PDA

View Full Version : Sopanxun Heqqide Stalingha Yollanghan Melumat (1-Qimsmi)



Unregistered
07-05-12, 18:45
Tarix Penliri Doktori Nebijan Tursunning Yengi Maqalisi iken:


سوپاخۇن سوۋۇروف 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئاددى بىر قوزغىلاڭچىدىن مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىزۋوت، روتا ۋە پولك
كوماندىرىلىق دەرىجىسىگىچە بولغان 20 يىللىق ھەربىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، شۇنىڭدەك ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شەۋكەتلىك قىسىمى 1945- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسى بولمىغان بولسا، سوپاخۇن سوۋۇروف دېگەن مەزكۇر جاراڭلىق ئىسىم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالمىغان ۋە خەلقنىڭ مۇنداق يۇقىرى سۆيگۈسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولار ئىدى. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ھاياتىنىڭ ئەنە شۇ جەڭگىۋار ۋە شەرەپلىك قىسىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق داھىيلارنىڭ، ئىۋان پالىنوف ۋە ئىسساقبەك مۇنونوف قاتارلىق باش قوماندانلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ھەم تەقدىرلىشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئىلى ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى قوللىغان ۋە مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى كرېمىلنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلان ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمىغا كىرگۈزگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى يوسىف ستالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ قۇلىقىغىمۇ يەتكەن ئىدى.

Menbe:
http://www.uyghurmail.com/Tarih/?p=3133

Unregistered
09-05-12, 01:02
Heqiqeten dokturlargha xas uslupta izdinip, tetqiq qilip yezilghan, ilmiy qimmiti yuquri bolghan eser iken. Ishtiyaq ichide oqup chiqtim. Dawamini teqqazaliq bilen kutuwatimen.
Doktur Nebijan ependi sizge salametlik, we utuqlar tileymen.