PDA

View Full Version : Uyghur Ayalliri mining Gururum.



Unregistered
17-07-12, 00:24
****** ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دېسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن* . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بولۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دېگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى .*
*
‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم!*
2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى .
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا )**
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ .
مەسلە كىمدە؟
*** كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش .**
lمانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز .
تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟
*** تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ .
*** تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن .
مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى››
*

Unregistered
17-07-12, 04:35
****** her yili ayallar bayrimi kelgende özümning heqiqi erkeklerning ishni qilalmighanliqimdin epsuslinimen . Ochuqini désem intayin yarimasliqimni his qilimen* . Chünki men singillirim , achilirim we uruq – tughqanlirim ichidiki qizlargha mes’ul , köyümchan tuqqan bolalmidim . Ularning turmushta yoluqqan qiyinchiliqigha meslihetchi , töwrük bolalmidim . Shunga qiz – ayallirimiz heqqide bolun’ghan her qandaq eyiblesh , mesxire qilish , haqaretleshke qarita millet heqqide gep satqudek , hichkimge nesihet qilghudek , qizlarni tenqit qilghudek heqqim , salahiyitim yoq dep qaraymen . Ürümchide közümge körinidighini qiz – ayallarning murekkep turmush qaynimidiki yalghuzluqi , amalszliqi , emma erlerning mes’uliyetsizliki . Uzundin biri uyghur qiz – ayalliri heqqidiki oylinishim , ularning mesililiri heqqidiki xiyallirim toxtimidi , gizit – zhurnallargha bisilghan maqalilarda ayallargha nesihet qilidighan maqalilar üzülmeytti , ‹‹jem’iyet intayin chirikleshti , uyghur jem’iyitining mewjutluqi yaxshi anilargha baghliq ›› dégen idiyini asas qilghan , nacharlarni tenqitleydighan , yaxshlargha ilham béridighan mezmundiki yazmilar toxtimay chiqip turdi . Intir torida bolsa , uyghur qiz – ayallirini qattiq eyibleydighan , hetta haqaret qilidighan yazmilar köp yézildi . ‹‹ayallar buzulup ketti ›› digen qarashni hemme ademge omumlashturushni wezipe qiliwalghan jem’iyetshunaslar shinjang medeniyiti qatarliq neshir orunlirida ayallarni toxtimay qamchilidi , emma ayallar zadi qanchilik buzuldi? Buning sewebi zadi nime? Buni qandaq hel qilish kérek? Digen meslige jawab téxi bolmidi .*
*
‹‹ereb›› tin anglighanlirim!*
2003 – yili tor chayxanisida bir qiz bilen tonushtum , u ereb birleshme xelipilikidiki bir erebke yatliq bolghan uyghur qizi idi , qisqiche ehwallashqandin kiyin uningdin , ata – anisi teripidin éghir toyluq bilen erebke yatliq qilin’ghanliqini , yoldishining yene bashqa ikki ereb ayali barliqini , yoldishini anche yaqturmaydighanliqidek shlarni uqtum . Bu uyghur qizi bilen ereb munasiwiti heqqide uqqan tunji uchurum idi . Kiyin bir til mektiwide ereb tili mu’ellimi bulup yürdüm , shu chaghda xuddi cholpan bulushtin qéchip yürüp kurusqa kiriwalghandek chirayliq bir qiz derske qatnashti . Üchnchi küni men uningdin ereb tili öginish meqsidini soridim , u qiz ‹‹ dubeyge chiqmaqchi idim›› didi , emma chirayida bir xil xijilliq eks etti . Dem élish ariliqida uni derske bashlap kelgen bir dostum u qiz erebke yatliq bolmaqchi (yeni ikkinchi xotun bolmaqchi) didi . Shuningdin kiyin chet’ellerde yüridighan dostlirimdin , ürümchidiki tuqqanlarning aghzidin erebler , pakistanliqlar , hetta xen yoldashlar bilen toylashqanlarning xewirini anglap , ‹‹bundaq ishlar köpmu nime ? Bundaqla zadi qanchiliktu?›› dep oylidim , emma éniq melumat bolmidi . Likin shu chaghda oylighinim : bundaq qizlar pulni dep hemmini qilidu , chet’ellikke qiziqip , özini alahide körsetmekchi bolghan dep perwa qilmidim . Bu ishlar ötti , tügidi .
