PDA

View Full Version : RFA Uxlima! Mawu Inkaslargha Qulaq Selip Qoy, Buningdin artuq XEWER bolmaydu sanga



Unregistered
18-07-12, 20:25
Bu Temini oqup beqing!


http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10586&fpage=0&page=1

Unregistered
19-07-12, 01:42
Bu maqale u wetendiki tordin yutup ketmisun uchun bu yerge chaplap qoydum, buni yazghan yigitning yigiti iken, buni yani bu maqaleni yazghan, yazalighan we bu tuyghuda bolghan millet bu kunlerdin qutuludu, buninggha mana bu maqaleni oqughandin keyin ishendim.


IHTIYARI MUHBIR : MEKKE



دىيارىمىزدا يىللاردىن بىرى مۇقۇملىق خىزمىتى جىددى نوقتىلىق ئىشلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ خىزمەت داۋاملىق،كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كەلدى.بۇ جەريانىدا بەزى نامۇۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەرمۇ ئايرىم رايونلاردا سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنپ ئوتتورغا چىقتى.


مەن بۇ يازمامدا دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايونلىرىدا يولغا قويولغان ۋە قويولىۋاتقان بەزى ناموۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەر ۋە ئۇنىڭ تەسىرى،دىيارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتورغا قويماقچىمەن.


دىيارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بەزى مۇقۇمسىزلىقلار ۋە بۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى،سەۋەبى،تەپسىلاتى مەخپىي تۇتۇلۇپ ئاممىغا ئاشكارلانمىغاچقا،ياكى ئاشكارلانسىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرلا بىلىپ باشقىلار بىلمىگەچكە ۋە ياكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى بۇنداق ئىشلاردا ئانچە داۋراڭ سىلىپ كەتمىگىنى ئۈچۈن بۇ مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرى توغورلوق بىز بىر نەرسە دىيىشكە ئامالسىز،ئەمما نامۇۋاپپىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويولىشى،ئىجرا قىلنشى، كۈچەيتىپ، دەرىجىسىدىن سەل ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلنىۋاتقان،بەزى نامۇۋاپپىق يەرلىك سىياسەتلەرنى مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئىيتىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.


دىمەكچىمەنكى بۇ ناتوغرا سىياسەتلەر دۆلىتىمىز جۇڭگۇ، جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدىكى بەزى نارازىلىق ۋە مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرىغا ھامىلدار.





بۇ يازمامنى تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە داۋاملاشتۇرماقچىمەن:


1- يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىدىن دەلىل ۋە ئۆرنەك.


2-ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مىۋىلىك دەرەخزارلىقنىڭ 15 يىللىق سەزگۈرەشتىسى.


3-مەن 5 يىل ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىپ مىڭ بىر جاپا-مۇشەقەتتە بىجىرىپ تاپشۇرىۋالغان كىملىك گۇۋاناھنامەم ۋە 18 ئايدىن بۇيان 350 كىلومىتىر ئارلىققا نوپوسۇمنى يۆتكەپ بولالماي تارتقان جەۋرى جاپالىرىم.5-يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كىملىكسىز يۈرۈپ سىرتتا مھىمانخانىغىمۇ چۈشەلمەي سىرتلاردا توڭلىغانلىرىم، ھەر قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان بىھۇدە تەكشۈرۈشلەردە كىملىكىمسىز تەڭسىز،يولسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراشلىرىم ۋە بۇ جەرياندا يولوققان زۇلۇملىرىم.


4-ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان قىز بوۋاقنىڭ ئاھۇ زارى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىشىغا كەلگەن زۇلمەتلەر.


5-مۇقۇملىققا تاقاشقان ياغلىق بىلەن ساقال


6-ئاشۇرۋىتىلگەن،ناتوغرا يەرلىك سىياسەت


7-رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمەت


مۇناسىۋەتلىك قانۇن ساۋاتلىرىدىن دەلىل ۋە ئۆرنەك.


(تولوق ئوتتورا مەكتەپ 1-يىللىق ئىددىيە-سىياسى 2-قىسىم)


دۆلەتنىڭ خاراكتىرى ھۆكۈمرانلىق ئوروندا تۇرىۋاتقان سىنىپنىڭ خاراكتىرى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.دۆلەتنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت،فىئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت،كاپىتالىستىك دۆلەت ۋە سوتسىيالىستىك دۆلەت قاتارلىق تىپلىرى مەيدانغا كەلدى.


دۆلىتىمىز خەلىق دىموكراتىيسى دىكتاتۇرىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى،ئۇ ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار ئىگىلىگەن دۆلەت ھاكىمىيتىگە ئوخشىمىغان ھالدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن خەلىق دىموكراتىيسىدىن بەھرىمان بولىدۇ.سوتسىيالىزىم ئىشلىرىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۈشمەنلەرگە دىكتاتۇرا يۈرگۈزىدۇ.شۇڭا خەلىق دىموكراتىيسى دىكتاتۇرسىنىڭ ماھىيتى خەلىق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولوشتىن ئىبارەت.دۆلىتىمىزدە خەلىق دىموكراتىيسى كەڭ دائىرلىك ۋە ھەقىيقىلىققا ئىگە.(6-بەت )


دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە پۇخرالارنىڭ ئاساسى ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭدىن كۆپرەك قانۇن ،قائىدە –نىزاملار تۈزۈلۈپ، ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇخرالارنىڭ ئاساسى ھوقوقىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى كونكىرت قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلدى.


دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا :‹‹ دۆلەت ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كاپالىتكە ئىگە قىلىدۇ ›› دەپ بەلگىلەنگەن.ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش،خەلىقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقوق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سوتسىيالىستىك دىموكراتىك سىياسىينى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.دۆلىتىمىزدە ئىنسانىي ھوقوقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر خەلىق دىموكراتىيسىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تولوق ئەكىس ئەتتۈردى.خەلىقنىڭ ياشاش ھوقوقى،تەرەققى قىلىش ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.پۇخرالارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقوقى كاپالەتلەندۈرۈلدى.(7-بەت)


دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا:‹‹ جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇخرالىرى سۆز،مەتبۇئات،يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش،نامايىش قىلىش،كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ››دەپ بەلگىلەنگەن.دۆلىتىمىز مۇناسىپ قانۇنلارنى بەلگىلەپ،ھەر خىل شارائىتلارنى يارىتىپ،پۇخرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكتىن ھەقىقىي تۈردە بەھرىمان بولىشى ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.(11-بەت )


دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇخرالارنىڭ كەڭ سىياسى ھوقوق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولوشى بىلەن بىر ۋاقىتتا،پۇخرالارنىڭ سىياسىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى،يەنى پۇخرالارنىڭ دۆلەت،جەمىيەت ئالدىدا ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيتىمۇ بەلگىلەنگەن.پۇخرالارنىڭ سىياسى مەجبۇرىيەتلىرى دىگەن قىسىمنىڭ 10-دە پۇخرالار دۆلەت مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھادىسىلەر بىلەن كۆرەش قىلىش لازىم .(12-بەت)


پۇخرالار گەرچە مىللىتى،ئىرقى،جىنسى،كەسپى،ئائىلە كىلىپ چىقىشى،دىنىي ئىتقادى،بىلىم دەرىجىسى،مال-مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتوراقلىشىش ۋاقتى قاتارلىق تەرەپلەردە پەرقلەنسىمۇ،ئەمما ھوقوقتىن بەھرىمان بولوش ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش تەرەپلەردە باببارابەر بولىدۇ.ھەر قانداق پۇخرانىڭ قانۇنلۇق ھوقوقى قوغدىلىدۇ.(13-بەت)


دىموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش-پۇخرالار تەدبىرنىڭ مەزمۇنىنى بىلىشكە ھوقوقلوق.پۇخرالارنى ھوقوق بەلگىلەشكە قاتناشتۇرغاندا پۇخرالارنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،پۇخرالارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى،ئىلمىي تەدبىر شەكىللەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.(26-بەت)


دىموكراتىك نازارەت قىلىش-ھەر قانداق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خادىملىرىغا تەنقىد قىلىش ۋە تەكلىپ بىرىشكە ھوقوقلىقمىز؛دۆلەت ئورگانلىرى ياكى دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇنغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى بايقىغىنىمىزدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقوقلوق.پۇخرالارنىڭ نازارەت قىلىش ھوقوقىنى ئىشلىتىپ، دىموكراتىك نازارەتنى يولغا قويوشىدا كۆپ خىل قانۇنلۇق يوللار بار .(39-بەت)


بىز قانۇن بويىچە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پىكىر بايان قىلساق بولىدۇ،بۇ جامائەت پىكىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىش تۈزۈمى بويىچە نازارەت قىلىش ھوقوقىنى يۈرگۈزۈپ،دىموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشتۇر.دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرى تىلىۋىزىيە،رادىيو،گىزىت-ژۇرنال،تور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(40-بەت)


ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى مىۋىلىك دەرەخزارلىقنىڭ 15 يىللىق سەزگۈرەشتىسى.


مەن مەكتەپ يىشىغا يەتكىنىمدە ئوقوتقوچىلىرىمىز ۋە ئەتراپتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر ‹‹3 كە ۋەكىللىك قىلىش ›› موھىم ئىددىيسىنى جان دىلى بىلەن ئۈگۈنۈپ كىچە كۈندۈز قايتا-قايتا تەسرات يىزىپ، ھىس قىلمىغاننى مەجبۇرى ھىس قىلىپ،ئاخىرى ھىس قىلالمىغاندا خەت يىزىش ماشىنىسىغا ئوخشاش خاتىرە توشقوزوش ئالۋىنى بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئۇلارغا نە كىچە نە كۈندۈز يوق. نە دەم ئىلىش نە تەتىل.چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ 5 نەپەر مائارىپچى بار ئىدى.داداممۇ بىر مائارىپچى مەن بۇنى ئىنىق كۆردۈم.


بۇ ‹‹ 3 كە ۋەكىللىك قىلىش›› ئۈگىنىشى نەچچە يىل داۋاملىشىپ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىككى ئاساسەن خىزمىتى چىقىپ ھەممىسىنىڭ تىخىمۇ جۇللىقىنى چىقىرىۋەتتى...


مەمۇرى ئورونلارمۇ ئۆز خىزمىتى بىلەن بەك ئالدىراش ئۆتتى.ئەك ئاددىيسى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى 100 موغا يىقىن يەر دەسلەپ ئورمانلىق ئارلاش ئىتىزلىق ئىدى.مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقوۋاتقان ۋاقتىمدا تىرىلغۇ يەرنى كۆپەيتىش سىياسىتى چىقىپ ئىتىزلىقتىكى ئورمانلارلا ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ باغلىرىدىكى مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەل- دەرەخلەرگە قەدەر كىسىلدى،


بىزنىڭ دەرەخلىرىمىزدىنمۇ كىسىلدى.قوشنىمىزنىڭ دەرىخىنى كەسمەكچى بولغاندا قوشنىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكەر چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتتى،لىكىن ئۇلارنىڭ قارشىلىقلىرى،ئىنتايىن ئىغىر سەت گەپلەر بىلەن تىلىشىشلار،يىزىمىز ۋە كەنىت كومىتىتىدىن تەشكىللەپ ئەۋەتىلگەن،بىر توپ دەرەخلەرنىڭ جاللاتلىرى قولىدىكى پالتىنى توسوپ قالالمىدى.شۇ چاغدا شۇ بىر توپ دەرەخلەرنىڭ جاللاتلىرىغا ۋەكىل بولغۇچى،شۇ جەريانىدا قوشنىمىز بىلەن سۇقۇشقان كىشىلەر ھىلى ھەم ھايات،ھازىرغىچە بىر كەنىتتە ياشاۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە شۇ كۆرۈنىشلەر ھىلىقىدەك ئىسىمدە.


ھەر خىل مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەرەخلىرى كىسىپ تاشلانغان بىچارە قىرى-بوۋاي مومايلار ئامالسىز يەنە تىرىكچىلىك ئۈچۈن كىڭەيتىلگەن يەرلەرگە چىقىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى.


بىر نەچچە يىل ئۆتە ئۆتمەي بۇغداي بىلەن قوناقنى ئارلاشتۇرۇپ تىرىيدىغان، يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ پۇرچاق بىلەن زىرائەتنى ئارلاشتۇرۇپ تىرىىيدىغان يىڭى ئۇسۇللار تەتقىق قىلىنىپ يولغا قويولۇلۇپ سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىندى،بىچارە دىھقانلار بۇ سىياسەتكە بەزىسى سوقوشوپ،بەزىسى غودۇرۇپ بەزىسى ئۈن-تىنسىز، ئامالسىز بويسۇندى.دىھقانلىرىمىزنىڭ مول ھوسۇلى ۋە كىرىمى ئەمەليەتتە ئاشتىمۇ ئاشمىدىمۇ بۇ ماڭا نامەلۇم، ئەمما يەرلىك ھۆكىمىتىمىزنىڭ دەپتىرىدە داۋاملىق تۈز سىزىق بويىچە ئاشتى.شۇ ھەر قىتىملىق يىڭى سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ كەشىپ قىلغۇچى ۋە يۈگۈزگۈچى رەھبەرلەرنىڭ ھوقوقىمۇ داۋاملىق ئۆسكەن بولىشى مومكىن.


ئالاھەزەل 10 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىغا ياڭاق ۋە ئۈرۈكلەرنى تاپ قىلىپ تىكىپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زىرائەت تىرىش ئۇسۇلى يولغا قويولدى. يەرنىڭ يىنىغا بىر تاختاي خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە ئىسىلدى.ئۇنىڭدا بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن دىھقانلارنىڭ كىرىمى نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ ئاشقانلىقى سىتاستىكىلىق قىلىپ يىزىلىدى. بۇ ئۇسۇللار بىر نەچچە يىل داۋاملىشىپ ئۇ يەرلەر ئاخىرى مىۋىلىك ئورمانزارلىققا ئايلاندى.يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە قانداق يىڭىچە ئۇسۇللار كەشىپ قىلنىپ يولغا قويولىدىكىن تاڭ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.بۇ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى شۇ يەرلەر ئۆتكەن 15 يىلچە ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا مىنىڭ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆتكۆزگەن كەچۈرمىشلەر.


ئەينى ۋاقىتتكى ئورمان كىسىشنى،ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى 15 يىل ئەتراپىدىكى تىرىلغۇ كەچمىشىنى ھەر قانداق قىلىپمۇ يوقاتقىلى بولمايدۇ .بۇ بىر ھەقىقەت.





مەن 5 يىل ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا مىڭ بىر جاپا مۇشەقەتتە بىجىرىپ تاپشۇرىۋالغان كىملىك گۇۋاناھنامەم ۋە 18 ئايدىن بۇيان 350 كىلومىتىر ئارلىققا نوپوسۇمنى يۆتكەپ بولالماي تارتقان جەۋرى جاپالىرىم.





مەن 2007-يىلى يىل بىشىدا ج خ ئىدارىسىگە بىرىپ ئىككىنجى ئەۋالات كىنىشكىسى بىجىرىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىدىم.ئۈچ ئاي ئەتراپىدا كىملىكىمنىڭ چىقىدىغانلىقىنى دىگەن بولغاچقا 3 ئاي بولغاندا كىملىكىمنى سۈيلەپ باردىم،رەسىم ئۆتمەپتۇ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ قايتا بىجىرىشىمنى دىدى.شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئۆتتى.


