PDA

View Full Version : خىتايغا قارشى گۇرۇھلار تەرىپىدىن پايدىل&

Unregistered
25-06-12, 18:08
ياپۇنيەدىكى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە

ئۇيغۇرنى ياپۇنيە خەلقىغە تۇنۇتقان,ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ،ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىىپ بارغان نوپۇزلۇق ئالىم مىزۇتانى ناوكو خانىم ئېلان قىلغان ماقالە،پات ئارىدا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدۇ

Unregistered
25-06-12, 18:13
ماقالە تېمىسى
خىتايغا قارشى گۇرۇھلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ياپۇنيەدىكى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە

ئۇيغۇرنى ياپۇنيە خەلقىغە تۇنۇتقان,ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ،ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىىپ بارغان نوپۇزلۇق ئالىم مىزۇتانى ناوكو خانىم ئېلان قىلغان ماقالە،پات ئارىدا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئېلان قىلىنىدۇ

Unregistered
28-06-12, 01:03
جۇڭگوغا قارشى گۇرۇھلارتەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن بىر پاجىئە،لېكىن ئۇلارنى قوللاش بىلەن جۇڭگوغا قارشى شۇئار توۋلاش باشقا بىر ئىش،ئۇيغۇر مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق سەمىيمىلىكنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئاپتور،ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۆر بولغان مەسىلە ئۈستىدە توختىلىدۇ . <نىمىشقا ياپۇنلار نەنجىڭدە تېخىم كۆپ خىتاينى ئۆلتۈرمىگەندۇ ھە!>----مانا بۇ ئاپتور بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان 1999-يىلى ئەتراپىدا،خىتايلار يوق مەيداند ا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان بىر جۈملە سۆز. ياپۇنيىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزلىقىدىن ھوزۇر ئېلىپ ،ھىچ تەپ تارتمايلا ياپۇنيەگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر زاتى بىلەن پاراڭلىشىپ قالسام دەرھال:-- ياپۇن ئارمىيەسنىڭ خىتايلارغا قىلغان باسقۇنچىلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ،ئۇنىڭدىن خۇشال بولساڭلار خىتايلارنىڭ سىلەرگە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى تەنقىد قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىلەر،دەپ رەددىيە بېرەتتىم.بۇ يىل 5-ئايدا ياپۇنيىگە زىيارەتكە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(تۆۋەندە د.ۇ.ق دىيىلىدۇ) ۋەكىللىرىنىڭ ياپۇنيىدىكى دۆلەتۋازلار بىلەن بىرگە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلىشى مېنىڭ بېيجىڭدىكى كەچمىشلىرىمنى ئەسلەتتى. جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى پۇرسەت تاپسىلا تەنقىد قىلىدىغان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى كۆرۈپ باققۇم بار> دەپ ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ئەمەسلىگىنى مەن بىلىمەن.لېكىن،شەخسى نام بىلەن ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن كوللىكتىپ ھالدا ئىبادەت قائىدئسىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش ئەمەس.(ئىبادەت قائىدىسى دىگەنلىك،ئىبادەت ئويبىكتىغا قاشتېشى زىخىنى سۇنۇش،ئىبادەت سۇپىسىغا چىقىش دىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ—تەرجىمە قىلغۇچىدىن)،مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ھازىرغا قەدەر بۈيۈك شەرقى ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،د.ۇ.ق دىن پايدىلىنىۋاتقان ياپۇنيىلىك دۆلەتپەرەسلەرگىمۇ،ياسۇكۇنىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلمەي تۇرۇپلا رەسمى ئىبادەت قىلغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئچىم سېرىلىپ.چوڭقۇر ئويلارغا چۆمۇلدۇم.
<ياپۇنيە ئۇيغۇر جەمئىتى>دە ياپۇنلۇقلار نى مەركەز قىلغان
ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئاساسلىق مىللەت بۇلۇپ،نوپۇسى 9 مىليون 500مىڭ ئەتراپىدا،تۈركى مىللىتىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلاردۇر،يەر نامىنىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدى،چىئەنلۇڭ دەۋرىدە چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئەمىلى كونتروللىقىغا ئۆتكەن زاماندىن باشلانغان، ئۆزىنى جۇڭخۇا ئېلىگە مەنسۇپ ئەمەس،<يات مىللەت تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان> دەپ قارايدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،سوۋېت ئتپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ كۈچەيگەن ھۈكۈمەتكە قارشى ھەركەتلەر ۋە ھۈكۇمەتنىڭ باستۇرۇشلىرى تۈپەيلى 90-يىللاردا چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن پائاليەتچىلەرنى مەركەز قىلغان ئاساستا 2004-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت سىرتىدىكى تەشكىلات. 3 يىلدا بىر قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا يىغىن چاقىرىدۇ،بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئامېركىدا ئېچىش پىكىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ،ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دولقۇن.ئەيسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن شەخىسلەرمۇ مەۋجۇت بولغاچ،ئەڭ ئاخىرىدا توكيو دا ئېچىش قارار قىلىنغان.
ياپۇنيىگە كەلگەن د.ۇ.ق ۋەكىللىرى،5-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئاساسى قانۇن خاتىرە سارىيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن،ياپۇنيىلىك <قوللىغۇچىلىرى> بىلەن بىرلىكتە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسغا قاراپ يولغا چىققان ۋە <سۇپىغا چىقىش> نى تاماملىغان.
دۆلەتپەرەسلىك سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن تۇنۇلغان فۇجىئى.گېنكى ئۆز تور بېكىتىدە: د.ۇ.ق رەئسى رابىيە.قادىر قاشتېشى زىخىنى سۇنۇپ،ئىككى تازىم،ئىككى چاۋاك،يەنە بىر تازىم،قاتارلىق قائىدىلەر بويىچە <قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمىتى>نى بىلدۈرۈپ،<ئەڭ كاتتاشەكىلدە ياپۇنيەگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى> دەپ يازدى.
مەن ياپۇنيىلىك بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشى زىخىنى سۇنۇشىنى قىلچىلىكمۇ<ياپۇنيىگە بولغان ئەڭ يۇقۇرى ھۆرمەت>دەپ ھىس قىلالمايمەن،ھەممىدىن مۇھىمى،مۇسۇلمان بىر ئايال بىرلا ۋاقىتتا ئۆز ئېتىقاتى بىلەن بۇ خىل قائىدىنى قانداق قىلىپ تەڭشىگەندۇ دىگەن خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى.

