PDA

View Full Version : wetendiki tordin mochurup qoydum



IHTIYARI MUHBIR
19-02-11, 10:32
سەن كاپىر!( ھېكايە)
خىزمەت ۋە باشقا شەخسىي ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرگىلى خېلى بوپتۇ.بۈگۈن كەچتە بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن بىرگە تاماق يېگەچ راسا ئېچىشىپ كېلەيلى دەپ دېيشىكەن ئىدۇق.
ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئەمدى ماشىنامنىڭ ئالدىغا كەلسەم مەن بىلەن ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشىم كېلىپ قالدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! دەپ سالام قىلدى ئۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . خۇشياقماسلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم.
نەگە ماڭدىڭ ئاداش؟
-كۆڭۈل ئېچىپ كىلەي دەپ . مەنسىتمەسلىك بىلەن جاۋاپ بەردىم.
- قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرۈيسەن؟ يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى. بالىلار ئېڭەككە تاقاشسىمۇ يەنىلا ئۇيۇن تاماشا بىلەن غەپلەتتە يۈرىۋىرەمسەن؟ نامازنى باشلىۋالساڭ بولمامدۇ؟
- ھە نىمە بوپتۇ، ياشلىقىڭدا ئوينىمىغان ئۇيۇننى قاچان ئوينايسەن.ئىبادەتنى قېرىغاندا قىلىۋالساممۇ كېچىكمەيمەن. مېنىمۇ ئۆزەڭدەك خۇراپىي بول دېمەكچىمۇ سەن؟
- ئۆلۈم دېگەن ياش قېرىغا باقمايدۇ. ئۆلۈمنى ئويلا ئۆلۈمنى. سەن قېرىغۇچە بۇ دۇنيادا سەن بارمۇ يوق . ئەگەر تاساددىبىي ئۆلۈم كەلسە تەۋبە قىلىشقا ئۈلگىرەلمەي قالىسەن. اللە قۇرئان كەرىمدە بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
(ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغىچىدۇر.-ئالئىمران 185-ئايەت) دېگەن. بىز ئالدىراش تىنەش يۈرگىنىمىز بىلەن ۋاقتى سائىتى كېلىپ ئۆلىمىمىز يېقىنلاشقاندا بىر مىنۇتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيمىز ياكى بىر دەقىقە كېچىكتۈرىلمەيمىز. ئۇ چاغدا ئېيتقان ئىمان بىزگە ئەسقاتمايدۇ......
- بولدى قىلە بولدى. ئادەمنى بىزار قىلىپ كەچكىچە شۇ گەپ. باشقا گەپ يوقمۇ ساڭا قىلىدىغان. شۇڭا ئۆلۈپ كەتكۈچە ئوبدانراق ياشىۋالاي دەيمەن. بۇ دۇنياغا قايتا كەلگىلى بولمىغاندىكى بەرىبىر ئۆلۈپ كېتىدىغان جانغا نىمە قېلىدۇ ئوينىۋالماي جاپا تارتىپ.

ئۇ ئۇھ سۇنغانچە كېتىپ قالدى. مەن ماشىنامنى كۆرەڭلىك بىلەن ھەيدەپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ كەتتىم.
ھەي بىچارە ، نىمە قىلىدۇ جاپا تارتىپ ئۆزىنى قىيناپ. توۋا دەيمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان ئادەممۇ مۇشۇنداق بولىدىكەن. مەكتەپتىكى چاغدىمىغۇ ھېچنىمىگە ئارلاشمايدىغان موللا مىجەز نىمىتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىر ئوبدان بانكىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ مەسچىتتىن چىقمايدىغان بىر نىمە بولىۋالدى. يا ھېچكىمگە ئارلاشمىغان. قانداق ئازات بولمايدىغان كاللىدۇ ئۇ. بۇ جاھان تەرەققىي قىلىپ بىر يەرگە بارسا بۇلار تېخىچە كونا ئىدىيەدە يۈرۈيدۇ دېسە.