كىيىنكى قىتىم بارغىنىمدا ئسىمىمنىڭ ئۆتمىگەنلىكىنى يەنە قايتا يوللايدىغانلىقىنى دىدى.بۇ ئارلىقتا مەن ۋە ئائىلەمدىكەر پات-پات سۈيلەپ ئۇلارنىڭ قوپال ۋە سۆرۈن تەلەتى بىلەن ئۇچىرشىپ تۇردۇق.بىر يىرىم يىل ۋاقىتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى.كىملىك يەنە چىقمىدى.شۇ ۋاقىتتا ئىسمنىڭ 1-ئەۋلات كىملىكىمدىكى ئىسمىمغا ئوخشىماي بىجىرىلگەنلىكىنى بايقىدىم.بۇنداق بولغىنىدا مىنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلۇم،ئارخىپ ۋە باشقا گۇۋاھنامىلىرىمدىكى،ھەتتا بانكا كارتا ئارخىپىدىكى ئىسمىم بىلەن ئوخشاش بولماي دادام ۋە ئەتراپىمدىكى باشقا ئادەملەرگە ئوخشاش،مۇناسىۋەتلىك ئورونلاردىن مىنىڭ ئىسمىم ئىلگىرى ئانداق ئىدى،ئەمدى مۇنداق دىگەندەك ئىسپاتلارنى تەسلىكتە ئىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىلگىركى مەن ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىشىم زۆرۈر بولاتتى.


بۇنداق ئىسپاتلاشقا بىر ئىككى ئورون ۋە بىر نەچچە قىتىم بىلەنلا چەكلەنمەستىن قەدەمدە بىر دۇچار بولاتتىم.شۇڭا بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى دىدىم.ساقچى يولداش بولىدىغانلىقىنى لىكىن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە بىرىپ بىجىردىغانلىقىمنى دىدى.ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى ئۆزۈم ئىكەنلىكى توغۇرلوق ئىشلار پۈتكەندىن كىيىن قايتا كىملىك رەسمىيەتلىرىنى بىجىردىم.ئەپسۇس ئىلگىركىگە ئوخشاشلا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن كىملىكىم پەقەت چىقمىدى.چىققىنى بولسا مۇشۇ ئىش بىلەن قەدەمدە بىر مۇناسىۋەلىك ئورونلارغا تولا قاتراپ ئائىلەمدىكىلەر مىنىڭ پۇتلىرىمغا چىققان سۇلۇق قاپارتما...


ئۆتكەن يىلى يەنى 2011-يىلنىڭ ئوتتورلىرىدا كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى ئۇقتۇم.شۇنداق خۇشال بولوپ يوقاپ كەتكەن ئۆزۈمنى قايتىدىن تىپىۋالغاندەك بولدۇم.لىكىن كىملىكىم تىخى قولومغا تەگمىگەن ئىدى.ساقلىدىم سۈيلىدىم،يەنە ساقلىدىم يەنە سۈيلىدىم.شۇنداق قىلىپ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى، لىكىن تاپالمىغانلىقىنى،يوقاپ كەتكەنلىكىنى دىدى.ئەرشتىن موللاق ئاتقاندەك بولدۇم.ئەرۋايىم يەتتە گەز ئۇچتى،ئەمما نىمە قىلالايمەن...


بۇ نەچچە يىل جەريانىدا ج خ ئورونلىرىغا كىملىك بىجىرىش ئۈچۈن بارسام ھىلى مۇناسىۋەتلىك ئادەم يوق.ھىلى توك يوق،ھىلى كومپىيوتىرنىڭ سىستىمىسى بۇزۇق،ھىلى كەيپىياتى بۇزۇق، ھىلى ۋاقتى يوق،ھىلى يەنە بىر نىمە گەپ،ئىشقىلىپ تارتقان تالاي جاپالار بىكار كەتتى.ئولمىپىكنىڭ ئالدى-كەينى، ئەڭ ئىغىر تەكشۈرۈشلەر بولىۋاتقان 5-ئىيول ۋەقەسىدىن كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى قەدەمدە بىر يولىقىۋاتقان تەكشۈرۈشلەردە مىنىڭ نىمە كۈنلەرنى كۆرگىنىمنى سىز پەرەزمۇ قىلالمايسىز.قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان كىملىك تەكشۈرۈش،ھەتتا ئىدارە ئورگانلارغا كىرىش ئۈچۈنمۇ كىملىك لازىم. سىرتلارغا چىققىنىمدا ياتاققىمۇ چۈشەلمەي بىچارە دىۋانىلەردەك سىرتلاردا سوقوقتا مۇزلاپ ئۆتكۆزگەن كۈنلىرىم،يوللاردىكى تەشۈرۈشلەردە،تەڭسىز،يولسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراشلىرىم.ھۆكۈمەت ئورونلىرىدىمۇ ۋاقىتلىق كىملىك ۋە باشقا ئىسپاتلار ئۆتمەي ئىش بىجىرەلمىگەنلىكلىرىم. تالاي قىتىم بىجىرگەن ۋاقىتلىق كىملىكنىڭ قەدەمدە بىر ۋاقتى توشوپ تۇرغان،يەنە بىجىرگەن.ئۇھ...مەن نۇرغۇن قىتىم پەقەت چىدىمىدىم ئەمما چىدىمىساممۇ يەنە ئامالىم يوق ئىدى.


مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا بولغاچقا ئۆتكەن يىلى، يەنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى نوپوسۇمنى يۆتكىمەكچى بولدۇم.ھەم يىللار كىملىك بىجىرىپ،بىجىرىپ بولالمىغاچقا نوپوسۇمنى ئۆز ئورنومغا يۆتكەشنى قارار قىلدىم ۋە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى مۇناسىۋەتلىك ج ج ئىدارىسىگە بىرىپ ئىلتىماس سۇندۇم.ئالدى بىلەن كادىرلار ئىدارىسىگە بىرىپ، مىنىڭ كادىرلىق ئارخپىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشقىلىپ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىر نەرسىنى ئىلىپ كىلىشىمنى دىدى.مەن شۇ كۈنى ئۇنى ئەكەلدىم.ئاندىن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنىڭ بىر پارچە تونوشتۇرۇش ۋە ئىسپات خىتى لازىم بولدى.بۇنىمۇ تىپىپ كەلدىم.ئاندىن ماڭا تۆت بەتتەك جەدىۋەل قەغىزى بەردى.


لىكىن كىيىنكى ئىشلار ئۇنداق ئاسان بولمىدى.ئالدى بىلەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئورنۇمغا مەسئۇل رايون ساقچىسىنىڭ قول قويىشى كىرەككەن.مەن ئۇ رايون ساقچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلگىنىمدە ئۇنى تاپالماي يەنە ھەپتە ئۆتتى.ئۇنىڭ ئىمزاسى قويولوپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروننىڭ رەھبىرىنىڭ نوپوسۇمنى مەزكۇر ئورونغا ئورنىتىشىمغا ماقۇللىقى،ئىمزاسى ۋە تامغىسى لازىم بولدى.بۇ رەھبەرنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ساقلايمەن.بىر كۈنى مەلۇم يىزىغا تەكشۈرۈشكە كەتكەن، بىر كۈنى يىغىنغا كەتكەن،بىر كۈنى كاماندۇرۇپكىغا كەتكەن دىگەندەك ئىشلار ئۇ كىشىنى پەقەت ئۇچۇرتۇپ بولالماي ۋاقىتلار ئۆتتى.


باشقىلاردىن ئۇ رەھبەر بىلەن قانداق ۋاقىتتا كۆرىشەلەيدىغىنىمنى دەپ بىرىشنى سورىدىم،ھەممىسى بىز بۇنى بىلمەيمىز،ئۇ دىگەن رەھبەر ،قاچان نەگە بىرىپ نەدە تۇرىشىنى بىز بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بىرىشتى.كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ مۇبارەك شەخىس بىر كۈنى ئەتىگەن ئىدارىسىدە نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە ساقلاپ تۇرغىنىمىزدا ماشىنا بىلەن كەلدى.ھەممەيلەن ئاشۇ كىشى شۇ دەپ كۆرسىتىپ قويوشتى ۋە ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا قانداقتۇر بىر قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ دەۋرەپ مىڭىشتى.ئۇ كىشى ئىشخانىغا كىرىپ دىدى.بىز ئۇ كىشىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت بىلەن ساقلاپ،رەت بىلەن كىرىپ ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈردۇق.بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە، ئۆز خىزمەت ئورنومدا تولا سورىغان سائەتلىك رۇخسەت بىلەن نەچچە قىتىم رەھبىرىمدىن تەنقىدمۇ ئاڭلىدىم.ئاخىرىدا يەنە ساقچىخانا باشلىقىنىڭ رۇخسىتى كەم قالغاچقا بەزىدە رۇخسەت بىلەن، بەزىدە ئوغورلوقچە قىچىپ دىگەندەك بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا نوپوسۇمنى كۆچۈرۈپ كىلىش رۇخسەت خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئەسلى نوپوسۇم تۇرۇشلۇق ئوروننىڭ ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۆزمىگەنلىكىم .دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان قاتناشمىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئىسپاتى بىلەن نوپوس ئىسپاتىمنى ئىلىپ كىلىشىمنى ئىيتتى.مەن مىڭ تەستە ئۆز ئورنۇمدىن رۇخسەت ئىلىپ يۇرتقا يول ئالدىم.


ساقچىخانىدا توك يوق دىگەچكە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئىلىپ ئانامغا بىرىپ نوپوس ئىسپاتىنى ئىلىپ ماڭا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بىرىشنى دىدىم.ئانام ۋە ئۆيدىكىلەرمۇ كۈندە دىگۈدەك بىرىپ ھىلى توك يوق،ھىلى تور يوق، ھىلى مۇناسىۋەتلىك ئادەم يوق دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئاخىر مىڭ بىر جاپادا ئۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى.


مەن تۇرۇشلۇق ئورنومدىكى ج خ ئورنىغا بىرىپ بۇ نەرسىلەرنى تاپشۇردۇم ۋە 40 كۈنلۈك مۆھلەت ئىچىدىكى نوپوسۇمنى يۆتكەش خىتىگە ئىرىشتىم.40 كۈن ئىچىدە نوپوسۇمنىڭ كۆتىگىنى ئىلىپ كىشىمنى ئىيتتى.يۇرتتا ھىلى توك يوق،ھىلى تور يوق بولوپ نوپۇسۇمنىڭ كۆتىگىنى ئىلىپ بولالماي 40 كۆن مۆھلەتمۇ توشوپ ئۆتۈپ كەتتى.كىيىن ئۇلار ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ دەپ بىجىرىپ بىرىشكە قوشولمىدى.


مەن بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئورونغا ئىلگىركى رەسمىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىپ يالۋۇرۇپ دىگەندەك 20 كۈن ئۇزارتىپ تامغا بىسىپ بەردى.بۇنى يۇرتقا ئەۋەتىپ بەردىم.يۇرتتىن نوپوسۇمنى چىقىرۋىتىپ نوپوسۇمنىڭ كۆتىگىنى چىقىرىپ بىرىپتۇ.بۇنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ يەنە ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى ج خ ئىدارىسىگە باردىم.لىكىن ئۇلار قاقشاپ كەتتى.چۈنكى ئۇلار ئۆزى ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىكنى ئەۋەتىپ،ئەۋەتىشكە تىگىشلىكنى ئۆزى ئىلىپ قالغانلىقىنى،بۇنى دەرھال ئالماشتۇرۇپ كىلىشىمنى دىدى.


مەن ئەسلى يۇرتۇمدىكى ج خ ئوروندىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشتىم.ئۇلار ئاپلا راسلا خاتا بولوپ قاپتۇ،بىز ئالماشتۇرۇپ بىرەيلى دىدى.مەن ئۇنى پوچتىدىن تىز يوللانما قىلىپ ئەۋەتىپ بەردىم.لىكىن 2 كۈن ئۆتۈپ مەسئۇل خەنزۇ يولداش بىر ئايلىق رۇخسەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يا يۇرتۇمدا نوپۇسۇم يوق،ياكى بۇ يەردە يوق قارا نوپوس بولوپ قالدىم.


بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتورسىدا، بۇ يىل 2-ئايدا يۇرتۇمدا قايتا بىجىرگەن كىملىكىمنىڭ چىققانلىقىنى ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىدىكى نوپوس بۆلۈم ساقچىسى تىلىفۇندا ماڭا ئۇقتۇردى.مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىشلىرىمنى تاشلاپ يۇرتقا ماڭدىم.شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا مەن تاپشۇرۇپ ئىلىشقا يىللاردىن بۇيان ئىنتىزار بولغان،ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ،ئۆزۈم مەۋجۇت ئەمما كىملىكسىز كۈنلىرىمگە خاتىمە بىرىلدى.


مەن كىملىكىمنى ئىلىپ نوپوس ئىشنىمنى يەنە قايتا ئىنكاس قىلدىم.ئۇ قولىغا تىلىفۇننى ئىلىپ مىنىڭ نوپوسۇم تۇرۇشلۇق ئوروندىكى ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشتى ۋە مىنىڭ ئەھۋالىمنى بىر قاتار چۈشەندۈرگەندىن كىيىن بىجىرىپ بىرىشىنى ئىيتتى.مەن دەرھال شۇ ساقچىخانىغاچاپتىم ۋە ساقچىخانا باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۈم.ئەپسۇس بۇ ئىشقا مەسئۇل خەنزۇ يولداش كەتكەن يىرىدىن تىخى كىلىپ بولالمىغاچقا،ساقچىخانا باشلىقى بۇ ئشىقا ئارلىشالمايدىغانلىقىنى،ئۇ يولداشنىڭ نەچچە كۈندىن كىيىن قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى،شۇ چاغدا قايتا كىلىپ بىجىرىشىمنى ئىيتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن روھسىز قەدەملىرىمنى سۆرەپ ساقچىخانىدىن قايتىپ چىقتىم.بۇ ئىشقا قايتا قەدەم ئىلىشقا كۆڭلۈم ئىچىشتى.شۇنىڭ بىلەن قارا نوپوس بولوپ يۈرىۋاتىمەن.





ئۈچ ئايلىق قىز بوۋاقنىڭ ئاھۇ زارى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىشىغا كەلگەن قىسمەتلەر


مەن بۇ يىل 4-ئايدا،خىزمەت ئورنۇمدا ئىشلەۋاتقىنىمدا بىرەيلەن بەك قاقشاپ داتلاپ باشقىلارغا سۆزلەپلا كەتتى.سۆزلىرىگە قۇلاق سالدىم.ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئايالىي ميىپ بولوپ سۆزلىيەلمەيدىكەن.ئۇلارنىڭ 3 بالىسى بولوپ چوڭى بۇ يىل تولوقسىزنى پۈتتۈرۈدىكەن.ساق بىجىرىم ئىكەن.ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى دىگەندەك ياخشى بولمىغاچقا سىرتقا نەچچە ئاي ئىشلىگىلى چىقىپ كىتىپتۇ.شۇ ئارلىقلا نەچچە ئاي ئۆتۈپ مەزكۇرنىڭ مىيىپ ئايالنىڭ قورسىقى يوغىناپ ئەتراپتىكى كەنىت كادىرلىرى بايقاپ مەزكۇرنى چاقىرتىپ كىلىپ مەزكۇرنى چاقىرتىپ كەپتۇ.


كەنىت مەسئۇلى ،گۇرپا باشلىغى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل كادىر مەزكۇر،ئايالى ۋە مەزكۇرنىڭ ئانىسىنى يىزىلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتىغا ئىلىپ مىڭىش يولدا،بازار ئىچىگە كەلگەندە، گۇرپا باشلىقىنىڭ موتوسى باشقا بىر موتو بىلەن سوقولوپ كىتىپ بۇ مۇتونىڭ كەينىگە مىنگەن مەزكۇرنىڭ ياشانغان ئانىسىنىڭ پۇتى ۋە قولى سۇنۇپ ئىغىر يارلىنىپتۇ.قارشى تەرەپ دوختورخانىدا داۋالىنىش جەريانىدىكى بەزى چىقىملارنى تۆلىگەندىن باشقا بۇ ھادىسە بىر تەرەپ قىلىنماپتۇ.