د.ۇ.ق نىڭ ساھىبى بولغان ياپۇنيە ئۇيغۇر جەمىئىتى(تۈۋەندە ي.ۇ.ج دەپ ئاتىلىدۇ) بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇ كىشىلىك ھۇقوق ر تەشكىلاتلارنىڭ چوڭ پەرقى بار. ئۇ بولسىمۇ،بۇ تەشكىلات ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ساناقلىق ،غوللۇق ئەزالىرى دۆلەتپەرەس ياپۇن ياشلىرى بۇلۇپ،ئۇيغۇرچە ۋە ياكى خىتايچە ئۇچۇرلارنى ئىگەللىشى مۇمكىن بولمىغاچ،جوڭگو ياكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يوق.
راستىنى ئېيتسام،يىغىن مەزگىلىدە مەن چەتئەلدە ئىدىم،ناۋادا ياپۇنيەدە بولسام ئىدىم،چوقۇم ۋەكىللەرگە ئايرىم-ئايرىم خىزمەت ئىشلەپ ياسۇكۇنى مەسلىسىنىڭ يامان تەسىرىنى چۈشەندۈرگەن بولار ئىدىم.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن،<يىغىنغا قاتنىشىپ ياپۇنيىدىكى ئۇيغۇرلار نىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز> دەپ تەلەپ قىلغانلارمۇ بولدى. ئەينى ۋاقىتتا،ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىمىز دىگەن ياپۇنلۇقلارنىڭ<پائاليەت شەكلى>نى تەنقىد قىلغانلىقىم سەۋەبلىك ي.ۇ.ج نىڭ شۇ چاغدىكى ئاساسلىق پائاليەتچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندا قىلىندىم،زايتوككاي(ياپۇنيىدىكى چەتئەللىكلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشكىلات—تەرجىمە قىلغۇچى) غا مەنسۇپ بولغان ئىنتېرنېت ئوڭچىلىرى توردا<ئۆيۈڭگە پوق-سۇيدۈك چاچىمەن> دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بايانات ئېلان قىلغاچقا، .ئارتۇق ئىشقا .ئارلاشىشنى خالىمىدىم.
ھەر قايسى جەھەتلەردىكى سەلبى تەسىرى
ئىبادەت ئاخىرلىشقاندن كېيىن رابىيە.قادىر ساكۇرا قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ<ياپۇنلۇقلارنىڭ قەھرىمانلىرى دەپنە قىلىنغان جاينى زىيارەت قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن> دىگەن بولسا،18-چىسىلا جىجى ئاگېنتىنىڭ زىيارىتىدە<جۇڭگونىڭ غەزىپىنى قوزغاش نىيتىم يوق،تېنچ يول بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلايمىز>،دىگەندەك باش-ئاخىرى ئۇلاشمايدىغان گەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.يەنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەي،ھەر قايسى جەھەتلەردە سەلبى رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتمىدى.
ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ئۇلۇغلارنى دەپنە قىلىدىغان مازار ئەمەس،ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى دەپنە قىلغان ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىمۇ ئەمەس.ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى توغرىسىدا،ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى خاتىرلەش ئۇسۇلىنى چۆرىدىگەن غۇلغۇلا ياپۇنيەدە مەيلى ئوڭچى ياكى سولچى بولسۇن ناھايتى نۇرغۇن تەنقىتكە ئۇچراپ،ياپۇنلارغا نىسبەتەن ئۇرۇشتىن كېيىن تېخى ھەل بولمىغان مەسىلە ھىسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسۇكۇنى مېىجى دەۋرىدىن باشلاپ پادىشاھ تۈزۈلمىسىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئېتىقادى (ياپۇن تىلىدا <شىنتوۇ> دەپ ئاتىلىدۇ،ياپۇن خەلقىغە خاس بىر خىل ئېتىقاد شەكلى—تەرجىمە قىلغۇچى)سۈپىتىدە مەۋجۇد بۇلۇپ،ئۇرۇش پاتقىغا غەرق بولغانلارمۇ <دۆلەت ئۈچۈن جېنىنى پىداھ قىلغانلار> سۈپىتىدە دەپنە قىلىنغان بولغاچ،شەرقى شىمال ئاسىيا ئەللىرى تەرىپىدىن<ئۇرۇش جاھانگىرلىرىنىڭ سىمۇۋولى> دەپ قارىلىپ،ياپۇنيە بىلەن بولغان دىپلوماتيە مەسلىسى بۇلۇپ قالغان،دىگەندك جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ قېتىملىق ئىبادەتنى <كۆزگە ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان قىلمىش> دەپ ئەيىپلەپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
.د.ۇ.ق بۇگۈنكى سەھنىدە جۇڭگو ھۈكۈمىتىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ كىچىككىنە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يىراقنى كۆزلەپ ئېيتقاندا،قولدىن كەتكۈزۇپ قويغىنى ئۇنىڭدىن زور. ياسۇكۇنى ئىبادەتىخانىسىنى تەتۇرسىگە چۈشىنىدىغان ياپۇنلۇقلاردىن باشقىلىرى <ياپۇن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسدا يەنە جەڭ باشلانسا ياخشى بولاتتى دەيدىغان قىلمىش> دەپ ئويلىشى مۇمكىن،ھەم شۇنداقلا،ئەسلى ئۇيغۇر مەسلىسىنى توغرا چۈشۈنىدىغانلارنىمۇ يىراقلاشتۇردىغان بىر قىلمىش ھىسابلىنىدۇ.
د.ۇ.ق ھازىرغا قەدەر جۇڭگو كومۇنىستىك ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىدىغان بىرەر يولغا ئىگە ئەمەس.شۇنىڭغا قارىماي بىرەر يول ئىزدەيلى دىگەن خىيالنىڭ يوقلىغىنى بۇ قېتىملىق ئبادەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىۋەتتى.
دۈشمەننىڭ دۈشمىنى دوست ئەمەس. د.ۇ.ق ياپۇنيىدىكى< ئوڭ قانات>لار شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئويلامدىغاندۇ؟، بۇ مەسلە ئۇلار خىتايلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشنى،كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىش ئارقلىق ھەل قىلمىسابولمايدۇ.
ي.ۇ.ج نىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى ساتو.تاكاشى بۇ نۆۋەتلىك يىغىن توغرىسىدا كۆرەڭلەپ،< ۋەكىللەرنىڭ،نىمە ئۈچۈن ياپۇنيەدىكى قوللىغۇچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۇن بۇ قەدەر ھەركەتلىنىدۇ دىگەن ساداسى بەك يۇقۇرى بولدى> دىدى. ياپۇنلۇقلارنىڭ كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ نامايىش قىلغىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن،ناۋادا ۋەكىللار بايىقى سۆزنى چىن يۈرۈكىدىن چىقىرىپ دىگەن بولسا،بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالنى دەلىللەش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.
ي.ۇ.ج ۋە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ كونكرىتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچسى بولغان ساكۇرا قانىلى قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ<ياردىمى>جۇڭگوغا قارشى ھەركەت بۇلۇپ،مىللى مەسلىنى ھەل قىلىشتا رول ئوينىمايلا قالماستىن ئەكسىچە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر قازغانغا باراۋەر.
كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ،جۇڭگوغا قارشى شۇئار توۋلاش،جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنى تىللاش ياردەم ھىساپلانمايدۇ.ھەقىقى ياردەم تېىخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشتۇر.مەن شىمالى ياۋرۇپادا مەلۇم دۆلەت رەتلەپ چىققان ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ئائىت تەپسىلى مەلۇماتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى.
بەزى ۋاقىتلاردا ياردەم دىگەنلىك ھەقىقى ئەسقاتىدىغان كىتاپ يېزىش،ھەرقايسى مىنىستىلىكلەرگە قاتراش دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،دۆلىتىمىز بۈگۈنگە قەدەر بىرەرمۇ ئۇيغۇر قاچقۇننى چېگرىدىن كىرگۈزۇپ باقمىغان كىشىلىك ھۇقوق جەھەتتە تەرەقىي تاپمىغان دۆلەت بۇلۇپ،ئامېرىكا،ياۋرۇپاغا سېلىشتۇرغاندا،ياردەم دەپ ئېغىزغا ئالغۇچىلىك ھىچقانداق بىر ئىش قىلغىنى يوق.
د.ۇ.ق توكيودا ئېچىلىش ھارپىسىدا ئەركىن دىمۇكراتلار پارتىيىسىدىكى ئوڭچىىلارنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان <ئۇيغۇرلارنى قوللاش بىرلىكى>،دىنى تۈسنى ئالغان <بەخىتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پارتىيسى>نىڭ ئەزالىرىمۇ ئارلاشقان<يەرلىك پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش بىرلىكى> دىن گەرچە ئۈمىدلىنىپ كەتمىسەممۇ،بۇ بىرلىكلەرنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان ئۇيۇننى تاشلاپ،سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلارنى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزۈش دىگەندەك،ھەقىقى<كىشىلىك ھۇقوقنى قوغدايدىغان>، زۆرۆر بولغان مەسلىلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن ھەل قىلىشنى كۈتىمەن.

