PDA

View Full Version : erlerge hitap



Unregistered
04-08-12, 09:22
!ئەرلەرگە خىتاب

(ئارمانە)


!ئەر چاغلىساڭ ئۆزۈڭنى ئەردەك ياشا ئەركەكلەر
.قەھرىڭ بولسۇن ئەركەكتەك شىردەك ياشا ئەركەكلەر
، سىياقى ئەر سۆرەتلىك نىمجانلارغا مىڭ لەنەت
.بولسۇن ۋىجدان -غۇرۇرۇڭ قىردەك ياشا ئەركەكلەر
، ۋۇجۇدۇڭدا بار قۇدرەت، بار شىجائەت ، بار ئەقىل
.تاش چالمىدەك بولما خەس ، دۇردەك ياشا ئەر كەكلەر
، مىۋىسى يوق دەرەختەك شاخلاپ ئۆتمە بىھۇدە
.تۇر چىچەكلەپ مىۋىلەپ بالدەك ياشا ئەركەكلەر
،ئاتالمىغان ئەركەكتىن ئاتالغان دۆڭ ياخشىدۇر
.ئەر ئاتالغىن تونۇلغىن تاغدەك ياشا ئەركەكلەر
قاچانغىچە يانىسەن جىن چىراغدەك پىلىلداپ ؟
.ھارارەت بەر سۆيگۇ بەر ، كۈندەك ياشا ئەركەكلەر
.بولالمىساڭ ئەركەكتەك بارۇ -يوقۈڭ خار بۇلۇر
.بىخسىپ ياتما زەي سۇدەك ، سەلدەك ياشا ئەركەكلەر
،ئەركەك زاتى تۆكەر قان لىكىن تۆكمەس كۆزدىن ياش
.ھەقىقەت سۆي قايرىلما ، تىغدەك ياشا ئەركەكلەر
.سەنسىز زۇلمەت ئائىلە ،زۇلمەت ۋەتەن ،زۇلمەت ئەل
!!!مەڭگۈ گۈلخان ھەم ۋۇلقان نۇردەك ياشا ئەر كەكلەر

Unregistered
04-08-12, 09:48
bek yahshi yiziliptu.

Unregistered
04-08-12, 10:03
Bezi bir iza tartishni bilmaydighan , nomuzssiz , ayallarmu bar ular ikki yuzlimichi , erlirini tashlap qashqan , bir qetim korsek bedinini romal bilen gogep tonughili bolmaydu , yene korsek emchek chikirip kiyimkiyidu , towa deydu kishi , ular tehi ozini ajayip chaghalaydu , turqi zaten chashqanning ozi .