PDA

View Full Version : Orkhun Uyghur Tarix Torbekitidin Tallanma Eserler



Unregistered
09-03-11, 17:42
Orkhun Uyghur Tarix Torbekitidin Tallanma Eserler

http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/file/n2657533/Tursunjan_Hezim2.jpg

Orxun torbékitining qurghuchisi tursunjan hezim 2009- yili «5-iyul weqiesi» din kéyin aqsu ottura sot mehkimisi teripidin mexpiy sotlinip 7 yilliq türme jazasigha höküm qilin’ghan we orxun torbékiti taqalghan. Bu munasiwet bilen eyni waqitta orxun torbékitide bérilgen bir qisim uyghur tarixigha a’it eserler london uyghur ansambilining torbékitide qayta élan qilinidu.

ئورخۇن توربېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان ھەزىم 2009- يىلى «5-ئىيۇل ۋەقىەسى» دىن كېيىن ئاقسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مەخپىي سوتلىنىپ 7 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئورخۇن توربېكىتى تاقالغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئورخۇن توربېكىتىدە بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ توربېكىتىدە قايتا ئېلان قىلىنىدۇ


http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/Orkhun-Uyghur-Tarix-Torbekitidin-Tallanma-Eserler-f2657533.html

Unregistered
10-03-11, 04:24
ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر


ئەسسالامۇ ئەلەيۇم تورداشلار
تۆۋەندە مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋەتلىك كىتاپ-ژورناللاردىن،ھەر قايسى تور بەتلەردىن يىغىپ توپلىغان مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى تەرجىمھال ۋە سۈرەتلەرنى يوللىدىم. مەقسىدىم:مەشھۇرلىرىمىز توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى بىر يەرگە جۇغلاش ئارقىلىق، مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالى لازىم بولغانلار ياكى شۇ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغانلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش. شۇڭا مەن يىغىپ توپلىغان ماتىرىياللارنى مەنبەسى بىلەن يوللاپ بولغاندىن كېيىن،تورداشلارنىڭ يەنە قاراپ بېقىپ،يېزىلماي قالغانلار بولسا،داۋاملىق ئىنكاس سۈپىتىدە مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.(ۋاقىت مۇناسىۋىتى ۋە بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تېمىنىڭ داۋامىنى ئىنكاسقا يوللايمەن.


http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/uyghur-tarixidiki-meshhur-shexisler.pdf

(Bu eserning hejimi chong bolghachqa PDF sheklide qoyuldi. Hojet hejimi 4.70MB)

Unregistered
10-03-11, 15:48
ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇيغۇرلار


يوللىغۇچى lopnuri كۆرۈش 3096 يوللانغان ۋاقتى 2009/3/12 17:41 ||مۇنبەردە كۆرۈش|| orkhun.com

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ماۋزېدۇڭدىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخس بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ماۋزېدۇڭنىڭ ئىدىيىلىرى كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ھازىرغا كەلگۈچە سۇسلاشقىنى يوق.1998-يىلى پراكتىكا مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان.ھەم ئۇ يەردىكى چەت يېزىلاردا ياشاۋاتقان بىر نەچچە بوۋايلار بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىۇق.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تاكى ھازىرغا كەلگۈچە بۇ تارىخى شەخىسنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن.ئۇنىڭ رەسىملىرىنى ئەتىۋارلىق بويۇم قاتارىدا ساقلايدىكەن.بەزىلىرى ھەتتا ئۇنى ھازىرغىچە ھايات دەپ چۈشىنىدىكەن.شۇڭىلاشقا ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ قايتار ۋاقىتتا بىر نەچچىسىنىڭ دېيىشىۋالغاندەكلا"ماۋزېدۇڭغا مەندىن سالام دەڭلار"دېگىنىنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالغان ھەم ماۋزېدۇڭنىڭ بۇ ساددا كىشىلىرىمىز قەلبىدە ئۆچمەس بىر ئىزنا قالدۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.گەرچە نۇرغۇنلىرىمىز ماۋزېدۇڭنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باقمىساقمۇ،ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاڭلايمىز.شۇڭىلاشقا بۇ داھىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى يوللاپ قويدۇم.قېنى كۆرۈپ باققايسىلەر

dawami-

http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/Orkhun-Uyghur-Tarix-Torbekitidin-Tallanma-Eserler-f2657533.html

Unregistered
11-03-11, 09:30
تۇتقىلى كېلىپ تۇتۇلۇپ قېلىش

مامۇت غازى

( ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن )

پىچان بىلەن مورى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي يولنىڭ پىچان تەرەپكە 72 كىلومېتىر كېلىدىغان بۆلىكىدە كەرچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قونالغۇ بار. بۇ يەرگە ئىككى ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن تۆمۈرخان مېھماندوست، كۆكسى - قارنى كەڭ ئادەم بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئاۋۋال نان، چاي بېرىپ، ئاندىن گەپ سورايتتى. 1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان دەسلەپكى چاغلاردا، ئوسمان باندىت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەمدە گومىنداڭنىڭ ئاز سانلىق قاچاق ئەسكەرلىرى تاغلارغا قېچىپ بېرىۋېلىپ، قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان ۋاقتىدا، تاغ يوللىرىنى ۋە قازاق تىلىنى پۇختا بىلىدىغان تۆمۈرخان پىچاننىڭ چىقتىم رايونىدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تاغ باندىتلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، يول باشلاش، تەرجىمانلىق قىلىش ۋە تاماق، ياتاقلارنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش جەھەتلەردە خىزمەت كۆرسىتىپ، بىرنەچچە قېتىم تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. بۇ خەۋەرنى مورى تاغلىرىدا تۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرغان ئوسماننىڭ قىزى باشچىلىقىدىكى قوراللىق باندىتلار گەرچە ئوسمانغا 1951 - يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىگە تەن بەرمەي، تۆمۈرخاننى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالماقچى بولىدۇ. 1951 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئوسماننىڭ قىزى ئىككى قوراللىق ئەر( قازاق ) كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەرچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈرخان مورىغا ئۆرۈك ئېلىپ ماڭغان ئۈچ ئادەمنىڭ ئېشەكلىرىنى تاقىلاۋاتاتتى.

dawami-

http://london-uyghur-ansambil-munbiri.18026.n3.nabble.com/-tc2657927.html

http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/u-forum.html