شۇكان كىنيوۇبى،6-ئاينىڭ 15-كۈنى

Unregistered
01-07-12, 14:54
DUQ ning wekilliri bu ishqa qandaq qarar?

08-07-12, 13:09
yapunyidiki yighinning ehmiyitini undaq muhim,mundakh muhim digen wekiller uchun bir ders hisaplinidu.
yapunye bundaq muhim ehmiyetke ige dolet bolghan iken,uni ustlikh,unumluk paydilnish lazim. dep qaraymen.

tughluq
08-07-12, 16:52
nime digen rezillik ! nime digen hamaqetlik bu ! milletni bundaqmu galwang qilghan barmu ! bu bir milliy dawagha qilinghan haqaret ! xiyanet ! bu xitayning DUQ tiki ghalchiliri tazilanmay turup dawa rawaj tapmaydu ! uyqumizni achayli ! ya DUQ tiki xitay ghalchilirini tazlayli ! yaki DUQ ni shu xitay ghalchilirigha tashlap bireyli !
2009 -yili 7-ayning 5 -küni yeni wetinimiz sherqiy turkistanning paytexti urumchide yüzbergen qanliq qirghinchiliqtin kiyin , turkiye jumhuriyiti bashministiri rejep tayyip erdughan `` bu bir irqiy qirghinchiliqtur `` dep dunyagha jakarlidi we rabiye xanimni turkiyege teklip qildi .shu yili oktebirde rabiye xanim gollandiye ziyariti esnasida gollandiyede turushluq PKK(kurt koministik partiyesi ) we ermeni jornalisitlar bilen mkörüshtürüldi . turik jemiyet we teshkilat mensupliri buninggha qattiq narazikliq bildürgen boldi ! edmi bolsa bu setchilik otturgha chiqti ! bu herketlerning Rabiye xanimni nopuzsuzlashturush, uyghur dawasini ajizlashturushtin bashqa paydisi yoq ! bular bir tasadibiliq emes ! buni pilanlap orunlashturghan kishi del DUQ ning ichide !
bu tazlanmay turup ! dawa tereqqiy qilmaydu !

tughluq

Unregistered
09-07-12, 13:55
5-iyul qirghinchiliqini Dunyagha ispatliq körsitidighan chaghda Rabiye anigha tutquzup qoyulghan ikki parche saxta resim.

Rabiye ana 2009 - yili Gollandiyege kelgende Ermeni Jornalist bilen TV qanalida söhbet ötküzüshke orunlashturulishi.

Rabiye anining Her nöwetlik Germiniye sepiride Miyonxindiki Pkk Resturanida tamaqlandurulishi.

4- nöwetlik qurultay yighini jeryanida Rabiye ana bashchiliq pütün qurultay wekillirini Pashistlar qebristanliqini ziyaret qildurushqa orunlashturulishi.

yoqurdiki 4 xil ajayip orunlashturushlarning qisqiche netijiliri:

1) 5- iyul qanliq qirghinchiliq jeryanida Rabiye ana kötürüp chiqip, xitaylar Uyghurlargha mushundaq eghir zulum qildi, bundaq ehwal astida Uyghurlar qandaqmu xitaylar bilen birge yashiyalaydu! dunya ehli közünglar bilen körüp jawap beringlar!-dep dunyagha xitap qilghan cheghida, xitay terep: bu ayal yalghan sözlewatidu, qolidiki resimning hergizmu 5 - iyul bilen alaqisi yoq. hem " xinjiang" da bolghan ish emes, mana bizning ispatimiz-dedi. Rabiye ana körsetken ispat xitaylarning qayturma ispati aldida sugha chilashti.

2) Rabiye ana Gollandiye sepiride ermeni jornalistning ziyaritini qobul qilghanliqi üchün Türkiye döliti we barliq Türkler aldida Rabiye ana " Türk düshmenlirining dosti" süpitide muamilige uchridi. yeni Türkiye döliti ichi we sirtidiki axbarat wastiliridin chüshüp qaldi. dölet xadimliri teripidinmu tilgha elinmighan peti toxtap qaldi, ilgirlesh bolmidi.

3) Rabiye ana Germaniye sepiride DUQ wekilliri bilen birlikte, tekrar, tekrar Miyonxindiki PKK Resturanida tamaqlandurilishi, PKK terepdarliri bilen birge chüshken resimlerning Türklerge qarshi axbarat wastiliride elan qilinishi arqisida Germaniyediki Türk Jemiyetliri Rabiye anigha qiziqmaydighan, aldigha barghanda- he, sizni qollaymiz-dep qoyupla, sükütte turidighan halgha keldi.