2008 – yili bir ereb bilen ürümchide 2 aygha yéqin bille yürdüq . Bu ereb tumaris méhmanxanisida bolghan pakistanliq ikki er , yaponluq bir qiz (xenzu tili ögen’güchi) , bir xenzu qiz (shnjang onwérsitétidin), bir rus er (shirket xojayini) otturisida bolghan söhbet ariliqida ‹‹uyghur erliri yarimas , ayalliri bek janliq›› didi ,(kiyin uqsam bu gepni deslepte uyghur ziyaliyliri digeniken , ‹‹dunya er dep yighlaydu›› digendek yazmilarda )**
Sorundikiler hemmisi ortaq én’giliz tilida sözlishettuq , men tuyuqsiz bu gepni anglap nahayiti chéchildim , emma shu yerdila ereb nahayiti uzun sözlidi : men shinjanggha kilishtin burunla uyghurlarni bilettim , uyghur heqqide anglighan tunji hikayem bir ayaldin bashlan’ghan , shu chaghdila bu yerning erlirining yarimas ikenlikini perez qilghan , emdi bu yerge kilip kocha – koylarda yüriwatqan qizlarning köpchilikige qarap éniq his qildim , silerning erler a’ile tutushni bilmeydu , silerning ayalliringlar chet’ellik erler bilen köp uchrashmaptu , eger uchrashsila silerning yéninglargha hergiz qaytip kelmeydu , siler ayallarni hörmet qilmaysiler , ularni pul tépish , jan béqish üchün kochigha chiqirip qoyisiler , qizlar asiy bolsa , ularni buzuq dep arigha almaysiler , emma ularni oynaydighan oyunchuq qiliwalisiler,…..Bir qizning yoldin chiqishi kimning mes’uliyiti? Dadining yaki uninggha semimiyetsizlik qilghan erkekning . Bir ayalning yoldin chiqishi kimning mes’uliyiti? Uning irining . Eger xalimisangmu sanga körstip qoyay didi we yaponluq qiz , men we pakistanliq eli töteylen konsul kochisigha chiqtuq . Hazirqi élzabit méhmanxanisi bar doqmushta üzüm , alma sétiwatqan (baqqal) bir ayalning béshida qarap turduq , ayal 45 yashlar etirapida bulup yalghuz idi , miwe – chiwiliri intayin az idi , emma yéqin kilip qarighanda , sétiwatqan alma , anarliri , üzümliri unche süpetsz emes idi , uning yénida bolsa 30 yashlar chamisidiki bir er xéli chirayliq bézelgen baqqalchiliq dukinida turatti , uningkide miwilerning türliri köp idi , ereb manga ‹ obdan qara › didi , qarisam u erning baqqal ornigha 10 minut ichide 6 adem kilip 4 i mal sétiwaldi , uning almisining kilosi 2 yüen qimmet idi , héliqi ayalning bolsa erzan idi , xéridarlar uning yénidin bahasinimu sorimay ötüp kétetti . Bu chaghda ereb manga mundaq didi , mana özüng terjime qilip berding , ayalning almisi erzan iken , héliqi xéridarlar awu erning almisni almisa u erge hichqandaq chong ziyan bolmaydu , chünki uning dukini chong , iqtisadi asasi yaxshiraq , emma bu ayal aldidiki mushu bir nechche kilo almigha tayinip qalghan , shunga uning almisini sen sétiwal didi . Men sétiwaldim ,(kiyin) bir kurustning yatiqidiki balilargha apirip berdim . Kiyin ereb u ayaldin künide nechche pul tapidighanliqini , miwini nedin alidighanliqini , baliliri bar – yoqluqini , yoldishini soridi , ayal künde 60 – 70yüen soda qilidighanliqini , ikki balisidin birining 14 yash , birining 10 yash ikenlikini , balilirining qiz ikenlikini , yoldishining haraqkesh , qimarwaz ikenlikini , özliri bilen kari yoqluqini , ajirishalmaywatqanliqini éytti . U manga mushu ayalning balilirigha oqush pulida yardem qilish yoli heqqide izdinidighanliqini , uning