ئايالىغۇ ئەرەپلەردەك ئۇزۇن كىيىنىۋاپ يۈرۈيدۇ. ئادەم ئىسسىقتىن ئۆلەي دەۋاتسا قاتمۇ قات كېيىۋاپ ئۆزىنى قىيناپ. بەرىبىر ئەرەپ بولالمايدىغان نىمىسىگە. خۇدايىم تېپىشتۇرغان نىمىلەرمۇ دەيمەن.. ۋاي نىمە بولارنى ئويلاپ كەتتتىم.....
بىردەمدىلا خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن.خىزمەتدىشىممۇ ھايال بولماي چىقتى. ئىككىمىز ماشىنا بىلەن بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق.
ۋوي بۇ خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىسىغۇ ، ئاۋۇ ئۇيغۇلارنىڭكىگە كىرەيلى بولمىسا دېدى ئۇ.
ۋاي ئوخشاش مۇسۇلمانچە. يۈرە بولدى كىرىۋىرەيلى.دېدىم.
ئىچىگە كىىرپ بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ ئولتىردۇق. ئۇ قىزىق گەپلەر بىلەن مېنى كۈلدىرىپلا ئولتىردى.
ئەجەپ گەپچى جۇمۇ سەن دېدىم مەن ئۇنىڭ رومكىسىغا ھاراق قۇيغاچ.- ھە ئىچە كاپىر جىق جىق ئىچ.
-سەنمۇ ئىچە كاپىر- دېدى ئۇ.
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. نىمە دەۋاتىسەن؟ مەن مۇسۇلمان جۇمۇ؟
-سەن قانداق مۇسۇلمان؟ مەن ئىچكەن ھاراقنى ئىچىسەن. مەن چەككەننى چېكىسەن.
سەنمۇ ئوخشاش كاپىر ھى ھى ھېققققققق..........
مەن قانداقسىگە سەن بىلەن ئوخشاش بولاي. مەن ناماز ئوقۇيمەن جۇمۇ؟..
-خۇشۇڭ تۇتقاندا ئاندا ساندا ئوقۇپ قويدىغان نامىزىڭنى دەمسەن؟ ئۇ نېمەڭ نىمىگە ھېساپ. راست گەپ قىلە. سەن ئاشۇ ئاللاھىڭغا ئىشەنمەيسەنغۇ دەيمەن. شۇڭا قوقماي نامازمۇ ئوقىماي ئىچىپ چېكىپ يۈرۈيسەن. ئشىقىلىپ ھەممە يېرىڭ مەن بىلەن ئوخشاش.سېنڭ شۇ چوشقا گۆشى يېمەيدىغان يېرىڭ بارمىكىن. ياق، ھازىر ھەممە نەرسىگە قوشىىدۇ ئۇنى. ئىچىدىغان ،كېيىدىغان، يەيدىغان ....بىۋاستە ئۆزىنى يېمىگەن بىلەن يەۋاتىسەن ئاز تولا. ئىشقىلىپ مەن بىلەن پەرقىڭ يوق مانا........
شۇنداق ئاچچىقىم كېلۋاتسىمۇ زۇۋانىم تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدىم.
ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
- دىنىڭلاردا مەندەك ئادەملەرنى دوۋزاققا كىرىدۇ دەيدۇ. مەن ئويلاپ قالدىم، مەن كاپىر بولغاچ دوۋزاققا كىرىمەن. ئەمما سەنمۇ مەن بىلەن ئوخشاش كاپىر . بۇ دۇنيادا مەن كاپىر بىلەن پەرىقسىز ياشىساڭ ئۇ دۇنيادا قانداقمۇ پەرقىڭ بولا؟ ئاللاھىڭ يەنە سېنى مەن بىلەن پەرىقسىز قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزەرمۇ؟ دېمەك سەنمۇ ماڭا ئوخشاش كاپىر. دوۋزاققا كىرىسەن.. ھا ھا.........