4) yaponiyede 4-nöwetlik qurultay jeryanidiki qebristanliq ziyaritining Uyghur dewasigha diplumatiye saheside keltüridighan ziyanliri xele eghir bolishi mumkin. qisqisi yighingha qatnashqan Türk parlament ezaliri tillirini chishligen peti sükütte qaldi. ular türkiyege qaytip kelipmu yighin toghurluq eghiz echishmidi. ularning tili xitayning aldida tutuldi. bu deslepki Diplumatiyelik tartqan ziyanning bir qismidur.

Diplumatiye Milli siyasetning tashqi körünishi, tashqi ipadisidur. bizning toxtimay " weten dewasi" dep yürgen shu ishimiz peqetla Diplumatiye munasiwiti ornitishtur. uningdin bashqa bir menasi yoq. shu noqtidin alghanda bizning tüpki Milli siyasitimiz Diplumatik munasiwet ornutush demektur. bu xil munasiwet yüz- abroy tapalisaq tereqqi qilip, Döletler ara rawajlinishi mumkin. yüz tapalmisaq, abroyimizni özimiz töküp tursaq, kishiler ara, Jemiyetler ara dawamlishishi mumkin. xuddi buningdin burunqi 60 yil dawamliship keliwatqinidek. bu ish bilen müshük aptapqa chiqmaydu.

Rabiye anini 2007-yili Bush ependi Pragada qobul qildi. uni qobul qilidighanliqi peqet 3 kün qalghandila bildürüldi. washingtondin Pragagha uchidighan beletni qanche qat qimmet elip yighingha del waqtida qatnashti. shunchiwala hayajanliq seperge yarisha netije neme boldi? - " buxanim öz dölitining yer asti we yer üsti bayliqidinmu qimmetliktur!" degendek bir jümle söz boldi. Bush ependining ashu bir Jümle sözini belki bir qanche meslehetchiliri qanche kün munazirliship teyyarlap chiqqanliqida guman yoq. bizde pul yeterlik bolghan bolsa, ashu kündiki yighingha qatnashqan we Bush ependining Rabiye ana toghrisida qilghan bir Jümle sözini anglighan 500 neper kishilik hoquq qehrimanliri bilen tekrar, tekrar uchrishish elip berilghan bolsa, yüz-abroyimiz xele bekla eship qalatti. lekin hemme nerse pulgha taqaldi. kanay yaghlighili yagh yoq, sonay yaghlighili yagh nede-degendek, ehwalimiz shunchilik nachar. shu halimizgha qarimastin dewaning ulini qezip turidighan yer asti Gör keshler aram bermeydu. Rabiye ana Uyghurlar yashaydighanher qaysi döletlerge barsila uning sepirige yoqurqidek bir meyipliq arlashturilidu. ya uning tüzük bir meslehetchisi yoq! qaysi döletke barghanda neme deyishi, qaysi Millet rehberliri bilen körüshkende neme deyishi...... hey, hey, hey.

eger Türk döliti xitayning meslehetige kirip, Rabiye anigha viza berip qalsa, kesip eytimenki Rabiye anini deslep qilip Istanbuldiki Qanuni sultan sulaymanning qebrisige bashlap baridighanlar intayin köp bolishi mumkin we shundaq orunlashturilishi mumkin. " weten dewasi" degen ashu Diplumatiye saheside Rabiye anigha meslehet bereligüdek, diplumatik munasiwetni bilidighan birer kadirning barliqini tesewwur qilalmaymen.

Unregistered
10-07-12, 11:09
toghra depsiz ! bu guylar ajayip guylar bu ! urughini ilip muzixanida saqlaydighan !
eger iran döliti rabiye xanimni ziyaretke chaqirsa choqum , bashta tehrandiki hezreti elini öltürgen qatil , abduraxman ibnu möljemning qebrisige aparghidek ! sarang guylar !

Unregistered
12-07-12, 00:55

"sarang guylar" emes, qesten qiliwatqan süyqest......

Unregistered
13-07-12, 08:49
Bu maqalini wekiller choqum oqup chiqishi kerek

Unregistered
13-07-12, 15:47
bu maqalining heyran qalghudek nimisi bar ? yazghuchi, tetqiqatchi, jornalist digendek namlar bilen astirttin Xitay hakimiyitining Lobichiliqini qiliwatqan ejnebilerning sani intayin köp, DUQ ning qurultiyini Yaponiyede achtuq dep hemme Yaponluqni Uyghurlarning dosti dep höküm chiqiralamduq ? qarimaqqa yazghanliri nahayiti mentiqiliqtek tuyulidu, inchikilik bilen tetqiq qilsingiz Xitayning yoshurun teshwiqatchiliqini qiliwatqanliqi otturigha chiqidu, hazir Yawropadimu Xitaydin iqtisadi yardem elip turup, Xitayning siyasitini maxtap kökke körütiwatqan, demokratik Xitaylarni, Uyghurlarni we Tibetliklerni toxtimay qarilap doklat - maqalilarni elan qiliwatqan axbarat wastiliri,tetqiqat merkezliri we akadimiyeler nahayiti köp, hetta germaniyede Xitaydin yardem eliwatqan bir tetqiqat inistituti Xitayning partiye mektibining firappisorini deris berishke teklip qilghan reswachiliq yüzberdi, bu hadise germaniye metbuatliridimu elan qilindi ...
shunga, < men tetqiqatchi >, < men jornalist > digen nam bilen busughimizgha kelgenliki ejnebige öchey - baghrimizni töküwetishimiz toghra emes, tegi - tektini we munasiwetlirini sürüshtürüshimiz lazim ...
Rabiye xanim bashchiliqidiki DUQ ning milliy herikitimizge qoshqan tarixiy töhpisini we Xelqimizning chongqur qollushi we hörmitini hechkim inkar qilalmaydu !
ejnebiler yazghan birer parche maqalini oqupla xudimizni yoqutup qarghularche höküm chiqirishtin we tenteklik bilen rabiye xanimni we DUQ rehberlirini orunsiz eyipleshtin saqlinayli !
bizning dawa uzun bir dawa, aldimizda yene texi ni - ni hadisilerge duch kelimiz, shunga soghuqqan bolushimiz lazim !

Unregistered
14-07-12, 01:26

eytqanliringiz bek toghra, xitay perest yaponluqning barliqinimu untup qalmayli. chetellik -mundaq qaraydiken-depla kordurlap qalsaq hergiz bolmaydu. lekin axirqi bir sözingizge taza qayil balalmayman. soghaq qan boliwirip, axiri ependimdek passip halgha chüshüp qelishtin ensireymen.....