مەزكۇرنىڭ ئايالىنى دوختورخانىغا كەنىت كادىرلىرى بىلەن ئىلىپ بارغاندا قورسىقى يوغىناپ بالىنى ئالدۇرۋىتىش مۆھلىتىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ.كەنىت كادىرلىرى ئالدۇرۋىتىشنى دەپتۇ.دوختورلار ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ.لىكىن ئاقىۋەتتە نورغۇن سەۋەپلەر بىلەن خەت يىزىشنى بىلمەيدىغان مەزكۇرنىڭ ئىمزاسى مەجبۇرى قويولوپ ئوپراتسىيە قىلىنىپ بالا ئالدۇرۋىتىلىپتۇ.لىكىن بالا تىرىك بولوپ بالىنىڭ قۇيرۇق تەرپى قۇيرۇق گۆش بىلەن چىقىپتۇ.


كەنىت كادىرلىرى بالىنى مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىۋىتىشنى دەپتۇ.لىكىن مەزكۇرنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي بالىنى ئۆيىگە ئىلىپ كەپتۇ.كەنىت باشلىقى بالىنى نىمىشقا مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىۋەتمەي ،ئۆيگە ئەكىلىسەن دەپ مەزكۇرنى ئۇرغانمىش...


كىيىن كەنىت كادىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەزكۇرنىڭ مىيىپ ئايالىنى جىگەر كىسەلكەن بالىنى ئىمىتسە بولمايدۇ دىگەنمىش، شۇنىڭ بىلەن بۇ بوۋاق ھازىرغىچە سۈنئى يىمەكلىك بىلەن يا ئۆلەلمەي يا تىرىلەلمەي جان تالىشىپ نەپەس ئىلىۋىتىپتۇ.


مەن بۇ ئىشلار ئۆسەك سۆز،پىتنە-ئىغۋا بولوپ ،باشقىلار پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ نام ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان بولمىسۇن دەپ، راسىت يالغانلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى يىزىۋالدىم .خىلى كۈنلەر ئۆتۈپ ئۈچ چاقىلىق موتودىن بىرنى كىرا قىلىپ،مەزكۇرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆيىگە باردىم.دەرۋازىسىمۇ،ھويلىسمۇ يوق ئەسكى ئىككى ئىغىزلىق ئۆينىڭ مەزكۇرنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە ھالىغا يارىشا ئىش قىلماي،قانۇن تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ،ئۆزىنىڭ جىنىنى باقالمىغان نىمىسىگە، يەنە پەرزەنتلىك بولوپ نىمە قىلىدۇ دىدىم ئىچىمدە.


بالىنى كۆردۈم،ئىشنىڭ جەريانىنى ئاڭلىدىم.ھەممىسى راسىتكەن...


يۈرىگىم ئىچىشتى،ئەمما نىمە دىيىشىمنى نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم.مەزكۇرنىڭ قەتئى پەرزەنىتلىك بولوش نىيتىنىڭ يوقلىقى ئەمما سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئايالىنىڭ قورسىقى يوغىناپ ،ئايالى گەپ قىلالمىغاچقا بۇ ئىشنى باشقىلار ئۇقماي ۋاقىت ئۇزىراپ كىتىپ ئاقۋەت بۇ بالىغا ئامال بولمىغانلىقى،دوختورلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىپتۇ ئالدۇرۋىتىشكە بولمايدۇ دىيىشلىرىگە پىسەنىت قىلماي،خەت يىزىشنى بىلمەيدىغان مەزكۇرنى مەجبۇرى قول قويغۇزۇپ، ئاخىر بۇ بالا تىرىك، كەمتۈك چىققانلىقى،كەنىت كومىتىت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆيگە ئەكەلمەيسەن دىگىنىگە ئۇنىماي ئۆيگە ئەكىلىپ تاياق يىگەنلىكى،ئەسلى ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىغىزلىق ياخشى ئۆيىنىڭ بار ئىكەنلىكى،يىزىنىڭ يۇقىردىن رەھبەر كەلسە كۆرسىتىش ئۈچۈن نوقتىلىق زىرائەت تىرىلىدىغان يىرىگە توغرا كىلىپ قىلىپ چىقىۋىتىلىپ، بۇ يەرگە ئىككى ئىغىزلىق ئۆي سىلىپ ئەكىلىپ قويولغانلىقى،بۇ كىچىك ئىككى ئىغىز ئەسكى ئۆينىڭ بىرىگە نەرسە كىرەكلىرىنى قويوپ ئىچىدىكى ئۆيدە جەمىي ئالتە جاننىڭ ياشاۋاتقىنىنى كۆردۈم.


بۇ يۇقارقى سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەمدە ئۆيىسىدىكى رەڭسىز تىلىۋىزورنىڭ ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


مدزكۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنئالغۇغا ۋە رەسىمگە ئالدىم.بىللە كەلگەن كىراكەش قاتارلىق يەنە ئىككەيلەننىڭ شۇنداقلا مەزكۇرنىڭ چوڭ قىزىنىڭ پۈتۈن جەرياننىڭ راسىتلىقى توغورلۇق گۇۋالىق خىتىنى،ئۇلارنىڭ ئادىرسىنى ،كىملىك نومورلىرىغىچە ئىلىپ قايتىپ كەلدىم.





بوۋاقنىڭ رەسىمى





موماينىڭ يارلانغان پۇتى





موماينىڭ يارلانغان قولى





مەزكۇرنىڭ ئۆيى




















مۇقۇملىققا تاقاشقان ياغلىق بىلەن ساقال


دىيارىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەڭگىنىڭ تاماكىسى،ھاراقكەشنىڭ بوتولكىسى،كىچىلىك ئىشرەتخانا،قىمارخانىلار بىلەن ئانچە توقونوشۇپ قالمىغان بەزى يەرلىك سىياسەتلىرىمىزنىڭ، ئاياللارنىڭ كىيگەن يوپكىسى، بىشىغا ئارتقان ياغلىقى، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرىتى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسى بىلەن چىقىشالمىغىنى تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش.


ئاياللارنىڭ كىيگەن يوپكىسى، بىشىغا ئارتقان ياغلىقى، ئەرلەرنىڭ ساقىلى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسىنى مۇقۇمسىزلىق بىلەن باغلىۋىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.چۈنكى توي-تۈكۈن،نەزر-چىراق،مۇراسىم ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشتا، مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە كىشىلەر دوپپا،ئاياللار يوپكا كىيىدۇ.


ئوقوتقوچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ،پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساقال قويىشى ئەمەس بۇرۇت قويىشىمۇ چەكلىنەتتى. ئىدارە-ئورگان ،خىزمەت ئورونلىرىدا ئاياللارنىڭ ياغلىق ئاتىشى،ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويىشى قاتتىق چەكلەنگەن بۇنىڭغا ئۇزۇن بولغان.بۇ سىياسەت ئەمدى يوغىناپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورونلىرىدا ئەمەس خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردىمۇ،سىرتلاردىمۇ ياغلىق ئارتىشى،دوپپا كىيىشى چەكلىنىپتۇ.مەخسۇس ئادەم ئورونلاشتۇرۇلۇپ بايقالغۇچىلارغا چارە قوللىنىۋىتىلىپتۇ.


دۆلىتىمىزدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن ئىبارەت سىتىراتىگىيلىك سىياسەت يولغا قويولوپ ئىجرا قىلنىۋاتقىلى يىللار بولدى،ھەم دىيارىمىزدا بۇ سىياسەت توغورلوق نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى،نۇرغۇن يىغىنلار ئىچىلدى.


ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدى،لىكىن بۇنداق سىياسەتلەرنى يولغا قويغۇچى رەھبەرلەر،ئىجرا قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملار قانداق ئادەملەرنى ئاساس قىلىۋاتقاندۇ ؟ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ توغورلوق كۈن-كۈنلەپ يىغىن ئىچىپ ئۈگىنىۋاتقىلى يىللار بولغان ئىدى.ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىشكە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە،رەھبەرلەردىن –كادىر ئىشچى خىزمەتچىلەرگىچە ،ھەتتا دىھقانلارغىچە قاتناشتى ۋە ئۈگەندى .نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى.شۇنچە ئۈگىنىش،شۇنچە كۆپ يىغىن، شۇنچىلىك جاپالار بىلەن ئىشلەنگەن خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ۋە سىياسەتنىڭ ئوموملىشىش ئەھۋالى مۇشۇنداق نەتىجىلىنەمدۇ ؟مەركەزنىڭ ئوموميۈزلۈك،سىتراتىگىيلىك سىياسىتى بولغان ۋە ئوموميۈزلۈك يولغا قويولوپ ئىجرا قىلىنغان،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش بولغان ئىكەن ئۇنىڭ ئىددىيسى،بىشىغا كىيگەن دوپپىسى،ئارتقان ياغلىقى،جىنى،تىنى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش دىگەنلىك بولامدۇ ياكى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر مەن بۇ سىياسىتىمىزنىڭ مەزمۇنىنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىلارنى سورايمەن.


بەڭگىنىڭ تاماكىسى،ھاراقكەشنىڭ بوتولكىسى بىلەن كارى يوق بەزى يەرلىك سىياسەتلىرىمىزنىڭ قەدەمدە بىر ئاياللارنىڭ ئارتقان ياغلىقىغا،كىيگەن يوپكىسىغا ئسىلىشى،ساقاللىقنىڭ ساقىلىغا يامىشىۋىلىشى تولىمۇ قىززىق.ھەر بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ياغلىق ئارتقان بۈۋىم ،ساقال قويغۇچى تىرورچى كۆرىنەمدىكىن تاڭ.دەرقەمدە بىر بۇلارنىڭ نوختا نىشان بولىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە،لىكىن بۇلار سىياسەت تەرىققىسىدە ئورونلاشتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنسا ئاممىنىڭ نارازىلىقى ۋە ھىمايىسى بولمىسىمۇ بويسۇنماي نىمە ئامال.





ئاشۇرۋىتىلگەن،ناتوغرا يەرلىك سىياسەت





ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىنغا ئىتقاد قىلىشىغا،ئىشىنىشىگە بولمايدۇ.ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدا ئوقوتقوچى،ئىشچى-خىزمەتچى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەر، ئوقوغۇچىلارنىڭ دىنغا ئىتقاد قىلىشى، ھەر قانداق دىنىي تەلىم تەربىيە ئىلىپ بىرىش،دىنىي سۇرون ۋە ۋە دىنىي ئوقوتوش سورونلىرىغا ئىلىپ بىرىش قاتتىق مەنئىي قىلنىدۇ.


بالىلارنىڭ تۇغۇلۇپ تاكى چوڭوپ ئوقوش پۈتتۈرگەنگە قەدەر دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىلىشىغا بولمايدۇ.مۇبادا ئۇ ئىشچى ياكى خىزمەتچى بولوپ قالسا ئۇنىڭ ئۆمرىدە دىنىي ساۋات ئىلىشى،دىنىي پائالىيەت سورونلىرىغا بىرىشى ياكى شۇنداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى مەڭگۈلۈك مەنئى قىلنىدۇ.


بىز قانۇنىمىز ۋە سىياسەتكە چوقوم بويسۇنىشىمىز كىرەك،ئەمدى يۇقارقى دائىرىگە كىرمىگەنلەر يەنى تىجارەتچى،ھۆنەرۋەن- كاسىپلار ،دىھقانلار بىلەن بەزى مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.


ئۆتكەن قىتىم بىر دوستۇمنىڭ دۇكىنىغا كىرگىنىمدە تامغا چاپلاقلىق ‹‹مۇقۇملۇقنى ساقلاش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيەتنامە ››ۋە ‹‹خۇسۇسىي كارخانىلار،يەككە سودا سانائەتچىلەر ئارىسىدا ئومولاشتۇرۇپ تۈزەش،دىننى باشقۇرۇش،مۇقۇملىقنى قوغداش،پىلانلىق تۇغۇت،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيەتنامىسى ››دىگەندەك مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ تىجارەتچى،ھۆنەرۋەن- كاسىپلار ھەتتا ئائىلىلەرگە قەدەر ئىمزالىشنى،بۇ مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ مەزمۇنىدىكى بەزى مەزمۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز ئارتۇقچە ئەمەس.


بۇ مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ مەزمۇنىدا تىجارەتچى،ھۆنەرۋەنلەر ۋە ئۇلار ياللىغان كاسىپلارنىڭ ئۆز تىجارەت دۇكانلىرى ياكى ئاممىۋى سورونلاردا ناماز ئوقوشى قەتئى مەنئى قىلنىدۇ،شۇنداقلا بۇ ئورونلاردا دىنىي تۈس ئالغان كىتاب ياكى ئۈن-سىن بويوملىرىنى قويوشقا بولمايدۇ.دىھقان ئائىلىلەر بىلەنمۇ يۇقارقىدەك مەزمۇندىكى مەسئۇلىيەتنامىلەر ئىمزالانغان.


مەسچىتتە ۋە ئائىلىدە ناماز ئوقوغاندىن باشقا بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ قاراش،مەسچىتتە قۇرئان ۋە دىنىي كىتاپلارنى ئوقوسىمۇ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە چارە كۆرۈش مىنىڭچە ئاشۇرۋىتىلگەن سىياسەت.بۇنداقتا پۇخرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقوقى ۋە دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە دەخلى تەرزگە ئۇچرايدۇ.


يۇقارقىدەك مەزمۇندىكى مەسئۇلىيەتنامىلەر ئىمزالانسا دۆلىتىمىزدە قانداق كىشىلەر، قايسى ئورونلاردا قانداق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا قانۇنلۇق بولىدۇ ؟مىنىڭچە مۇناسىۋەتلىك ئورونلار بۇ جەھەتتىكى قانۇن –قائىدە سىياسەتلەرنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسە دىگەن ئۈمىتتە مەن.


ئۇندىن باشقا بۇ قىتىم قاتناش ھادىسىسىدە يارلانغان تاغامنى يوقلاپ يۇرتقا باردىم.ئۇ كەنىت كومىتىتىدا ئامانلىق خىزمىتىگە ئورونلاشتۇرۇلغان يەنە بىر تاغامنىڭ جىددى ئىشى بولغاچقا ئۇنىڭ ئورنىدا ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلىۋىتىپتۇ.مەن كەنىت كومىتىتىغا ئۇنى يوقلاپ باردىم.دەل شۇ چاغدا يىزىلىق ھۆكىمەتتىن ئامانلىق ساقلاش تەكشۈرۈش خادىملىرى كىلىپ كەتتى. دەرۋازا يىنىدا بىر خەنزۇ يولداش بىر توپ چۈچە بىسىلغان قۇمىلارنىڭ يىنىدا تۇراتتى.شۇ چاغدا سىرتتا بىر دىھقاننىڭ ئۆلەي دەپ قالغان چۈچىلەرنى قاقشاپ ھارۋىغا بىسىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


ئاندىن شۇ كەنىتنىڭ گۇرپا ئاكا بىزگىمۇ ئامال يوق، بۇ چۈچىلەرنى بازاردا ئىككى ئۈچ سومغىمۇ ئالمايدۇ ئەمما بۇ يۇقىرنىڭ بۇيرىغى بىزگىمۇ ئىجرا قىلىشتىن باشقا چارە يوق دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. مەن شۇ ئارىدا ھەر بىر نوپوسقا 5 تىن ئونغىچە،بىر ئائىلىگە 20 دىن 30 غىچە چۈچىنىڭ مەجبۇرى 7.5 يۈەندىن سىتىلغانلىقىنى،بۇ چۈچىلەرنىڭ مەلۇم بىر خەنزۇ يولداشنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلىمۇ مۇشۇنداق سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدىم.مەن يولدا قايتقۇچە بىچارە قىرى بوۋاي –مومايلار چارىسىز بۇ ئىنجىمارۇق ماڭقا چۈچىلەرنى قاقشاپ زەردە بىلەن ئىلىپ كىتىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ چۈچىلەرنى ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ ئۆيىدىمۇ كۆردۈم،ئۇلار ئاچچىقىدا بۇ چۈچىلەرگە دان بەرمەي ئاچ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتى.


