندىن 西藏 دەپ ئاتالغانكەن.خۇددى يۇرتىمىزنىڭ نامىمۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە新疆دەپ ئاتىلىپ قالغاندەك.
ئەمما ، ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت نەشىر ئەفكارلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا 西藏 نى شىزاڭ ، 藏族نى زاڭزۇ دەپ ئېلىۋاتىدۇ. مۇبادا 西藏نى تىبەت ، 藏族نى تۈبۈت دەپ ئالسىڭىز ئېنىقكى ئۇلارنىڭ يەنىلا ئۆز دېپىنى چېلىپ تۇرىۋالىدىغانلىقى ئېنىق. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن تارىخىي رەشىدىنى ئاساس قىلىپ 西藏نى تىبەت ، 藏族نى تۈبۈت دەپ ئالساق ھەم شۇ بويىچە ئومۇمنىيلاشتۇرساق دېگەن ئۈمىددە مەن بۇ تەرجىمە ماقالەمدە تارىخىي رەشىدىدىكىسى بويىچە ئالدىم. بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.