PDA

View Full Version : Uyghur Bolmaq



Unregistered
07-08-12, 01:55
Tor arilawetip uchrap qaldi, yaxshi maqale iken:

ئۇيغۇر بولماق

(نەسىر)

بۈگۈن بىر دۆلەتلىك رادىئو تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندىم. سوئاللار ئارىسىدا شۇنداق بىر گەپ سوراپ قالدى مۇخپىر ئەپەندىم. <سىزنىڭ ئويىڭىزدا ئۇيغۇرلۇق نېمىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مىللىي كىملىكىڭىز تىلغا ئېلىنغاندا نېمىنى بىرىنجى بولۇپ ئويلايسىز، يەنى نەدۇر ئۇيغۇر بولماق؟>. پىروگراممىنى ئاڭلىتىش ۋاقتى مىنۇت سانىنى سانىسام قول بارمىقىم يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىسقىلا جاۋاپ بېرەلىدىم. يۈرۈكۈمدە سۆزلەشكە ۋاقىت يەتمىگەن، سۆزلىسەم ھەپتە ئازلىق قىلىدىغان، ئىچىمدە ساقلىسام سىغدۇرۇشقا كۆكسۈم كىچىك كېلىدىغان نۇرغۇن سۆزۈم بار ئىدى. شۇنداق، ئۇيغۇر بولماق كۆڭلىدىكى سۆزىنى دېيەلمەسلىكتۇر. بەزىدە ۋاقىت يەتمەي، ئەمما كۆپىنچە ياشاۋاتقان شارائىتى ۋە ئۇنى قوينىغا ئالغان مۇھىت يار بەرمەي. ئۇيغۇر بولماق، ئىنتىلىش، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا دەپنە قىلىپ ئاڭا ئۈنسىز ھازا تۇتماقتۇر . دەردىنى تۈن يېرىمىدا رەببىگە پىچىرلاپ، كۈندۈزى زورى بىلەن كۈلمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق ئوڭايسىزلانماقتۇر، تۈرك كىملىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن شەرقتە، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن غەرپتە، ھون يىلتىزىنى تىلغا ئالسا ئىككىلىسىدە ئوڭايسىزلىقتا قالماقتۇر ئۇيغۇر بولماق. تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىق قوللانغانلىقىغا قارىماي، ئۆز بوۋىسىنىڭ تاشقا پۈتكەن خاتىرىلىنى بۇ تىلدا ئەسلا خەت يازالمايدىغان ياتلاردىن ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق ئەسلىدە بەرىكەتتۇر، دېھقانغا قىشتا كۆمۈر،ئەتىيازدا سابا، يازدا يامغۇر، كۈزدە ھوسۇل بەرمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق. خۇددى ئۇنىڭ ئىلىدا ئالما، كورلىدا نەشپۈت، تۇرپاندا ئۈزۈم، ئاتۇشتا ئەنجۈر، قەشقەردە ئانار، قۇمۇلدا قوغۇن بولغىنى كەبى. ئۇيغۇر بولماق، مۇنبەت زىمىنىغا پارنىك ياساپ خاشۇ ياپماقتۇر، چۈنكى شەندوڭنىڭ جاڭدۇسى مەجبۇرلىنىپ تەرگىنى. كېچە كۈندۈز ئاتتەك ئىشلەپ يىل ئاخىرى قەرز بولماقتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق ئاشىقلارچە سۆيمەكتۇر. خۇمار كۆزلۈك قىزنىڭ پىراقىدا كۆيمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق. پەرشتە سۈپەت يارىنىڭ قولىنى تۇتۇپ جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئاستىدا يۈرمەكتۇر. تولۇن ئاينى شاھىد قىلىپ ۋەدىلەشكەن دىلبىرىنىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىگە سۆيمەكتۇر، ئۇيغۇر بولماق، ھاياتىنىڭ تۇنجى، پاك تۇيغۇلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقىنىدا نىگارىدىن مەجبۇرى ئايرىلماقتۇر. <ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى> ئاتىلىپ يىراق شەھەرگە <ئىشلەش> ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن يارىنى مەجنۇن كەبى كۈتمەكتۇر. كالىندار ۋارىقىنى يىرتىپ، ساناپ ئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ۋاپادارىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خورلانغانلىقىنى چەكلەنگەن رادىئودىن بىلمەكتۇر، <سىياسەت شۇنداق> بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلەمدە تولغىنىپ، خورلۇقتىن مىڭ قېتىم ئۆلمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق قېرىندىشىدىن جاپا كۆرمەكتۇر. كىملىكىنى ئۆزبەكىستاندا ئۆزبەككە، تۈركمەنىستاندا تۈركمەنگە ئۆزگەرتمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق. قازاقىستاندا تۇتۇلۇپ دۈشمىنىگە سېتىلماقتۇر. قازاق ئۆزىنىڭ قېرىندىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رۇستىن قېچىپ ياردەم تەلەپ قىلغىنىدا ئەلاخاننىڭ ئۇنىڭغا باغرىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن! ئۇيغۇر بولماق ئەرەپتە بۆلگۈنچى ئاتالماقتۇر، مەھمۇدنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنى ئەرەپچە يازغىنى ئۈچۈن، ئىراندا غەرىپپەرەز يالغان مۇسۇلمان ئاتالماقتۇر، سۇتۇق بۇغرانىڭ ئىسلامنى ئىرانلىق موللىدىن قۇبۇل قىلغىنى ئۈچۈن!

