PDA

View Full Version : بۇ كېسەلنى داۋالاشمۇ ياكى كېسەلنى قىيناش



Unregistered
06-06-12, 09:54
ـــــ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشنىڭ يېڭىلىقى قەيەردە؟

بۇ راست بولغان ئىشلار.

ھېكايە سورۇنى ئاقسۇ شەھەرلىك دوختۇرخانا.

ئاپامنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا ئىشقا چۈشۈش ۋاقتى تۇشقان بولسىمۇ تەكشۈرۈش ئۆيلىرى ئېچىلمىغان ئىدى،كارىدوردا دوختۇرنى ساقلاپ تۇرۇشقان بىمارلار دوختۇرلارغا ھەر كۈنى يىغىن ئاچىدىكەندىيىشىتى.40مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.بۇ چاغدا كارىدور تەكشۈرتكىلى كەلگەن بىمارلار بىلەن تولغان ئىدى.بىمارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىدى.تەكشۈرۈش تۈگەپ ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇر مېنى چاقىردى.
ـــ سەن بىمارنىڭ تۇققىنىمۇ؟
ـــ شۇنداق.
ـــ بىمار ياشىنىپ قاپتۇ،كېسىلىمۇ خېلى ئېغىر ئىكەن. ئۇزاقراق داۋالىنىشقا توغرا كېلىشى مۈمكىن.
ـــ بولۇدۇ،ياخشى بولغىچە داۋالىتىمىز.
ـــ ئەمما بىر ئىشنى ئالدىن ئېيتىپ قۇياي،بەلگىلىمە بۇيىچە پەقەت پۇل سوممىسى ئىچىدە داۋالايمىز.
ـــ بىمارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كېنىشكىسىغۇ بار، قانچىلىك پۇل كەتسە تاپشۇرىمىز.
ـــ گېپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسەن.ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كىنىشكىسىگە پەقەت بىر ئايدا 2500يۈەنلىك داۋالانغىلى بولۇدۇ.بالنىسقا كىرگەندىن كېيىنكى تۈرلۈك تەكشۈرۈش خىراجەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.ئەگەر تەكشۈرۈش كۆپرەك بولۇپ كېتىپ قالسا مىسالەن 1000يۈەندىن يۇقۇرى پۇل تەكشۈرۈشكە كەتسە قالغان پۇلغا 3-4كۈن داۋالىنالىشى مۈمكىن. 2500يەنلىك داۋالىنىش سومما چېكى توشقاندا بىمار بالنىستىن چىقىدۇ.
ـــ بۇ قانداق گەپ،بۇ دوختۇرخانىدا كېسەلنىڭ ساقىيىش ئۆلچەممۇ ياكى پۇلمۇ؟
ـــ پۇل ئۆلچەم،ئەگەر 2500يەنلىك داۋالىنىش چېكى توشقاندا داۋاملىق داۋالاتماقچى بولساڭ پۈتۈن خىراجەتلەرنى ئۆزۈڭ كۆتۈرىسەن.كىنىشكىگە داۋالىتىمەن دىسەڭ بىر ئايدىن كېيىن كېلىپ قايتا ياتقۇزساڭ بولۇدۇ،ئەمما يەنە 2500يۈەنلىك چەك ئىچىدە داۋالايمىز.
ـــ كىېسەل بىر ئايغىچە ئېغىرلىشىپ كەتمەمدۇ؟ پۇلى يوق دېھقانلار،نامرات شەھەر ئاھالىلىرى قانداق قىلىدۇ؟ بىر قېتىم داۋالىتىپ چىقىپ كېتىپ، يەنە بىر ئاي توشقىچە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتامدۇ؟ دۇنيانىڭ يەنە قەيەرىدە بۇنداق بىمەنە ئىشلار بار؟
ـــ بۇنىڭغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق،بەلگىلىمە قانداق بولسا شۇنداق قىلىمىزدە.
ـــ بۇ قايسى ئورۇن بېكىتكەن بەلگىلىمە؟
ـــ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى بېكىتكەن بەلگىلىمە.
ـــ سېنىڭچە مۇشۇ بەلگىلىمە ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟
