PDA

View Full Version : ئىلھام ﺗﻮﺧﺘﻰ"ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ A



Unregistered
23-05-11, 14:07
http://bbs.retim.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=2336

ئىلھام ﺗﻮﺧﺘﻰ"ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻻﻳﯩﮭﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفىسورى ﺋﯩﻠﮭﺎﻡﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ "ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩدە، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ، ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﮬﻪﻡ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐا ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ
ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ئېلان قىلغان ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻻﻳﯩﮭﯩﺴﻰ 2010- ﻳﯩﻠﻰ 11-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ، 12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻐﺎ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ.
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتى تورىدا ﺑﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، خەنزۇ، ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﻪﻡ جۇڭگونىڭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ 400 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﻰ.
ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﻡ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﺘﺎ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ 1951-ﻳﯩﻠﻰ، 1995-ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ 1996-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، جۇڭگو ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ جۇڭگودىكى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ.
ئالتە ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1. ﺗﯩﻞ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ
2. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
3. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ، ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
4. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ - ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﺋﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
6. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺧەنزۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؛ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﮬﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.
ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ 12 ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜى ئالتە مەزمۇن ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ:
1. ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻰ خەنزۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
3. ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺳﻠﻰ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
4. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺳﻠﻰ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ خەنزۇ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
6. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ئەسلى مەنبە: بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تورى

Unregistered
23-05-11, 20:23
فرانسىيە سەپىرى (3)
__ بېيجىڭ ئايرودرومىدىن فرانسىيە دۆ گول ئايرودرومىغىچە

ئاپتورى:ئىلھام توختى،تەرجىمان:ئاپتاپ

توزانلار باستى جامالۇ-ھۆسنىمنى،
ۋە لېكىن كىر قىلالماس پاك قەلبىمنى.
ئول پەلەك قىلدى نابۇت بۇ تەنىمنى،
كى زىنھار توسالمىدى كۆزلەرىمنى.

پېقىر 2- ئاينىڭ 22- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن فرانسىيەدە زىيارەتتە بولدۇم. جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە چىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەكشۇرۈشىنىڭ تېخىمۇ چىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم ئۈچۈن، ئۆزلىكىمدىن چاقماق، ئەتىر ۋە باشقا سۇيۇق تازىلىق بۇيۇملىرى دىگەندەكلەرنى سەپەرگە ئەپچىقمىغان ئىدىم. تۇنجى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلىۋىدە، ئايروپلانغا چىقىش كارتىسىنى تەكشۈرىدىغان خانقىز مېنى چەت ئەللىك، دەپقالدى بولغاي، پاسپورتىمنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ ماڭا ئىنگلىزچە گەپ ئاچتى. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو گراژدانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ چىرايى ناھايىتى غەلىتە بولغان ھالدا، ئايروپلانغا چىقىش كارتامنى ئالغىنىچە تۆرت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، تېلېفون ئارقىلىق تۆۋەن ئاۋازدا باشلىقى بىلەن گەپلەشتى. مەن بولسام سەۋرچانلىق بىلەن ياندا كۈتۈپ تۇردۇم. كېيىن ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇكەيگە بېرىشقا چاقىردى.

ساقچى نومۇرى 030258 بولغان ئەترەت باشلىقى ماڭا سوئال ياغدۇردى: سەن فرانسىيەگە نېمە قىلغىلى بارىسەن؟ كەسپىڭ نىمە؟ سەن ئوقۇتقۇچىمۇ؟ قايتىپ كېلەمسەن؟ ؟ ؟

مېنىڭ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىم: سوئاللىرىڭغا چوقۇم جاۋاب بېرىشىم كېرەكمۇ؟ سىلەر نېمىشقا ماڭىلا تىكىلىپ قالدىڭلار؟ ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇئامىلەڭلەر توغرىلىق بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن تۆرت سائەت بالدۇر ئايرودرومغا كەلدىم ھەمدە سىلەرنىڭ ماڭا بولغان پەۋقۇلئاددە مۇئامىلەڭلارنى ھېس قىلدىم! ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى پەقەت ماڭىلا شۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟

ئۇ مېنى تەخىر قىلىشقا بۇيرۇپ، پاسپورتىمنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، پاسپورتىمغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتكەچ، ئېيتتى:

- توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ!!

ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئاساسى شۇ قەدەر ئاددىي ئىدى!! مەن ئۇنىڭغا دېدىم:

- ئۇيغۇرلار بىخەتەرلىكنىڭ تەھتىدىمىدى؟ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىككە ئېتىبار بېرىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللانغان چارىلىرىنىمۇ ھىمايە قىلىمەن. بىراق ئىش چوقۇم قانۇنلۇق، ئادىل بولۇشى، ھەممە كىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى زۆرۈر!

ئايروپلانغا چىقىش كارتامنى قولۇمغا ئېلىپ مېتال تەكشۈرگۈچتىن ئۆتكەن چېغىمدا، توساتتىم باشقىچە بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، سەۋەبى، بىرىنچىدىن ماڭا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تەپسىلىي بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئاياقلىرىمنى سالدۇرۇپ تەكشۈرمەكچى بولغانلىقى. بىلىش كېرەككى، بېيجىڭ شەھەرىدە ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلمىغان، ئاممىۋىي سورۇندا ئاياق سېلىشقا بۇيرۇلۇش كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بىر ئىش. بۇنى ئاز دەپ، مەن ئاياق سېلىۋاتقان چېغىمدا، بىر ئايال خىزمەتچى مېنىڭ كارتامنى ۋە كىملىكىمنى ئېلىۋېلىپ، باشقا خزمەتداشلىرى بىلەن پىچىرلىشىپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كېتىشلىرىچۇ تېخى! مەن ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرىنى چالا-پۇچۇق ئاڭلاپلا ئەرۋاھىم ئۆرلەشكە باشلىدى، بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھېچنېمىنى قويماي تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشىگە سۈكۈت قىلدىم. بىر چاغدا قىزچاقلاردىن بىرى مېتال تەكشۈرگۈچنى كۆتۈرىۋېلىپ مېنىڭ ھەممە يېرىمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، مەن بولسام ساراڭلارچە يالاڭئاياق ھالدا يەرنى دەسسەپ تۇرار ئىدىم. ئاخىرىدا ئۇلار مېنىڭ بەدىنىمدىن بېنزېن، كاۋاپ، پىچاق، پۈركۈگۈچ، ھەتتا بىئوخىمىيەلىك ۋە يادرولۇق قوراللارنىڭ ھىچقايسىسىنى تاپالماي، مېنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. مەن بىردەم خاپىلىق ئىچىگە پاتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدىم (بىر قېتىملىق قالتىس نۇتۇق سۆزلىۋەتتىم، دېسەممۇ بولىدۇ):

__ سىلەر مېنىلا كەمسىتىۋاتقان بولماستىن، بەلكى يەنە مېنىڭ مىللىتىمنىمۇ كەمسىتىۋاتىسىلەر! بۇ خىل مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەخمىقانە چارىلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن! مەن سىلەرنى توغرا چۈشىنىمەن، بۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار، خاتالىق سىلەردە ئەمەس، بەلكى شۇ خىل نادان سىياسەتنى تۈزۈپ چىقارغان ئىرقچىلاردا، شۇ خىل سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا چۈشۈرگەن مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلەردە!!

نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا قاراپ تۇرار ئىدى نەتىجىدە مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىشىمگە ياردەملىشىپ، بۇ يەردىن بالدۇرراق كېتىشىمنى ئۈمىد قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈشلەرمۇ يوق بولدى

__ خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرى، سىلەر بىر خەتەرلىك ئىشنى قىلۋاتىسىلەر. مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ كەمسىتىشىڭلارغا ئەقىل-ئىدراك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولدۇم، بىراق بارلىق ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىۋەرمەيدۇ

مېنىڭ سورىغىم كېلىۋاتقىنى، جۇڭگونىڭ قانۇن دائىرىسىدە مىللىي كەمسىتىش توغرىلىق بەلگىلىمە بارمۇ-يوق؟ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا، ھەق تەلەپ تۆلىمى ئېلىشقا بولامدۇ؟

