PDA

View Full Version : ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلە&



Unregistered
01-05-12, 15:17
ئەرتۇڭا ئالىپ

خىتاي دائىرلىرى بۇ يىل 15- مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ماجرانىڭ خاراكتېرىنى بۇراپ، ئۇنى زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ بىكىتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئۇقۇيدىغان ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساقچىخانىلارنى قۇرۇپ، شۇ مەكتەپتىكى ئۆسمۈرلەرگە ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ساقچىلار ئارقىلىق بىۋاسىتە كونترول قىلىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر ئىشنى سىياسىي كۆز بىلەن كۈزىتىشكە ۋە بۆلگۈنچىلىك جنايىتى بىلەن ئەيىپلەشكە ئادەتلەنگەن خىتاي دائىرلىرى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چىققان كىچىككىنە بىر ماجرانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە قارىلاپ، ئۇنىڭغا زوراۋانلىق ۋەقەسى، مىللىي توقۇنۇش دەپ خاراكتېر بەرگەن ۋە بۇ ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە ساقچىلارنى ئىشقا سالغان. خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى توك كالتىكى بىلەن ئۇرۇپ، 5-6 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇنى قورشىۋالغان. ئەمما، خىتاي دائىرلىرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق بەرگەن ساقچى باشلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ، شۇ كۈنى 45 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ كەتكەن. تۇتۇپ كىتىلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈنى كىچە سائەت 1 گە قەدەر قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن مەكتەپنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرلىرى مەزكۈر مەكتەپنىڭ خىتاي مۇدىرىنى ۋە ئەركىن تەۋەككۈل ئىسىملىك سېكرىتارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئائىلىسىگە قايتىپ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈشكە بۇيرىغان. ئىليار ئىسىملىك مۇئاۋىن مۇدىرىنى باشقا بىر مەكتەپكە يۆتكىۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرلىرىنىڭ يەنە مائارىپ تارماقلىرىغا بۇ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىش ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە چۈشۈرگەن ھۆججىتىدە 20- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەسى پەيدا قىلىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەت ئەسلىدە ئوق چىقىرىپ باستۇرۇشقا تىگىشلىك بىر زوراۋانلىق ۋەقەسى ئىدى. لېكىن ۋەقەنى تېرىغۇچىلار ئوقۇغۇچى بولغاچقا ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشىنى توسقان دەپ ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، خىتاي دائىرلىرى ئوقۇغۇچىلانى ئۇرغان ۋە تۇتقۇن قىلغان ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ بولغان بىر جىنايى قىلمىش دېيىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي دائىرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ بالىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساقچىخانا تەسىس قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى(فاڭ باۋدۈي) قۇرغان. بۇ ئەترەتنىڭ ئەزالىرى ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ساقچىلارنىڭ يىتەكلىشىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپ مەيدانىدا جىددى مەشىقلەندۈرۈلمەكتە. ساقچىخانىلار مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار قوزغىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن شۇ مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسى يېنىغا قۇرۇلغان. مەسىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 30 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق بىر كىشى بۇ بىر مەكتەپمۇ ياكى ساقچىخانىمۇ بۇنى ئايرىيالمايدۇ. خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈمرانلىقى فاسىشتتىك خاراكتېرنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرى مەخپىي ساقچىلار، شىپۇيۇنلار، كۈزىتىش ئاپپاراتلىرى، توساق كالتەكلىرى ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگىرى غا ئوخشاش بىر شەكىلدە ئىدارە قىلىنماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى ئالتە ئايدىن بېرى كۈزىتىش ۋە ئاۋازغا ئېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپلارغا قەدەر ئورنىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر سۆز ھەركىتىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ فاسىشتىك خاراكتېرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
2000- يىلىدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسىتىنى تىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارنى تللىۋېلىپ، ئۇلارنى ئانا تىل مۇھىتىدىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن تەلتۈكۈش ئايرىپ، قامال قىلىنغان ئوقۇتۇش رايونى سۈپىتىدە تەسىس قىلىنغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز سىنىپى دە ئوقۇشقا زورلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر تىلىغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان زىيانكەشلىكنى كۈچەيتمەكتە. مەسىلەن، 2000- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا 14 ئۆلكىدىكى 39 شەھەردە تەسىس قىلغان 76 مەكتەپكە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى قويۇق بولغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ پەرزەنتىدىن 43 مىڭ ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرىي يۆتكەپ ئاپىرىپ ئوقۇتىشى، 2004- يىلىدىن باشلاپ يەنە شىنجاڭدىكى 8 شەھەر ۋە ناھىيىدە (بۇ يىل 11 گە يەتكۈزۈلدى) دە تەسىس قىلغان شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز سىنىپىغا 16مىڭ 200 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلىشى ۋە 1995- يىلىدىن باشلاپ تەجىرىبە سىنىپى نامىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا باشلىغان ۋە 2004- يىلىدىن كېيىن رەسمىي ھالدا سىياسىي بۇيرۇق ۋە تەشۋىقات چارىلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى قاتارلىق تەدبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ياش - ئۆسمۈرلەرنى تارتىۋېلىش، ياش - ئۇسمۈرلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى مەدەنىيەت ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىپ پەقەت ئاۋامنىڭ كۈندىلىق ئالاقە تىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي ھالدا ئۆز تىلىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلىشتەك سىياسىي سۇيىقەستىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىي سۇيىقەستىنى كۈندىن كۈنگە ئېنىق چۈشىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكىمىتىگە ۋە خىتاينىڭ مائارىپىغا بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ شىددەتلىك ھالدا كۈچەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان نۇر بەكرى، خەمىت ئىسمائىل، شۆھرەت زاكىر، ئەركىنجان تۇراخۇن، ئازات سۇلتان قاتارلىق مىللىي مۇناپىقلار ئارقىلىق 10 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن خېلىلا چايقاش مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى سىياسىي ئوبرازىنى يۇقىتىشقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قارشىلىقىغا ئۇچراشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ماۋزىدۇڭنىڭ كۇسىرى ، پېئونىرلارنىڭ قىزىل گىلاستۇكىنى ساراڭ خىتاينىڭ سىرىتمىقى دەپ مەسخىرە قىلىشى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل تۈزۈمىگە ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسىنى مەقسەت قىلغان مائارىپ سىياسىتىگە بولغان بىر قارشىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.