adiris , télifun numurlirini xatiriliwélishni éytti . Hem manga tewsiye qildi . Konsul kochisidin chiqip bolghuche ereb yoldin ötken qizlardin kem digen 6 -7 ni pahishe qiz didi , men ularning kiyim – kéchiki , teqi – turqigha qarap 2 – 3 ni shundaqmikin dep qaldim , emma bashqisini undaq höküm qilish xata digenidim , buni uninggha bildürginimde u yénimizdiki elini derhal bir qizning keynidin yolgha saldi , eli uning bilen sodigha pütüshüp qaytip keptu . Yalghan didim ichimde , likin achchiqim keldi , ghururum tutti , taki biz chong bazar ichidiki k af si(kéndéji)gha kirgüche ereb kem digende 20 qizni pahishege chiqirip mangdi , xep ….. Didimyu emma kimni tillashni , derdimni kimdin élishni bilmidim . Kéndéjigha kirgende pakistanliq eli yandiki üstelde olturghan üch qizdin birini körsitip , ‹‹uni men qilghan , likin qiz chiqmidi , manga bek amraq , dostlirinimu tonushturdi , changléyüendiki öyimizde 5 uyghur qizi ,4 pakistanliq er bille oynap tang atquzduq didi›› . Chirayim özgerdi , eqlim qachti , elining yaqisigha ésildim , ‹‹hu haramdin bolghan , kimingni haqaret qiliwatisen , emdila 16 yashqa kirgen qizgha töhmet chaplighudek boldungma ? Sen pulum bar dep muhtaj qizlarning hemmisini jalap dep qaldingmu?›› eli mini bir mush saldi , men eblexning jan yirige birni tizlidim , hüseyin (ereb) bizni ajiritiwetti , emma héliqi qiz heyran bulup kilip , elige xenzuche : ‹‹chin eydi , zimili? Za xuyshir? ›› didi . Men : ‹‹yoqilewe qanjiq›› didim , u : ‹‹sarangmu ma bir nime , kallisidin ketken›› didi , dostliri uni qayturup ketti . Men shu péti u pakistanliq eblex bilen qol élishp körüshüp baqmidim , kiyin u héliqi erebke aldi – keyni bulup 3 uyghur qizini tonushturuptu , ereb manga ularni sodisigha hemra qilish üchün ularning salahiyiti oqughuchimu – emesmu éniqlashni tapilidi , ulardin biri oqughuchi , ikkisi oyunchi qizlar bulup , mexsus chet’ellik erler bilen arilishidighan bir guruppa qizlar iken . Oqughuchi qiz hem én’gilizche hem roschigha usta bulup , alaqichi iken . Ularning yurti bir yerlik emes bulup , oqughuchi qiz shimalliq , bashqilar jenubluq iken . Men ularning salahiyitini éniqlighandin kiyin oqughuchi qizgha ochuqla nimishqa bu yolgha mangghanliqini soridim , netijide irishkinim uning deslepte özining tunjisini uyghur sawaqdishigha bergenlikini , yigit awal qiz keltürüshning barliq 36 tedbirini qollan’ghan bolsa , kiyin oynap tashliwetkenlikini , özige oyun , kiyim , huzur üchün pul lazim ikenlikini , hem chet’ellik bilen oynisa salahiyiti ashkarilanmaydighanliqini , uning üstige pulni köp tapqili bolidighanliqi , hem qedir – qimmiti bilen oynighili , sorunlarda bashqa uyghur qizlirining aldida perqliq his qilidighanliqini éytti , shu küni uning yene bir hemrahi özining irining xiro’in chikip 2 yil solan’ghanliqini bolghanliqini , özining bala bilen yalghuzluqini , amalsiz qalghanliqini, eger hazir 50 yüen bolsa , balisigha 3-4 künlük ishlitip turup , xizmettin birini tépiwalghusi barliqini éytti , men ishen’güm kelmisimu , bilip turup 50 yüen berdim . Ete mini izdeng , ish tépishqa yardem qilay didim , etisi u télifun qilmidi . Shu chaghlarda uyghur süpitim bilen his qilalmighan ishlarni ereb , pakstanliq