ـــ بۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى ئەمەس.داۋالىنىش سوممىسى ئۆتكەن يىلى تېخى 2000يۈەن ئىدى.بۇ يىل 500يۈەن ئۆستۈرۈلدى.داۋالىشىش خىراجىتى ئېشىپ كېتىپ دوختۇرخانا زىيان تارتتى.
ـــ سېنىڭچە بىز قانداق قىلساق بولۇدۇ؟
ـــ كېنىشكىگە داۋالىنىش سوممىسى 3-4كۈن يېتىشى مۈمكىن.شۇنىڭغىچە داۋالىتىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۆزەڭ پۇل تۆلەپ داۋالاتساڭ بولۇدۇ ياكى دورا يېزىپ بەرسەك ئۆزەڭ ئېلىپ داۋالاتساڭ بولۇدۇ.
ـــ بۇنداق قىلىشنىغۇ،بىلىمەن،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا كېنىشكىگە 15كۈن داۋالانغىلى بولۇدۇ.ئۇلار ۋاقىتنى ئۆلچەم قىلىدىكەن،سىلەر پۇلنى ئۆلچەم قىلىدىكەنسىلەر.ئۇنداقتا پۇل ئۆلچىمىڭلار توشقاندا بىمارنى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بېرىڭلار. قالغىنىنى شۇ يەردە داۋالىتايلى.
ـــ بۇنى قىلالمايمىز.بىز داۋالىيالمايدىغان كېسەل بولسا ئاندىن يوللىغىلى بولۇدۇ. بۇ بىمارنى بىزمۇ داۋالىيالايمىز.
ـــ 3-4كۈندە يا كېسەل ساقايمىسا يا ئۇزاقراق داۋالانغىلى بولمىسا، يا يۇقۇرىغا يوللاپ بەرگىلى ئۇنىمىساڭ كېسەلگە ئۇۋال بولمامدۇ؟ بۇ كېسەلنى قاراپ تۇرۇپ گۆرگە ئىتتىرگەنلىك بولمامدۇ؟ سېنىڭچە شۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
ـــ مەن بۇ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بېرىپ بولالمايمەن.مەن پەقەت بەلگىلىمە بۇيىچە ساڭا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.بەزى ئىشلارنى ھەل قىلىش مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ.
مەن دوختۇر بىلەن گەپ تالىشىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ھېس قىلىپ قايتىپ چىقتىم.ياتاقتىكى كونا بىمارمۇ دوختۇرنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىنىقى كۈنى مۇشۇ بۆلۈمدە ياتقان بىر دېھقان بوۋاي بالنىستىن چىقىپتۇ. بالنىستا پەقەت 2كۈن ياتالاپتۇ.خىلمۇ خىل تەكشۈرۈش ھەققى 1500يۈەندىن ئېشىپتۇ، قالغان پۇل بانىستا يېتىپ 3-كۈنى تۈگەپ داۋالاش توختىتىلىپتۇ،بوۋايمەن تەكشۈرتكىلى ئەمەس داۋالانغىلى كەلدىم،كېسەل ساقايمىسا مەن نىمىشقا چىقىپ كېتىمەندەپ كاج تالىشىپ بېقىپتۇ،ئەمما گېپىنى ئاقتۇرالماپتۇ...
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ سىرىتقا چىقتىم.تەشۋىقاتلىرىمىز دىن يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتىن قىينالمايدىغان،دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتىن قورقمايدىغان بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىپ ئىشىنىپ قالغان ئىكەنمەن.تەشۋىقاتتىكى يۇغان گەپلەرگە ئىشەنچىم تولۇق توزۇپ كەتتى.بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاقسۇ شەھرىنىڭ يېزا-بازارلىرىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئىكەن،(نىمىشقىدۇر باشقا مىللەتكە مەنسۇپ بىمارلار كۆزگە چېلىقمايىتتى).قانچە كۈن داۋالاشنى پۇل سوممىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ بېكىتىش بىمارلارنى نارازى قىلىۋاتقان ئەمەلى مەسىلە ئىدى.