مەن تۇرىۋاتقان رايوندا بەزى دىھقانلارنىڭ ئۆيى مەجبۇرى چىقىلىپ،يىزىلىق پارتىكومدىن قىش-كىسەك،سىمونىت دىگەندەك ماتىرىياللار بىرىلىپ باشقا چىقىملارنى شۇ شەخىس ئۆزى چىقىرىپ ئۆينى قايتا قۇرۇش ۋە يىڭىلاش بولدى.ئۆي چىقىش تىز بولغان بىلەن ئۇلارغا بىرىلدىغان قىش ۋە ماتىرىياللارنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئاستا بولوش،بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ ماتىرىياللار تەمىنلەنگەن بىلەن ئۇنى ئىشلىتىپ ئۆي سىلىشقا ئىقتىسادى،مادارى يەتمەي چىقىۋىتىلگەن تامغا يالتىراق( سۇلىياۋ) تارتىپ قەھرىتان قىشنى چىقارغىنى،ھازىرغىچە تىمىغا سۇلىياۋ تارتىلغان ئۆيدە ئولتورىۋاتقىنى ئەمەلىي ئاچچىق بىر ئەمەلىيەت.لىكىن رايونىمىزدا ئولتوراقلىشىۋاتقان خەنزۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئالدى ئىشىكى ئەمەس ئارقا ئىشىكىنىمۇ تۈمۈر ئىشىكتىن قىلىپ بىرىلگەن بۇنداق ئەھۋاللار،بىر رايوندا،بىر ۋاقىتتىلا ئىلىپ بىرىلسا قانداق تەسىر بولار ؟


يۇقارقىدەك سىسايەت دەرىجىسدە ئىجرا قىلنىۋاتقان بۇنداق ئشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە خەنجەر ئۇرغانلىقتەك تەسىر بىرەمدۇ قانداق ؟يەنە كىلىپ بۇ ئىشلارنىڭ سىياسەت دىرىجىسىدە ئىجرا قىلنىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

ھەر رايوننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنامىلەرنىڭ ئىمزالىنىشى. مۇناسىۋەتلىك سىياسى تەدبىر ۋە قارارلارنى تۈزۈپ ئىجرا قىلىشى يوللوق ئەمما بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئۇيغۇن بولسا تىخىمۇ توغرا بولىدۇ.





رايونىمىزدا يىللاردىن بۇيان ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمەت





ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ۋە بۇنىڭغا كۈچ قۇشۇش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ مەجبۇرىيتى ۋە مەسئۇلىيتىدۇر.تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مۇقۇملىقتۇر.مۇقىملىق بولمايدىكەن تەرەققىياتتىن سۆز ئىچىش تەس.مۇقۇملۇق بولمايدىكەن خاتىرجەملىك ۋە باي-باياشات،خۇشال تۇرمۇشتىن، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئىچىش تىخىمۇ مومكىن ئەمەس.


ئۇنداقتا ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدىغان دىيارىمىز شىنجاڭ مۇقۇممۇ ؟بىز مۇقۇم ئەمەس دىسەك ھەر ھالدا مۇقۇم.مۇقۇم دەيلى دىسەك يىللاردىن بىرى كۈندىن-كۈنگە تىخىمۇ كۈچىيىۋاتقان ،قىرىدىن ياشقىچە،ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرىدىن –كوماندىر جەڭچىلەرگىچە،ئىشچى خىزمەتچىلەردىن-تىجارەتچى،سودا-سىتىقچى،ھۆنەرۋەن-كاسىپلارغىچە ،دىھقان چارۋىچىلارغا قەدەر قاتنىشىۋاتقان مۇقۇملۇق خىزمىتى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ئەخلەت تاشلانمىغان بىر ئورونغا بۇ ئورونغا ئەخلەت تاشلىماڭ دىگەن تاختاي ئىسىلامدۇ؟بىرەرى ئىشەك باغلىمىغان مومىغا بۇ مومىغا ئىشەك باغلىماڭ دەپ يىزىلامدۇ ؟


ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك 2008-يىلى ئولمىپىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئامانلىق خىزمىتى كۈچەيدى،2009-يىلىدىكى 5-ئىيول ۋەقەسىدىن كىيىن ئامانلىق تىخىمۇ كۈچەيدى.ئۇندىن كىيىنكى بىر قانچە يىلدا قانداق بولدى ؟ئامانلىق خىزمىتى يىلدىن-يىلغا،كۈندىن-كۈنگە تىخىمۇ،تىخىمۇ كۈچەيدى.دىمەك كۈچىيىۋاتقان بۇ مۇقۇملىق خىزمىتىدىن مۇقۇمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ تۈگىمەستىن يەنىلا مەۋجۇت دىسەك خاتا بولماس.


توغرا،ئامانلىقنى ساقلاش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە.ئامانلىق ساقلاش،مۇقۇملىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى.بۇنىڭغا ھەممەيلەن چوقوم ئاكتىپ قاتنىشىمىز كىرەك.لىكىن ئەڭ موھىم مەسىلە مۇقۇملىقنى قانداق قوغدايمىز؟ئامانلىقنى قانداق ساقلايمىز؟دىھقانلار ھازىرقىدەك مول-ھوسول يىغىن ۋاقتى ۋە تىرىلغۇنىڭ ئىنتايىن موھىم مەزگىلىدە ئۆز ئىشىلىرىنى تاشلاپ، كەنىت كومىتتىنى ۋە ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇشتا ئۆزىنىڭ تىرىلغۇ، يىغىن ئىشلىرىنى تاشلاپ ،يىلدا بىر بولىدىغان مىۋىلىرىنى باغلاردا سىسىتىپ ئامانلىق ساقلامدۇ ؟ئەرلەرلا ئەمەس ئاياللارمۇ قانداقتۇر بىر تىرورچىلاردىىن ئەنسىرەپ،قانداقتۇر بىر تاساددىيبىلىقتىن ۋەھىمە يەپ، كەنىت كومىتىتى دەرۋازىسى ، ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇشنى نەچچە كىشى قوغداپ،سەرەڭگە قىپىدەك كىچىككىنە بىر بىنانىڭ دەرۋاسىنى شۇ ئوروندا كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ،كىچىچە نەچچە كىشى ئۇخلىماي ئامانلىق قوغداش بىلەن ئۆتكىزەمدۇ؟


بۇنىداق مۇقۇملۇق ساقلاش ئامانلىق خىزمىتىنىڭ ئۈنىمى ۋە ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى قانداق بولار ؟بىر ئائىلىلىك دىھقاننىڭ تىرىلغۇ،يىغىن،ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى،نورمال تۇرمۇشىنى تەسىرگە ئۇچىرتىپ، ئامانلىق خىزمىتىگە قويولسا ئۇلار ۋە جەمىيەتتە قانداق ئىنكاس ۋە تەسىر بولار؟


مەكتەپلەردە ئوقوتقوچىلار كۈندۈزى دەرس ئۆتۈپ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ،مۈكچىيىپ دەرس پىلان تۈزۈپ،ئەر ئوقوتقوچىلارلا ئەمەس،كىچىچە بىر چاشقاننىڭ شەپىسىدىن قورقوپ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغان ئايال ئوقوتقوچىلارنىڭ،يولدىشى ۋە ئوماق بالىسىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويوپ ،كىچىچە پاشىغا يەم بولوپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىشلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ؟


يىقىندا توردا ئىلان قىلىنغان،خىزمەت سىجىللىقى ۋە ئامانلىق خىزمىتى دەستىدىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن ‹‹خىزمىتىم مەن سىنى قىلدىم ئۈچ تالاق ›› مەزمۇندىكى شىئىر ۋە شىئىرنىڭ مەزمۇنىدىكى مەن خىزمەتتە، يولدىشىم جۇبادا،ئوغلوم ۋاڭبادا،قىزىم دىبادا.يولدىشىم مىنى تالاق قىلىپ بولغىچە مەن سىنى قىلدىم ئۈچ تالاق دىگەن مەزمۇنلار،بۇ ئىشلار نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ياكى مۇشۇنداق سەۋەپلەردىن پەيدا بولىۋاتقان ئائىلە ئىناقسىزلىق ۋەقەلىرىنى بىز كۆرمەيۋاتامدۇق؟


ھازىرقىدەك يىغىن ۋە تىرىلغۇنىڭ ئىنتايىن موھىم كۈنلىرىدە بىر دىھقاننىڭ كۈندۈزى ئىتىزدا ئىشلەپ،كەچتە ھىرىپ-ئىچىپ چارچىغاندا ئۆيىدە چامغور توغراپ ئەتكەن سۇيۇق ئىشىنى ئىچىپ، پۇتىنى ئۇزۇن سوزالمىسا،قىسقىغىنا سۇنۇپ بولسىمۇ ئارام ئىلىشى مۇقۇملىقنى بۇزغانلىق بولارمۇ ؟كۈندۈزى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر كادىر يولداشنىڭ، كەچتە ئۆيىگە قايتىپ ئايالى ۋە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئوماق بالىسى بىلەن ئىسسىق بىر قاچا تاماقنى بىللە يىيىشى،كۈندۈزى دەرس پىلان تۈزۈپ،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ،دەرس ئۆتۈپ ھىرىپ چارچىغان بىر ئايال ئوقوتقوچىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئىسسىق بىر قازان تاماق ئىتىپ،يولدىشى ۋە بالىسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئارام ئىلىشى ئەجىبا خاتامۇ ؟


قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىشكە تىگىشلىك بىر ئىش بار.مىنىڭ ئىلگىرىكى مەمۇرى خىزمەت ئورنوم ئاھالە كومىتىت بىناسى بىلەن بىر ئوروندا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئىدارىدىن 3 كۈندە بىر ئۈچ ئادەمدىن، خىزمەتتىن چۈشۈپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ئىشلەيتتوق.


ئاھالە كومىتىتىن ھەر كىچە 30 غا يىقىن ئادەم ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلاتتى.بۇ ئادەملەر شۇ ئاھالە كومىتىتقا قاراشلىق ئاھالىلەر بولوپ،شۇ ئاھالە كومىتىتقا قاراشلىق ھەر ئائىلىدىن بىر ئادەم 4 كۈندە بىر ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشى كىرەك ئىدى.يەنە ھەر ھەپتىنىڭ 1- كۈنى شۇ ئاھالە كومىتىتتىكى كىشىلەر ئاھالە كومىتىتقا يىغىلىپ يىغىن ئاڭلايىتتى.يىغىننىڭ مەزمۇنى يەنە شۇ ئامانلىق توغورلوق.ھەر قىتىملىق يىغىندا يەنە شۇ ئوخشاش گەپ-سۆزلەر تەكرارلىناتتى.بۇ كىشىلەرگە ئىچىلىدىغان يىغىن ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى شۇ تەرىقىدە داۋاملىشاتتى.كىيىن مەن ئۇ ئوروندىن ئايرىلغاچقا كىيىن قانداق بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن.ئەمما بۇ قىتىم يۇرتقا بارغىنىمدا كەنىت كومىتىتىدىكى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە قاراپ ئىلگىركىدىنمۇ ئىغىر ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


بىر كەنىت كومىتىتىغا قاراشلىق ئاھالىلەردىن،ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم نەچچە كۈندە بىر كەنىت كومىتىتىنىڭ دەرۋازىسىدا ئامانلىق ساقلىشى كىرەك.خەلىق ئىشلار ئوروننى مىسالغا ئالساق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغان كىشىلەر،قىرى چۆرى بولامدۇ ياكى ئاقساق چولاق بولامدۇ نەچچە كۈندە بىر خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدە ئامانلىق ساقلىشى كىرەك.بولمىسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى،دۆلىتىمىزنىڭ ئىتىبارسىياسىتى شۇ كىشى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا قارىتا توختىتىلغاندىن باشقا،شۇ ئورون بىجىرىدىغان شۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇئامىلە توختىتىلارمىش .ھەر بىر ئىدارە ئورگاندا شۇ ئىدارىگە قاراشلىق كىشىلەر،كەسپى خىزمەت ئورونلىرىدا بولسا شۇ ئوروندا خىزمەت قىلىدىغان خادىملار كۈندۈزى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ،چۈشلىكى ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ ئۆيىگە تاماققىمۇ قايىتماي ئامانلىق خىزمىتى قىلىشى كىرەك.بولمىسا ج خ ئىدارىسى، سىياسىي قانۇن كومىتىتى،بىرلىك سەپ،ئوت ۋە بىخەتەلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورونلاردىن كىلىپ قالسا جەرىمانە قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىدارىدە شۇ يىللىق خىزمەتتە لايەقەتسىز بولىدۇ دىگەندەك بىر قاتار چارىلەر بىلەن چارە قوللىنىلىدۇ.شۇ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورونلىرىمۇ ئارلاپ مەلۇم ئوروننى تەكشۈرۈپ،جەرىمانە قويوپ،ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ تۇرغاچقا ئامانلىق خىزمىتىدىن چاتاق چىقمايدۇ.قايسى كۈنىمۇ بىزنىڭ ئىدارىگە ج خ ئىدارىسىن كىلىپ، كىرىپ- چىققانلار تەپسىلى خاتىرلەنمىگەن دەپ تىزىملىنىپ، كۈزەتكۈچ ئاپپاراتلار تەكشۈرۈلۈپ قاراپ چىقىلغاندىن كىيىن قارا تىزىملىككە تىزىملاپ قايتىپ كىتىشتى.


ئۆزۈممۇ بۇ ئامانلىق خىزمىتىگە يۇقاردا ئىيتىلغانغا ئوخشاش، خىزمەتكە چىققان نەچچە يىلدىن بىرى قاتنىشىپ كىلىۋاتىمەن.مەنلا ئەمەس رەھبىرىمىزمۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىر ئامانلىق ساقلاش يىتەكچىلىك دۇجۇرنى خىزمىتى قىلىدىغان بولغاچقا نارازىلىقىمىز نەگە چىقسۇن ؟بۇ سىياسەت قاچانغىچە يولغا قويولىدىكەن ئاكتىپ بويسىنىمەن ھەم بويسىنىشىمىز كىرەك .ئەمما بۇنداق شەكىلدىكى ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ھىمايە قىلالمايمەن.بۇ ئامانلىق خىزمىتى مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كەلدى،يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ بۇ نامەلۇم،


بۇ توغورلوق رايونىمىزدىكى ھىچبىر رەھبىرىمىز سۆز قىلمىدى،پەقەت ئامانلىقنى كۈچەيتىش ۋە مۇقۇملىقنى قوغداش داۋاملىق تەكىتلىنىپ خىزمەت ۋە ئامانلىق خىزمىتىمۇ شۇ تەرىقىدە داۋام قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.مىنىڭچە يۇقىرى دەرىجىك رەھبەرلىرىمىز بۇ توغورلوق تەپسىلىي ئويلىشىپ، قاراپ چىقىپ،تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،بۇ توغورلوق تىخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان سىياسەتنى يولغا قويىشى بىھاجەت ئەمەس دەپ ئويلايمەن.


مىنىڭ بىر يەزنەم يىزىمىزنىڭ مەلۇم خىزمىتىگە مەسئۇل يىزا باشلىقى بولوپ ئىشلەۋاتقىلى خىلى ۋاقىتلار بولدى.داداممۇ پارتىۋىلىك دۆلەت كادىرى،ئىككى ئىنىم ئىچكىرىدە نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقويدۇ.ئىنىلىرىم تەتىلدە قايتىپ كەلگەندە ياكى مەن چوڭلارنى يوقلاپ يۇرتقا بارغىنىمدا يەزنەمنىڭ كەنىت كومىتىتىغا بىرىپ ئاۋۋال مەلۇم قىلىشىمىزنى، كىلىش سەۋەبىمىزنى،قانچىلىك،نەدە تۇرىدىغىنىمىزنى،بۇ ۋاقىتتا نىمە ئىشلارنى قىلىدىغىنىمىزنى مەلۇم قىلغان قىلمىغىنىمىزنى ھەر قىتىم سورىشى بەك غىدىقىمنى كەلتۈرىدۇ.ئەمما ناھىمىزنىڭ ج خ ئىدارىسى تارقاتقان ئامانلىقنى ساقلاش،مۇقۇملىقنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ مەزمۇنىدا سىرتتىن كەلگەن ھەر بىر كىشى چوقوم شۇ يەرلىك مۇناسىۋەتلىك ئورونغا بىرىپ ئۆزىنى يۇقارقىدەك مەلۇم قىلىشى كىرەككەن.تۇرىدىغان ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق بولسا چوقوم ج خ ئورنىغا بىرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇناھنامىسى بىجىرىشى كىرەككەن.ئەمما مەن كىملىكىمنى 5 يىل 2 ئايدا ئاران بىجىرىپ قولومغا ئالدىم.


بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئائىلىلەر،سەيپۇڭخانا،ساتراچخانا،ئاشخانا قاتارلىق ھەر خىل، بارلىق تىجارەت سورونلىرىغىچە ئىمزالىنىپ، شۇ تىجارەت سورونى ۋە ئائىلىلەردە تامغا چاپلاقلىق ئىكەن.


بىر يىزىدىن يەنە بىر يىزىغا ئەمەس،بىر كەنىتتىن يەنە بىر كەنىتكە ئۇرۇق تۇققان ياكى تىجارەت ئۈچۈن كەلگۈچىلەر،ياكى قوشنا كەنىتتىن كىلىپ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىدە قونماقچى،ئىش-كۈشلىرىگە ياردەم قىلماقچى بولغانلارمۇ چوقوم مۇناسىۋەتلىك ئورونغا ئۆزىنى ئاۋۋال مەلۇم قىلىشى كىرەككەن.


شەھەر-ۋىلايەت،ناھىيە،يىزا ئىچىگە كىرىش-چىقىش ئىغىزى، ھەر بىر تۆت كوچا دوقمۇش ئىغىزلىرىدا،مەركىزى ئورونلاردا ساقچى تۇرغۇزۇلۇپ ئامانلىق ساقلاپ،مۇقۇملۇق قوغداۋاتقاندىن باشقا،ئارلاپ كىملىك تەكشۈرۈدىغان ساقچىلار،ئامانلىق خادىملىرى يوللاردا توختىماي كىچە-كۈندۈز مىڭىپ يۈرىيدۇ.مەكتەپ،ئىدارە ئورگان،كەنىت-كومىتىتلىرىغا قەدەر قارا-قويوق ئامانلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.


يىزىلىق ساقچىخانا ئەمەس ھەر بىر كەنىت كومىتىتلىرىغىچە ساقچىخانا تەسسىس قىلنىپ،ساقچى ئورونلاشتۇرۇلۇپ بولونغان،مۇكەممەل ساقچى-ئۇفىستىر.جەڭگىۋار،زامانىۋى،مۇنتىزىم ھەربىي قوشونىغا ئىگە بولغان دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىدا ئامانلىق خىزمىتىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە داۋام قىلىشى مىنىڭچە ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.


بۇ بىزنىڭ ۋە جەمىيتىمىزنىڭ،دۆلىتىمىزنىڭ مۇقۇملىقى،ئامانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاتىغان،بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچى ئوفىستىر ئەسكەرلىرىمىزگە،كوماندىر-جەڭچىلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكمۇ ياكى ئۇلارنى يارىماس دەپ قارىغانلىقمۇ بۇنى بىلمەيمەن.


مۇقۇملىقنى چوقوم قوغداش كىرەك ،ھەممەيلەن ئامانلىقنى ساقلاش،مۇقۇملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە چوقوم ئاكتىپ قاتنىشىشمىز ۋە بويسىنىشىمىز كىرەك،ئەمما بۇ خىزمەتتە مىنىڭچە تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.


ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ‹‹ ۋەتەننى كۈيلەش، قىزىل ناخشا ئوقوش ›› پائالىيتى بىلەن، بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت،قانۇن سىستىمىسى،مائارىپ سىستىمىسى،سەھىيە سىستىمىسى دىگەندەك بارلىق سىستىمىلار بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆز ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ قويوپ تەييارلىق قىلدوق. ئىدارىمىزدىن مەن قاتارلىق 20 نەچچە كىشىمۇ ئىشلىرىمىزنى قويوپ‹‹ ۋەتەننى كۈيلەش، قىزىل ناخشا ئوقوش ››پائالىيتىگە تەييارلىق قىلدوق ۋە ئاخىرىدا ھەر قايسى سىستىمىلار ناخشا ئوقوش مۇسابىقىسىگە قاتناشتوق.


مىنىڭچە بۇنداق قىزىل ناخشا ئوقوش،ۋەتەننى كۈيلەش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى يىزىلىق ۋە ناھىيلىك،شەھەرلىك مەدەنيەت ئۆمىگىدىكى خادىملار خەلىق مەيدانى،مەدەنيەت يۇرتى قاتارلىق ئورونلاردا،ئۇندىن باشقا 100 كۈنلۈك مەيدان پائالىيتى ۋە باشقا ناملار بىلەن بۇنداق پائالىيەتلەر توختىماي ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغاچقا ھەممەيلەننىڭ بۇنداق ئىشلارغا قىستۇرلىۋالماي،ۋەتەننى ئىغىزىمىزدا كۈيلىمەي،ھەممەيلەن ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىپ،ھەممەيلەن ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ئىشلەپ، پارتىيە-ۋە ھۆكىمەتنىڭ ئۇلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز لازىم.


ئۇندىن باشقا ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلاردىن تۆۋەنگە موقۇملىقنى قوغداشقا ئادەم ئاجىرتىلدى.بۇنداق بولغاندا ئۇلار قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەتنى باشقىلار قىلىپ، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقى ئاۋۇپ،نورمال خىزمەتكە تەسىر يىتىدۇ ياكى ئۇلار قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەت توختاپ ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.قىلنىشقا تىگىشلىك ئىش قىلىنماي نارازىلىق شەكىللىنىدۇ.


ھەممەيلەن ئۆز ئىشىمىزنىڭ،ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقساق،ئۆز مەسئۇلىيتىمىزنى ياخشى ئادا قىلساق بەزى چوقوم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قىلىنماي قىلىپ ئامما ئارىسدا نارازىيلىق كەيپىياتى ئاۋۇپ،ئىلگىرى بىر گۇرپا باشلىقى ھەل قىلىدىغان نارازىيلىق ۋە داۋالارنىڭ مەرگەزگىچە كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


مۇقۇملىقنى ساقلاش،ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتى يەرلىكتىكى بەزى ساپاسىز،چىرك ئەمەلدارلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى،دىھقان-چارۋىچى،تىجارەتچى-كاسىپلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىق كىبىرىنى كۆرسىتىدىغان،كۆزىگە سىغمىغان كىشىگە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان،مۇقۇملىق خىزمىتىگە تاقاپ تۇرۇپ ئۇلارنى چىقىۋىلىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.


مىنىڭچە ئامانلىق خىزمىتىگە،ئامانلىق ساقلاش خادىمى يوق ئورونلارغا ئامانلىق خادىملىرى سەپلىنىپ، ھەممەيلەن ئۆز ئىشنىڭ ھۆددىسىن ياخشى چىقىشى كىرەك .نورمال خىزمەت ۋە خىزمەت ئۈنىمى ،نورمال تۇرمۇشنى بۇزۇش مىنىڭچە دەل مۇقۇملىقنى بۇزۇشتۇر.


خەلىقنىڭ كىشىلىك ھوقوقى،دىنىي ئىتقاد ئەركىنلىگى، نورمال خىزمەت ،نورمال تۇرمۇشى دەخلى تەرزگە ئۇچىرتىدىغان،بەزى يەرلىك سىياسەت،قائىدە-تەرتىپلەرگە ئامما ئارىسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتى ئىغىر بولغان ئەھۋالدا،پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىنى سىياسىي تەشۋىقات بىلەن قوغداش ئەكىسچە ئۈنۈم بىرىشى مومكىن.





مەن بۇ يازمىنى يىزىش يازماسلىق توغورلوق كۆپ ئويلاندىم.ئاخىر ئۆز ۋەتىنىمگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت.ۋەتىنىمگە بولغان سۆيگۈ كۈچى،ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ پۇخرالارنىڭ سىياسى مەجبۇرىيەتلىرى دىگەن باپنىڭ مەزمۇنىدىكى ‹‹ پۇخرالار دۆلەت مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھادىسىلەر بىلەن كۆرەش قىلىش لازىم ›› دىگەن مەزمۇنلار بۇ يازمىنى يىزىشقا مىنى مەجبۇر قىلدى.

Unregistered
19-07-12, 06:09
Diyarimizda yillardin biri muqumliq xizmiti jiddi noqtiliq ishlinip kiliwatidu.Bu xizmet dawamliq,kündin kün’ge küchiyip keldi.Bu jeryanida bezi namuwappiq yerlik siyasetlermu ayrim rayonlarda siyaset süpitide ijra qilinp ottorgha chiqti.


Men bu yazmamda diyarimiz shinjangning ayrim rayonlirida yolgha qoyolghan we qoyoliwatqan bezi namowappiq yerlik siyasetler we uning tesiri,diyarimizda yüz biriwatqan muqumsizliq amilliri bilen bolghan munasiwitini bishimdin heqiqiy ötküzgen we öz közüm bilen körgen emeliy pakitlar arqiliq ottorgha qoymaqchimen.


Diyarimizda yüz biriwatqan bezi muqumsizliqlar we buning emeliy ehwali,sewebi,tepsilati mexpiy tutulup ammigha ashkarlanmighachqa,yaki ashkarlansimu munasiwetlik kishilerla bilip bashqilar bilmigechke we yaki teshwiqat wastiliri bundaq ishlarda anche dawrang silip ketmigini üchün bu muqumsizliq ehwalliri toghorloq biz bir nerse diyishke amalsiz,emma namuwappiq siyasetlerning yolgha qoyolishi,ijra qilnshi, kücheytip, derijisidin sel ashurup ijra qilniwatqan,bezi namuwappiq yerlik siyasetlerni muqumsizliq ehwalliri bilen munasiwetsiz dep iytish eqilge uyghun emes.


Dimekchimenki bu natoghra siyasetler dölitimiz junggu, jümlidin diyarimiz shinjangdiki bezi naraziliq we muqumsizliq ehwallirigha hamildar.





Bu yazmamni töwendikidek basquchlar boyiche dawamlashturmaqchimen:


1- yazma bilen munasiwetlik qanun sawatliridin delil we örnek.


2-öyimizning aldidiki miwilik derexzarliqning 15 yilliq sezgüreshtisi.


3-men 5 yil ikki aydin artuq waqit chiqirip ming bir japa-musheqette bijirip tapshuriwalghan kimlik guwanahnamem we 18 aydin buyan 350 kilomitir arliqqa noposumni yötkep bolalmay tartqan jewri japalirim.5-yildin artuq waqit kimliksiz yürüp sirtta mhimanxanighimu chüshelmey sirtlarda tonglighanlirim, her qedemde bir uchrawatqan bihude tekshürüshlerde kimlikimsiz tengsiz,yolsiz mu’amililerge uchrashlirim we bu jeryanda yoloqqan zulumlirim.


4-emdila üch ayliq bolghan qiz bowaqning ahu zari we uning ata-anisining bishigha kelgen zulmetler.


5-muqumliqqa taqashqan yaghliq bilen saqal


6-ashurwitilgen,natoghra yerlik siyaset


7-rayonimizda yillardin buyan ilip biriliwatqan muqumluqni qoghdash we amanliq saqlash xizmet


Munasiwetlik qanun sawatliridin delil we örnek.


(toloq ottora mektep 1-yilliq iddiye-siyasi 2-qisim)


Döletning xaraktiri hökümranliq oronda turiwatqan sinipning xaraktiri terpidin belgilinidu.Döletning xaraktirige asasen quldarliq tüzümdiki dölet,fi’odalliq tüzümdiki dölet,kapitalistik dölet we sotsiyalistik dölet qatarliq tipliri meydan’gha keldi.


Dölitimiz xeliq dimokratiysi diktaturisining eng chong alahidiligi shuki,u ikispilatatsiye qilghuchi siniplar igiligen dölet hakimiytige oxshimighan halda pütün memliket ahalisining mutleq köp qismini igiligen xeliq dimokratiysidin behriman bolidu.Sotsiyalizim ishlirigha düshmenlik bilen qaraydighan we buzghunchiliq qilidighan intayin az sandiki düshmenlerge diktatura yürgüzidu.Shunga xeliq dimokratiysi diktatursining mahiyti xeliq öz ishigha özi xoja boloshtin ibaret.Dölitimizde xeliq dimokratiysi keng da’irlik we heqiyqiliqqa ige.(6-bet )


Dölitimizde hazirghiche puxralarning asasi hoqoqigha munasiwetlik mingdin köprek qanun ,qa’ide –nizamlar tüzülüp, asasi qanunda belgilen’gen puxralarning asasi hoqoqining emelge ishishini konkirt qanuni asasqa ige qildi.


Dölitimizning asasiy qanunida :‹‹ dölet insaniy hoqoqni hörmetleydu we kapalitke ige qilidu ›› dep belgilen’gen.Insaniy hoqoqni hörmetlesh we kapaletke ige qilish,xeliqning qanun boyiche keng hoqoq we erkinliktin behriman bolishini kapaletlendürüsh sotsiyalistik dimokratik siyasiyni tereqqi qildurushning ichki telipi.Dölitimizde insaniy hoqoqni hörmetlesh we kapaletke ige qilish jehette qolgha keltürülgen netijiler xeliq dimokratiysining heqiqiyliqini toloq ekis ettürdi.Xeliqning yashash hoqoqi,tereqqi qilish hoqoqi kapaletlendürüldi.Puxralarning siyasiy,iqtisadi we medeniyet hoqoqi kapaletlendürüldi.Az sanliq milletlerning hoqoqi kapaletlendürüldi.(7-bet)


Dölitimizning asasiy qanunida:‹‹ jongxua xeliq jumhuriytining puxraliri söz,metbu’at,yighilish ötküzüsh,teshkilatlargha uyushush,namayish qilish,küch körsitish erkinlikige ige ››dep belgilen’gen.Dölitimiz munasip qanunlarni belgilep,her xil shara’itlarni yaritip,puxralarning siyasiy erkinliktin heqiqiy türde behriman bolishi we uni yürgüzüshni kapaletlendüridu.(11-bet )


Dölitimizning asasiy qanunida puxralarning keng siyasi hoqoq we erkinliktin behriman boloshi bilen bir waqitta,puxralarning siyasiy mejburiyetni ada qilishi,yeni puxralarning dölet,jemiyet aldida üstige ilishqa tigishlik mes’uliytimu belgilen’gen.Puxralarning siyasi mejburiyetliri digen qisimning 10-de puxralar dölet menpetige ziyan yetküzidighan barliq hadisiler bilen köresh qilish lazim .(12-bet)


Puxralar gerche milliti,irqi,jinsi,kespi,a’ile kilip chiqishi,diniy itqadi,bilim derijisi,mal-mülük ehwali we oltoraqlishish waqti qatarliq tereplerde perqlensimu,emma hoqoqtin behriman bolosh we mejburiyetni ada qilish tereplerde babbaraber bolidu.Her qandaq puxraning qanunluq hoqoqi qoghdilidu.(13-bet)


Dimokratik tedbir belgilesh-puxralar tedbirning mezmunini bilishke hoqoqloq.Puxralarni hoqoq belgileshke qatnashturghanda puxralarning arzusini ekis ettürüp,puxralarning eqil-parasitini merkezleshtürgili,ilmiy tedbir shekillendürüshke yardimi bolidu.(26-bet)


Dimokratik nazaret qilish-her qandaq dölet organliri we dölet xadimlirigha tenqid qilish we teklip birishke hoqoqliqmiz;Dölet organliri yaki dölet xizmetchi xadimlirining qanun’gha qanun’gha xilapliq qilish özining mes’uliytini ada qilmasliq qilmishlirini bayqighinimizda munasiwetlik dölet organlirigha shikayet qilish yaki pash qilishqa hoqoqloq.Puxralarning nazaret qilish hoqoqini ishlitip, dimokratik nazaretni yolgha qoyoshida köp xil qanunluq yollar bar .(39-bet)


Biz qanun boyiche axbarat wastilirida pikir bayan qilsaq bolidu,bu jama’et pikiri arqiliq nazaret qilish tüzümi boyiche nazaret qilish hoqoqini yürgüzüp,dimokratik nazaret qilishqa qatnishishtur.Dölitimizde hazir bar bolghan axbarat wastiliri tiliwiziye,radiyo,gizit-zhurnal,tor qatarliqlarni öz ichige alidu.(40-bet)


Öyimizning aldidiki miwilik derexzarliqning 15 yilliq sezgüreshtisi.