Unregistered
15-07-12, 16:13
maqalide heyren qalghudek hichnime yoq,chunki u ayalning digenliri emilyette bolghan ish.
ozimizdiki kemchilikni korsitip berdi halas. ozimizdiki kemchilikke heyran qalmaymiz elwette.
Mizutani Naoko hanim chet'ellerde sergardanliqta yashawatqan uyghurlarni ziyaret qilip,ene shu emilyet jeryanida korgenlirini yapunye helqighe,yapunye hukumitige sozlep keliwatidu.
u ayalning sozlesh salahiyiti bar elwette,eger u uyghurlargha heqiqi hisdashliq qilmighan bolsa idi,bundaq beshi ketidighan ishni qilmasti elwette.
maqalini ahirghiche oqumughanliqingizni korup yetkili bolidu.
5 minut waqtingizni chiqirip ahirghiche oqup chiqing.
heyran qalghudek yerini korup yiteleysiz.
ejiba sizmu ashu hanim digendek,yapunluqlar yene bir qetim hitay bilen jeng qilsiken digen oyda yurgen birsimu?

bu maqalining heyran qalghudek nimisi bar ? yazghuchi, tetqiqatchi, jornalist digendek namlar bilen astirttin Xitay hakimiyitining Lobichiliqini qiliwatqan ejnebilerning sani intayin köp, DUQ ning qurultiyini Yaponiyede achtuq dep hemme Yaponluqni Uyghurlarning dosti dep höküm chiqiralamduq ? qarimaqqa yazghanliri nahayiti mentiqiliqtek tuyulidu, inchikilik bilen tetqiq qilsingiz Xitayning yoshurun teshwiqatchiliqini qiliwatqanliqi otturigha chiqidu, hazir Yawropadimu Xitaydin iqtisadi yardem elip turup, Xitayning siyasitini maxtap kökke körütiwatqan, demokratik Xitaylarni, Uyghurlarni we Tibetliklerni toxtimay qarilap doklat - maqalilarni elan qiliwatqan axbarat wastiliri,tetqiqat merkezliri we akadimiyeler nahayiti köp, hetta germaniyede Xitaydin yardem eliwatqan bir tetqiqat inistituti Xitayning partiye mektibining firappisorini deris berishke teklip qilghan reswachiliq yüzberdi, bu hadise germaniye metbuatliridimu elan qilindi ...
shunga, < men tetqiqatchi >, < men jornalist > digen nam bilen busughimizgha kelgenliki ejnebige öchey - baghrimizni töküwetishimiz toghra emes, tegi - tektini we munasiwetlirini sürüshtürüshimiz lazim ...
Rabiye xanim bashchiliqidiki DUQ ning milliy herikitimizge qoshqan tarixiy töhpisini we Xelqimizning chongqur qollushi we hörmitini hechkim inkar qilalmaydu !
ejnebiler yazghan birer parche maqalini oqupla xudimizni yoqutup qarghularche höküm chiqirishtin we tenteklik bilen rabiye xanimni we DUQ rehberlirini orunsiz eyipleshtin saqlinayli !
bizning dawa uzun bir dawa, aldimizda yene texi ni - ni hadisilerge duch kelimiz, shunga soghuqqan bolushimiz lazim !

Unregistered
19-07-12, 16:47
sizningche hitay ashu hanimgha pul berip Rabiye Hanimni 2007-yili yapunyige chaqirtqanmidu?
2009-yili hitay u hanimgha pul berip Rabiye hanimni yene yapunyige chaqirtqanmidu?
sergardandiki uyghurlarni tunushturup maqale yazghuzdurghup,hetta u ayalning putun chiqimini kutergenmu hitaymidu?
ashunchiwala yardemni qilghan hitay nimishqa u hanimni 2010-yili Bei Jingda chegridin kirguzmey udulla Tokyo gha yollewitidu?
ashu su'allargha jawab izdep baqayli.

kalla bilen ishtanning ichidikini olgiche ishlet deydighan gepler bolidighan,his'yatqa berilmey etrapliq oylishayli.

19-07-12, 17:42
Rabiye hanimni tunushturghan kitapning yapunche neshirige muherrirligini qilghanmu mushu hanim.
hitay ashu hanimgha siz digendek(siz qiyas qilghandek deyli) pul berip ozining beshini aghritidighangha nime seweb bolghandu?
hemmidin muhimi u ayal bu maqalide yapun hukumitini,yapun parlament ezalirini uyghurlar uchun emeli ish qilishqa undep,ozining maqalisini yighinchaqlidi.
hergizmu DUQ ni qamchilash bilen ahirlashturmidi.

sizningche hitay ashu hanimgha pul berip Rabiye Hanimni 2007-yili yapunyige chaqirtqanmidu?
2009-yili hitay u hanimgha pul berip Rabiye hanimni yene yapunyige chaqirtqanmidu?
sergardandiki uyghurlarni tunushturup maqale yazghuzdurghup,hetta u ayalning putun chiqimini kutergenmu hitaymidu?
ashunchiwala yardemni qilghan hitay nimishqa u hanimni 2010-yili Bei Jingda chegridin kirguzmey udulla Tokyo gha yollewitidu?
ashu su'allargha jawab izdep baqayli.

kalla bilen ishtanning ichidikini olgiche ishlet deydighan gepler bolidighan,his'yatqa berilmey etrapliq oylishayli.

Unregistered
20-07-12, 01:56
bu temida bizning deqqet qilidighan noqtimiz maqale yazghan yaponluq xanim üstide emes, eksiche biz yaponiyede qaysi xataliqni ötkezduq? kimler pilanlidi? nemishke shundaq boldi? qatarliq Siyasi mesuliyetni sürüshte qilish idi. yaponluq xanimning maqalisining obyekti pashistlar qebristanliqini ziyaret qilish jeryanidin kelip chiqqan netijilerni merkez qilghan. her bir yighinni echishtin burun atalmish teyyarliq komiteti qurulidu. komitetqa desliwide 21 adem kiridu. keyinche ikkila kishi ishni bejirip ketiwiridu. komitet az degende yerim yil yighin, muzakire waha kaza dep koldurlaydu. yighin echilghanda teyyarliq komitetining nemini teyyarlighanliqini bilgili bolmas halda selbi hadisiler kelip chiqidu. artuq sözleshning hajiti yoq. bu yerde degen gepler "eghwa, pitne pasat, körelmeslik" degendek betnam bilen yekünlinip, ular yene özi bilgen we özliri xalighan ishni qilip ketiwiridu. men kesip eytimenki, DUQ da Rabiye anining tüzük meslehetchisi, yardemchisi yoq. uning qeyerde, kimge neme deyishi kerekliki hergizmu aldin teyyarlanmaydu. deydighan hemme gep, söz uning tebi talantigha amanet qilinghan. Rabiye ana Uyghur- xitay ishlirini eng yaxshi bilishide guman yoq. lekin herqaysi döletlerning, herqaysi milletlerning siyasi alahidiliklirini bilishi, chüshinishi intayin cheklik! bu ehwallarni herqaysi döletlerde yashawatqan Uyghurlirimiz yaxshi bilidu. DUQ da muhim xizmettiki kadirlar Rabiye anining qeyerde, qaysi waqitta, kimlerge neme deyishi kereklikini etrapliq teyyarlap chiqishi lazim idi. lekin uninggha teyyarlap bergen sitatistkiliq materyalmu bezen chaghlarda uning qoligha yetküzülmeydu.

