PDA

View Full Version : مۇنداق ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ بار

Unregistered
19-03-11, 07:43
ئۆتكەندە مەلۇم يەرمەنكىدە زىيارەتكە كەلگەن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئارىسىدا غەلىتەرەك كېيىنگەن، چاچلىرىنى بۈدرە قىلىۋالغان بولسىمۇ، ھەقىقي ئۇيغۇر چىرايى خۇنۈكلەشمىگەن شۇنداق چىرايلىق بىر بالا بار ئىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر شۇنداق چىرايلىق مىللەت ئىدى جۇمۇ، قارا ماۋۇ بالىلارنىڭ سالاپىتىگە، ئۇنى كۆرۈپ ئۆز ئۇكامنى كۆرگەندەك سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى كۆڭلۈمنى تولىمۇ بىئارام قىلدى، ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى تولىمۇ خۇنۇكلەشكەنىدى.
- چەتكە چىقىشتىن ئاۋۋال تازا ئوينىۋالدىم جۇمۇ، ھېلىقى ....،- ئۇنىڭ "ساۋاتسىزلىقى" شۇ سۆزىدىنلا چىقىپ تۇراتتى. ئىچكىرىنى كۆرۈپ چىققانمىش، چوڭ شەھەرلەرگە بارغانمىش، خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىن، نايناق قىزلاردىن پەخىرلىشىپ سۆزلەپ كەتتى، ئۆزىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسىنى كۆز-كۆز قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى ئۇ يىگىت. توۋۋا، مەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش ، ساياھەت ۋە خىزمەت بىلەن ئالتە يىل تۇردۇم، شاڭخەيدىكى خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەردە تۈمەن يۈەنلىك مۇئاش بىلەن ئىشلەپمۇ باقتىم، خېلى چوڭ خىتاي بايلارنى كۆردۈم، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرى، دېموكراتچىلار بىلەن بىر سورۇنلاردىمۇ بولۇپ باقتىم، ئاساسەن ھەممە ئۆلكىلەردە بولۇپ باقتىم، ئەمما ئەزەلدىن ماۋۇنىڭدەك ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ باققىنىم يوق! قارا، ئىچكىرىدىكى بۇزۇق قىزلار ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ، ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خىتايغا قايتىپ قانداق ياشاش ھەققىدىكى يۈكسەك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ئۇ، 5-ئىيۇلنى باھانە قىلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان بىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم شۇ گەپلەرنى، توۋۋا، يۈرىكىم بەكمۇ ئېچىشىپ كەتتى! ۋەتەن بايرىقىنى كۆرۈپ ئالۋاستىنى كۆرگەندەك قېچىشلىرىچۇ ئۇلارنىڭ...، توۋۋا، قانچە ئىنسانلىرىمىز شۇ بايراقنىڭ لەپىلدىشىگە ئىنتىزار ئىدى -ھە! بەلكىم ئۇلارمۇ شۇنىڭغا ئىنتىزاردۇ؟! بەلكىم خىتاينىڭ زىيان ۋە خەۋپ سېلىشىدىن قورقىدىغاندۇ. خىتاي ئىنساپتىغۇ يوق، ھەتتا ئىنسانچىلىقتىنمۇ چىققان رەزىللىكلەردىن تەپ تارتمايدۇ ئەمەسمۇ، بەلكىم.... نۇرغۇنلىغان بەلكىملەرنى ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىشكە ئۇرۇندۇم. نېمە ئامال بار دەيسىز، مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ يۈرىكىپ قاتتىق سانجىپ ئاغرىپ كەتتى...
ئاڭلىسام، كەلگىنىگە يەتتە سەككىز يىل بولغان، پاناھلىق بىلەن تۇرۇپ قالغان شۇنداق ئىنسانلىرىمىز كۆپ ئىكەن، بەزىلەر ئۆزىنى ئىككىلەنمەي "خىتايدىن كەلدىم" دەيدىكەن، خىتايغا ھەر يىلى دېگۈدەك قايتىپ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىكەن. شۇلارنى ئاڭلاپ، شۇ ئىنسانلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. ساۋاتسىز بۇ ئىنسانلارنىڭ يا دىندا، يا ئىلىمدە، يا ئەخلاقتا يوقلىقى مېنى سەسكەندۈردى، شۇنىڭغا باقماي يوغان سۆزلەشلىرى تېخى، قېنى كۆرەرمىز ئۇدۇنيادا سوراقچى پەرىشتىلەر ئالدىدا شۇنداق غادايغىنىنى! ئەستەغفىرۇللاھ، يەنە غەزەپ قىلىپ سالدىم، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم بىزنى شۇنداق ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلىغايسەن! ئىنشائاللاھ، خەلقىمىز ئارىسىدا ھىدايەت نۇرى جۇلالانغاي!
ئەي قېرىنداشلىرىم، ۋەتەندە ياشىساڭلارمۇ خىتاي سىلەرگە ھېچبىر زەرەر سالمايتتى، چۈنكى خىتاي سىلەردەك ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ، مىڭ جاپا بىلەن چەتئەللەرگە كېلىپ كۆزۈڭلەردىن يېشىڭلارنى ئاقۇزۇپ، خىتاي بىزنى ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى، ئۆلتۈردى ، دەپ شېھىتلىرىمىزنىڭ، ھەقىقىي ۋەتەن سۈيەر مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى سېتىپ گۇناھىڭلارنى كۆپەيتكەندىن، سىلەرگە ياشاش تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، سىلەر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان شۇ خىتايلار بىلەن بىللە ياشاۋەرسەڭلەر بولماسمىدى! ياۋروپادا ياشاش ئاسانمىكەن-يا؟ شۇنداق، ياۋروپادا ياشاش ئاسان، بۇ جايدا سېنى قالايمىغان سولىمايدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ، ئەركىنلىك، ئىنسانىي غورۇر بار. ئەجىبا شۇنداق ئېسىل نەرسىلەردىن بەھىرلەنگەندە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە كۆزلىرىڭدىن ياشلىرىڭنى ئاقۇزۇپ سۆزلىگەن ھېلىقى گەپلىرىڭ يادىڭغا يەتمىدىمۇ؟ ئۆزۈڭنىڭ ۋەتىنىڭگە، بولدىلا، ۋەتىنىڭ دېسەن خاتا چۈشۈنۈپ خىتاي دەپ قالارسەن بەلكىم، ئۇيغۇر مىلىتىڭگە دەي، چۈشىنىشلىك بولىدۇ. مىللىتىڭگە شۇنداق ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ باقمىدىڭمۇ؟ ئۇيغۇرغا ئۇلار ياراشمامدىكەن-يا؟
ئەلۋەتتە يارىشىدۇ، شۇلارنى سىلەرنىڭمۇ ئويلايدىغانلىقىڭلارغا، ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.
سىلەرچە ياۋروپالىقلار خىتايچە سۆزلىگەنلەرگە ھەۋەس قىلامدۇ-يا؟ توۋۋا! مۇشۇ جايغا كېلىپمۇ شۇ نىجىسلارنىڭ تىلىدا سۆزلەپ يۈرگىنىڭلارنى قارا! كوچىلاردا خىتايلارنىڭ ئېنگىلىسچە ياخشى بىلمىسىمۇ يالغاندىن ئېنگىلىسچە سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى، خىتايچە سۆزلەشتىن نومۇس قىلىپ، ئۆيىدىكىلەر تېلفۇن قىلسا خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن كوچىلاردا تېلفۇننىمۇ ئالمايدىغانلىقىنى كۆرۈشمىدىڭلارمۇ؟! بەلكىم كۆردۈڭلار، ئەمما مەلۇم باتىنىي غىدىقلاشلار بىلەن ۋەتەندىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ئازدۇرغۇچ سىياسەتلىرى ۋە ئۇچۇرلىرى بىلەن زەھەرلەنگەن ئىدىيىلەر بەلكىم كاللىمىزدا يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلمىشلاردىنمۇ مۇستەسنا بولالمىغانسىلەر؟!
ئىشىنىمەن، سىلەرنىڭ قەلبىڭلەردىمۇ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت، مىللەتكە بولغان سۆيگۈ بار. سىلەرنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىڭلارمۇ شۇ خىتاينىڭ دىندىن يىراقلاشتۇرۇش، مىللەتنى يۇقۇتۇش مەقسەت قىلىنغان كەمسىتىش سىياسەتلىرىدىن بولغان. ئىنشائاللاھ، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت بىلەن بىرلىككە كېلىپ ۋەتەن ئۈچۈن بىرگە كۆرەش قىلغايمىز. خاتا قىلىپ قويغان سۆزلىرىم بولسا كەچۈرۈم سورايمەن
http://www.uyghurgogogo.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1125