Men mektep yishigha yetkinimde oqotqochilirimiz we etraptiki barliq ishchi xizmetchiler ‹‹3 ke wekillik qilish ›› mohim iddiysini jan dili bilen ügünüp kiche kündüz qayta-qayta tesrat yizip, his qilmighanni mejburi his qilip,axiri his qilalmighanda xet yizish mashinisigha oxshash xatire toshqozosh alwini bilen aware boliwatqanliqini kördüm.Ulargha ne kiche ne kündüz yoq. Ne dem ilish ne tetil.Chünki bizning a’ilidimu 5 neper ma’aripchi bar idi.Dadammu bir ma’aripchi men buni iniq kördüm.


Bu ‹‹ 3 ke wekillik qilish›› üginishi nechche yil dawamliship axirlashqandin kiyin ikki asasen xizmiti chiqip hemmisining tiximu julliqini chiqiriwetti...


Memuri oronlarmu öz xizmiti bilen bek aldirash ötti.Ek addiysi öyimizning aldidiki 100 mogha yiqin yer deslep ormanliq arlash itizliq idi.Men bashlan’ghuch mektepte oqowatqan waqtimda tirilghu yerni köpeytish siyasiti chiqip itizliqtiki ormanlarla emes etrapimizdiki ahalilerning baghliridiki miwilik we miwisiz del- derexlerge qeder kisildi,


Bizning derexlirimizdinmu kisildi.Qoshnimizning derixini kesmekchi bolghanda qoshnimizning a’ilisidiker chiqip qarshiliq körsetti,likin ularning qarshiliqliri,intayin ighir set gepler bilen tilishishlar,yizimiz we kenit komititidin teshkillep ewetilgen,bir top derexlerning jallatliri qolidiki paltini tosop qalalmidi.Shu chaghda shu bir top derexlerning jallatlirigha wekil bolghuchi,shu jeryanida qoshnimiz bilen suqushqan kishiler hili hem hayat,hazirghiche bir kenitte yashawatimiz. Ularning isimliri we shu körünishler hiliqidek isimde.


Her xil miwilik we miwisiz derexliri kisip tashlan’ghan bichare qiri-boway momaylar amalsiz yene tirikchilik üchün kingeytilgen yerlerge chiqip tirikchilik qilishqa bashlidi.


Bir nechche yil öte ötmey bughday bilen qonaqni arlashturup tiriydighan, yene bir nechche yil ötüp purchaq bilen zira’etni arlashturup tiriiydighan yingi usullar tetqiq qilinip yolgha qoyolulup siyaset süpitide ijra qilindi,bichare dihqanlar bu siyasetke bezisi soqoshop,bezisi ghodurup bezisi ün-tinsiz, amalsiz boysundi.Dihqanlirimizning mol hosuli we kirimi emelyette ashtimu ashmidimu bu manga namelum, emma yerlik hökimitimizning deptiride dawamliq tüz siziq boyiche ashti.Shu her qitimliq yingi siyasetni tetqiq qilip keship qilghuchi we yügüzgüchi rehberlerning hoqoqimu dawamliq ösken bolishi momkin.


Alahezel 10 yilche waqit ötkendin kiyin zira’etlerning arisigha yangaq we ürüklerni tap qilip tikip,ularning arisigha zira’et tirish usuli yolgha qoyoldi. Yerning yinigha bir taxtay xenzuche,uyghurche isildi.Uningda bu xil usullar bilen dihqanlarning kirimi nechche hesse qatlinip ashqanliqi sitastikiliq qilip yizilidi. Bu usullar bir nechche yil dawamliship u yerler axiri miwilik ormanzarliqqa aylandi.Yene bir nechche yildin kiyin yene qandaq yingiche usullar keship qilnip yolgha qoyolidikin tang buni bilgili bolmaydu.Bu öyimizning aldidiki shu yerler ötken 15 yilche etrapidiki waqitta mining közümge körsitip turup ötközgen kechürmishler.


Eyni waqittki orman kisishni,öyimizning aldidiki 15 yil etrapidiki tirilghu kechmishini her qandaq qilipmu yoqatqili bolmaydu .Bu bir heqiqet.





Men 5 yil ikki aydin artuq waqitta ming bir japa musheqette bijirip tapshuriwalghan kimlik guwanahnamem we 18 aydin buyan 350 kilomitir arliqqa noposumni yötkep bolalmay tartqan jewri japalirim.





Men 2007-yili yil bishida j x idarisige birip ikkinji ewalat kinishkisi bijirish üchün munasiwetlik resmiyetlerni ötidim.Üch ay etrapida kimlikimning chiqidighanliqini digen bolghachqa 3 ay bolghanda kimlikimni süylep bardim,resim ötmeptu munasiwetlik resmiyetlerni ötep qayta bijirishimni didi.Shuning bilen nechche ay ötti.


Kiyinki qitim barghinimda simimning ötmigenlikini yene qayta yollaydighanliqini didi.Bu arliqta men we a’ilemdiker pat-pat süylep ularning qopal we sörün teleti bilen uchirship turduq.Bir yirim yil waqittin köprek waqit ötti.Kimlik yene chiqmidi.Shu waqitta ismning 1-ewlat kimlikimdiki ismimgha oxshimay bijirilgenlikini bayqidim.Bundaq bolghinida mining aliy mektep diplum,arxip we bashqa guwahnamilirimdiki,hetta banka karta arxipidiki ismim bilen oxshash bolmay dadam we etrapimdiki bashqa ademlerge oxshash,munasiwetlik oronlardin mining ismim ilgiri andaq idi,emdi mundaq digendek ispatlarni teslikte ilip özümning ilgirki men ikenlikimni ispatlishim zörür bolatti.


Bundaq ispatlashqa bir ikki oron we bir nechche qitim bilenla cheklenmestin qedemde bir duchar bolattim.Shunga buni eslige keltürüshke bolidighan bolmaydighanliqini didim.Saqchi yoldash bolidighanliqini likin nahiylik j x idarisige birip bijirdighanliqimni didi.Özümning eslidiki özüm ikenliki toghurloq ishlar pütkendin kiyin qayta kimlik resmiyetlirini bijirdim.Epsus ilgirkige oxshashla her xil sewepler bilen kimlikim peqet chiqmidi.Chiqqini bolsa mushu ish bilen qedemde bir munasiwelik oronlargha tola qatrap a’ilemdikiler mining putlirimgha chiqqan suluq qapartma...


Ötken yili yeni 2011-yilning ottorlirida kimlikimning chiqqanliqini uqtum.Shundaq xushal bolop yoqap ketken özümni qaytidin tipiwalghandek boldum.Likin kimlikim tixi qolomgha tegmigen idi.Saqlidim süylidim,yene saqlidim yene süylidim.Shundaq qilip ötken yilning axirigha kelgende kimlikimning chiqqanliqini, likin tapalmighanliqini,yoqap ketkenlikini didi.Ershtin mollaq atqandek boldum.Erwayim yette gez uchti,emma nime qilalaymen...


Bu nechche yil jeryanida j x oronlirigha kimlik bijirish üchün barsam hili munasiwetlik adem yoq.Hili tok yoq,hili kompiyotirning sistimisi buzuq,hili keypiyati buzuq, hili waqti yoq,hili yene bir nime gep,ishqilip tartqan talay japalar bikar ketti.Olmipikning aldi-keyni, eng ighir tekshürüshler boliwatqan 5-iyol weqesidin kiyinki waqitlardiki qedemde bir yoliqiwatqan tekshürüshlerde mining nime künlerni körginimni siz perezmu qilalmaysiz.Qedemde bir uchrawatqan kimlik tekshürüsh,hetta idare organlargha kirish üchünmu kimlik lazim. Sirtlargha chiqqinimda yataqqimu chüshelmey bichare diwanilerdek sirtlarda soqoqta muzlap ötközgen künlirim,yollardiki teshürüshlerde,tengsiz,yolsiz mu’amililerge uchrashlirim.Hökümet oronliridimu waqitliq kimlik we bashqa ispatlar ötmey ish bijirelmigenliklirim. Talay qitim bijirgen waqitliq kimlikning qedemde bir waqti toshop turghan,yene bijirgen.Uh...Men nurghun qitim peqet chidimidim emma chidimisammu yene amalim yoq idi.


Men xizmet munasiwiti bilen sirtta bolghachqa ötken yili, yeni 2011-yili 1-ayning 19-küni noposumni yötkimekchi boldum.Hem yillar kimlik bijirip,bijirip bolalmighachqa noposumni öz ornomgha yötkeshni qarar qildim we özüm turushluq orondiki munasiwetlik j j idarisige birip iltimas sundum.Aldi bilen kadirlar idarisige birip, mining kadirliq arxpimgha munasiwetlik ishqilip ismini untup qaptimen bir nersini ilip kilishimni didi.Men shu küni uni ekeldim.Andin özüm ishlewatqan ornumning bir parche tonoshturush we ispat xiti lazim boldi.Bunimu tipip keldim.Andin manga töt bettek jediwel qeghizi berdi.


Likin kiyinki ishlar undaq asan bolmidi.Aldi bilen özüm turushluq ornumgha mes’ul rayon saqchisining qol qoyishi kirekken.Men u rayon saqchisining kim ikenlikinimu bilelmey hepte ötüp ketti.Uning kim ikenlikimni bilginimde uni tapalmay yene hepte ötti.Uning imzasi qoyolop bolghandin kiyin, özüm turushluq oronning rehbirining noposumni mezkur oron’gha ornitishimgha maqulliqi,imzasi we tamghisi lazim boldi.Bu rehberni her küni etigini saqlaymen.Bir küni melum yizigha tekshürüshke ketken, bir küni yighin’gha ketken,bir küni kamandurupkigha ketken digendek ishlar u kishini peqet uchurtup bolalmay waqitlar ötti.


Bashqilardin u rehber bilen qandaq waqitta körisheleydighinimni dep birishni soridim,hemmisi biz buni bilmeymiz,u digen rehber ,qachan nege birip nede turishini biz bilmeymiz dep jawap birishti.Künler ötüp bu mubarek shexis bir küni etigen idariside nechche kishi bilen birlikte saqlap turghinimizda mashina bilen keldi.Hemmeylen ashu kishi shu dep körsitip qoyoshti we hemmeylen uning aldigha qandaqtur bir qeghezlerni kötürüp dewrep mingishti.U kishi ishxanigha kirip didi.Biz u kishining ishxanisining aldida öchret bilen saqlap,ret bilen kirip ishlirimizni püttürduq.Bu ishlarni püttürüp bolghiche, öz xizmet ornomda tola sorighan sa’etlik ruxset bilen nechche qitim rehbirimdin tenqidmu anglidim.Axirida yene saqchixana bashliqining ruxsiti kem qalghachqa bezide ruxset bilen, bezide oghorloqche qichip digendek bu ishlarni püttürüp, ötken yili 7-ayda noposumni köchürüp kilish ruxset xitini tapshurup aldim, esli noposum turushluq oronning ilgiri jinayet ötküzgen we ötközmigenlikim .Diniy pa’aliyetlerge qatnashqan qatnashmighanliqim toghrisidiki ispati bilen nopos ispatimni ilip kilishimni iytti.Men ming teste öz ornumdin ruxset ilip yurtqa yol aldim.


Saqchixanida tok yoq digechke munasiwetlik ispatlarni ilip anamgha birip nopos ispatini ilip manga pochtidin ewetip birishni didim.Anam we öydikilermu künde digüdek birip hili tok yoq,hili tor yoq, hili munasiwetlik adem yoq digendek ishlar bilen axir ming bir japada u nersilerni manga ewetip berdi.


Men turushluq ornomdiki j x ornigha birip bu nersilerni tapshurdum we 40 künlük möhlet ichidiki noposumni yötkesh xitige irishtim.40 kün ichide noposumning kötigini ilip kishimni iytti.Yurtta hili tok yoq,hili tor yoq bolop nopusumning kötigini ilip bolalmay 40 kön möhletmu toshop ötüp ketti.Kiyin ular waqti ötüp kitiptu dep bijirip birishke qosholmidi.


Men bu yil 3-ayda özüm turushluq oron’gha ilgirki resmiyetlerni ilip birip yalwurup digendek 20 kün uzartip tamgha bisip berdi.Buni yurtqa ewetip berdim.Yurttin noposumni chiqirwitip noposumning kötigini chiqirip biriptu.Buni tapshurup ilip yene özüm turushluq orondiki j x idarisige bardim.Likin ular qaqshap ketti.Chünki ular özi saqlap qilishqa tigishlikni ewetip,ewetishke tigishlikni özi ilip qalghanliqini,buni derhal almashturup kilishimni didi.


Men esli yurtumdiki j x orondiki munasiwetlik kishiler bilen alaqilashtim.Ular apla rasla xata bolop qaptu,biz almashturup bireyli didi.Men uni pochtidin tiz yollanma qilip ewetip berdim.Likin 2 kün ötüp mes’ul xenzu yoldash bir ayliq ruxset bilen sirtqa chiqip kitiptu.Shuning bilen ya yurtumda nopusum yoq,yaki bu yerde yoq qara nopos bolop qaldim.


Bu yil 5-ayning ottorsida, bu yil 2-ayda yurtumda qayta bijirgen kimlikimning chiqqanliqini nahiylik j x idarisidiki nopos bölüm saqchisi tilifunda manga uqturdi.Men shu waqitning özide ishlirimni tashlap yurtqa mangdim.Shu küni chüshtin kiyin sa’et 3 ler etrapida men tapshurup ilishqa yillardin buyan intizar bolghan,özümning kimlikini tapshurup ilip,özüm mewjut emma kimliksiz künlirimge xatime birildi.


Men kimlikimni ilip nopos ishnimni yene qayta inkas qildim.U qoligha tilifunni ilip mining noposum turushluq orondiki saqchixanining bashliqi bilen alaqilashti we mining ehwalimni bir qatar chüshendürgendin kiyin bijirip birishini iytti.Men derhal shu saqchixanighachaptim we saqchixana bashliqi bilen körüshtüm.Epsus bu ishqa mes’ul xenzu yoldash ketken yiridin tixi kilip bolalmighachqa,saqchixana bashliqi bu shiqa arlishalmaydighanliqini,u yoldashning nechche kündin kiyin qaytip kilidighanliqini,shu chaghda qayta kilip bijirishimni iytti.Shuning bilen men rohsiz qedemlirimni sörep saqchixanidin qaytip chiqtim.Bu ishqa qayta qedem ilishqa könglüm ichishti.Shuning bilen qara nopos bolop yüriwatimen.





Üch ayliq qiz bowaqning ahu zari we uning ata-anisining bishigha kelgen qismetler


Men bu yil 4-ayda,xizmet ornumda ishlewatqinimda bireylen bek qaqshap datlap bashqilargha sözlepla ketti.Sözlirige qulaq saldim.Uning bir newre inisining ayaliy myip bolop sözliyelmeydiken.Ularning 3 balisi bolop chongi bu yil toloqsizni püttürüdiken.Saq bijirim iken.Uning newre inisining a’ile iqtisadi digendek yaxshi bolmighachqa sirtqa nechche ay ishligili chiqip kitiptu.Shu arliqla nechche ay ötüp mezkurning miyip ayalning qorsiqi yoghinap etraptiki kenit kadirliri bayqap mezkurni chaqirtip kilip mezkurni chaqirtip keptu.


Kenit mes’uli ,gurpa bashlighi we pilanliq tughutqa mes’ul kadir mezkur,ayali we mezkurning anisini yiziliq pilanliq tughut komititigha ilip mingish yolda,bazar ichige kelgende, gurpa bashliqining motosi bashqa bir moto bilen soqolop kitip bu mutoning keynige min’gen mezkurning yashan’ghan anisining puti we qoli sunup ighir yarliniptu.Qarshi terep doxtorxanida dawalinish jeryanidiki bezi chiqimlarni töligendin bashqa bu hadise bir terep qilinmaptu.


