PDA

View Full Version : Bahane tepip bichere UYGHURni ujuqturush yene bashliniptu.



Unregistered
31-08-11, 13:50
uyghur.people.com.cn din elindi
  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 11 ئاۋغۇستتىن 15 ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايون بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتىگە قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

  مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ نىشانى: بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنى يوقىتىپ، بىر تۈركۈم زوراۋان تېررورچى جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، بىر تۈركۈم پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغۇچى، تەشكىللىگۈچىلەرنى قېزىپ چىقىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كەينى كەينىدىن سادىر بولۇش يۈزلىنىشىنى قەتئىي توسۇش؛ كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولۇشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق چوڭ چوڭ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

  ج خ ئورگانلىرى مەخسۇس خىزمەتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بايقاش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئامىللارنى بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ. دېلو رازۋېدكا قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تايانچ ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تۇتىدۇ ۋە قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ تېز جازالايدۇ. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە چەكلەپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە يامراش ئىمكانىيىتى قالدۇرمايدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، تارقاتقانلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى ياساش، سېتىش، توشۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ تارقىتىش قىلمىشلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ مەنئى قىلىدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە زەربە بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ج خ ئورگانلىرى ئالاقە تورىدىكى كۈرەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەر خىل ساقچى كۈچىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئالاقە تورىدىكى ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەھلىكە شەكىللەندۈرىدۇ. 24 سائەت چارلاشنى يولغا قويۇپ، مەيدان، ئاپتوبۇس بېكىتى، بازار، سودا كوچىسى، ئاۋات يول بۆلىكى قاتارلىق ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلارنى، جەمئىيەت ئامانلىقى ناچار رايون، ئارقا كوچا قاتارلىق مۇرەككەپ جايلارنى، نۇقتىلىق نىشانلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى چارلاپ تەكشۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشى سادىر قىلغانلارنى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ نۇقتىلىق يول ئېغىزلىرىدا چازا قۇرۇپ، كىرىپ چىققان گۇمانلىق ئاپتوموبىل ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل نەق جىنايى قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك تەھلىكە سالىدۇ ۋە زەربە بېرىدۇ.