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۈلكىسى گويا مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك مېنى دوۋزاق بىلەن (خوش خەۋەر بېرىپ) تەبرىكلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تەسىر قىلىپ قولۇمدىكى رومكا يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
ئۇ ماڭا قاراپ ھېجايغانچە : دوۋزاقتا يالغۇز قالارمەنمىكى دەپ قورقۇپ كېتىۋاتامسەن؟ قوقما، يېنىڭدا مەن بار. يەنە پالانىمۇ پوكىنىمۇ بار دەپ ئىدارىدىكى ئۇيغۇر =خەنزۇ خىزمەتداشلارنى سانىغىلى تۇردى.
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەستىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم. ئۇ دەلدەڭشىگەنچە كەينىمدىن كېلىپ: ھوي، سېنى كاپىر دەپ قويسام خاپا بولدىڭما ، سەن مۇسۇلمان بولدى،قايتىپ كەل، ھارىقىمىزنى ئىچەيلى- دېدى .مەن ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي چىقىپ كېتىۋەردىم.
ئۇ : كاپىر دەپ قويسام ئاچچىقلاپ كەتكىنىنى ما كاپىرنىڭ دەپ غۇدۇڭشىغانچە قېلىپ قالدى.
ماشىنىغا چىقتىم. لاغىلداپ تىترەيتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاخىرقى : بۇ دۇنيادا مەندەك كاپىر بىلەن پەرىقسىز ياشىساڭ ، ئۇ دۇنيادا قانداقمۇ پەرقىڭ بولسۇن ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش كاپىر دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ساۋاقدىشىمىنىڭ :
ئۆلۈم ياش- قېرىغا باقمايدۇ. ئۆلۈمنى ئويلا ئۆلۈمنى دېگەن گەپلىرىمۇ ئاڭلىناتتى.
ياق مەن مۇسۇلمان دەيتتىم. ئۆزۈمنى مۇسۇلمان ساۋاقدىشىم بىلەن سېلىشتۇردۇم. ئۇ نامازنى تەرىقك ئەتمەيدۇ مەن بولسام ئوقۇمايمەن. ئۇ روزا تۇتىدۇ مەن تۇتمايمەن. ئۇ خۇلۇم-خۇشنا ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قېلىدۇ. لېكىن مەن .تۇققانلارنى ئىزدەپ قويمايمەن. خوشنىلارغا بولسا قاراپ قويمايمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقىمىز باردەك قىلاتتى. ۆزۈمنى خەنزۇ خىزمەتدىشىم بىلەن سېلىشتۇردۇم.ئۇ دېگەندەك ناماز روزىدا يوق. ئۇ ئىچكەننى ئىچپ چەككەننى چېكىپ ئويۇن تاماشاغا بۋېرىلىپ يۈرۈيمەن. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرقىم يوق. ئەجابا مەن كاپىرمۇ؟
كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم.
ياق، ئى ئاللاھ! سەندىن ئۆتىنەي. ماڭا ئازراق ئۆمىر بەرگىن. ئازراق بولسىمۇ، ھېچ بولمىسا ئۆيگە بېرىپ غۇسلى قىلىپ ئىككى راكەت ناماز ئوقۇپ ساڭا سەجدە قىلىپ گۇناھلىرىمغا تەۋبەقىلىۋالاي.....
مەن شۇنداق تېزلىكتە ئۆيگە باردىم. غۇسلى قىلىپ بولۇپ، سەجدىگە باش قويدۇم.
ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلشىقا باشلىدىم.
ئاللاھىم: مېنى كەچۈرگىن! مەندەك ئازغىن بەندەڭنى كەچۈرگىن! مەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن گۇناھلارنى ئۈستىمگە يۈكلىگەن ھالدا ساڭا يۈزلەندىم. سەن بولساڭ پۈتۈن رەھمىتىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەندىڭ. ئەگەر سەن مېنى مەغفىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا رەھىم قىلىمىساڭ دۇنيا- ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن. ئى رەھمىتى كەڭرى كەرەملىك رەببىم!






ئاپتورى :رۇمەيسە