Mezkurning ayalini doxtorxanigha kenit kadirliri bilen ilip barghanda qorsiqi yoghinap balini aldurwitish möhlitidin ötüp kitiptu.Kenit kadirliri aldurwitishni deptu.Doxtorlar alghili bolmaydighanliqini deptu.Likin aqiwette norghun sewepler bilen xet yizishni bilmeydighan mezkurning imzasi mejburi qoyolop opratsiye qilinip bala aldurwitiliptu.Likin bala tirik bolop balining quyruq terpi quyruq gösh bilen chiqiptu.


Kenit kadirliri balini meschitning derwazisi aldigha tashliwitishni deptu.Likin mezkurning bundaq qilishqa köngli unimay balini öyige ilip keptu.Kenit bashliqi balini nimishqa meschitning derwazisi aldigha tashliwetmey ,öyge ekilisen dep mezkurni urghanmish...


Kiyin kenit kadirliri we munasiwetlik xadimlar mezkurning miyip ayalini jiger kiselken balini imitse bolmaydu digenmish, shuning bilen bu bowaq hazirghiche sün’i yimeklik bilen ya ölelmey ya tirilelmey jan taliship nepes iliwitiptu.


Men bu ishlar ösek söz,pitne-ighwa bolop ,bashqilar partiye- hökimetning nam abruyigha tesir yetküziwatqan bolmisun dep, rasit yalghanliqini bilip biqish üchün ularning adirsini yiziwaldim .Xili künler ötüp üch chaqiliq motodin birni kira qilip,mezkurni sürüshtürüp öyige bardim.Derwazisimu,hoylismu yoq eski ikki ighizliq öyning mezkurning öyi ikenlikini bilginimde haligha yarisha ish qilmay,qanun tüzümge xilapliq qilip,özining jinini baqalmighan nimisige, yene perzentlik bolop nime qilidu didim ichimde.


Balini kördüm,ishning jeryanini anglidim.Hemmisi rasitken...


Yürigim ichishti,emma nime diyishimni nime qilishimni bilelmidim.Mezkurning qet’i perzenitlik bolosh niytining yoqliqi emma sirtqa ishligili chiqip ketken waqitta ayalining qorsiqi yoghinap ,ayali gep qilalmighachqa bu ishni bashqilar uqmay waqit uzirap kitip aqwet bu baligha amal bolmighanliqi,doxtorlarning waqti ötüp kitiptu aldurwitishke bolmaydu diyishlirige pisenit qilmay,xet yizishni bilmeydighan mezkurni mejburi qol qoyghuzup, axir bu bala tirik, kemtük chiqqanliqi,kenit komitit rehberlirining öyge ekelmeysen diginige unimay öyge ekilip tayaq yigenliki,esli özining üch ighizliq yaxshi öyining bar ikenliki,yizining yuqirdin rehber kelse körsitish üchün noqtiliq zira’et tirilidighan yirige toghra kilip qilip chiqiwitilip, bu yerge ikki ighizliq öy silip ekilip qoyolghanliqi,bu kichik ikki ighiz eski öyning birige nerse kireklirini qoyop ichidiki öyde jemiy alte janning yashawatqinini kördüm.


Bu yuqarqi sewebler bilen mezkurning töwen turmush kapalet pulining toxtitilghanliqi hemde öyisidiki rengsiz tiliwizorning ilip kitilgenlikini anglidim.


Mdzkurning sözlirini ün’alghugha we resimge aldim.Bille kelgen kirakesh qatarliq yene ikkeylenning shundaqla mezkurning chong qizining pütün jeryanning rasitliqi toghorluq guwaliq xitini,ularning adirsini ,kimlik nomorlirighiche ilip qaytip keldim.





Bowaqning resimi





Momayning yarlan’ghan puti





Momayning yarlan’ghan qoli





Mezkurning öyi




















Muqumliqqa taqashqan yaghliq bilen saqal


Diyarimizning qismen rayonlirida benggining tamakisi,haraqkeshning botolkisi,kichilik ishretxana,qimarxanilar bilen anche toqonoshup qalmighan bezi yerlik siyasetlirimizning, ayallarning kiygen yopkisi, bishigha artqan yaghliqi, erlerning saqal-buriti,bishigha kiygen doppisi bilen chiqishalmighini tolimu epsusluq ish.


Ayallarning kiygen yopkisi, bishigha artqan yaghliqi, erlerning saqili,bishigha kiygen doppisini muqumsizliq bilen baghliwilish eqilge uyghun emes.Chünki toy-tükün,nezr-chiraq,murasim we ijtima’i turmushta, milliy örüp aditimizde kishiler doppa,ayallar yopka kiyidu.


Oqotqochi-ishchi xizmetchilerning,partiye ezalirining saqal qoyishi emes burut qoyishimu cheklinetti. Idare-organ ,xizmet oronlirida ayallarning yaghliq atishi,erlerning saqal, burut qoyishi qattiq cheklen’gen buninggha uzun bolghan.Bu siyaset emdi yoghinap ishchi- xizmetchilerning xizmet oronlirida emes xizmettin chüshken waqitlardimu,sirtlardimu yaghliq artishi,doppa kiyishi chekliniptu.Mexsus adem oronlashturulup bayqalghuchilargha chare qolliniwitiliptu.


Dölitimizde ilmiy tereqqiyat qarishidin ibaret sitiratigiylik siyaset yolgha qoyolop ijra qilniwatqili yillar boldi,hem diyarimizda bu siyaset toghorloq nurghun xizmetler ishlendi,nurghun yighinlar ichildi.


Ilmiy tereqqiyat qarshining yadrosi ademni asas qilish idi,likin bundaq siyasetlerni yolgha qoyghuchi rehberler,ijra qilghuchi xizmetchi xadimlar qandaq ademlerni asas qiliwatqandu ?Ularning hemmisi bu toghorloq kün-künlep yighin ichip üginiwatqili yillar bolghan idi.Ilmiy tereqqiyat qarishini üginishke yuqiridin töwen’giche,rehberlerdin –kadir ishchi xizmetchilergiche ,hetta dihqanlarghiche qatnashti we ügendi .Nurghun xizmetler ishlendi.Shunche üginish,shunche köp yighin, shunchilik japalar bilen ishlen’gen xizmetning netijisi we siyasetning omomlishish ehwali mushundaq netijilinemdu ?Merkezning omomyüzlük,sitratigiylik siyasiti bolghan we omomyüzlük yolgha qoyolop ijra qilin’ghan,ilmiy tereqqiyat qarishining yadrosi ademni asas qilish bolghan iken uning iddiysi,bishigha kiygen doppisi,artqan yaghliqi,jini,tini qatarliqlarni asas qilish digenlik bolamdu yaki qandaq bolidu? Eger men bu siyasitimizning mezmunini xata chüshiniwalghan bolsam manga chüshendürüp qoyishingilarni soraymen.


Benggining tamakisi,haraqkeshning botolkisi bilen kari yoq bezi yerlik siyasetlirimizning qedemde bir ayallarning artqan yaghliqigha,kiygen yopkisigha silishi,saqalliqning saqiligha yamishiwilishi tolimu qizziq.Her bir amanliq saqlighuchigha yaghliq artqan büwim ,saqal qoyghuchi tirorchi körinemdikin tang.Derqemde bir bularning noxta nishan bolishi ademni oylanduridighan mesile,likin bular siyaset teriqqiside oronlashturulup ijra qilinsa ammining naraziliqi we himayisi bolmisimu boysunmay nime amal.





Ashurwitilgen,natoghra yerlik siyaset





Hemmeylen’ge ayan bolghinidek partiye ezalirining din’gha itqad qilishigha,ishinishige bolmaydu.Undin bashqa diyarimizda oqotqochi,ishchi-xizmetchi, ularning a’ile tawabatliri we qoramigha yetmigenler, oqoghuchilarning din’gha itqad qilishi, her qandaq diniy telim terbiye ilip birish,diniy suron we we diniy oqotosh soronlirigha ilip birish qattiq men’iy qilnidu.


Balilarning tughulup taki chongop oqosh püttürgen’ge qeder diniy telim-terbiye ilishigha bolmaydu.Mubada u ishchi yaki xizmetchi bolop qalsa uning ömride diniy sawat ilishi,diniy pa’aliyet soronlirigha birishi yaki shundaq pa’aliyet bilen shughullinishi menggülük men’i qilnidu.


Biz qanunimiz we siyasetke choqom boysunishimiz kirek,emdi yuqarqi da’irige kirmigenler yeni tijaretchi,hönerwen- kasiplar ,dihqanlar bilen bezi mes’uliyetnamilerning imzalinishi ademni oygha salidu.


Ötken qitim bir dostumning dukinigha kirginimde tamgha chaplaqliq ‹‹muqumluqni saqlash toghrisidiki mes’uliyetname ››we ‹‹xususiy karxanilar,yekke soda sana’etchiler arisida omolashturup tüzesh,dinni bashqurush,muqumliqni qoghdash,pilanliq tughut,bixeter ishlepchiqirishni kücheytish mes’uliyetnamisi ››digendek mes’uliyetnamilerning tijaretchi,hönerwen- kasiplar hetta a’ililerge qeder imzalishni,bu mes’uliyetnamilerning mezmunidiki bezi mezmunlar üstide oylinishimiz artuqche emes.


Bu mes’uliyetnamilerning mezmunida tijaretchi,hönerwenler we ular yallighan kasiplarning öz tijaret dukanliri yaki ammiwi soronlarda namaz oqoshi qet’i men’i qilnidu,shundaqla bu oronlarda diniy tüs alghan kitab yaki ün-sin boyomlirini qoyoshqa bolmaydu.Dihqan a’ililer bilenmu yuqarqidek mezmundiki mes’uliyetnamiler imzalan’ghan.


Meschitte we a’ilide namaz oqoghandin bashqa barliq diniy pa’aliyetlerni qanunsiz diniy pa’aliyet dep qarash,meschitte qur’an we diniy kitaplarni oqosimu munasiwetlik kishilerge chare körüsh miningche ashurwitilgen siyaset.Bundaqta puxralarning qanunda belgilen’gen kishilik hoqoqi we diniy itqad erkinliki zor derijide dexli terzge uchraydu.


Yuqarqidek mezmundiki mes’uliyetnamiler imzalansa dölitimizde qandaq kishiler, qaysi oronlarda qandaq diniy pa’aliyet bilen shughullansa qanunluq bolidu ?Miningche munasiwetlik oronlar bu jehettiki qanun –qa’ide siyasetlerni bir aydinglashturup berse digen ümitte men.


Undin bashqa bu qitim qatnash hadisiside yarlan’ghan taghamni yoqlap yurtqa bardim.U kenit komititida amanliq xizmitige oronlashturulghan yene bir taghamning jiddi ishi bolghachqa uning ornida amanliq saqlash xizmiti qiliwitiptu.Men kenit komititigha uni yoqlap bardim.Del shu chaghda yiziliq hökimettin amanliq saqlash tekshürüsh xadimliri kilip ketti. Derwaza yinida bir xenzu yoldash bir top chüche bisilghan qumilarning yinida turatti.Shu chaghda sirtta bir dihqanning öley dep qalghan chüchilerni qaqshap harwigha bisiwatqanliqini kördüm.


Andin shu kenitning gurpa aka bizgimu amal yoq, bu chüchilerni bazarda ikki üch somghimu almaydu emma bu yuqirning buyrighi bizgimu ijra qilishtin bashqa chare yoq dep chüshendürüshke bashlidi. Men shu arida her bir noposqa 5 tin on’ghiche,bir a’ilige 20 din 30 ghiche chüchining mejburi 7.5 yüendin sitilghanliqini,bu chüchilerning melum bir xenzu yoldashning ikenlikini, ötken yilimu mushundaq siyasetning ijra qilin’ghanliqini bildim.Men yolda qaytquche bichare qiri boway –momaylar charisiz bu injimaruq mangqa chüchilerni qaqshap zerde bilen ilip kitishiwatqanliqini kördüm. Bu chüchilerni uruq tuqqanlirimning öyidimu kördüm,ular achchiqida bu chüchilerge dan bermey ach öltürüp qoyidighandekla qilatti.


Men turiwatqan rayonda bezi dihqanlarning öyi mejburi chiqilip,yiziliq partikomdin qish-kisek,simonit digendek matiriyallar birilip bashqa chiqimlarni shu shexis özi chiqirip öyni qayta qurush we yingilash boldi.Öy chiqish tiz bolghan bilen ulargha birildighan qish we matiriyallarning yetküzülishi asta bolosh,bezi kishilerning bu matiriyallar teminlen’gen bilen uni ishlitip öy silishqa iqtisadi,madari yetmey chiqiwitilgen tamgha yaltiraq( suliyaw) tartip qehritan qishni chiqarghini,hazirghiche timigha suliyaw tartilghan öyde oltoriwatqini emeliy achchiq bir emeliyet.Likin rayonimizda oltoraqlishiwatqan xenzu qirindashlirimizning amanliqini közde tutup ularning aldi ishiki emes arqa ishikinimu tümür ishiktin qilip birilgen bundaq ehwallar,bir rayonda,bir waqittila ilip birilsa qandaq tesir bolar ?


Yuqarqidek sisayet derijisde ijra qilniwatqan bundaq shlar milletler ittipaqliqini kücheytish xizmitige xenjer urghanliqtek tesir biremdu qandaq ?Yene kilip bu ishlarning siyaset dirijiside ijra qilnishi ademni oylanduridu.

Her rayonning özining emeliy ehwaligha qarita we munasiwetlik mes’uliyetnamilerning imzalinishi. Munasiwetlik siyasi tedbir we qararlarni tüzüp ijra qilishi yolloq emma bu qanundiki munasiwetlik maddilargha uyghun bolsa tiximu toghra bolidu.





Rayonimizda yillardin buyan ilip biriliwatqan muqumluqni qoghdash we amanliq saqlash xizmet





Wetinimiz jungguni tereqqi qildurush,we buninggha küch qushush her bir junggu puxrasining mejburiyti we mes’uliytidur.Tereqqiyatning asasi muqumliqtur.Muqimliq bolmaydiken tereqqiyattin söz ichish tes.Muqumluq bolmaydiken xatirjemlik we bay-bayashat,xushal turmushtin, kishilerning hayati bixeterlikidin söz ichish tiximu momkin emes.


Undaqta wetinimiz jungguning altidin bir qismini igelleydighan diyarimiz shinjang muqummu ?Biz muqum emes disek her halda muqum.Muqum deyli disek yillardin biri kündin-kün’ge tiximu küchiyiwatqan ,qiridin yashqiche,amanliq saqlash saqchiliridin –komandir jengchilergiche,ishchi xizmetchilerdin-tijaretchi,soda-sitiqchi,hönerwen-kasiplarghiche ,dihqan charwichilargha qeder qatnishiwatqan muqumluq xizmiti nimini chüshendüridu?Exlet tashlanmighan bir oron’gha bu oron’gha exlet tashlimang digen taxtay isilamdu?Bireri ishek baghlimighan momigha bu momigha ishek baghlimang dep yizilamdu ?


Hemmeylen’ge ayan bolghinidek 2008-yili olmipik ötküzüshning aldi-keynide amanliq xizmiti kücheydi,2009-yilidiki 5-iyol weqesidin kiyin amanliq tiximu kücheydi.Undin kiyinki bir qanche yilda qandaq boldi ?Amanliq xizmiti yildin-yilgha,kündin-kün’ge tiximu,tiximu kücheydi.Dimek küchiyiwatqan bu muqumliq xizmitidin muqumsizliq amillirining tügimestin yenila mewjut disek xata bolmas.