bir qetimliq Axbarat elan qilish yighinida qanche kishi toplushup teyyarlighan materyal qeghez yüzige chiqmidi. yighin bashlinishqa 15 minut qalghanda , kechürüng Rabiye ana, bu sheherde kona yeziqtiki materyalni besip chiqarghili bolmaydiken. amal qilalmiduq. Leptopqa qarap turup sözlep bersingiz bolidu-dedi bir leqwa. emma Rabiye ana shunchilik osal halgha chüshti. chünki u Leptopni qandaq ishlitishni bilmeydiken. mana bu bir süyqest idi. pdf qilip besip chiqarsa bolidighan nersini ashundaq süyqest ishlitip, Rabiye anini putlighan idi. Milletning teqdirige munasiwetlik shunchilik muhim bir Axbarat elan qilish yighinida uning yardemchiliri uni ashundaq putlighan tursa, bashqa ishlar qandaq bolmaqchi?

pikirdash

Unregistered
20-07-12, 14:04
yazghaliringiz intayin toghra pikirdash dostum !!!!!! Ramazan eyi bilen tebrikleymen,

05-08-12, 17:34
Mekke ependim, birnime dimenla,sili qiziqmamla qanda?

جۇڭگوغا قارشى گۇرۇھلارتەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن بىر پاجىئە،لېكىن ئۇلارنى قوللاش بىلەن جۇڭگوغا قارشى شۇئار توۋلاش باشقا بىر ئىش،ئۇيغۇر مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق سەمىيمىلىكنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئاپتور،ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۆر بولغان مەسىلە ئۈستىدە توختىلىدۇ . <نىمىشقا ياپۇنلار نەنجىڭدە تېخىم كۆپ خىتاينى ئۆلتۈرمىگەندۇ ھە!>----مانا بۇ ئاپتور بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان 1999-يىلى ئەتراپىدا،خىتايلار يوق مەيداند ا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان بىر جۈملە سۆز. ياپۇنيىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزلىقىدىن ھوزۇر ئېلىپ ،ھىچ تەپ تارتمايلا ياپۇنيەگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر زاتى بىلەن پاراڭلىشىپ قالسام دەرھال:-- ياپۇن ئارمىيەسنىڭ خىتايلارغا قىلغان باسقۇنچىلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ،ئۇنىڭدىن خۇشال بولساڭلار خىتايلارنىڭ سىلەرگە قىلغان-ئەتكەنلىرىنى تەنقىد قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىلەر،دەپ رەددىيە بېرەتتىم.بۇ يىل 5-ئايدا ياپۇنيىگە زىيارەتكە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(تۆۋەندە د.ۇ.ق دىيىلىدۇ) ۋەكىللىرىنىڭ ياپۇنيىدىكى دۆلەتۋازلار بىلەن بىرگە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا تاۋاپ قىلىشى مېنىڭ بېيجىڭدىكى كەچمىشلىرىمنى ئەسلەتتى. جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى پۇرسەت تاپسىلا تەنقىد قىلىدىغان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى كۆرۈپ باققۇم بار> دەپ ئويلايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ئەمەسلىگىنى مەن بىلىمەن.لېكىن،شەخسى نام بىلەن ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن كوللىكتىپ ھالدا ئىبادەت قائىدئسىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش ئەمەس.(ئىبادەت قائىدىسى دىگەنلىك،ئىبادەت ئويبىكتىغا قاشتېشى زىخىنى سۇنۇش،ئىبادەت سۇپىسىغا چىقىش دىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ—تەرجىمە قىلغۇچىدىن)،مەن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ھازىرغا قەدەر بۈيۈك شەرقى ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،د.ۇ.ق دىن پايدىلىنىۋاتقان ياپۇنيىلىك دۆلەتپەرەسلەرگىمۇ،ياسۇكۇنىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلمەي تۇرۇپلا رەسمى ئىبادەت قىلغان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئچىم سېرىلىپ.چوڭقۇر ئويلارغا چۆمۇلدۇم.
<ياپۇنيە ئۇيغۇر جەمئىتى>دە ياپۇنلۇقلار نى مەركەز قىلغان
ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئاساسلىق مىللەت بۇلۇپ،نوپۇسى 9 مىليون 500مىڭ ئەتراپىدا،تۈركى مىللىتىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلاردۇر،يەر نامىنىڭ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدى،چىئەنلۇڭ دەۋرىدە چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئەمىلى كونتروللىقىغا ئۆتكەن زاماندىن باشلانغان، ئۆزىنى جۇڭخۇا ئېلىگە مەنسۇپ ئەمەس،<يات مىللەت تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان> دەپ قارايدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق كۆز قارىشى ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،سوۋېت ئتپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ كۈچەيگەن ھۈكۈمەتكە قارشى ھەركەتلەر ۋە ھۈكۇمەتنىڭ باستۇرۇشلىرى تۈپەيلى 90-يىللاردا چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن پائاليەتچىلەرنى مەركەز قىلغان ئاساستا 2004-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت سىرتىدىكى تەشكىلات. 3 يىلدا بىر قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا يىغىن چاقىرىدۇ،بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئامېركىدا ئېچىش پىكىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ،ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دولقۇن.ئەيسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن شەخىسلەرمۇ مەۋجۇت بولغاچ،ئەڭ ئاخىرىدا توكيو دا ئېچىش قارار قىلىنغان.
ياپۇنيىگە كەلگەن د.ۇ.ق ۋەكىللىرى،5-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئاساسى قانۇن خاتىرە سارىيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن،ياپۇنيىلىك <قوللىغۇچىلىرى> بىلەن بىرلىكتە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسغا قاراپ يولغا چىققان ۋە <سۇپىغا چىقىش> نى تاماملىغان.
دۆلەتپەرەسلىك سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن تۇنۇلغان فۇجىئى.گېنكى ئۆز تور بېكىتىدە: د.ۇ.ق رەئسى رابىيە.قادىر قاشتېشى زىخىنى سۇنۇپ،ئىككى تازىم،ئىككى چاۋاك،يەنە بىر تازىم،قاتارلىق قائىدىلەر بويىچە <قەھرىمانلارغا بولغان ھۆرمىتى>نى بىلدۈرۈپ،<ئەڭ كاتتاشەكىلدە ياپۇنيەگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى> دەپ يازدى.
مەن ياپۇنيىلىك بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاشتېشى زىخىنى سۇنۇشىنى قىلچىلىكمۇ<ياپۇنيىگە بولغان ئەڭ يۇقۇرى ھۆرمەت>دەپ ھىس قىلالمايمەن،ھەممىدىن مۇھىمى،مۇسۇلمان بىر ئايال بىرلا ۋاقىتتا ئۆز ئېتىقاتى بىلەن بۇ خىل قائىدىنى قانداق قىلىپ تەڭشىگەندۇ دىگەن خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى.