دوختۇرخانا كىسەلنى ئېنىقلايمىز دەپ ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ پۇل تاپىدۇ،كېسەل ئېنىقلانغاندىن كېيىن پۇل سوممىسى توشتى دەپ تولۇق داۋالىمايدۇ،دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېتىدۇ،بىمار داۋالىنىش ئۈچۈن يەنە بىر ئاي ساقلايدۇ،بىر ئايدىن كېيىن يەنە تەكشۈرىدۇ،داۋالاشقا پۇل تۈگەيدۇ...بۇ دېھقانلارنى ئەخمەق قىلىش بولماي نىمە؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىنى چىقارغانلار مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئۆزى بىرەر قېتىم داۋالىنىپ باقامدىغاندۇ؟ بۇ كېسەل داۋالاشمۇ يا كىسەلنى قىيناشمۇ؟ دوختۇرخانا زىيان تارتتى دىگەن گەپكە مەن ئىشەنمەيمەن.چۈنكى دوختۇرخانىلارنىڭ دورىغا باھا قوشۇپ غايەت زور پايدا ئېلىۋاتقانلىقى ،تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلاپ نەپ ئېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىز بىلىدىغان پاكىت.بىر قىسىم ئەمەلدارلار دەپ يۈرگەن چەك بېكىتىلمىسە بىمارلار چىققىلى ئۇنىماي يېتىۋالىدۇ، ياتمىسىمۇ بولىدىغان كېسەل ئۈچۈنمۇ بالنىسقا كىرىۋالىدۇ دىگەن سەپسەتەلەرگىمۇ ئىشەنمەيمەن.چۈنكى ئەمەلدارلاردىن باشقا ئەقلى نورمال بىر ئادەم دوختۇرخانىدەك يەرگە بېرىپ يېتىۋالمايدۇ.ھۆكۈمەتتە مەبلەغ قىس شۇڭا داۋالىنىشقا ئالاقىدار ئىشلار ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىدۇ دىگەن گەپنڭىمۇ ئاساسى يوق.ئىشلار ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ بولغىچە بىمار ئاستا -ئاستا ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ بولۇدۇ.قۇتقۇزىۋالغىلى بولۇدىغان كېسەل ئاستا-ئاستا قۇتقازغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ بولۇدۇ.يەنە قاچانغىچە ئاستا-ئاستانى ساقلايمىز؟؟؟ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە،شىمالى چاۋشەنگە ياردەم ئۈچۈن بېرىلىۋاتقان مىليارت-مىليارتلاپ ھەقسىز ياردەم پۇللىرىغا،تېخى بىر ئاي بۇرۇن يەمەنگە خالىسانە بېرىلگەن يۈز مىليۇن يۈەن ياردەمگە سېلىشتۇرغاندا داۋلىنىشقا مۇھتاج پۇخرا ئۈچۈن( جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇخراسى ئۈچۈن )ئايدا 2500يۈەن چەك بېكىتىپ قۇيۇش ئىنتايىن بېخىللىق ئەمەسمۇ؟ئەشۇ ياردەملەر ئالدىدا بۇ پۇل نىمىگە ئەرزىيدۇ؟نىمە ئۈچۈن چەتئەللىكلەرگە سېخىلىق بىلەن كەڭ ئېچىلىۋاتقان قوللار ئۆز پۇخرالىرىغا كەلگەندە پىقسىقلىق قىلىدۇ؟نىمە ئۈچۈن بىمار پۇخرالىرىمىزنىڭ كىسەل تەككەن ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانچىلىك قەدرى بولمايدۇ؟

ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە دوختۇرخانا داۋالاشنى توختاتتى،مەن دوختۇرخانا چىقىرىپ بەرگەن چىقىم تىزىملىكىگە قاراپ تەكشۇرۈش خىراجىتىنى ھېساپلاپ باقتىم، تەكشۈرۈش چىقىمى 1892يۈەنگە يەتكەن ئىدى،ئوكسېگىن پۇلى،كارۋات پۇلى،پەرۋىش پۇلى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمىلى دورا-ئۇكۇل پۇللىرى 500يۈەندىن ئاشمايتتى. بۇ يەردە كېسەلنىڭ قەدرى-قىممىتىدىن پۇلنىڭ قەدىر- قىممىتى يۇقۇرى ئىدى، دوختۇرنىڭ كىسەلدىن ئەھۋال سورىشىمۇ پۇل ، سېستىرانىڭ تەبەسسۈمىمۇ پۇل،ھەتتا دوختۇرخانا ئىچىدىكى ھەر بىر قەدىمىمۇ پۇل ئىدى...
مەن دوختۇرنى ئىزدەپ بۇ يەرگە تەكشۈرتكىلى ئەمەس داۋالانغىلى كەلگەنلىكىمىزنى،بىمارغا ھازىرغىچە پەقەت 8قۇتا ئۇكۇل ئېسىلغانلىقىنى،خۇسۇسى دوختۇرخانىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ياخشىراق داۋالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ نارازىلىقىمنى بىلدۈردۈم. بىر ھازا داۋام قىلغان تالاش-تارتىشدىن كېيىن مەن پۇل تاپشۇرىدىغان،داۋالاش ۋاقتىنى 2كۈن ئۇزارتىدىغان بولدۇق، كېلىشكىنىمىز بۇيىچە پۇل تاپشۇردۇم،ئەمما لازىملىق ئۇكۇل دوختۇرخانىدا تۈگەپ كەتتى دىگەن سەۋەپ بىلەن ئەتىسى داۋالاش يەنىلا توختىتىلدى،بۇ دوختۇرخانىنىڭ كىسەلنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۇسۇلى ئىدى.مەن دوختۇر ئىشخانىسىدىكى قاتار ئېسىپ قۇيۇلغان قىزىل لەۋھە-بايراقلارغا نەپرەت بىلەن قاراپ لەنەتلەر ئوقۇدۇم،قولۇمدىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش كېنىشكىسىگە تىكىلىپ يەنە نىمىلەرنى دىيىشنى بىلمەي قالدىم.بىر تەرەپكە قارىسام كېسەلدىن ھالسىراۋاتقان بىمار، ساقايمايۋاتقان كىسەل،تىلى بار تۇرۇپ دوختۇرغا گەپ ئۇقتۇرالماي گاچا ھالەتكە كەلگەن چارىسىز دېھقان،ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدىن ۋە ئىنسانىلىقتىن يىراقلاشقان غەلىتە بەلگىلىمە، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان قايىل قىلىش كۈچى يوق ئاقماس چۈشەندۈرۈش؛يەنە بىر تەرەپكە قارىسام دوختۇرخانىنىڭ ھەشەمەتلىك بىنالىرى، باشلىقلار ئولتۇرۇۋاتقان ئالى ماشىنا،مۇقىملىق باھانىسى بىلەن خەجلىنىۋاتقان مىليۇنلاپ پۇللار،34مىليون650مىڭ يۈەن پارانى چۆنتىكىگە سېلىپ سەھنىلەردە دەبدەبىلىك سۆزلەپ بىر مەھەل دەۋران سۈرگەن غۇلجا شەھەرلىك پارتىكوم سۇجىسى جاۋباۋخۇاغا ئوخشاش بالاخور ئەمەلدارلار،دېھقانلارنىڭ پۇلىغا قىزىقسىمۇ تىلىغا قىزىقمايدىغان ئۆزى داۋالاۋاتقان كىسەل بىلەن پىكىرلىشەلمەسلىكنى نومۇس ھېساپلىمايدىغان چەم يۈز دوختۇرلار،ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئەمەس پۇلنى ئاساس قىلىشنى نىشان قىلغان غەلىتە بەلگىلىمىلەرنى ئويلاپ تاپىدىغان شەرەپسىز باشلىقلار...


Menbe:

http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9844&fpage=0&page=1