PDA

View Full Version : ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى



Unregistered
24-01-12, 05:25
ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى


ئىپارخان ئەينى زاماندا مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى


ۋەلى كەرىم كۆكئالپ


گۈزەللىكى ۋە قەھرىمانلىقلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان مەلىكىلىرىمىزنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ئىپارخانئەينى زاماندا مەنچىڭ خاندانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ شانلىق ۋە ئەڭ مۇكەممەل سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئىپارخان بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئىنىسى، كىچىك خوجا ياكى خان خوجام دەپ تونۇلغان خوجا جاھاننىڭ خانىمىدۇر.ئىپارخاننىڭ مەنچىڭ خانى چيەنلۇڭنىڭ جۇڭغار خانلىقى ۋە مۈلكىي قەشقەرىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى جەريانىدا ئۆز ۋىجدانىئېتىقادى ۋە قەلبىگە سادىق ھالدا ئوينىغان تارىخىي رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇ تا بۈگۈنگىچە خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبراز تىكلىگەن مىللىي قەھرىمان سۈپىتىدە ياد ئېتىلمەكتە.

ئىپارخان (1734-1765) ئاق تاغلىق خوجىلارغا مەنسۇپ بولغان، ئاپاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامىتۇللا خوجىنىڭ نەۋرىسى ئەلى خوجىنىڭ چوڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشى خوجا جاھان بولسا، ئاپاق خوجىنىڭ جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن بارىمتايلىققا تۇتۇلغان نەۋرىسى ئەھمەد خوجىنىڭ كىچىڭ ئوغلىدۇر. ئۇلار ياشىغان دەۋردە جۇڭغار خانلىقى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان، ئۇلار ھامىيلىقىغا ئېلىۋالغان ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، چىڭ سۇلالىسى بولسا جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، بىپايان غەربىي رايوننى چىڭ سۇلالىسى خەرىتىسىگە ئېلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ خوجا جاھان بىلەن بىرلىكتە كىچىكىدىن قەلەم ۋە ئەلەمدە ئەتراپلىق تەربىيىلىنىپ كامالەتكە يەتكەن.

http://pen-uyghur-center-forum.946963.n3.nabble.com/Art-Cultrue-amp-History-Medeniyet-Sen-et-amp-Tarix-f947004.html

http://www.uyghurpen.org/forum.html