د.ۇ.ق نىڭ ساھىبى بولغان ياپۇنيە ئۇيغۇر جەمىئىتى(تۈۋەندە ي.ۇ.ج دەپ ئاتىلىدۇ) بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇ كىشىلىك ھۇقوق ر تەشكىلاتلارنىڭ چوڭ پەرقى بار. ئۇ بولسىمۇ،بۇ تەشكىلات ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ساناقلىق ،غوللۇق ئەزالىرى دۆلەتپەرەس ياپۇن ياشلىرى بۇلۇپ،ئۇيغۇرچە ۋە ياكى خىتايچە ئۇچۇرلارنى ئىگەللىشى مۇمكىن بولمىغاچ،جوڭگو ياكى شىنجاڭنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يوق.
راستىنى ئېيتسام،يىغىن مەزگىلىدە مەن چەتئەلدە ئىدىم،ناۋادا ياپۇنيەدە بولسام ئىدىم،چوقۇم ۋەكىللەرگە ئايرىم-ئايرىم خىزمەت ئىشلەپ ياسۇكۇنى مەسلىسىنىڭ يامان تەسىرىنى چۈشەندۈرگەن بولار ئىدىم.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن،<يىغىنغا قاتنىشىپ ياپۇنيىدىكى ئۇيغۇرلار نىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز> دەپ تەلەپ قىلغانلارمۇ بولدى. ئەينى ۋاقىتتا،ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىمىز دىگەن ياپۇنلۇقلارنىڭ<پائاليەت شەكلى>نى تەنقىد قىلغانلىقىم سەۋەبلىك ي.ۇ.ج نىڭ شۇ چاغدىكى ئاساسلىق پائاليەتچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندا قىلىندىم،زايتوككاي(ياپۇنيىدىكى چەتئەللىكلەرنى يەكلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشكىلات—تەرجىمە قىلغۇچى) غا مەنسۇپ بولغان ئىنتېرنېت ئوڭچىلىرى توردا<ئۆيۈڭگە پوق-سۇيدۈك چاچىمەن> دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بايانات ئېلان قىلغاچقا، .ئارتۇق ئىشقا .ئارلاشىشنى خالىمىدىم.
ھەر قايسى جەھەتلەردىكى سەلبى تەسىرى
ئىبادەت ئاخىرلىشقاندن كېيىن رابىيە.قادىر ساكۇرا قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ<ياپۇنلۇقلارنىڭ قەھرىمانلىرى دەپنە قىلىنغان جاينى زىيارەت قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن> دىگەن بولسا،18-چىسىلا جىجى ئاگېنتىنىڭ زىيارىتىدە<جۇڭگونىڭ غەزىپىنى قوزغاش نىيتىم يوق،تېنچ يول بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلايمىز>،دىگەندەك باش-ئاخىرى ئۇلاشمايدىغان گەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.يەنى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەي،ھەر قايسى جەھەتلەردە سەلبى رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتمىدى.
ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ئۇلۇغلارنى دەپنە قىلىدىغان مازار ئەمەس،ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى دەپنە قىلغان ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىمۇ ئەمەس.ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى توغرىسىدا،ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى خاتىرلەش ئۇسۇلىنى چۆرىدىگەن غۇلغۇلا ياپۇنيەدە مەيلى ئوڭچى ياكى سولچى بولسۇن ناھايتى نۇرغۇن تەنقىتكە ئۇچراپ،ياپۇنلارغا نىسبەتەن ئۇرۇشتىن كېيىن تېخى ھەل بولمىغان مەسىلە ھىسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياسۇكۇنى مېىجى دەۋرىدىن باشلاپ پادىشاھ تۈزۈلمىسىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئېتىقادى (ياپۇن تىلىدا <شىنتوۇ> دەپ ئاتىلىدۇ،ياپۇن خەلقىغە خاس بىر خىل ئېتىقاد شەكلى—تەرجىمە قىلغۇچى)سۈپىتىدە مەۋجۇد بۇلۇپ،ئۇرۇش پاتقىغا غەرق بولغانلارمۇ <دۆلەت ئۈچۈن جېنىنى پىداھ قىلغانلار> سۈپىتىدە دەپنە قىلىنغان بولغاچ،شەرقى شىمال ئاسىيا ئەللىرى تەرىپىدىن<ئۇرۇش جاھانگىرلىرىنىڭ سىمۇۋولى> دەپ قارىلىپ،ياپۇنيە بىلەن بولغان دىپلوماتيە مەسلىسى بۇلۇپ قالغان،دىگەندك جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ قېتىملىق ئىبادەتنى <كۆزگە ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان قىلمىش> دەپ ئەيىپلەپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
.د.ۇ.ق بۇگۈنكى سەھنىدە جۇڭگو ھۈكۈمىتىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ كىچىككىنە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يىراقنى كۆزلەپ ئېيتقاندا،قولدىن كەتكۈزۇپ قويغىنى ئۇنىڭدىن زور. ياسۇكۇنى ئىبادەتىخانىسىنى تەتۇرسىگە چۈشىنىدىغان ياپۇنلۇقلاردىن باشقىلىرى <ياپۇن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسدا يەنە جەڭ باشلانسا ياخشى بولاتتى دەيدىغان قىلمىش> دەپ ئويلىشى مۇمكىن،ھەم شۇنداقلا،ئەسلى ئۇيغۇر مەسلىسىنى توغرا چۈشۈنىدىغانلارنىمۇ يىراقلاشتۇردىغان بىر قىلمىش ھىسابلىنىدۇ.
د.ۇ.ق ھازىرغا قەدەر جۇڭگو كومۇنىستىك ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىدىغان بىرەر يولغا ئىگە ئەمەس.شۇنىڭغا قارىماي بىرەر يول ئىزدەيلى دىگەن خىيالنىڭ يوقلىغىنى بۇ قېتىملىق ئبادەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىۋەتتى.
دۈشمەننىڭ دۈشمىنى دوست ئەمەس. د.ۇ.ق ياپۇنيىدىكى< ئوڭ قانات>لار شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئويلامدىغاندۇ؟، بۇ مەسلە ئۇلار خىتايلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشنى،كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىش ئارقلىق ھەل قىلمىسابولمايدۇ.
ي.ۇ.ج نىڭ ئىجرائىيە ئەزاسى ساتو.تاكاشى بۇ نۆۋەتلىك يىغىن توغرىسىدا كۆرەڭلەپ،< ۋەكىللەرنىڭ،نىمە ئۈچۈن ياپۇنيەدىكى قوللىغۇچىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۇن بۇ قەدەر ھەركەتلىنىدۇ دىگەن ساداسى بەك يۇقۇرى بولدى> دىدى. ياپۇنلۇقلارنىڭ كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ نامايىش قىلغىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن،ناۋادا ۋەكىللار بايىقى سۆزنى چىن يۈرۈكىدىن چىقىرىپ دىگەن بولسا،بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالنى دەلىللەش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.
ي.ۇ.ج ۋە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ كونكرىتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچسى بولغان ساكۇرا قانىلى قاتارلىق ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ<ياردىمى>جۇڭگوغا قارشى ھەركەت بۇلۇپ،مىللى مەسلىنى ھەل قىلىشتا رول ئوينىمايلا قالماستىن ئەكسىچە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر قازغانغا باراۋەر.
كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ،جۇڭگوغا قارشى شۇئار توۋلاش،جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنى تىللاش ياردەم ھىساپلانمايدۇ.ھەقىقى ياردەم تېىخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشتۇر.مەن شىمالى ياۋرۇپادا مەلۇم دۆلەت رەتلەپ چىققان ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ئائىت تەپسىلى مەلۇماتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە لىققىدە ياش كەلدى.
بەزى ۋاقىتلاردا ياردەم دىگەنلىك ھەقىقى ئەسقاتىدىغان كىتاپ يېزىش،ھەرقايسى مىنىستىلىكلەرگە قاتراش دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،دۆلىتىمىز بۈگۈنگە قەدەر بىرەرمۇ ئۇيغۇر قاچقۇننى چېگرىدىن كىرگۈزۇپ باقمىغان كىشىلىك ھۇقوق جەھەتتە تەرەقىي تاپمىغان دۆلەت بۇلۇپ،ئامېرىكا،ياۋرۇپاغا سېلىشتۇرغاندا،ياردەم دەپ ئېغىزغا ئالغۇچىلىك ھىچقانداق بىر ئىش قىلغىنى يوق.
د.ۇ.ق توكيودا ئېچىلىش ھارپىسىدا ئەركىن دىمۇكراتلار پارتىيىسىدىكى ئوڭچىىلارنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان <ئۇيغۇرلارنى قوللاش بىرلىكى>،دىنى تۈسنى ئالغان <بەخىتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پارتىيسى>نىڭ ئەزالىرىمۇ ئارلاشقان<يەرلىك پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش بىرلىكى> دىن گەرچە ئۈمىدلىنىپ كەتمىسەممۇ،بۇ بىرلىكلەرنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان ئۇيۇننى تاشلاپ،سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلارنى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزۈش دىگەندەك،ھەقىقى<كىشىلىك ھۇقوقنى قوغدايدىغان>، زۆرۆر بولغان مەسلىلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن ھەل قىلىشنى كۈتىمەن.