közi bilen his qildim , men xelq süpitide türktin bashqilargha dostane mu’amile qilalmasliqim mumkin , emma yekke adem süpitide shu erebke , uning ayallargha bolghan mu’amilisi , uning adimiylikige bolghan qarishimni özgertti , derweqe ereblerning hemmisi ayallargha yaxshi mu’amile qilmasliqi , köp xotunluq bulup , eyish – ishretlik turmush kechüridighan bolushi , hemmisi horun , shexsyetchi bolushi natayin . Hüseyin ürümchidin kéter chaghda elige shundaq digenidi : sen jalap izliseng , dinsiz pahishe izlime , ulargha hem küch hem pul serp qilma , musulman pahishelerge yardiming bolup qalidu . Ularni bundaq qilmasliqqa dewet qiliwalisen . Ularni dinsiz yat millet erlirining astigha tashlima . Uning qolumni siqip turup qilghan bu gipi hazirmu kallamda : sen millet heqqide oylashtin awal ayallarni köp oyla , bir ayalgha ége bolmighan , ayalning hemme éhtiyajini qanduralmaydighan erning bashqurush hoquqi bolmaydu . ‹‹siler menggü bash kötürelmeysiler , chünki siler ayallarni xorlaysiler›› . Ayalliringlar silerning sözünglarni anglimisa , siler bilen bir meydanda bolmisa , din , imandin söz achma , bir milletning aniliri , qizliri – bir milletning teqdirini özgertidu .
Mesle kimde?
*** kéyin bashqa milletlerningmu uyghur qizliridin paydiliniwatqanliqigha a’it geplerni bek tola anglap ziriktim , bular hazir tesir qilmaydighan bulup ketti , hazir manga mushu mesilining sewebi bilen uni hel qilish charisi heqqide gep qilalaydighan ademning gipi bek yaqidu , chünki tillashni hemme adem bilidu , emma nime üchün shundaq? Shundaq bolsa , emdi qandaq qilishimiz kérekken? Digenni oylinishimiz kérek idi . Kim nime diyishidin qet’iyneer , pütün uyghur jem’iyitidiki qiz – ayallar bilen munasiwetlik mesililerge uyghur dadilar , uyghur akilar , uyghur ukilar , uyghur erkekler , mushular mes’ul! chünki ular özini erkek deydu , özlirini ayallardin üstün , erkekchilik éngi küchlük , özini oghulbala , biz nochi dep qaraydu . ‹‹erkek mes’uliyitini ada qilsa erkek , ada qilmisa , erkek emes›› ,(türk ata sözliri) . Emma a’ilisi turup ashna oynash , balilirining oqushigha köngül bölmeslik , pul toplap kelgüsige teyyarliq qilish emes , sorundarchiliq , shöhret bilen buzuqchiliq qilish , bilim , iqtisad , saghlamliq jehetlerde xotunliridin üstün salahiyet hazirliyalmay , arqidin xotunining aldida tili tutulup , ularni bashquralmasliq , gipini ötküzelmeslik , axirida ayali iridin köngli su ichmey talagha qarash .**
Lmana hazirmu her küni jem’iyet heqqide qaxshawatqan ziyaliylarni , yashlarni köp körimiz , jem’iyetning ichidiki bizge eng munasiwetlik we jiddi bolghan mesile – qiz – ayallar mesilisi . Mushuni hel qilmay turup hichqandaq mesile hel bolmaydu . Mesile zadi nime? Bu exlaq meslisi , qimmet qarash mesilisi , jem’iyetning asasi yimirilish aldida , uni qandaq qutquzush kérek?
A’ilidin bashlash kérek . Hemme adem a’ilisige mes’ul bolushtin , özining zimmisige chüshken mes’uliyetni ada qilishni a’ilidin bashlishi , qolidin kilishiche bashqilargha yétekchi bolushi kérek , xatalashqanlargha köyümchanliq bilen yol körsitishi kérek , chünki ular – bizning anilirimiz , qizlirimiz , ayallirimiz , singillirimiz , bizning ghururimiz .