ئۇيغۇر بولماق خاتا ۋاقىتتا خاتا يەردە بولۇپ قالماقتۇر، يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ بېشىدا رۇسسىيەدە، ئوتتۇرىدا گىرمانىيەدە، ئاخىرىدا ئافغانىستاندا بولۇپ قالماقتۇر ئۇيغۇر بولماق. رۇسسىيەدە قىرىلماق، گىرمانىيەدە بومبىلانماق، ئافغانىستاندا؟ ئاۋال پاكىستانغا ئاندىن كۇباغا سەپەر قىلماقتۇر ئۇيغۇر بولماق. <تارىم>دا ئىككىلى پۇتىدىن، گۇەنتانامودا بىر پۇتىدىن ئايرىلماقتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق تېرورچى ئاتالماقتۇر، قوراللىق بېسىۋېلىنغان ۋەتىنىنى قوراللىق ئازات قىلىمەن دېگەنلىكى ئۈچۈن. باش-كۆزىنى ئورىۋېلىپ بايانات بەرمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق، خىتاي قانۇنىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى قوغدالغانلىقى ئۈچۈن. باياناتنىڭ ھەممىسىنىڭ راستتەك ئاڭلىنىشىدۇر ئۇيغۇر بولماق، خىتايلار بېشىنى ئورىۋېلىپ بايانات بېرىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن!

ئۇيغۇر بولماق خىتاينىڭ < ئايرىلماس غەربى دىيارى> بولماقتۇر، ھونلارنىڭ چىنشىخۇاڭغا سەددىچىننى سالدۇرغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس، تالاس بويىدا قارلۇقلارنىڭ تاڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ مىڭ يىلغىچە بۇ زىمىنغا ئاياق باسقۇزمىغانلىقى ئۈچۈن. تۆت مىڭ يىللىق مومىيا چىققان زىمىننى <يېڭى تۇپراق> ئاتىماقتۇر ئۇيغۇر بولماق،

ئۇيغۇر بولماق ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىكتۇر، ۋەتىنىدە يەتتە مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىلىنىڭ ئارقىدا قالغان ئاتىلىپ يات تىلدا سۆزلەشكە مەجبۇرلانماقتۇر ئۇيغۈر بولماق. بىر-بىرى بىلەن خىتايچە سۆزلىشىۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلىقىنى كېچىكىپ سەزمەكتۇر. پەقەت چەتئەلگە چىقىپ تىلىنى بەھۇزۇر سۆزلەش ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىنىدە، شۇ يەردە تۇغۇلغان بالىسىنىڭ تىلىنىڭ <ماممىي> دەپ چىققانلىقىنى كۆرمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق مۇساپىرلىقتۇر، ئۆز يۇرتىدا ئىككىنجى سىنىپ مۇئامىلسى كۆرۈپ، مەھەللىسىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق. ناھەقچىلىققا سەۋرى توشۇپ يات ئەلگە كېتىشنى قارار قىلماقتۇر. ئۇيغۇر بولماق، نا ئىلاج ئايرىلغاندىن كېيىن ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە ھەقىقىي تۈردە يەتمەكتۇر. تۈنۈگۈنلا كۆرگەن ئەلبۇمنى قولىغا قايتا ئېلىپ، ئۇنى سېغىنغان يۈرىكىگە سۈرەتلەر بىلەن يالغان تەسەللىي بەرمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق بەدەل تۆلىمەكتۇر. گۇناھسىز تۇرۇپ مېلىدىن، ھەتتا جېنىدىن ئايرىلماقتۇر ئۇيغۇر بولماق. يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەش پىرىنسىپىنى قانۇن قىلىپ، جازالانماقتۇر. ئۆزى بىلەن تۈگىسە شۈكرى دەيتتى، ئەمما بەدەل ئۇنىڭدىن ئېغىر، مىسالى: قەدىناس بۇرادىرىنىڭ، سۆيگەن يارىنىڭ، يۈرەك پارىسىنىڭ قىينالغان ھالىنى كۆرگىنى. ئۇيغۇر بولماق، يېڭىلا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئوغلىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىدىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتۇر. ئۇنىڭ تاياق زەربىسىدە كۆكەركەن كۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپ، ئاخرقى قېتىم سۆيمەكتۇر، ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئالەمگە پەرياد ئۇرالماي، ئىچىگە يۇتقان ئەلەم بىلەن ھوششسىز يىقىلماقتۇر. ئۇيغۇر بولماق، يۈرەك پارىسىنىڭ يۈرىكىگە قادىلىپ تۇرغان رەھىمسىز ئوقنىڭ پۇلىنى تۆلىمەكتۇر. شاھادەت ئېيتىپ ئىسىم قويغان پەرزەنتىنى ئىمامسىز كۆممەكتۇر ئۇيغۇر بولماق.

ئۇيغۇر بولماق ئىسيان كۆتۈرمەكتۇر. ئادالەت، ھەقىقەت ئۈچۈن قۇربان بەرمەكتۇر ئۇيغۇر بولماق، خۇددى رەببىنىڭ ھەقىقىتى ئۈچۈن شېھىتلىك يولىنى تاللىغان ساھابىلىرى كەبى. ئۇيغۇر بولماق، سەبىرچان بولماقتۇر، چۈنكى ياشاۋاتقىنى ياراتقۇچىسىنىڭ ئېنتىھانى. بارچىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ مۇجادىلىگە داۋام قىلماقتۇر ئۇيغۇر بولماق.





http://umidmusteqil.wordpress.com/2012/07/30/%D8%A6%DB%87%D9%8A%D8%BA%DB%87%D8%B1-%D8%A8%D9%88%D9%84%D9%85%D8%A7%D9%82/