Unregistered
21-06-11, 20:26
ئىجدىمائىي تۇرمۇشتا خۇشامەتچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆردىغان بەزى كىشلەرنى دائىم ئۇچرتىمىز . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشامەت قىلالايدىغانلىقىدىن پەخرلىنىپ ،ئۆزىنى باشقىلار ئالدىدا يولى بار ھېساپلايدۇ. بۇنداق كىشلەر ھەمىشە تەخسكەشلىك قىلىپ، قولدىن خۇشامەت قىلىشتىن باشقا ئىش كەلمىسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا خۇشال ھەم ئەركىن ياشايدۇ. ھەتتا بەزلىرىنىڭ ئامىتى كېلىپ مەنسىپى ئۆسىدۇ. ئەممما كۆپ قىسىم كىشلەر ئۇلاردىن بىزار ، ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇردۇ.
گەرچە خۇشامەتچىلەر كىشلەرنى شۇنداق بىزار قىلسىمۇ ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ئەۋجىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب دەل خۇشامەتچىلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقىدا .
1. خۇشامەتچىلەر ساختا " راست " گەپ قىلىدۇ. راسىت گەپ قىلىش كىشلىك پەزىلەت جەھەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئەمما ، خۇشامەتچىلەر ئادەتتە راسىت گەپ قىلمايدۇ. خۇشامەتچى قىلماقچى بولغان ئادىمى مەلۇم ئىشقا نىسبەتەن ئۆز قارشىنى سۆزلىگەندە ، گەرچە سۆزلىرىدە مۇۋاپىق بولمىغان جايلار، ھەتتا نۇرغۇن خاتا گەپلەرنى قىلغان تەقدىردىمۇ ،خۇشامەت قىلغۇچى ئۇنىڭ كۆز قارشىغا يالغاندىن قوشۇلۇپ، ئۇنى ماختاپ قايمۇقتۇرۇۋېتىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ساختىلىقىدىن ئىبارەت ، خالاس .
2. خۇشامەتچىلىك قىلىش پۇرسىتى بولسىلا، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىدۇ . خۇشامەتچىلىككە ماھىر كىشلەرنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ . ئۇلار باشقىلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئۆز رەھبىرىنىڭ نېمگە خۇمار ،نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ، خۇشامەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى ، ئورنى ۋە سورۇننى ئىگىلەشكىمۇ ئىنتايىن ماھىر بولۇپ ،ھەممىسىدە دەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇنداق كىشلەر ئاسانلا ھوقۇقدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ياقتۇرشىغا ئېرىشىدۇ - دە ، ناھايىتى تېزلا " تەسىر دائىرىسى " ئىچىدىكى ئادەملەرگە ئايلىنىپ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتلدۇ .
3. چېقىمچىلىق ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى . باشقا رەھبەرلەرگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن بەزىدە خۇشامەتچىلەرمۇ ئۆز رەھبىرنىڭ " يامان گىپى " نى قىلىدۇ . يەنى ئۇلار ئۆز رەھبىرىگە مەلۇم بىرىنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى سەزگەندە ، ئۇ جەزمەن رەھبەرنى شۇ ئادەم ھەققىدىكى ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ دەل كەلگەن چېقىمچىلىق شۇ رەھبەرنىڭ ھېسيات جەھەتتىكى " غەزەپ ئېھتىياجى " نى يىتەرلىك يېتەرلىك قاندۇرىدۇ . بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇ بولدۇكى ، ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى ياكى رەھبەرلىك قىلغۇچى بىلەن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ .
4. خۇشامەتچىلەرنىڭ " تاللاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك . خۇشامەتچىلەر ھەممىلا ئادەمگە خۇشامەتچىلىك قىلامدۇ ؟ ئۇنداق بولىشى ناتايىن . ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك تاللاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۈپىنچە ھاللاردا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ياكى مەلۇم مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئۆزنىڭ بىۋاستە باشلىقلىرى، ھوقۇقى بولمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم تەسىر كۈچكە ئىگە مۇتتەھەم ، زومگەرلەر ، ئۆزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا كېرىكى بارلار، باشقىلارنىڭ نانىنى سېتىپ، ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەلەيدىغانلارنى خۇشامەتچىلىك قىلىش ئوبيېكتى قىلىدۇ.
قىسقىسى ، خۇشامەتچىلەرنىڭ مەقسىتى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. لېكىن قانچە مۇرەككەپ بولسۇن، ئۇ مۇنداق ئورتاقلىققا ئىگە ، يەنى ، بۇنداق ئادەملەر كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلەر ، باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، خۇشامەتچىلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پەسكەش ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ئاستىرىتتىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۆزىمىزنى بۇنداق كىشلەرنى پەرىق ئىتىشكە ماھىر بولۇپ ، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز لازىم . پەقەت ھەممىمىز ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۇلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمىسەك ، ئېھتىمال بۇ خىل " غەلىتە ئادەت" لىك ئادەملىرىمز جەمئىيەتتە بارغانسېرى ئازىيىشى مۇمكىن .
مەنبە " پەن ۋە تۇرمۇش تىن ئىلىندى .