PDA

View Full Version : Sheir; Uyghur Qizigha apirin.



IHTIYARI MUHBIR
05-08-12, 21:41
ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!


تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆيلۈك بۇلۇپ ،

ئايال بۇلۇپ خانىش بۇلۇپ .

ئانا بۇلۇپ پەرزەنتلىرىگە ،

" ئاللاھ بىر" دەپ -ئۈگەتكەن -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.


تۈندە تۇرۇپ يۇيۇپ تازلاپ ،

ئاق سۈت بىرىپ سۈيۈپ ئازلاپ .

مىڭ ئارزۇلاپ ھەم ئېزىزلاپ ،

" ئەركەك بول" ئوغلۇم، دىگەن -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.



ئانا بولۇپ باللىرىم دەپ ،

ئايال تۇرۇپ مىللىتىم دەپ .

ئىلىم ئۇقۇپ ئەقىدەم دەپ ،

ئىسلام ئۈچۈن تۆھپە قوشقان -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.


قىز بولسىمۇ يىگىت بولۇپ ،

ھەقتە، كۆكرەك كېرىپ تۇرۇپ .

ئەر ئورنىدا مەتلەرچە تۇرۇپ ،

باتۇرلارچە سەپتە تۇرغان ... -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.


مەيدانغا چىقار مەرت بارمۇ ؟ دەپ ،

كۈرەشكە چۈشەر ئەر بارمۇ ؟ دەپ .

بىزگە قارشى رەقىپ كىم ؟ دەپ ،

يىگىت ئورنىدا مەيدانغا چۈشكەن -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.


ئات مىنىشكە ئەر بارمۇ ؟ دەپ .

بەيكە چېپىشقا يەر بارمۇ ؟ دەپ ،

قىز قۇلىدا خەنجەر تەييار... - ،

ئوۋ سويۇشقا يۈرەك بارمۇ ؟ دەپ ،

ئەركەكلەرگە نىدا قىلغان ... -

ئۇيغۇر قىزىغا مىڭ ئاپىرىن !!!.

Unregistered
05-08-12, 21:42
http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=84550

Mana bu Torda

IHTIYARI MUHBIR : MEKKE