Unregistered
19-03-11, 08:45

http://www.uyghurgogogo.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1436

Yuqiridki maqaleni oqup chiqtim kop yahshi maqale iken, yezip turaylik, insan az-kop waqit tapqanda shundaq kiripla dunya Uyghur weziyitidin azdur-koptur hewerdar bolushigha paydisi bar,

1974-Yilli idi, Hitayda Mao kapir Kongzi digen ejdadini millitige set korsutush uchun tillatquzghan bir waqitlar otken idi. shu siyasi dolqunning biride Hitayda shundaq bir soz ewij alghan idi, Hitaychsii shundaq idi,;" Bu Fan Huang Di, Zhi Fan Ten Guan." Uyghurchisigha menisinila orisek shundaq digen mena chiqidu,;" Eshekke kuching yetmise, ur teqimini"

Huddi shundaq yurtta meshhur dep bilingen Shait atliq Kekechlirimizdin Mehemmedjan Rashidinmu bu maqaleside huddi shu mahiyette bir Sheir yeziptu we atini, " Bezi Beketlerde " dep qoyuptu. oqup baqsam bizdek kishilerge tetish u yaqta tursun seskenduridiken, chunki bir insanni ozi hem sighmaydighan tar daire ichige kirguzip qoyup andin uni Dunyada eng kuchluk dise eqil kulidu,uninggha qarighanda mening bu Shair atlioq kekechge yazghan Sheirim milletning yurigidiki arzu-isteklirige terjumanliq qilalaydighan Sheiri kuchte, elbette niyetni tuz qilip oqughan kishi uchun, undaqta mening yazghanimni oqup beqinglar,

Heyy, Shair atliq Wetendiki Ghuljiliq Mehemmetjan Rashidin,
Sen Wetendiki Shairlarning yahshisimu,? yaminimu,? qaysidin,?
Sheiringni Dang Zhong Yangning eglikidin otkuzipsen,
Heli sening Tilingni kesip, Kozungni oymisun, aziraq waysighin.

IHTIYARI MUHBIR : MEKKE