Türkler qandaq qilidu?
*** türkiyede uzun turghan dostum munularni sözlep berdi : qanchilik derijide toghriliqini bilmeymen , likin paydilinish matiriyali bolalaydu .
*** türklerde bir a’ilide bir oghulbala bolsa , gerche kichik bolsimu erkek bolghaniken , chuqum singlisi we achisigha mes’ul bolidiken . Ularni kechte nege barding , kim bilen körüshtüng? Nime ish qilding? Biri bozek qildimu? Dep sorash omumyüzlük milli anggha aylan’ghaniken . Bir mehellige bashqa yerdin bir er kilip mehelle qizlirigha chaqchaq qilsa , keynige kiriwalsa , hemmisi birlishp uning ediwini béridiken . Basqunchiliq qilish digen uqum az iken , eger qilghanlar sadir bolsa , jemeti boyiche qurutiwétidiken . Kochilarda qizlar qanchilik yalingach yürishidin qet’iynezer bir er kilip uninggha yépishiwalsa bashqa erler uni ajayip éghir alidiken , qizlar xalisa , saqchilar kilip u erni qamaqqa alidiken . Erler choqum özini ayallardin hemme jehette üstün turushi kérek dep qaraydiken hem shuning üchün barliq küchi bilen tirishidiken , türkler intayin tirishchan bulup , ayallirini peqet özlirining xizmetchisi dep qarimay , ularning éhtiyajini tuluq qanduridiken , özidin gunah saqit bolghanda , andin ayalliri heqqide oylinidiken , ulardin semimiyetsizlik sadir bolsa öltürüwétish shereplik jinayet hésablinidiken . Erning izzet – numusi , ghururi intayin katta hésablinidiken hem erlermu mushuni qoghdash üchün tirishidiken .
Menbe : ‹‹baghdash munbiri››
*

Unregistered
17-07-12, 23:15
****** .
Türkler qandaq qilidu?
*** türkiyede uzun turghan dostum munularni sözlep berdi : qanchilik derijide toghriliqini bilmeymen , likin paydilinish matiriyali bolalaydu .
*** türklerde bir a’ilide bir oghulbala bolsa , gerche kichik bolsimu erkek bolghaniken , chuqum singlisi we achisigha mes’ul bolidiken . Ularni kechte nege barding , kim bilen körüshtüng? Nime ish qilding? Biri bozek qildimu? Dep sorash omumyüzlük milli anggha aylan’ghaniken . Bir mehellige bashqa yerdin bir er kilip mehelle qizlirigha chaqchaq qilsa , keynige kiriwalsa , hemmisi birlishp uning ediwini béridiken . Basqunchiliq qilish digen uqum az iken , eger qilghanlar sadir bolsa , jemeti boyiche qurutiwétidiken . Kochilarda qizlar qanchilik yalingach yürishidin qet’iynezer bir er kilip uninggha yépishiwalsa bashqa erler uni ajayip éghir alidiken , qizlar xalisa , saqchilar kilip u erni qamaqqa alidiken . Erler choqum özini ayallardin hemme jehette üstün turushi kérek dep qaraydiken hem shuning üchün barliq küchi bilen tirishidiken , türkler intayin tirishchan bulup , ayallirini peqet özlirining xizmetchisi dep qarimay , ularning éhtiyajini tuluq qanduridiken , özidin gunah saqit bolghanda , andin ayalliri heqqide oylinidiken , ulardin semimiyetsizlik sadir bolsa öltürüwétish shereplik jinayet hésablinidiken . Erning izzet – numusi , ghururi intayin katta hésablinidiken hem erlermu mushuni qoghdash üchün tirishidiken .
Menbe : ‹‹baghdash munbiri››
*



Bu Turkiyedin kelip Turklerning ehlaqini sozlep bergen kishi kop toghra sozleptu,. heqiqetende Turkiyede Turklerning kishilik ehlaqlirigha kop diqqet qilghan we kop inchik kuzetken birsi iken.Turk Erkekliri hususida digenliri eynen toghra.


IHTIYARI MUHBIR : MEKKE