دۆلىتىمىزنىڭ جىناىي ئىشلار قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە مىللىي كەمسىتىش ئۇقۇمى ھەقىقەتەن بىۋاستە كۆرۈلمىگەن، شۇ ۋەجىدىن بىۋاسىتە ھالدا مىللىي كەمسىتىشنى سەۋەب قىلىپ ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنۇش قانۇن جەھەتتىن بىر قەدەر تەس. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا دۆلەت قانۇنى سۈپىتىدە ئىپادە تاپمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملار ۋە تارماق قائىدە-تۈزۈملەر بار. ئەمەلىيەتتە، بىز تەستىق ئارقىلىق كىرگەن خەلقئارا ئەھدىنامەمۇ دۆلىتىمىز قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامەدە بولسا مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى نىزامنامىلەر ئەزەلدىن كەم بولمىغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھەرقايسى مىللەتلەر باب-باراۋەر دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىز ئىمزا قويغان ۋە تەستىقلىغان 17 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ماددىلار بىلەن تولغان.گراژدانلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى (دۆلىتىمىز 1998- يىلى 3- ئايدا ئىمزا قويغان)دە ھەرقايسى دۆلەت گراژدانلىرى قانۇن ئالدىدا باب-باراۋەر ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ۋە كەمسىتىلمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە (26- ماددا) دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، دۆلىتىمىزدىكى ئەدلىيە (قانۇن يۈرگۈزۈش) ئەمىلىيىتىگە تونۇش كىشىلەرگە ئايانكى، سوت دېلولارغا قاراپ چىقىشتا ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى بىۋاستە تەدبىقلىيالمايدۇ ھەمدە چەت ئەلگە چېتىلمىغان دېلولاردا خەلقئارا ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىمۇ بىۋاستە تەدبىقلىيالمايدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاۋۋال دۆلەت قانۇنىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قانۇنىي كۈچىنى جارىي قىلالايدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللىي كەمسىتىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلىشى ياكى قانۇنىي ئەرز سۇنۇشى نۆۋەتتە قانۇن جەھەتتىن تەسكە توختاۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى قانۇننى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشىنى مۇراجەت قىلىمەن.
بۇ تېمىنى بەرقى مۇنبىرىدىن سۆكۈپ ئېلىپ كەلدىم ، ماڭا بەك تەسىر قىلدى ، قىرىنداشلارنىڭ مۇنبەرنىڭ مۇقىملىغى ئۈچۈن بولسىمۇ نورمال ئىنكاس يېزىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن !

Chaplap qoyghuchi,; IHTIYARI MUHBIR : MEKKE

Unregistered
23-05-11, 20:24
ئىلھام توختى ئاكىمىزغا دەستىلەپ قىزىل گۈل !

ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇلبالىسى ،، ! يارايسىز ئاكا ،،،،


تېخى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى قىستۇرغۇم كەلدى ،،،،
يېنىمدا پۇلۇم تۈگەپ ئۆيدىكىلەرگە پۇل سېلىۋېتىڭلار دىگەنتىم ، بانكا كارىم پوچتا بانكىسىنىڭ ئىدى ،، چۈش بولاي دىگەندە ئانام تېلفۇن قىلىپتۇ ،، سەن بۇدا قېتىم پۇل سالدۇرماقچى بولساڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارىنى تاپ بولمىسا پۇل سېلىپ بېرىڭلار دەپ بېشىمنى ئاغرىتما دەيدۇ ،،
ھەيران بولۇپ نېمىشقىلىقىنى سورىغىنىمدا ئانام ئاچچىقىدا ئۇيغۇرچە يازسام ئالغىلى ئۇنىمىدى ، خەنسۇچە ياز بولمىسا پۇلنى نەدىن سالساڭ سال دىگەنتى توۋلىشىپ قالدىم قاسماق تەيتەي بىلەن دەۋاتىدۇ ، ئۇيغۇرلار يوقمىكەن دىسەم ، باركەن لېكىن ئۇلارمۇ خەنسۇچە يازمىسە ئالمايدىكەن دەۋاتىدۇ ،،،،
سەكسەنگە چىقتى ،،، تېلفۇننى بېرىڭە مەن بىر گەپ قىلاي سېسىق لالمىلىغا دىسەم تېلفۇننى ئالغىلى ئۇنىمىدى ،، تېلفۇننى سۇنۇپ بېرىپ مانى ئال گىپى باركەن دىسە ئالغىلى ئۇنىمىدى بولمىسا تازا سېسىق گەپ تەييارلاپ تۇرغانتىم ،،،، ھەي بەكلا ئۇۋالچىلىق جۇمۇ !


Ihtiyari muhbir : Mekke