Toghra,amanliqni saqlash intayin zörür we texirsiz we müshkül wezipe.Amanliq saqlash,muqumliqni qoghdash her birimizning mes’uliyti.Buninggha hemmeylen choqom aktip qatnishimiz kirek.Likin eng mohim mesile muqumliqni qandaq qoghdaymiz?Amanliqni qandaq saqlaymiz?Dihqanlar hazirqidek mol-hosol yighin waqti we tirilghuning intayin mohim mezgilide öz ishilirini tashlap, kenit komittini we her bir töt kocha doqmushta özining tirilghu, yighin ishlirini tashlap ,yilda bir bolidighan miwilirini baghlarda sisitip amanliq saqlamdu ?Erlerla emes ayallarmu qandaqtur bir tirorchilardiin ensirep,qandaqtur bir tasaddiybiliqtin wehime yep, kenit komititi derwazisi , her bir töt kocha doqmushni nechche kishi qoghdap,serengge qipidek kichikkine bir binaning derwasini shu oronda kündüzi xizmet qilip,kichiche nechche kishi uxlimay amanliq qoghdash bilen ötkizemdu?


Bunidaq muqumluq saqlash amanliq xizmitining ünimi we amma arisidiki tesiri qandaq bolar ?Bir a’ililik dihqanning tirilghu,yighin,özining tirikchilik ishlirini,normal turmushini tesirge uchirtip, amanliq xizmitige qoyolsa ular we jemiyette qandaq inkas we tesir bolar?


Mekteplerde oqotqochilar kündüzi ders ötüp,tapshuruq tekshürüp,mükchiyip ders pilan tüzüp,er oqotqochilarla emes,kichiche bir chashqanning shepisidin qorqop yüriki aghzigha tiqilip qalidighan ayal oqotqochilarning,yoldishi we omaq balisining qorsiqini ach qoyop ,kichiche pashigha yem bolop amanliq saqlash xizmiti ishlishi eqilge uyghunmu ?


Yiqinda torda ilan qilin’ghan,xizmet sijilliqi we amanliq xizmiti destidin xizmitidin istipa bergen ‹‹xizmitim men sini qildim üch talaq ›› mezmundiki shi’ir we shi’irning mezmunidiki men xizmette, yoldishim jubada,oghlom wangbada,qizim dibada.Yoldishim mini talaq qilip bolghiche men sini qildim üch talaq digen mezmunlar,bu ishlar nimini chüshendüridu ?Yaki mushundaq seweplerdin peyda boliwatqan a’ile inaqsizliq weqelirini biz körmeywatamduq?


Hazirqidek yighin we tirilghuning intayin mohim künliride bir dihqanning kündüzi itizda ishlep,kechte hirip-ichip charchighanda öyide chamghor toghrap etken suyuq ishini ichip, putini uzun sozalmisa,qisqighina sunup bolsimu aram ilishi muqumliqni buzghanliq bolarmu ?Kündüzi xeliq üchün xizmet qilghan bir kadir yoldashning, kechte öyige qaytip ayali we mekteptin qaytip kelgen omaq balisi bilen issiq bir qacha tamaqni bille yiyishi,kündüzi ders pilan tüzüp,tapshuruq tekshürüp,ders ötüp hirip charchighan bir ayal oqotqochining ishtin chüshüp issiq bir qazan tamaq itip,yoldishi we balisining qorsiqini toyghuzup aram ilishi ejiba xatamu ?


Qisturup ötüp kitishke tigishlik bir ish bar.Mining ilgiriki memuri xizmet ornom ahale komitit binasi bilen bir oronda idi, shu waqitta bizning idaridin 3 künde bir üch ademdin, xizmettin chüshüp amanliq saqlash xizmiti ishleyttoq.


Ahale komititin her kiche 30 gha yiqin adem amanliq saqlash xizmiti qilatti.Bu ademler shu ahale komititqa qarashliq ahaliler bolop,shu ahale komititqa qarashliq her a’ilidin bir adem 4 künde bir amanliq saqlash xizmitige qatnishi kirek idi.Yene her heptining 1- küni shu ahale komitittiki kishiler ahale komititqa yighilip yighin anglayitti.Yighinning mezmuni yene shu amanliq toghorloq.Her qitimliq yighinda yene shu oxshash gep-sözler tekrarlinatti.Bu kishilerge ichilidighan yighin we amanliq saqlash xizmiti shu teriqide dawamlishatti.Kiyin men u orondin ayrilghachqa kiyin qandaq boliwatqanliqini bilmeymen.Emma bu qitim yurtqa barghinimda kenit komititidiki amanliq saqlash xizmitige qarap ilgirkidinmu ighir ikenlikini kördüm.


Bir kenit komititigha qarashliq ahalilerdin,her bir a’ilidin bir adem nechche künde bir kenit komititining derwazisida amanliq saqlishi kirek.Xeliq ishlar oronni misalgha alsaq töwen turmush kapalet puli alidighan kishiler,qiri chöri bolamdu yaki aqsaq cholaq bolamdu nechche künde bir xeliq ishlar idariside amanliq saqlishi kirek.Bolmisa töwen turmush kapalet puli,dölitimizning itibarsiyasiti shu kishi we uruq tuqqanlirigha qarita toxtitilghandin bashqa,shu oron bijiridighan shu kishige munasiwetlik her qandaq mu’amile toxtitilarmish .Her bir idare organda shu idarige qarashliq kishiler,kespi xizmet oronlirida bolsa shu oronda xizmet qilidighan xadimlar kündüzi özining xizmitini qilip,chüshliki we ishtin chüshkendin kiyinmu öyige tamaqqimu qayitmay amanliq xizmiti qilishi kirek.Bolmisa j x idarisi, siyasiy qanun komititi,birlik sep,ot we bixetelikning aldini ilish qatarliq munasiwetlik oronlardin kilip qalsa jerimane qoyidu.Shuning bilen u idaride shu yilliq xizmette layeqetsiz bolidu digendek bir qatar chariler bilen chare qollinilidu.Shu munasiwetlik tekshürüsh oronlirimu arlap melum oronni tekshürüp,jerimane qoyop,uqturush tarqitip turghachqa amanliq xizmitidin chataq chiqmaydu.Qaysi künimu bizning idarige j x idarisin kilip, kirip- chiqqanlar tepsili xatirlenmigen dep tizimlinip, küzetküch apparatlar tekshürülüp qarap chiqilghandin kiyin qara tizimlikke tizimlap qaytip kitishti.


Özümmu bu amanliq xizmitige yuqarda iytilghan’gha oxshash, xizmetke chiqqan nechche yildin biri qatniship kiliwatimen.Menla emes rehbirimizmu ikki üch künde bir amanliq saqlash yitekchilik dujurni xizmiti qilidighan bolghachqa naraziliqimiz nege chiqsun ?Bu siyaset qachan’ghiche yolgha qoyolidiken aktip boysinimen hem boysinishimiz kirek .Emma bundaq shekildiki amanliq saqlash xizmiti we bu siyasetni himaye qilalmaymen.Bu amanliq xizmiti mushundaq dawam qilip keldi,yene qachan’ghiche dawam qilidu bu namelum,


Bu toghorloq rayonimizdiki hichbir rehbirimiz söz qilmidi,peqet amanliqni kücheytish we muqumliqni qoghdash dawamliq tekitlinip xizmet we amanliq xizmitimu shu teriqide dawam qildi we qiliwatidu.Miningche yuqiri derijik rehberlirimiz bu toghorloq tepsiliy oyliship, qarap chiqip,tejribe sawaqlarni yekünlep,bu toghorloq tiximu ünümlük bolghan siyasetni yolgha qoyishi bihajet emes dep oylaymen.


Mining bir yeznem yizimizning melum xizmitige mes’ul yiza bashliqi bolop ishlewatqili xili waqitlar boldi.Dadammu partiwilik dölet kadiri,ikki inim ichkiride noqtiliq aliy mekteplerde oqoydu.Inilirim tetilde qaytip kelgende yaki men chonglarni yoqlap yurtqa barghinimda yeznemning kenit komititigha birip awwal melum qilishimizni, kilish sewebimizni,qanchilik,nede turidighinimizni,bu waqitta nime ishlarni qilidighinimizni melum qilghan qilmighinimizni her qitim sorishi bek ghidiqimni keltüridu.Emma nahimizning j x idarisi tarqatqan amanliqni saqlash,muqumliqni qoghdash mes’uliyetnamisining mezmunida sirttin kelgen her bir kishi choqom shu yerlik munasiwetlik oron’gha birip özini yuqarqidek melum qilishi kirekken.Turidighan waqti üch kündin artuq bolsa choqom j x ornigha birip waqitliq turush gunahnamisi bijirishi kirekken.Emma men kimlikimni 5 yil 2 ayda aran bijirip qolomgha aldim.


Bu mes’uliyetname a’ililer,seypungxana,satrachxana,ashxana qatarliq her xil, barliq tijaret soronlirighiche imzalinip, shu tijaret soroni we a’ililerde tamgha chaplaqliq iken.


Bir yizidin yene bir yizigha emes,bir kenittin yene bir kenitke uruq tuqqan yaki tijaret üchün kelgüchiler,yaki qoshna kenittin kilip uruq tuqqanlirining öyide qonmaqchi,ish-küshlirige yardem qilmaqchi bolghanlarmu choqom munasiwetlik oron’gha özini awwal melum qilishi kirekken.


Sheher-wilayet,nahiye,yiza ichige kirish-chiqish ighizi, her bir töt kocha doqmush ighizlirida,merkizi oronlarda saqchi turghuzulup amanliq saqlap,muqumluq qoghdawatqandin bashqa,arlap kimlik tekshürüdighan saqchilar,amanliq xadimliri yollarda toxtimay kiche-kündüz mingip yüriydu.Mektep,idare organ,kenit-komititlirigha qeder qara-qoyoq amanliq xizmiti ishliniwatidu.


Yiziliq saqchixana emes her bir kenit komititlirighiche saqchixana tessis qilnip,saqchi oronlashturulup bolon’ghan,mukemmel saqchi-ufistir.Jenggiwar,zamaniwi,muntizim herbiy qoshonigha ige bolghan dölitimizning ziminida amanliq xizmitining bu xil shekilde dawam qilishi miningche ademni epsuslanduridu.


Bu bizning we jemiytimizning,dölitimizning muqumliqi,amanliqi üchün özining hayatini atighan,buning üchün xizmet qilishni özining burchi dep qarighan we xizmet qiliwatqan saqchi ofistir eskerlirimizge,komandir-jengchilirimizge ishenmigenlikmu yaki ularni yarimas dep qarighanliqmu buni bilmeymen.


Muqumliqni choqom qoghdash kirek ,hemmeylen amanliqni saqlash,muqumliqni saqlash xizmitige choqom aktip qatnishishmiz we boysinishimiz kirek,emma bu xizmette miningche tejribe sawaqlarni yekünleshnimu nezerdin saqit qilmasliq kirek.


Ötken yili mushu waqitta ‹‹ wetenni küylesh, qizil naxsha oqosh ›› pa’aliyti bilen, bir aydin artuq waqit,qanun sistimisi,ma’arip sistimisi,sehiye sistimisi digendek barliq sistimilar bir aydin köprek waqit öz ishlirimizni tashlap qoyop teyyarliq qildoq. Idarimizdin men qatarliq 20 nechche kishimu ishlirimizni qoyop‹‹ wetenni küylesh, qizil naxsha oqosh ››pa’aliytige teyyarliq qildoq we axirida her qaysi sistimilar naxsha oqosh musabiqisige qatnashtoq.


Miningche bundaq qizil naxsha oqosh,wetenni küylesh teshwiqat pa’aliyetlirini yiziliq we nahiylik,sheherlik medenyet ömigidiki xadimlar xeliq meydani,medenyet yurti qatarliq oronlarda,undin bashqa 100 künlük meydan pa’aliyti we bashqa namlar bilen bundaq pa’aliyetler toxtimay ötküzülüp turghachqa hemmeylenning bundaq ishlargha qisturliwalmay,wetenni ighizimizda küylimey,hemmeylen öz xizmitimizning höddisidin yaxshi chiqip,hemmeylen amma üchün heqiqiy ishlep, partiye-we hökimetning ular qelbidiki obrazini tiklishimiz lazim.


Undin bashqa her qaysi idare organlardin töwen’ge moqumliqni qoghdashqa adem ajirtildi.Bundaq bolghanda ular qilishqa tigishlik xizmetni bashqilar qilip, bashqa xizmetchilerning xizmet sijilliqi awup,normal xizmetke tesir yitidu yaki ular qilishqa tigishlik xizmet toxtap ammining bu jehettiki ihtiyaji tesirge uchraydu.Qilnishqa tigishlik ish qilinmay naraziliq shekillinidu.


Hemmeylen öz ishimizning,öz xizmitimizning höddisidin yaxshi chiqsaq,öz mes’uliytimizni yaxshi ada qilsaq bezi choqom qilishqa tigishlik ishlar qilinmay qilip amma arisda naraziyliq keypiyati awup,ilgiri bir gurpa bashliqi hel qilidighan naraziyliq we dawalarning mergezgiche kitishning aldini alghili bolidu.


Muqumliqni saqlash,amanliqni qoghdash xizmiti yerliktiki bezi sapasiz,chirk emeldarlarning qol astidiki ishchi-xizmetchi,dihqan-charwichi,tijaretchi-kasiplargha özining emeldarliq kibirini körsitidighan,közige sighmighan kishige özining kim ikenlikini bildürüp qoyidighan,muqumliq xizmitige taqap turup ularni chiqiwilishning wastisige aylinip qalsa bolmaydu.


Miningche amanliq xizmitige,amanliq saqlash xadimi yoq oronlargha amanliq xadimliri seplinip, hemmeylen öz ishning höddisin yaxshi chiqishi kirek .Normal xizmet we xizmet ünimi ,normal turmushni buzush miningche del muqumliqni buzushtur.


Xeliqning kishilik hoqoqi,diniy itqad erkinligi, normal xizmet ,normal turmushi dexli terzge uchirtidighan,bezi yerlik siyaset,qa’ide-tertiplerge amma arisidiki naraziliq keypiyati ighir bolghan ehwalda,partiye-hökimetning amma arisidiki obrazini siyasiy teshwiqat bilen qoghdash ekische ünüm birishi momkin.





Men bu yazmini yizish yazmasliq toghorloq köp oylandim.Axir öz wetinimge bolghan mes’uliyet we mejburiyet.Wetinimge bolghan söygü küchi,asasiy qanunimizning puxralarning siyasi mejburiyetliri digen bapning mezmunidiki ‹‹ puxralar dölet menpetige ziyan yetküzidighan barliq hadisiler bilen köresh qilish lazim ›› digen mezmunlar bu yazmini yizishqa mini mejbur qildi.

Unregistered
19-07-12, 08:07
Ah urarmen, ah urarmen, ahlirim tutqay seni,
Koz Yeshim Derya bolup, Beliqlirim yutqay seni.

Bumu hayatmu,?

IHTIYARI MUHBIR : MEKKE

Unregistered
19-07-12, 11:19
wetendikiler bu temini RFA anglatmisimu, bundaq dert elemlerni kunde digudek kozi bilen korup yashavatidu. wetendikiler bilishke teshna bilelmigen nersilerni berish kerak. bu temini RFA bersila, buni yazghan yigitni hitay chet'eldiki teshkilatlargha uchur yolliding digen bir betnamni chaplap yoghan jinayet bilen solaydu. eng yahshisi bemisun.

Unregistered
19-07-12, 11:49
wetendikiler bu temini RFA anglatmisimu, bundaq dert elemlerni kunde digudek kozi bilen korup yashavatidu. wetendikiler bilishke teshna bilelmigen nersilerni berish kerak. bu temini RFA bersila, buni yazghan yigitni hitay chet'eldiki teshkilatlargha uchur yolliding digen bir betnamni chaplap yoghan jinayet bilen solaydu. eng yahshisi bemisun.



Bu diginingiz ghu toghra, mesilini siz oylighan tereptin oylisaq, emma mushunung gha nazuk delil ispatlarni RFA ve bashqa uyghur axbarat wastilirining arxiplashturup saqlap quyushi yaxshi. bir kunliri delil supitide qollinishqa boludu, hazirla ilan qilmisimu.

Allah u yazmini yazghan qerindishimizdin razi bolsun! oz panahida saqlisun. biz uyghur milliti heqiyqeten jesur millet. bundaq bir milletning perzenti bolghunimizdin pexirlensek boludu, yasha uyghurum, ghorurluq uyghurlurum.