PDA

View Full Version : لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،



Unregistered
08-08-11, 17:38
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،

Lenet déme uyghur qizigha


http://www.uyghur.co.uk/wiki/index.php?title=File:Lenet_Deme_Uyghur_Qizigha_100 .png

Unregistered
08-08-11, 21:57
لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،

لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا

ئازار بېرىپ ئۇلار دىلىغا.

يىگىت تۇرۇپ تاشلىغان سەنمۇ،

شۇ قىزلارنى ھىجران ئوتىغا.








لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا، .


تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا.

ئۇ بولمىسا نە بولسۇن ھوزۇر،

ئېغىز تېگەلمەي ئۇيغۇر ئېشىغا.




لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،

مۇھەببەتنىڭ گۈلتاجىسىغا.

قىزلار بولغاچ گۈزەلدۇر ئالەم،

ھۆرمەت قىلغىن قىز غورۇرىغا.





لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،

سۆيۈپ تۇرۇپ بەرگى لېۋىغا.

بېزەڭلىك قىپ سورىما ئىپپەت،

كىم ئىشىنەر يىگىتلىقىڭغا.





لەنەت دېمە ئۇيغۇر قىزىغا،

تىل تەككۈزۈپ ئەلنىڭ قىزىغا

سوراپ باقاي كۆيەلەمسەنكىن

سېرىق چاچلىق چەتئەل قىزىغا.




يىگىتىنى ئەتىۋارلايدۇ،

ئۇيغۇر قىزى جېنىنى بېرىپ.

تۇتقۇزىدۇ ئالقىنىڭغا ئۇ،

ساداقەتلىك يۈرەكنى يېرىپ.





ئويلاپ كۆرگىن گۇناھ ھەممىسى،

شۇ بىچارە قىزچاقلاردىمۇ؟

سۆكۈپ -تىتىپ يازىسەن ئۇنى،

<قىزلار پاھىشە بۇلۇپ كەتتىمۇ؟>




قېنى دەپباق قىزلار ئۆز -ئارا

سېسىق پاھىش بولالايتتىمۇ؟

پاھىشخانىغا بارمىساڭ ئۆزەڭ،

پاھىشخانا تاقالمايتتىمۇ؟





سېرىق چاچلىق قىزلارغا كۆيسەڭ،

ئۇيغۇر قىزى ياغلىقنى ئالدى.

كۆيگەن بولساڭ مودىلىق قىزغا،

ئۇيغۇر قىزى ئەتلەسنى سالدى.





سۈكۈت قىلىپ تۇردىغۇ يەنە،

مەست بوپ قالساڭ قۇسۇقلىرىڭغا.

بىر جېنىڭغا قوشلاپ يارتۇتقان،

چەكتىن ئاشقان خۇلۇقلىرىڭغا.





چوڭلار ئېيتقان :<بېشى لاي سۇنىڭ،

ئاخىرىمۇ سۈزۈك بولمايدۇ.

سەن باشلىغان ئەسلى بۇ يولنى،

قىزغا لەنەت دېسەڭ بولمايدۇ


Aptori Namelum