شۇكان كىنيوۇبى،6-ئاينىڭ 15-كۈنى

Unregistered
11-08-12, 08:29
nime digen rezillik ! nime digen hamaqetlik bu ! milletni bundaqmu galwang qilghan barmu ! bu bir milliy dawagha qilinghan haqaret ! xiyanet ! bu xitayning DUQ tiki ghalchiliri tazilanmay turup dawa rawaj tapmaydu ! uyqumizni achayli ! ya DUQ tiki xitay ghalchilirini tazlayli ! yaki DUQ ni shu xitay ghalchilirigha tashlap bireyli !
2009 -yili 7-ayning 5 -küni yeni wetinimiz sherqiy turkistanning paytexti urumchide yüzbergen qanliq qirghinchiliqtin kiyin , turkiye jumhuriyiti bashministiri rejep tayyip erdughan `` bu bir irqiy qirghinchiliqtur `` dep dunyagha jakarlidi we rabiye xanimni turkiyege teklip qildi .shu yili oktebirde rabiye xanim gollandiye ziyariti esnasida gollandiyede turushluq PKK(kurt koministik partiyesi ) we ermeni jornalisitlar bilen mkörüshtürüldi . turik jemiyet we teshkilat mensupliri buninggha qattiq narazikliq bildürgen boldi ! edmi bolsa bu setchilik otturgha chiqti ! bu herketlerning Rabiye xanimni nopuzsuzlashturush, uyghur dawasini ajizlashturushtin bashqa paydisi yoq ! bular bir tasadibiliq emes ! buni pilanlap orunlashturghan kishi del DUQ ning ichide !
bu tazlanmay turup ! dawa tereqqiy qilmaydu !

tughluq

mushu digenliringz heqiqet bolsa Rabiye animizning eqli yokken. pkk digen turuklerning eng qong düxmene ikenlikini bilmemdikina, xundak düxmenler bilen körüxkine nimisi, herkanqe yahxi niyiti bilen qakirilghan bolsimu köruxmesliki kerekku. rabiye animiz baxkilarning depigha usul oynap ketken ixlar köp. 2009.7.5 din keyinmu shundak hataliklar körulgen. aldiraksanlik kilmaslik kerek. 7 ölqep bir kes digen gep bar. her kandak ix kilixtin burun u ixning paydilik teripi we ziyanlik teripine deng sep turup kilishi kerek. Siler(DUQ) öz menpetinglane közlep turup emes, millet menpetine közlep turup ix kilasiler.

Unregistered
11-08-12, 16:12

Rabiye xanim köp ishlarda DUQ ning ichige yoshrunghan intayin az sandiki xitay ghalchilirining aghizigha qaraydu. Rabiye xanim kimler bilen körüshidighanliqinimu shu ghalchilar aldin pilanlaydu, yolini tusaydu. Rabiye xanim nedin bilsun, kimning PKK, Kimning ermeni ikenlikini? eqilsiz ghalchilar shundaq ora kolap, Rabiye xanimni yiqitishqa az qaldi. buni sezmise xanim bek eghir pushaymangha qalidu. .....